- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-9-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12187
- نادىر
- 25
- يازما
- 380
ئۆسۈش
100%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-28 09:32
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار، قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ تۆۋەندىكى خەتنى ھاۋالە قىلغان ئىدى يوللىدىم.
سالام قەدىرلىك دوستلار،
سىلەرنىڭ مېھماندوستلۇقىڭلار ۋە مېنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى سەپىرىمنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت. مەن ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىدا ئىنتايىن كۆڭۈللۈك بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزدۈم. بۇ قېتىملىق سەپىرىمدە مەن كونا دوستلار بىلەن قايتا كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، شۇنداقلا يەنە نۇرغۇن يېڭى دوستلار ۋە خىزمەتداشلار بىلەن تونۇشتۇم. بولۇپمۇ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ياش ئالىملار بىلەن ئۇچرىشىپ ئالاھىدە خۇشال بولدۇم. بۇ قېتىملىق سەپەر جەريانىدا سىلەر ھەر مىنۇت مېنى ئۆز ئۆيۈمدە تۇرغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈردۈڭلار. سىلەرنىڭ مېھماندوستلۇقىڭلارغا يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر! قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
ئاخىرىدا مەن مېنى بۇ قېتىم ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋە دورا تەتقىقات مۇتەخەسسىسى ئىسراپىل ئەبەيدۇللاغا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ھاياتلىق ئىلمىي ۋە تېخنىكا ئىنستىتۇتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پروفېسسور غوپۇر مىجىتقا ، جۇڭگو ئىلىم-پەن ئاكادېمىيىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى فىزىكا ۋە خىمىيە تېخنىكىلىق ئىنستىتۇتنىڭ پروفېسسورى ئابلىمىت ئېلىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
ھۆرمەت بىلەن،
شۆھرەت مۇتەللىپ (پورتلاند، ئامېرىكا)
|
|