- تىزىملاتقان
- 2011-8-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8148
- نادىر
- 1
- يازما
- 615
ئۆسۈش
62.96%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuxlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-23 20:52
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارچە دوستلار،قەدىرلىك ئاتا ئانىلار،قېرىنداشلار 2015-يىلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتى كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.قۇربان ھېيت نېىمدىن دېرەك بىرىدۇ؟ ئۇ دەل بىزگە تەنتەنە،قۇد، خۇشاللىق ئىناقلىق ۋە مېھىر مۇھەببەتتىن دېرەك بېرىدىغان كاتتا بايرام. شۇ سەۋەبتىن بارچە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىغا ئاياملىك سالام يوللايمىز. مۇشۇ مېنتۇلاردا ھەممەيلەن ئالدىراش خۇددى توي تەييارلىقىغا چۈشكەندەك ھېيتنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە ئاتلانماقتا. كوچا،رەستىلەردە سودىلار قاينام تاشقىنلىققا تولۇپ ھەممە ئادەملەر ئالدىراشلىقتا نېمنى ئېلىپ نېمنى قويۇشنى بىلمەي قىلىۋاتقاندەك بىر مەنزىرە نامايان بولماقتا.ھەرقانچە خۇشلۇق بىزگە تەۋەززۇ قىلغاندىمۇ ھەر ھالدا بىز ئىسراپچىلقتىن ساقلىنايلى،ھەرھالدا بىز تېخىمۇ كۆپ نامرات قېينچلىقى ئېغىر كىشلەرنى نەزەردە تۇتايلى،ھەرھالدا بىز مۇشۇ ۋاقىت مۇشۇنداق چاغلاردا بىز ئۆزىمىزدە بىرە يېڭلىقنى ئۆزگىرشلەرنى باشتىن كەچۇرۇپ باقايلى ، ئۆتكەن كۈنلەردىن تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ باقايلى، بىز مەسىلىلەرگە بۇرۇنقى ئىجتمائى ئىللەتلەر بىلەن يۇقۇملانغان خاھىشقا ئەگىشىش،تەپەككۇرسىز ،ئىلىمى بولمىغان ياشاش ئېڭىمىزدا شەكىللەنگەن ئۈزۈل كېسل ھەل بولمىغان بىر قىسىم خاتا قاراش،قىممەت ئۆلچەملىرىمىزنى يېڭلاپ كىرەيلى، 50-يىللاردا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى ۋە نىشانى كىيىم پۈتۈن ،قورساق توق بولۇش ئىدى. ماناھازىر ئومومىيۇزلۇك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش باسقۇچىغا قاراپ ئاتلاندۇق،دەرۋەقە ئسلاھات ئېلىپ بارغان،ئىشكىنى ئېچىۋەتكەندىن كيىنكى شۇنداقلا 2000-يىلنىڭ .ھازىرغىچە بولغان ئون نەچچە يىللىق كۈچلۈك تەرەققىيات ئارقىلىق ھاللىق سەۋىيە جەھەتتە ئاساسەن يېقىنلاشتۇق،دېمەك ھازىر ماددى ئېھتياجغا جەمئىيەت ئاساسەن تويۇندى،مۇشۇنداق ۋاقتتا خەلقىمىزدە ئەمدىلىكتە بولسمۇ مائارىپ، ئىلىم -پەن دېگەندەك مەسىلىلەرگە ئۆزلۈكىدىن يۈزلىنش ۋەزىيتى مەيدانغا كېلىشى كېرەك ئىدى. ھەقىقەتەن مائارىپ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىمىزدا زور بۆسۈش ئىلگىرلەشلەر مەيدانغا كەلدى. لىكىن ھازىرقى كىشلەرنىڭ ئىسىتمال نۇقسىدىن يۈزلىنىشى يەنىلا ماددى تەرەپتە ئىپادە تىپىۋاتىدۇ خەلقىمىز كىيىم كېچەك،يېمەك ئىچمەك،تۇرالغۇ ئۆي قېينچلىقىلىرنى ئومومى جەھەتتىن ھەل قىلىپ بولغان ،ئىجتىمائى سۇغۇرتا ،ھەرخىل تولۇقلىما كاپالىتى ئارقىسىدمۇ يەنىلا نامراتلىق قالپاقلىرنىڭ بىر قىسم جايلاردا زادىلا تاشلانمغانلىقى بىزنىڭ مەسىلىلەرنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەشكە مەجبۇر قىلىدۇ. بىزنىڭ ئەمدىلىكتە زادى نېمگە بەكرەك ئەھمىيىەت بېرىۋاتقانلىقىمىزنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۇپ يېتىشمىز كېرەك.تەرەققىيات دېگەن بۇ سۆزنى زادى قانداق چۈشنىش كېرەكلىكىنى ئويلاپ بېقشىمىز، زادى قايسى تەرەپلەردە ئىتىبار بېرشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە پاد پاد قايتا قايتا ئويلنىپ تۇرۇشىمىز كېرەك.
ئۆزگپىمىزگە كەلسەك ھەربىر ھېيت ئايەمدا بالىلارغا ھېيتلىق بېرىۋاتىمىز،بۇ ئاللىقاچان بىزنىڭ ئەنئەنىمىزگە ئايلنىپ قالغاندەك،باشقىچە شەكىلدە ئېلىپ بېرشكە سەل قاراپ كەلدۇق. سوۋغات بېرىش ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەخلاقىلىرنىڭ بىرى،بۇنىڭ ھېچقانداق مىللەت ،دىن،ياكى مەزھەپ ئايرىمىسى يوق،ئەگەر بىراۋنى ھۆرمەتلىسەڭ،ئىززەتلىسەڭ ئۇنىڭ مۇۋاپىق پەيتتە سوۋغات بېرىش كىشلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتىكى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر شەكىل.شۇنىسى ئېنىقكى سوۋغات دېگەن نەرسە ئالدىن ئويلىشدىغان بىراۋغا ئالدىن تەييارلاپ بېردىغان نەرسە،بىز قاچانغىچە ھېيتلىقنى بالىلار بىزگە دوقۇرۇپ قالغاندا بېرىدىغان قىلىۋىتىمىز،ئەجىبا ئۇلارنىڭ خۇددى تەلمۈرگەن دىۋانىلەردەك ئارقىمىزدىن سوكۇلداپ بىزگە ئەگشىپ يۈرۇشى ئۇلاردا قانچلىك تەماخورلۇقنى پەيدا قىلار؟
بىز ھېيتىلىقنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتمىسەك ئېنتايىن چوڭ بىر ئىشقا سەل قارىغان بولىمىز. بالىلار ئىلىم ۋە گۈزەل خۇلۇقلارنى يېتىلدۇرغان غايەت چوڭ بوشلۇق،مۇشۇ دەۋرىرنى بىز ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتلىشدىكى ئاساس،ئالتۇن پۇرسەت دەپ بىلىمىز،ئۇنداقتا بۇنداق ۋاقىتتا بالىلارغا كىتاب سوۋغات تەييارلاپ قويساق ئاندىن ھيېت ئايەمدە ئۇلارغا سوۋغا قىلساق ياخشى ئەمەسمۇ؟ئەگەر سىز كېچىككەن بولسىڭىز ئۇلارغا ئۈچ كۈن ھېيت ئۆتۈپ كەتكۈچە بىرەر كىتاب،ئوقۇش قورالى دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرسىڭىز تامامەن بولىدۇ. بەلكىم كىشلەر باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئۇلارغا ھېيتلىق بېرىش مەسىلىسگە دۇچ كېلشى مۇمكىن.ئەلۋەتتە بىز ھەممە بالىلارغا ھېيتلىق بېرىپ بولالمايمىز،بىز پەقەت ئۆز بالىلىرىمىز،يېقىن ئۇرۇق تۇغقان ،قان قېرىنداشلارنىڭ بالىلىرىغا نېمشقا بۇ ئىشلانى سىناپ باقمايمىز؟ھەممە ئائىلە مۇشۇنداق قىلغاندا بالىلاردا ئۆزىنى قەدىرلەش ئىڭى،كىتاب ۋە بىلىمنى سۆيۈش ئىڭى يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ. بىز بەرگەن پارچە پۇللار ياكى پۈتۈن پۇللار بالىلارنىڭ ئاتا ئانسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ ياكى ئۇلار ئۇنى شۇ ھېيت كۈنىلا خەجلەپ تۈگىتىدۇ.ئۇنداقتا بالىلار ھېيتتا ھېچىنمە خەجلىمەمدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس بالىلارغا چوقۇم خەجلەيدىغان ھېيتنى خۇشال ئۆتكۈزىدىغان بەلگىلىك پۇلنى بېرىش كېرەك.ئەمما يېشى كېچىك بالىلارغا ئاتا ئانىلار بىرلكىتە خىراجەت قىلىپ ئۆزىنىڭ پۇلنى ئۆزىگە خەجلەپ بېرىش كېرەك.بەلكىم بۇ سۆزلىرىم نۇرغۇن كىشلەر تەرپىىدىن قوبول قىلىنماسلىقى مۇمكىن،شۇنداقتىمۇ مەن خەلقىمىزنىڭ پەرزەنت تەربيسىگە ئېنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشنىمەن، ئۇلارنىڭ دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىپ ،ئۆزلىرنىڭ ئەقىل پاراسىتى ئارقىلىق مۇۋاپىق ھەل قىلدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشنىمەن.مىللىتىمىزنىڭ پەرزەنتلىرى ساغلام ئۆسۈپ يېتلىشى ئۈچۈن ھەممەيلەن ئورتاق كۈچ چىقىرايلى!
|
|