قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6968|ئىنكاس: 173

تۆھپە ۋە ئەركىنلىك (ئۇمۇن)

   تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

28

تېما

28

دوست

4637

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21614
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 71
تۆھپە : 1478
توردىكى ۋاقتى: 351
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-22 18:09:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆھپە ۋە ئەركىنلىك

ئۇمۇن



   بىمەنە قائىدە ـ قانۇن،دوگما تۈزۈلـمىلەر ۋاقىتنىڭ رەھىمسىز چاقىدا كۇمپەيكۇم قىلىنىدۇ ۋە قىلىنىشى كېرەك.ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ يەنە بىر يۈزى  بەرپا قىلغان تۈزۈلـمىلەرنىڭ سەلبىي تەرىپىنى بايقىغان ھامان ئۇنۇڭدىن غالىپ كىلىشتۇر.قاتمۇقات ئىسكەنجىگە ئىلىنغان كاللىلارنىڭ يەنە بىر سەلبىي فۇنكىسيىسى دەل شۇ جەمىيەتنىڭ تۆھپىكارلىرىنى قىيناپ قويۇش بولىۋاتىدۇ.
   بىزنىڭ مەشھۇرلىرىمىز كۆڭۈل ئاچماسلىقى،ئويۇن ـ تاماششا قىلـماسلىقى،ماشىنا ئادەمدەك ھەركۈنى خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ جەڭگىۋار يۈرىىشى،بولسا ئىنقىلابى روھقا ئىگە كادىلاردەك  خىزمەت ئۈستىدە ئۆلۈپ كىتىشى كېرەك.جەمىيەتكە تۆھپە قوشۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ سەخسىيىتىگە پۈتۈن جەمىيەت ئارلىشىپ ئۇلارنىڭ شەخسى تۇرمىشىغا چات كىرىۋالىدىغان،ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان ئەھۋاللار دائىم كۆرۇلۇپ تۇرىدۇ.تىخىمۇ تىتىقسىز يىرى غەرىپ دۆلەتلىرىدە مائارىپ تەربىيىسى ئالغان تۇرۇپمۇ بۇخىل لاۋزا ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئالىملىرىمىزمۇ يوق ئەمەس.
ھېچكىم مۇكەممەل ئەمەس دىگەن گەپنى بەك كۆپ قىلىۋەتتۇق.مۇكەممەللىكنىڭ ئۆلچىمىنى جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىسى بىلەن ئۆلچەش كېرەك.تۆھپە بىلەن ئەركىنلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش تىخىمۇ موھىم.
ھەرقانداق ئادەمنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي ئىھتىياجى ئوخشىمايدۇ،خوشاللىق تاپىدىغان پائالىيەتلىرىمۇ پەرىقلىق بولىدۇ.ئىنسان جەمىيەتكە تۆھپە قوشقانسىرى ئەركىن ھاياتىدىن،خوشاللىق تاپىدىغان پائالىيەتلىرىدىن ۋاز كىچىش شەرىت ئەمەس.
مەمتىمىن ھوشۇر تاماكا چىكىدىكەن دەپ كېتابىنى ئوقىمايدىغان گالۋاڭ ئوقۇرمەندىن ئېچىنىش كېرەك.چېرچىل تاماكىسىنى  چىشلەپ،ئەتتىگىنى ئىككى رومكا قىقىۋىلىپ ھاراقكەچ شىرىكى سىتالىن ۋە بەڭگە دوستى روزۋىلىت بىلەن فاشىسىتلارغا قارشى ئۇرۇشتا غەلبە قىلغان.مۇستاپا كامالنىڭ ھاراق ـ تاماكا خۇمارىنى ئىنتايىن كۈچلۈك ،بىراق ئاتا تۈرۈك پۈتكۈل تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئاتىسى.ئۇنۇڭ ۋەتىنى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى تۈرك ئەۋلاتلىرىنىڭ يىڭى ۋە پارلاق كېلەچىكىنى  ياراتقان.ماۋزىدۇڭمۇ  تاماكىسىنى چىشلەپ تۇرۇپ يىڭى جوڭگۇنى قۇرغان.بىر ئىنساننىڭ ئاكادىمىك ھاياتىنى،جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىسىنى چەككەن تاماكىسى ۋە ئىچكەن ھارىقى بىلەن نۆللەشتۇرىدىغان تەتۈر تەپەككۇردىن قۇتىلىشىمىز كېرەك.
تاماكا ۋە ھاراق ئىستىمالى بولغان ماڭا بىرەرسىنىڭ تاماكا چىكىپسەن؟ھاراق ئىچىپسەن دەپ قويىدىغان سوئالىغا بىرىدىغان جاۋاپ تەييار.
سېنىڭ نىمە چاتتىقىڭ؟!
تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىش پۈتۈنلەي  شەخسى تاللاش خارەكتىرىدىكى،ئىستىمال قىلغۇچىنىڭ شەخسى ئەركىنلىكىدىكى پائالىيەت.بۇنۇڭغا باشقىلارنىڭ ئارلىشىش،نەسىھەت قىلىش ۋە قارشى تۇرۇش ھوقۇقى يوق،شەخسى ئەركىنلىكى تۈپەيلى تۆھپىللىرىنى ئىنكار قىلىش ھوقۇقى تىخىمۇ يوق.بىز نۇرغۇن دىنسىز ،خۇداسىز،ھەمجىنىس ۋە ياكى پاھىشۋاز ئالىملارنىڭ تۆھپىسى بىلەن ئىلىم پەن ياراتقان ۋە يارىتىۋاتىمىز.بىزنىڭ دىققىتىمىز ۋە ئۈگىنىدىغىنىمىز ئۇلارنىڭ پاھىشۋاز بولىشى،ھەمجىنىس بولىشى ياكى ئاتىيىسىت بولىشى ئۈستىدە  ئەمەس بەلكى جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىسى،ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا قوشقان ئەجرى بىلەن بولىدۇ.
تاماكا چەككەننىڭ ھاراق ئىچكەننىڭ ئەقلى قۇۋۋىتىنى ئىنكار قىلسا ئەڭ ياخشىسى ئۆلىۋالسا بولىدۇ.چۈنكى بىز پايدىلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەھسۇلاتلار  ئىچىدە ھاراق ئىچىدىغان تاماكا چىكىدىغان تۆھپىكارلار ئاز ئەمەس.


مەن ھازىر ئەسكەرتىمەن.ئەسكەرتسەممۇ ماقالىنى تولۇق ئوقىمايدىغان بىر نەچچە ئەقلى پالەشنىڭ يامپىچىغا ئىككىنى ئۇرۇپلا ئاپتۇر ھاراق ـ تاماكىنى تەشىق قىلىۋاتىدۇ دىمەيدۇ دەپ كېسىپ ئىيتالـمايمەن.مەن ھاراق ـ تاماكىنى تەشۋىق قىلـمىدىم.بەلكى باشقىلارنىڭ ھاراق ـ تاماكىسىغا ئارلاشما،باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۆرمەت قىل،جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىللىرىنى قارغۇلارچە ئىنكار قىلـما دىمەكچى.مەقسىتىمنى تولۇق ئىپادە قىلالىدىم دەپ ئويلايمەن.لىكىن خاتا چۈشىنىشكە ماھىر،كالا دىسە پاقالچەك دەيدىغان تاكتىكا بىلەن ماقالە ئوقۇيدىغانلارغا خۇداغا ئايلانساممۇ ئامالىم يوق.باشقىلارنىڭ شەخسى تۇرمىشىغا ئارلىشىپ ئۇلارنىڭ تۆھپىللىرىنى يوق قىلىشقا تىرىشىدىغان پەسكەش ۋە ئوچۇقتىن ئوچۇق دۆتلۈككە دوكتۇر سەۋىيىلىك بەزى بىچچارىلەرنىڭمۇ چاپان يىپىۋاتقانلىقى ھەقىقەتەن كىشىنى ھاڭ تاڭ قالدۇرىدۇ .باشقىلارنىڭ دىنى ئىتىقادىغا،جىنسى خائىشىغا،مىللىتىگە،ئىرقىغا قاراپ پوزىتسىيە تۇتىدىغان فاشىسىتلىكنى تاشلاپ زامانىۋىي مەدەنىيەتكە ئۇيغۇنلاشمىساق بۇ رودمىت كاللا بىلەن ئىزىمىزدا چۆگۈلەپ كېتىۋىرىمىز.


بىر داڭلىق كىشى كىچلىك كۇلۇپقا كىرىپ ئۇسۇل ـ تاڭسا ئويناپ كۆڭلىنى ئاچقۇسى كەلسە خەلىق ئۇنى ئەخلاقسىزغا چىقىرىپ ئۇنۇڭ ئەمگەكلىرىنى تالان تاراج قىلغىلى ئارانلا تۇرسا بۇنداق جەمىيەتتە تۆھپە جىنايەتكە ئايلانغان بولىدۇ.باشقىلار ئۆزىنىڭ كىچىلىك كۇلۇپتا دىسكو ئويناپ خوشاللىققا ئىرىشىشىنى نورمال ھىس قىلىدۇيۇ جەمىيەتكە تۆھپە قوشقان مەشھۇرراق بىرىنىڭ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن كۆڭۈل ئىچىشىنى قۇبۇل قىلالـمايدۇ.چۈنكى قارشى تەرەپنىڭ تۆھپىسى ئۇنۇڭ جىنايىتىگە ئايلانغان.ئۇ يۇقارقى تۆھپە جىنايىتى ئۈچۈن مەڭگۈ كىچىلىك كۇلۇپقا كىرىپ ھوزۇرلۇنۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم.
ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بىرىشنى،تۆھپىنى قەدىرلەشنى بىلـمەيدىغان جەمىيەتتە تۆھپىكارلىق زۇلۇمغا ئايلىنىدۇ.ئەركىنلىكى بوغىلىدۇ.


كوللىكتىپلىق پىسخىكىسى كۈچلۈك جەمىيەتلەردە كۆپۈنچە ھاللاردا  شەخىسنىڭ ئەركىنلىكى ئىسكەنجىگە ئۇچرايدۇ.ئىندىۋۇداللىققا ئەھمىيەت بىرىلگەن،كىشىلىك ھوقۇق،شەخسى ئەركىنلىك تەشەببۇس قىلىنىدىغان جەمىيەتلەردە كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىگە،مۇستەقىل تەپەككۇرىگە بوشلۇق ھازىرلانغان بولىدۇ.بۇنداق جەمىيەتتە تەپەككۇر ئەركىنلىكى بولىدۇ،يىڭى ئىدىيە ۋە يىڭى بايقاشلار تۇغۇلىدۇ.كوللىكتىپنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئاشىدۇ،كۈچىيىدۇ.
يەككە شەخىسنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى،تەپەككۇر ئەركىنلىكىنى قوغداش بىر جەمىيەتنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ باش تارتىپ بولـمايدىغان مەجبۇرىيىتى.تەپەككۇرى چەكلىمىگە،ھەرخىل دىنى ،سىياسىي ،مىللى چىگراغا ئىگە جەمىيەتتە تەرەققىيات بولـمايدۇ.كۆپ خىللىق جەمىيەتنى رەڭدار قىلىدۇ،ھاياتى كۈچكە تولغان قىزغىن بولىدۇ.


دۇنيادا مۇتلەق ئەركىنلىك مەۋجۇت ئەمەس.سىنىڭ ئەركىنلىكىڭ چوقۇم مىنىڭ ئەركىنلىك چىگرارىمغا تاجاۋۇز قىلـماسلىقى كېرەك .ھەرقانداق ئادەم باشقىلارغا زىيان كەلتۇرمىگەن ئاساستا ئۆز ھوقۇقىدىن،ئۆز ئەركىنلىكىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە.بىرى مەشھۇر بولغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن جەمىيەت ئارلىشىدىغان كىشىلىككە ئىگە بولىشى كېرەك ئەمەس.ھەرقانداق ئادەمنىڭ شەخسى تۇرمىشى،خوشاللىق تاپىدىغان پائالىيەتلىرى ئوخشىمايدۇ.
بىرى خۇددى سۇ ئۈزۇپ خوشاللىق تاپقىنىغا ئوخشاش يەنە بىرى ھاراق ئىچىپ،تاماكا ياكى چىلىم چىكىپ خوشاللىققا ئىرىشىدۇ.موھىمى ئۇنۇڭ شەخسى تۇرمىشى ئەمەس  بەلكى جەمىيەتتىكى رولى ۋە قىلغان ئەھمىيەتلىك ۋە ياخشى ئىش ئىزلىرى بىلەن بولىدۇ.
تاماكا چەككەن يازغۇچىنى كۆرۇپ ئۇنۇڭ كىتابىنى ئوقىمىغان كىشىنى قىلچە ئىككىلەنمەي دۆت دىيىشىمدىكى سەۋەپ بۈگۈنكى يەرشارىلاشقان جەمىيەتتە ھاراق ئىچكەن،تاماكا چەككەن،چوشقا گۆشى يىگەن  دىگەندەك باھانىلەر بىلەن ئەقلى ئەمگەكلەرنى رەت قىلغان كىشىلەر ئىپتىدائىي جەمىيەتكە قايتىشى كېرەك.ئىشلىتىۋاتقان ئەقلىفۇندىن تارتىپ ئۇن تارتىۋاتقان ماشىنىلارغىچە بولغان زامانىۋىي پەن تىخنىكا مەھسۇلات ئىجاتچىللىرىنىڭ  ئىچىدە ھاراق ئىچىدىغان،تاماكا چىكىدىغان ئادەم يوق دىيىش ئالجىغانلىق.
بىزدە يۇقۇرقىدەك بىر ئادەمنىڭ مەلۇم بىر قىسمىغا قاراپ ئۇنۇڭ پۈتكۈل تۆھپىللىرىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان بىر تەرەپلىمىلىك بەك ئىغىر.ئۇيغۇر ئۈچۈن ھېچكىم قىلىپ بىرەلـمىگەن ئىشلارنى قىلىۋاتقان،خەلقارادا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خىرىستىيانلار،ئۇيغۇر ئاتىيىسىتلار بار.ئۇلارنىڭ دىنى ئىتىقادىنىڭ نىمە بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇلار ئۇيغۇر. ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن،ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۈچۈن كۈچ قوشىۋاتقانلار.يەنە بىر تۈركۈم ئەرەپ مەدەنىيىتى ئۈچۈن بارلىقىنى بىغىشلاپ،ئۇيغۇرلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان ئاتالـمىش ئۈممەتچى ئۇيغۇرلارمۇ مەۋجۇت.ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى بايراملىرىنى،ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى،مەدەنىيىتىنى،تىلىنى ھەتتا كىيىم كىچىكىنىمۇ رەت قىلىدۇ.ماڭا نىسبەتەن سىلىشتۇرۇش توغرا كەلسە پايدىلىق ئىش قىلىۋاتقىنى ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا،تونىلىشىغا كۈچ قوشىۋاتقان ئۇيغۇرلار.ئۇلارنىڭ دىنى ئىتىقادى ئۇلارنىڭ شەخسى ئەركىنلىكى.ئۇلارنىڭ جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىللىرى بىزنىڭ ئۈگۈنىشىمىزگە،جارى قىلدۇرىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
مىللەت بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئىنتايىن موھىم.بىر ئۇيغۇر ئۇيغۇر بولىشى ئۈچۈن چوقۇم مۇسۇلمان بولىشى شەرىت ئەمەس .ئۇ ئۇيغۇر بولىشى ئۈچۈن ئۇنۇڭدا مىللى روھ بولىشى،مىللىتىنى سۆيىشى كىرەك.ئۇنۇڭ دىنى ئىتىقادى ئۇنۇڭ شەخسى تاللىشى.ئۇ خىرىستىيان،بۇددىس،مۇسۇلـمان بولسا تامامەن ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى باشقىلارنىڭ بۇنۇڭغا دىكتاتورا يۈرگىزىدىغان ھېچقانداق ھوقۇقى يوق.
ئىدىيە قاتمال بولسا قاتمال ئىدىيىلىك كىشى ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ قىيىنايدۇ. خەلقىمىز (ئەقىلسىز دوسىتتىن ئەقىللىق دۇشمەن ياخشى)دىگەن ماقال ئارقىلىق دۆت ۋە قاتمال كىشىلەرنىڭ ئەڭ بىزار قىلارلىق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تولۇق يورۇتۇپ بەرگەن.
بىر ئىنساننىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنۇڭ مۇسۇلمان بولىشى،ھاراق ـ تاماكا ئىستىمال قىلـماسلىقى كېرەك بولسا بۇنداق جەمىيەتتە كىشىەرنىڭ شەخسى ئەركىنلىكى بوغۇلغان بولىدۇ.بىرى ياخشى ئىش قىلغان بولسا ئۇنۇڭ ياخشى ئىشىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش كېرەك.بۇنۇڭ ئۈچۈن قارشى تەرەپتىن شەخسى تاللىشىغا مۇناسىۋەتلىك سوئال سوراش پەسكەشلىك.
بىر جەمىيەتكە تۆھپە قوشىۋاتقان تۆھپىكارلار سانسىز،بىراق بەزى ساھالەردا بەزى كىشىلەر ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان ياكى يارىتىۋاتقان بولىدۇ.بۇنداق كىشىلەر ھەر ۋاقىتتا ھەرقانداق جەمىيەتتە يىتىشىپ چىقىۋەمەيدۇ. ئۇلارنى قوغدىشىمىز،ئۇلارنىڭ شەخسى تۇرمىشىغا،شەخسى ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك.ئۇلارنىڭ خىرىستىيان بولىشى،دىنسىز بولىشى،ھاراق ئىچىشى ،تاماكا چىكىشى ئۇلارنىڭ شەخسى ئىشى بۇنۇڭغا ئارلىشىدىغان ھېچقانداق ھوقۇقىمىز يوق.بىز ئۇلارنى جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ،ياراتقان يىڭى پەللىسى بىلەن ھۆرمەتلىشىمىز،قەدىرلىشىمىز كېرەك.
ئۆز كاللىسىغا قول ئادەم مەڭگۈ قۇلدۇر.ئۇنۇڭ قۇللىقى ئۇنۇڭ دۆتلىكى تەرىپىدىن مۇئەييەنلىشىپ بولغان.ئۇ قاتماللىقى،ئەقىلسىزلىقى بىلەن ئۆزىنىلا ئەمەس،ئەتراپىدىكىلەرنىمۇ قىينايدۇ.
بىر جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى شۇ جەمىيەت كىشىللىرىدىكى ساپا ۋە ئەقلى قابىليەت بىلەن تېزلىشىدۇ.مۇكەممەل تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ئىگە بولۇش كىرەك.تەرەققىياتقا توسالغۇ دوگمىلار،كونا تۈزۈملەر ۋە چەكلىگۈچى مىللى ئەنئەنىلەرنى سۈپۈرۇپ تاشلاش لازىم .تەرەققىيات توغرا تەپەككۇر بوشلىقىنى ۋە رەڭگاراڭلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ.قېلىپتىن چىققاندەك ئوخشاش كاللىلار ،ئوخشاش سۆزلەر ،ئوخشاش شوئارلار بىلەن تەرەققىياتقا يىتەلـمەيمىز.پۈتۈن ئۇيغۇر مۇسۇلـمان بولىشى،پۈتۈن ئۇيغۇر ھاراق ئىچمەسلىكى،پۈتۈن ئۇيغۇر دوپپا كېيىشى،پۈتۈن ئۇيغۇر تەسۋى سېرىشى،پۈتۈن ئۇيغۇر ئوخشاش چاچ پاسۇنىدا بولىشى  كېرەك دەيدىغان مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكىدەك جەڭگىۋار شوئارنى ئاز توۋلاپ ھەممە ئادەم ئۆز ئىشىدا مۇۋاپىقيەت قازنىشنى،ئەتراپىدىكىلەرگە ئاكتىپ ئىنىرگىيە تارقىتىشنى نىشان قىلسا دىگەن ئۆمۈتتەمەن .
تەرەققىياتنى مىللى ۋە دىنى چەك ـ چىگرالار بىلەن بوغۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك.بىز ياشاۋاتقان جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.شۇ تەرىققىياتقا ماسلىشىش،ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان جەمىيەتتە پۇت دەسسەپ تۇرۇش بىزنىڭ نىشانىمىز .ئورنىمىزنى تۇتۇپ تۇرمىساق خام خىيالنى ئاز قىلىشنى تەۋسىيە قىلغاچ ئېيتاي بىزنىڭ ئورنىمىزغا چىقىدىغانلار يوق ئەمەس .ماسلاشمىسا يوقىلىدۇ.


تۆھپىكارلارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەش بىر جەمىيەتتىكى پاجىئە.ھەرقانداق ئادەم قانۇنغا خىلاپلىق قىلـمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئەركىنلىكدىن تولۇق پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە.ئۇ تۆھپىكار بولسۇن،مەشھۇر بىرى ياكى دىھقان ۋە ياكى زىيالىي بولسۇن ئوخشاش.كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا مەن دەيدىغان ئۇقۇم بولىشى،ئۆزىنى كۈچەندۇرۇش ئارقىلىق جەمىيەتكە تۆھپە قوشىشى كېرەك.

uyghuray

1

تېما

0

دوست

3585

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30431
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1168
توردىكى ۋاقتى: 318
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-22 21:26:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زادى قانداق بولسا تەرەققى قىلغانغا ھىساپ؟

0

تېما

6

دوست

2790

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25171
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 868
توردىكى ۋاقتى: 115
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-22 21:31:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئۇقۇپ نۇرغۇن ئىشلار كاللامدا ئايدىڭ بولدى.

0

تېما

3

دوست

1010

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30840
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 304
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-22 21:32:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇزدىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-22 21:43  

بەزى كېسىم بېرىلگەن تاماكىغا ھارام دەپ،
ئىجتىھادقا تايانغان بۇ ھۆكۈمدە ئالىملار.
ئىختىلاپتا ئورۇن بار تاماكىغا مەكرۇھ دەپ،
ئۆكتە قوپماڭ باغداشتا چالا موللا ‹‹قارىم››لار.

ئۇزدىل
uyghuray

يوق

14

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27688
يازما سانى: 1500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3544
توردىكى ۋاقتى: 897
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-22 21:43:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aloglituran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-23 16:27  

بۇ تىما بىلەن مۇنبەر قىزىدىغاندەك ، چۇشكەن ئىنكاسلارنى ئالدىرماي ئوقاي .

0

تېما

3

دوست

1010

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30840
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 304
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-22 21:56:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەراس ئىزدىنىش مۇنبىرى مېنى نېمىشقا چەكلىۋەتكەندۇ ، ‹ئۇزدىل› دېگەن ئىسمىم چەكلەنگەندىن كېيىن باشقا ئىسىملاردا تىزىملاتساممۇ تەستىقتىن ئۆتمەي ئەزا بولالمايۋاتىمەن.

0

تېما

3

دوست

1010

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30840
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 304
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-22 21:58:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن بولدى ئىزدىنىش مۇنبىرى كومپىيوتۇرۇمدا نورمال ئېچىلمايۋاتىدۇ.

ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

0

تېما

4

دوست

7155

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   43.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 2200
توردىكى ۋاقتى: 510
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-22 22:08:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىببى ساھادە تاماكا ھاراقنىڭ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىگىنى يەكۈنلەپ بولغان.
شۇڭا پەرزەنتلىرىمىز،بىر تۇققان قىرىنداشلىرىمىز ۋە دوس يارەن دەپ قارىغان قىرىنداشلىرىمىزگە تاماكا چەكمەسلىك،ھاراق ئىچمەسلىك توغرۇلۇق تەۋسىيە قىلىش ياخشى ئىش دەپ قارەيمەن.
ياخشى ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىش،يامان ئىشلارنى توسۇش- نۇرمال ئىنسانپەرۋەرلىك ئەخلاق روھى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )