قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2400|ئىنكاس: 28
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئىچكىرىگە مۇساپىر بولىدىغانلار بىلىۋېلىڭلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

6

دوست

3063

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27113
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 984
توردىكى ۋاقتى: 830
سائەت
ئاخىرقى: 2015-10-1
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كىچىك تۇرۇپلا ياقا يۇرتقا مۇساپىر بولۇش پېشانەمگە پۈتۈلگەن ئىكەن، ئىچكىرىدىكى شەھەرلەردە كۆرگەن-بىلگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمدىن يىغىپ-توپلاپ، تورداشلارغا پايدىسى تېگىپ قالار  دەپ ئويلىغاننى ئورتاقلاشتىم.
بىلگەننى يوللاڭ، بىلمەيدىغانلار بىلىۋالسۇن، دەيتتى ئىنتىل سەيناسىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم ئابلەتكام.
ئىچكىرىگە ئوقۇش، خىزمەت، تىجارەت، داۋالىنىش، ساياھەت ۋە باشقا ئىشلار ئۈچۈن  كەلمەكچى بولغان قېرىنداشلار تۆۋەندىكى ئىشلارنى بىلىۋالساڭلار بەلكىم يولنى ئازراق ماڭارسىلەر.
1. ئالاقىدار كىنىشكىلارنى ئۇنتۇپ قالماڭ

كىملىك (قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر)، بىزلەرگە يېڭى چىققان يېشىل كارتا (بەزى شەھەرلەردە ئانچە تەكشۈرۈپ كەتمەيدۇ، لېكىن باشقا كەلگەندە بەك ئاۋارە بولىسىز، شۇڭا بىجىرۋېلىڭ)، يېڭى ئوقۇغۇچى بولساڭلار چاقىرىق قەغىزىنى ئېلىۋېلىڭلار، يېشىل كارتا ئورنىدا ئىشلەيدۇ. كونا ئوقۇغۇچى بولساڭلار دېمىسەممۇ بولار. يەنە داۋالىنىشقا كەلسەڭلار يۆتكىلىش قەغىزى دېگەندەك. ئىشقىلىپ ئۆزۈڭلارغا لازىمى بولىدىغان كىنىشكا، ئىسپات، ئىلتىماس، تونۇشتۇرۇش دېگەنلەرنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
2. مەنزىلگە بارىدىغان يولنى بىلىۋېلىڭ

ھازىر ماشىنا، پويىز، ئايروپىلان بېلەتلىرىنى ئالدىن سېتىۋالالايسىز. بۇ ئارقىلىق مەنزىلدىكى شەھەرگە ئاسانلا بارسىڭىزمۇ، بىراق شۇ شەھەردىن سىز بارماقچى بولغان جايغىچە بولغان يوللارنى يەنىلا ئۆزىڭىز مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. ئالدىڭىزغا چىقىدىغان ئادەم بولسىغۇ قىينالمايسىز. ناۋادا شۇ ئادەمنىڭ ئىشى چىقىپ قالسا ياكى چىقىدىغان ئادەم بولمىسا يەنە ئۆزىڭىزگە تايانماي ئامال يوق. شۇڭا توردىن پايدىلىنىشنى بىلسىڭىز ئايرودروم، پويىز ۋوگزالى ۋە قاتناش بېكىتىدىن بارىدىغان جايغىچە بولغان مېترو، ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىنى بىلىۋېلىڭ ياكى يانفونغا ساقلىۋېلىڭ. تەۋسىيە ئۇسۇل بىر ۋاراققا يېزىۋېلىڭ. پۇلۇم بار، بۇ نەرسىلەرگە ئولتۇرماي تاكسى توسۇپ بارىمەن دېسىڭىزمۇ مەيلى، تاكسى شوپۇرى سىزنى پالانى يەرلىككەن دەپ چىقارمىسا، يېنىڭىزدىكى "ماۋ بوۋاينىڭ كىملىكى" سىزنى ئېلىپ بارالامدىكىن بىر كۆرەي.
3. يولنى بىلمىسىڭىز سوراڭ

مېترو، ئاممىۋى قاتناش ياكى تاكسىدا مەنزىلگە باردىڭىز. مەيلى شۇ چاغدا ياكى كېيىن بولسۇن ماڭىدىغان ئۇششاق يول چىقمايدۇ دېيەلمەيسىز. بۇنداق چاغدا يول سوراشنىمۇ ئۆگىنىپ قويغۇلۇق. يانفونىڭىزدىكى بەيدۇ خەرىتىسى، سوگو خەرىتىسى دېگەنلەرگە بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ. يانفونىڭىزنىڭ توكى تۈگەپ كەتسە ياكى خەرىتىدە كۆرسەتكەن ئۇچۇرلار تەپسىلىي بولمىسا يەنىلا ئادەم خەرىتىگە تايىنىدىغان گەپ. يول سوراشتىمۇ ئادەم تاللايمىز. ئاۋۋال ئەتراپىڭىزدىن قاتناش ساقچىسى ئىزدەڭ (ئامال بار ساقچى ئىزدىمەڭ، بىز ئالاھىدە مېھمان بولغاچقا چىرايىڭىزغا بىر قاراپلا تەكشۈرۈپ، ئۇنى-بۇنى سوراپ چۈشۈپ كەتسە چىۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ قالىسىز). ياكى ئەتراپىڭىزدىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە شىركەتلەردىكى دەرۋازىۋەن (ئامانلىق ساقلىغۇچىمۇ بولىدۇ) دىن سوراڭ. بۇلار بولمىسا ئەتراپىڭىزدىكى تىجارەتچىلەردىن سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ. دەپ بەرمەيدىغان ئەلپازى بولسا تۇرسۇنجان (بىلگەجان) دەك مىنېرال سۇدىن بىر بوتۇلكا ئېلىپ بولۇپ سورىسىڭىز يۈز كېلەلمەي بولسىمۇ دەپ بېرىدۇ.
4. تۇرالغۇ تېپىۋېلىڭ

ياتىدىغان جاي بولسا، ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياكى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان بولسا ئۇ باشقا گەپ. ناۋادا ئۆزىڭىز تۇرالغۇ ئىزدەيدىغان ئىش بولسا سەل تەس. مېھمانخانىدىن ياكى سىرتتىن ئۆي ئىجارە ئېلىڭ چىرايىڭىزغا ياكى كىملىكىڭىزگە بىر قاراپ، "ياتاق يوق" ياكى "پالانى يەرلىككە، پالانىلارغا ياتاق بەرمەيمىز" دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغاندا ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ. مانا شۇ چاغدا بىزلەر ئېيتىپ يادا بولۇپ كەتكەن "ئەللىك ئالتە مىللەت، ھەممە قېرىنداش. ئەللىك ئالتە مىللەت، باراۋەر تەڭداش" دېگەن ناخشىنىڭ قەدرىگە يېتىسىز. ئۇلارغا سىلىق چۈشەندۈرۈڭ. يەنە بەرمىسە ئەتراپىڭىزدىكى باشقا مېھمانخانىلاردىن سىناپ بېقىڭ.
5. ئىشەنچلىك ئاشخانىغا كىرىڭ

ياتىدىغان يەر ھەل بولغاندىن كېيىن قورساق غېمىنى قىلمىساق بولماس. تاماق ئېتىپ بېرىدىغان ياكى ئۆزىڭىز ئېتىپ يەيدىغان ئىش بولسا ئەنسىرەش يوق. سىرتتىن يەيدىغان ئىش بولسا سەل قىينىلىپ قالىسىز. ئاۋۋال ئەتراپىڭىزدىكى مۇسۇلمانچە ئاشخانىلارنى تېپىڭ. ئۇيغۇرنىڭ ئاشخانىسىدىن، مۇسۇلمانچە دەپ ۋىۋىسكىسى بار ئاشخانىدىن يەيتىم دەيدىغانلارغا سۆزۈم شۇكى، سىز ئۇيغۇرنى ياكى مۇسۇلمانچە دېگەن خەتنى يېمىگەندىكىن مۇسۇلماننىڭ ئاشخانىسىدىن يەڭ. مەيلى ئۇيغۇر، مەيلى تۇڭگان، مەيلى سالا بولسۇن تاماقلىرى ۋە ئاشخانىسىدا شەك بولسا كىرمەڭ. بەزى ئاشخانىلار مۇسۇلمانچە دەپ يېزىۋالغان بىلەن كىرسىڭىز توڭلاتقۇغا ياكى جاھازىغا چىڭداۋ پىۋىسى تىزىپ قويۇلغان. ئەمدى سىز ھاراق-تاماكىنى ئېغىر ئالمايدىغان، پات-پات بىلىملىك يۈرىدىغان ئادەم بولسىڭىز ئۇنىڭ يولى باشقا.
6. ئەتراپىڭىزدىكى مۇھىت بىلەن تونۇشىۋېلىڭ

ياتىدىغان ۋە يەيدىغاننى تېپىپ بولدۇڭلار. ئەمدى باشقا نەرسىلەر لازىم بولسا سىرتقا چىقىسىز يەنە. ئەڭ ئاۋۋال خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنى ئىزدەڭ. يەنى دوختۇرخانا، بانكا، ساقچىخانا، پوچتىخانا، كۆچمە، بىرلەشمە ۋە تېلېگراف تىجارەت زالى دېگەندەك. ئاندىن مال سېتىۋالىدىغان جايلار، مەسىلەن سودا مەيدانى، سودا شەھەرچىسى، تاللا بازىرى، توپ تارقىتىش بازىرى، ئۇششاق ماگىزىنلار، مېۋە-چىۋە ۋە سەي كۆكتات بازىرى، دورا دۇكىنى دېگەنلەر. يەنە سىزگە يېقىن مېترو ۋە ئاممىۋى قاتناش بېكىتى ۋە ئۇلارنىڭ لىنىيەسى. يەنە مۇمكىن بولسا ئۆزىڭىزگە يېقىن ياكى شۇ شەھەردىكى سىزگە لازىمى بولىدىغان ئاپتوبۇس بېكىتى، پويىز ۋوگزالى، ئايرودروم دېگەنلەرنىمۇ بىلىۋېلىڭ.
يەنە ئەڭ مۇھىم ئەسكەرتىش ، تەپسىلىي ئادرېسىڭىزنى ۋە شۇ جاينىڭ پوچتا، رايون نومۇرى دېگەنلەرنى ئېنىق بىلىۋېلىڭ.
7. مەسچىتكىمۇ بېرىپ قويۇڭ.

نېمىشقا بارىدىغانلىقىڭىزنى دېمىسەممۇ بولار. ھېچ بولمىسا يەيدىغانغا بولسىمۇ بىر نەرسە چىقىپ قالار. ئادەتتە ئىچكىرىدىكى چوڭراق مەسچىتلەردە جۈمە كۈنلىرى ۋە ھېيت كۈنلىرى نامازنىڭ ئالدى كەينىدە سودا-تىجارەت قىزىپ كېتىدۇ. ئاساسلىقى يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى. ئۆزىڭىزگە لازىملىقىنى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. يەنە بۇ يەردە بەلكىم بىلىش-تونۇشلار ئۇچراپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، ياكى ئۆزىڭىز تونۇشۇپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن. يات شەھەردە مۇساپىرچىلىقتا يۈرگەندە ھال-مۇڭ بولىدىغان بىر قېرىنداشنىڭ بولۇشىمۇ ياخشى.

مەن بېشىمدىن ئۆتكەن ۋە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمغا بىرلەشتۈرۈپ مۇشۇلارنى يېزىپتىمەن. يەنە كەم قالغانلىرى بولسا باشقا تورداشلار تولۇقلاپ قويسا بولىدۇ.
مەزكۇر تېمىنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ.


uyghuray

0

تېما

2

دوست

505

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  42376
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-30
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېمىڭىزدا ھاراق ساتقان ئاشخانا مۇسۇلمانچە ئەمەس دەپ بەكلا كۈچەپ كىتىپسىز، سىز ئىچكىرىدە ھاۋابىلارلا ئۇيغۇرنىڭ ئاشخانىسىدىن تاماق يەيدۇ دەپ قالدىڭىزمۇ نىمە؟
چۈنكى ئىچكىرىدە ھاراق ساتمىسىڭىز تامىقىڭىزنى كىشى ئالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاراق ئىچىش ئىچمەسلىك شەخسىنىڭ ئىشى، ھەممە ئىشنى دىنغا باغلايدىغان زامان كەلمەسكە كەتتى.

3

تېما

9

دوست

5192

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35433
يازما سانى: 473
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 1556
توردىكى ۋاقتى: 340
سائەت
ئاخىرقى: 2015-10-3
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkak007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-29 22:16  
otturahal يوللىغان ۋاقتى  2015-9-29 21:44
بۇ تېمىڭىزدا ھاراق ساتقان ئاشخانا مۇسۇلمانچە ئەمەس دە ...

ھاراق ساتمىسا تاماق ئالمايدۇ دەڭ،يۇمۇرغا بەك ئۇستىمۇ نېمە سىز،،،،ئەقلى ئىقتىدارىڭىز بەك تۋەنمۇ ياكى باشقىلارنى بەك دۆت چاغلامسىزكىن بىلمىدىم.ئەمما ئەسكەرتىپ قويايكى سىزنىڭ بۇ ئاقماس گېپىڭىزگە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ،شۇڭا بەك ئاقساقاللىق قىلماي ئۆزىڭىزنىڭ ئەقلىڭىز يەتكەن دائىرىدە ئىنكاس يېزىڭ،بولمىسا  مۇشۇنداقچېنىپ قالىسىز................

0

تېما

2

دوست

505

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  42376
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-30
يەر
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
arkak007 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-29 22:11
ھاراق ساتمىسا تاماق ئالمايدۇ دەڭ،يۇمۇرغا بەك ئۇستى ...

موللاقارى، ئىچكىرگە بارغانمۇ يا.
بولمىسا بىلجىرلىماي ئۇخلايلى. بىلجىرلاشتىن ئۇخلاش ئەلا.
uyghuray

17

تېما

38

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   18.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 5130
توردىكى ۋاقتى: 2130
سائەت
ئاخىرقى: 2015-10-4
5#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-29 22:30  
otturahal يوللىغان ۋاقتى  2015-9-29 21:44
بۇ تېمىڭىزدا ھاراق ساتقان ئاشخانا مۇسۇلمانچە ئەمەس دە ...

سىز بەك ئاز كىرىپسىز ئاشخانىلارغا، قايسىلا شەھەردە بولسا بەزى رېستۇرانلاردا راستلا ھاراق سېپ قۇيىدۇ. ئەما ئاشخانىلاردا ھاراق سالىدىغىنى بەك ئاز...

يەنە ئۇ يەرلەردە يۇرتداش، قېرىنداش دەپ ئۇچرىغانغا بەك ئىشىنىپ كەتسىڭىز بولمايدۇ...

0

تېما

2

دوست

505

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  42376
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-30
6#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-9-29 22:28
سىز بەك ئاز كىرىپسىز ئاشخانىلارغا، قايسىلا شەھەردە بو ...

سىز دىنى ھىسسىياتنى يۇقۇرى ئورۇنغا قويىۋالسىڭزى مەڭگۈ تەرەققى قىلالمايسىز. بەلكى ئەرەپتەك چېچىلىپ ۋەيران بولىشىڭىز مۈمكىن.

0

تېما

2

دوست

505

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  42376
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-30
7#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھاراق ئىچىش ئىچمەسلىك ئەركىنلىك. ئىچىشنى بىلىش بىلمەسلىك بۇ ماھارەت.
لوگىكىغىمۇ ، ئىنسانى ئەقىل ۋە ھىسسىياتقىمۇ قارشى چىقىپ لەنەتكە قالمايلى قېرىنداشلا.

6

تېما

6

دوست

3063

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27113
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 984
توردىكى ۋاقتى: 830
سائەت
ئاخىرقى: 2015-10-1
8#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
otturahal يوللىغان ۋاقتى  2015-9-29 23:03
ھاراق ئىچىش ئىچمەسلىك ئەركىنلىك. ئىچىشنى بىلىش بىلمەس ...

تېمىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى بۇرىمىساڭلا.
ھەممە تېمىنى تالاش تارتىش تېمىسىغا ئايلاندۇرمىساڭلىمۇ بولار.
ئاشخانا مۇنازىرە قىلىمەن دېسەڭلا ئايرىم تېما ئېچىپ شۇ يەردە دېيىشىڭلا.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )