قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 5505|ئىنكاس: 60

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى قۇتلۇق كۈندە ئەسلەش

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

24

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43576
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-28 23:54:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abduxkurizidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-29 23:32  

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى قۇتلۇق كۈندە ئەسلەش

(مەزكۇر ئەسەر 28 - سېنتەبىردىكى ئۇلۇغ ئالىم، مائارىپچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەۋەللۇتىنىڭ 82 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تورداشلار ھوزۇرىغا سۇنۇلدى)
A@NX2CIWW~EJSW713}9}A.png

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مول مېۋىلىك پىروفېسسورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى چېلىقارلىق ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم، تالانتلىق ئەدىب، تۆھپىكار مائارىپچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1933–يىلى 9–ئاينىڭ 28–كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشھەدكە تۇتاش باغئېرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەتئىمىن، ئانىسىنىڭ ئىسمى ھەمراخانىم ئىدى. ئاتا–ئانىسىنىڭ يېگانە پەرزەنتى بولغان ئابدۇشۈكۈرگە ئۇلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە «شۈكرىللا» دەپ ئات قويۇلغان. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ دادا تەرەپ بوۋىسى ئىبراھىم ھاجىم 1910–يىللىرى ئائىلىسى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل بويىدىكى قاراقول شەھىرىگە چىقىپ دادىسى مۇھەممەتئىمىن ھاجىمدىن قالغان خۇرۇم كارخانىسىنى باشقۇرغان. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ دادىسى مۇھەممەتئىمىن «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى»نىڭ ئالدى–كەينىدە قاراقول، تاشكەنتلەردە ئوقۇغان.
0b7b02087bf40ad1056c4f30572c11dfa8ecce5d.jpg


ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئانىسى ھەمراخانىم ئاتۇش تۆركۈللۈك خوجاقاسىم دېگەن باينىڭ يەتتىنچى پەرزەنتى، شۇنداقلا بىردىن بىرى قىزى ئىدى. خوجاقاسىمباي ئائىلىسى ئەينى يىللىرى ئەنجان شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ سودا–تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1920–يىللىرىنىڭ باشلىرىدىكى بىر ھېيىت ھارپىسىدا خوجاقاسىمباي ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قىزى ھەمراخانغا ناس خالتىسىنى كۆتۈرۈپ يېقىن ئەتراپتىكى ناس ساتقۇچىنىڭ ئۆيىدىن ناس ئەكىلىشكە بۇيرۇغان. شۇ ئارىدا ئەنجان–قوقان قىشلاقلىرىدا پائالىيەت قىلىدىغان تۆرەجان باسمىچىلىرى خوجا قاسىمباينىڭ ھويلىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ خوجاقاسىمباينى ئايالى ۋە ئالتە ئوغلى بىلەن قوشۇپ ئوققا تۇتۇپ چىقىپ كەتكەن. بۇ قانلىق پاجىئەدە پەقەت ناس سېتىۋالغىلى چىقىپ كەتكەن ھەمراخانلا ھايات قالغان.
قاراقولدا تۇرۇپ بۇ پاجىئەدىن خەۋەر تاپقان ئىبراھىم ھاجىم تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولغاچقا، قارا يېتىم بولۇپ قالغان بۇ يالغۇز قىزنى ئەنجاندىن قاراقولدىكى ئائىلىسىگە ياندۇرۇپ كېلىپ، تەربىيەلەپ ئوقۇتقان. كېيىنچە ئوغلى مۇھەممەتئىمىن بىلەن بىر نەۋرە بولغان ھەمراخاننى بىر–بىرىگە چېتىپ قويغان. مۇھەممەتئىمىن بىلەن ھەمراخان 1920–يىللىرى قاراقول، تاشكەنتلەردە تۇرغان. مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى بۇ جەرياندا بولشىۋىكىزمنىڭ تەسىرىگە خېلى چوڭقۇر ئۇچرىغان. 1930–يىللىرىنىڭ بېشىدا ئىبراھىم ھاجىم ئائىلىسى ئاتۇشقا قايتىپ كەلگەن. 1933–يىلى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تۇغۇلغان. 1933–يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 1934–يىلىنىڭ باشلىرى قەشقەرنى مەركەز قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي، ھەربىي كۈچلەرنىڭ قانلىق كۈرەشلىرى خوجىنىياز ھاجى بىلەن سىتالىن ھۆكۈمىتىنى ۋاسىتە قىلىپ كېلىشىم تۈزۈشى نەتىجىسىدە ئاخىرلاشقان. نەتىجىدە 1934–يىلى يازدىن باشلاپ مەھمۇت سىجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي گارنىزونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، ليۇبىن باش قوماندانى سالاھىيىتى بىلەن قەشقەرگە قاراشلىق ناھىيە، شەھەرلەرنى باشقۇرۇشقا باشلىغان. ئەنە شۇ چاغدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ دادىسى مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم خۇنجىراپ ئېغىزىدا تاموژنا باشلىقى بولغان. مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن 1935–يىلى مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم ئايالى ھەمراخانىم بىلەن ئىككى ياشلىق ئوغلى ئابدۇشۈكۈرنى ئېلىپ ليۇبىننىڭ ياردىمىدە قاراماشىنا بىلەن ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ چىققان. بۇ ئەر–خوتۇنلار بىر مەزگىل ئۈرۈمچى «ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى»دا سانايى نەفىسە خىزمىتىگە پائال قاتنىشىپ ئىشلىگەن. ئۇزاق ئۆتمەي مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىدە جۇبىڭ (ماۋزېمىن)نىڭ يېنىدا مۇپەتتىش بولۇپ ئىشلىگەن. 1937–يىللىرى چۆچەك مالىيە ئىدارىسىگە باشلىق بولۇپ تەيىنلەنگەن. بۇ چاغدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئانىسى ھەمراخانىم بىلەن غۇلجا «بوينى كېسىك» مەھەللىسىدە تاغىسى شاھ ھاجىمنىڭكىدە بىر مەزگىل تۇرغان. كېيىن چۆچەككە دادىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ پالتاخۇن (پالتابايېف)نىڭ قورۇسىدا بىر يىلدەك تۇرغان. 1939–يىلى دادىسىنىڭ خىزمىتى ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەندە ئاتا–ئانىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلگەن. 1939–يىلىنىڭ ئاخىرى «غەربىي زال»دىكى يىغىنغا قاتناشقان دېگەن باھانە بىلەن دادىسى مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە قامالغان. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئانىسى بىلەن دەسلەپ «خوتەن مەسچىتى» ئۇدۇلىدىكى بىر قورۇدا ئولتۇرغان. ئۇ دەسلەپ «خوتەن مەسچىتى» يېنىدىكى باشلانغۇچ سىنىپتا، كېيىن ئاق مەسچىت قورۇسىدىكى باشلانغۇچ سىنىپتا، كېيىن بۇلاق بېشى مەھەللىسىدىكى ھازىرقى 5–باشلانغۇچ مەكتەپتە باشلانغۇچ مائارىپ تەربىيەسىگە ئىگە بولغان. ئانىسى ھەمراخانىم بۇ قىيىن كۈنلەردە تىككۈچىلىك بىلەن ئائىلىنى قامدىغان.
1944–يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ دادىسى مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم تۇيۇقسىز تۈرمىدىن چىققان. ئۆزىنىڭ خاتا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلىدىغان بۇ كىشى شۇ كۈنىلا ئۆي بىساتىنى سېتىپ، خوتۇن –بالىسىنى ئېلىپ پەيزاۋاتقا تەۋە قوشئاۋاتلىق روزى ئاخۇن دېگەن ھارۋىكەشنىڭ ئۈستى كىگىز بىلەن يېپىلغان ئات ھارۋىسىنى كىرا قىلىپ كېچىلەپ قەشقەرگە قاراپ يولغا چىققان.

بۇ قېتىمقى 95 كۈنلۈك سەپەر، گۆدەك ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆز خەلقىنىڭ ھاياتى، تارىم ۋادىسىنىڭ چۆل ۋە بوستانلىقلىرى بىلەن بىۋاسىتە تونۇشۇش پۇرسىتى بولغان. ئەينى چاغدىكى قەشقەر، ئۈرۈمچى يولى ھازىرقىدەك تاغ بويلاپ قۇپقۇرۇق چۆل–باياۋاندا ماڭىدىغان يول بولماستىن، يۇرت–بوستانلىق ئارىلاپ ماڭىدىغان ئاۋات يول ئىدى. ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە يېقىن يۇرتلاردا نۆۋەت بويىچە ھەپتىنىڭ ھەر كۈنى بازار بولىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ھەر كۈنى دېگۈدەك بازار كۆرۈپ ئۇيغۇر تۇرمۇشىنى كۆزىتىپ ماڭغان. بۇ سەپەر ۋە سەپەر تەسىراتلىرى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ كېيىنكى ھاياتىدا بىر قىممەتلىك بايلىق بولۇپ قالغان. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۇل قالغان چوڭ ئانىسى ئانارخان قەشقەر «جانقورغان»دىكى بىر قورۇدا تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ئۇدۇل قەشقەرگە بېرىپ شۇ يەرگە چۈشكەن. شېڭ شىسەي بىلەن ۋۇجۇڭشېننىڭ ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋېلىش پەيتلىرىدىكى قالايمىقانچىلىق تۈپەيلى راستىنلا خاتا قويۇپ بېرىلگەن مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى قولغا ئېلىنغان. ئانىسى ھەمراخانىم ھېيىتگاھ جامەسى يېنىدىكى ئىنايىتىللا ئەپەندى مەسئۇللىقىدىكى دورىخانىدا دورا ياساش خىزمىتىگە ئورۇنلاشقان. ھەمراخانىم 12–13 ياشلىق ئوغلى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى ھېيىتگاھ جامەسىنىڭ مۇدەررىسى دوك قارىھاجىمنىڭ شاگىرتى ئابدۇرۇسۇل قارىغا دىنىي تەلىم ئېلىشقا بەرگەن.

1946–يىلى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىرلىكتە تۈزگەن «11 ماددىلىق بىتىم»نىڭ روھىغا ئاساسەن نۇرغۇن كىشىلەر قاتارىدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ دادىسىمۇ تۈرمىدىن قويۇۋېتىلگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن دىنىي تەربىيەنى قىسقا مۇددەت ئالغاندىن كېيىن، 1950–يىلىغىچە نەزەرباغدىكى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا تۆت يىل ئوقۇغان. 1950–يىلى غەربىي شىمال ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان، يىغىندىن كېيىن شىئەن، بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە ئېكىسكۇرسىيەدە بولغان. 1952–يىلىنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ بىئو–خىمىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. 1952–يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئۆزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. شۇ يىلى جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. مەكتەپتىن بىر تەرەپتىن «ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيەسى»، «ئۆسۈملۈكلەر پاتالوگىيەسى»، «ھاشاراتشۇناسلىق» قاتارلىق دەرسلەرگە تەرجىمان ئوقۇتقۇچى بولغان، يەنە بىر تەرەپتىن فىزىكا، ماتېماتىكا، بىئولوگىيە، خىمىيە ۋە ئاگرانومىيە سىنىپلىرىغا «ماركىسىزم ئاساسلىرى»، «پەلسەپە» دەرسلىرىنى ئۆتكەن. بۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ دەرس مىقدارى بەك كۆپ، ۋەزىپە ئېغىر بولغاچقا، چارچاپ ئاغرىپ قالغان. شۇ سەۋەبتىن قەشقەرگە ئاتا–ئانىسىنىڭ قېشىغا داۋالانغىلى بېرىپ ئاتۇش بىلەن قىرغىزىستان چېگرىسىدىكى گۈزەل تويۇن يايلىقىدا ئۈچ ئاي ئارام ئالغان. بۇ جەرياندا ئالتۇن ئىسىملىك شوخ بىر قىرغىز قىزى ئۇنىڭدا ياخشى تەسىر قالدۇرغان. مۇشۇ تەسىر ئاساسىدا كېيىن «ئالتۇنقىز» ناملىق ھېكايىسىنى يازغان.

1953–يىلى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن شىئەندىكى غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماركىسىزم ئاسپىرانتورىيىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، بىر يىل چامىسىدا بىلىم ئاشۇرغان. ئاسپىرانتورىيىنى پۈتتۈرۈپ، ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ماركىسىزم كافىدراسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بىر نەچچە خىل دەرس ئۆتكەن ۋە بۇ دەرسىلەرنىڭ دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئىقتىدارلىق ياش ئوقۇتقۇچى 1955–يىلىدىن باشلاپ نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» (ئۇيغۇرچە نەشرى)نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. ئۇنىڭ تەتقىقات ھاياتى ئەنە شۇ يىللاردا باشلانغان. ئىككى تىلدا يازغان «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11–ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى » ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 1956–يىلى مەزكۇر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ خەنزۇچە ھەم ئۇيغۇرچە سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا «قۇتادغۇبىلىك» ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» تەتقىقاتى ساھەسىدىكى تۇنجى ئىلمىي تەتقىقات ئىدى. ئۇ مۇشۇ ماقالىسى سەۋەبىدىن 20 يىل «ئوڭچى» قالپىقىنى كىيگەن. 1957–يىلى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»نىڭ تارىخىغا ئائىت «شىنجاڭدا 1944– 1949– يىللاردىكى خەلق ئىنقىلابى» دېگەن كىتابىنى يېزىپ تاماملىغان (مىجىت قاسىم، مۇزەپپەر ئەزىزىلەر بىلەن بىرلىشىپ يازغان). ئەمما، شۇ يىللىرى جۇڭگو مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان «ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى»نىڭ تەسىرى بىلەن بۇ ئەمگەك مېۋىلىرى نەشر قىلىنمىغان.
بۇ ھەرىكەت باشلىنىش بىلەن تەڭ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «يېزا تۇرمۇشىنى كۆرمىگەن ياش ماركىسىزمچى» دېگەن باھانە بىلەن باشلانغۇچ كوپراتىپلارنى ئالىي كوپراتىپقا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىنغان كادىرلار تۈركۈمىدە مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىقبۇيا يېزىسىدىكى شاكالئاۋات كەنتىگە ئەۋەتىلىپ مەسئۇل كادىر بولۇپ ئىشلىگەن. يېرىم يىلدىن كېيىن تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلغان ھەم «ئوڭغا مايىل» دەپ قارىلىپ كۈرەش قىلىنغان. «سول»چىللىق كېسلىگە ناھايىتى ئاسان گىرىپتار بولىدىغان بىر قىسىم ئۇنىڭغا ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن زىيانكەشلىك قىلغان، ھەتتا ئۇنىڭ پورترېتىنى مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىزى، شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتىنىڭ ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى رەنا مەخسۇتنىڭ پورترېتى بىلەن قوشۇپ ھەجۋى رەسىملىرىنى سىزىپ مەكتەپ تاملىرىغا چاپلاتقۇزغان.
ھەقىقەتەنمۇ ئەينى يىللاردا كېڭەيتىۋېتىلگەن سىياسىي ھەرىكەت غايەت ئېغىر ئىجتىمائىي بوھران پەيدا قىلغان. دەسلەپتىكى سىياسىي ئاكتىپلىق بارغانسېرى ئومومىي جەمئىيەت ئەسەبىيلىكىگە ئايلىنىپ كەتكەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا 1950–يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرى كۆچۈپ كەتكەن ئاتا–ئانىسى بالىسىنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەپ، 1958–يىلى ئۇنى ئېلىپ كەتكىلى ئۈرۈمچىگە كەلگەن. لېكىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «بۇ كۈنلەر تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ» دەپ ئاتا–ئانىسىنىڭ تەلىپىگە قوشۇلمىغان. ئاتا–ئانىسى ئىلاجىسىز قايتىپ كەتكەن. 1959–يىلى ئۇنىڭغا «ئوڭچى» قالپىقى كىيگۈزۈلۈپ، پارتىيەدىن ۋە خىزمەتتىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن. پۈتكۈل جۇڭگو جەمئىيىتى ئاچارچىلىق قەھەتچىلىكى قىيامىتىدە قىينىلىۋاتقان ئاشۇ يىللاردا ئۇ ئىككى يېرىم يىلنى ئۈرۈمچىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا، سانجىنىڭ يۇقىرىسىدىكى غەربىي گوبى چۆللىكىدە ۋە كۈنەس ناھىيەسىنىڭ قارابۇغرا دالاسىنى ئېچىش لاگىرىدا ئېغىر ئەمگەك، جاپا–مۇشەققەت، دەرت–ئەلەم ۋە ئاچ–زارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن. شۇنداق مۇشەققەتلىك كۈنلەردىمۇ ئۇ رۇس تىلى ئۆگىنىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان. بۇ ئېغىر كۈنلەردە ئۇنىڭغا ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنىدا تونۇشقان دوستى ئابدۇكېرىم ئابدۇرېھىم كۆپ يار–يۆلەك بولغان. ئابدۇكېرىم ئابدۇرېھىم بىلەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئاتا–ئانىسى 1930–يىللاردا ئۈرۈمچىدىكى «سانايى نەفىسە»دە بىللە ئىشلىگەنىدى. 1961–يىلى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنىدىن قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن 1962–يىلى ئانىسى ھەمراخانىم ئۇنى ئالغىلى بېشكەك (ئەينى چاغدا فرونزى دېيىلەتتى)تىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن شۇ چاغدا دادىسىنىڭ 1961–يىلى 11–ئايدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تارىخى ھاسىراپ–ھۆمۈدەپ ئېغىر تىنىۋاتقان، ئىجتىمائىي ئەنسىزلىك، سىياسىي سولچىللىق شەخسنىڭ قىممىتىنى ئەرزىمەس نەرسىگە، كىشىلەر تەقدىرىنى ئويۇنچۇققا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقان ئاشۇ يىللاردا ئانىسىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ خاتىرجەم ھايات يولىنى تاللىماستىن، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي تۇيغۇسىنى قەدىرلەشنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، «كۈسەن قىزى» رەنا مەخسۇت بىلەن توي قىلىش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدە قېلىشنى قارار قىلغان. ئانىسى ئىلاجىسىز 1962–يىلى 4–ئايدا بۇ «ئەنسىز يىللاردىكى ئاشىق–مەشۇق»لارنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇپ، دۇنيالىقتىكى يالغۇز ئوغلىنى تەقدىرگە تاپشۇرۇپ، بېشكەككە قايتىپ كەتكەن ھەم ئىزچىل خەت ئالاقىسى قىلغان.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1966–يىلى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلانغانغا قەدەر تۆت يىل جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا نازارەت ئاستىدا ئىشلىگەن. ئۇ 1959–يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرگۇڭدىن ھازىرقى ئۈچتاشقا يۆتكىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن چېچىلىپ تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن مىليون پارچە كىتاب، ژۇرنال، گېزىتلەرنى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە بىر–بىرلەپ رەتلەپ تۈرگە ئايرىپ، كارتۇچكا تۇرغۇزۇپ، يۈرۈشلەشكەن كىتاب كاتولوگى ئىشلەپ چىققان. بۇ جەرياندا بۇ ئىلىمخۇمار ئالىم جۇڭگونىڭ مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەرلىرى بولغان «ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆرنەكلىرى»نى، «24 تارىخ»نى، ئەنگلىيە دراماتورگى شېكسپىرنىڭ 36 سەھنە ئەسىرىنى، ھىندىستاننىڭ «رامايانا»، «ماخاپىراتا» داستانلىرىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان 15 توملۇق (32 كىتاب) «دۇنيا تارىخى»نى، «ئومومىي تاڭ نەزمىلىرى»نى، بايروننىڭ «دون جۇئان» داستانىنى، ھومېرنىڭ «ئېللادا» ۋە «ئودېسسا» داستانلىرىنى، يۇنان ۋە رىمنىڭ ئەپسانە–رىۋايەتلىرىنى، «قۇرئان كەرىم»، «ئىنجىل» ۋە «تەۋرات»نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىلىرىنى، ئەپلاتون، ئارستوتېل ئەسەرلىرىنى، دانتىنىڭ «تەڭرى كومىدىيەسى» داستانىنى، گومورۇ ۋە تيەنخەننىڭ تارىخىي درامىلىرىنى، ماركس–ئېنگېلس ئەسەرلىرىنى، نەۋائى، بابۇر، مەشرەپ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئۆگەنگەن. بۇ جەرياندا 30 نەچچە خاتىرە دەپتەرنى ئۆگىنىش خاتىرىسى بىلەن تولدۇرغان.
ئۇ مۇشۇ يىللاردا «قارلىق تاغ شەجەرىسى» ناملىق داستان ۋە «سۇمۇرغلار قوشىقى»، «قەدىمكى يىپەك يولى»، «خەن ئوردىسىدا باھار»، «مەلىكە خۇارۇڭ»، «تەڭرىتاغ ناخشىسى»، «دات باسماس قىلىچ»، «پىلە مەلىكىسى» قاتارلىق يەتتە پارچە تارىخىي دراما يېزىپ چىققان. «جاۋاھىرۇل ھاقايىق» دېگەن نىقابىي ماۋزۇدا «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» (بۇ كىتاب 1995–يىلىنىڭ بېشىدا 4–قېتىم تۈزىتىلگەندە ئالىم «قەدىمكى تۇران تارىخى» دەپ ئاتىغان) ناملىق كىتابىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان. يەنە بارماق ۋەزىنلىك بىر تۈركۈم مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى يېزىپ چىققان. ئەنۋەر، ئەكبەر ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن.

1966–يىلى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ باشلىنىشى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى قايتىدىن تېخىمۇ ئېغىر جاپا–مۇشەققەتنىڭ، خورلۇق ۋە كەمسىتىشنىڭ، تۈگىمەس سىياسىي كۈرەشنىڭ قۇچىقىغا تاشلىغان. «چەت ئەلنىڭ قېقىپ قويغان مىخى» دەپ قارىلىپ، ئۆيى كۆپ قېتىم ئاختۇرۇلغان، ئۆزى كۆپ قېتىم كۈرەش ۋە سازايى قىلىنغان. ئۇلانبايدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا ئاي–ئايلاپ سۇ تارتقان، يىل–يىللاپ كاتولدا ئىشلەپ ماھىر رېمونتچى، كاتول تازىلىغۇچى ۋە ئوت قالىغۇچى بولۇپ قالغان. مەكتەپ قورۇسىدا تامچىلىق، سۇۋاقچىلىق، ياغاچچىلىق ئىشلىرىنى قىلغان. 1969–يىلى ئۈچىنچى ئوغلى ئەسقەر، 1974–يىلى تۆتىنچى ئوغلى فەرۇخ دۇنياغا كەلگەن. 1975–يىلى ئانىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ھەققىدىكى تېلېگراممىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئانىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىغا قاتتىق تەسىر قىلغان. مۇشۇ ئاپەتلىك يىللاردا ئايالى رەنا مەخسۇت «ئوڭچى» ئېرى تۈپەيلىدىغان كېلىۋاتقان ھەرخىل بېسىملارغا قانچە ئۇچرىسىمۇ، تۇرمۇشنىڭ مۇشەققىتىنى ھەرقانچە تارتسىمۇ، تۆت ئوغلىنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلەپ ئۆستۈرگەن.
«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە ئىزدىنىش ۋە ئىجاد قىلىش روھى كۈچلۈك بۇ ئالىم ئاق تېرورلۇق قاپلىغان ئاشۇ ئەنسىز يىللاردا پارچە–پارچە يازغان 500 پارچىدىن ئارتۇق رۇبائىيسىنى رەتلىگەن. «سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى» (بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى تۇنجى نەسىرلەر توپلىمى) ناملىق لېرىك نەسىرلەر توپلىمىنى تولۇق تاماملىغان. ئانىسىنىڭ ئۆزىگە ئەۋەتكەن خەتلىرى ۋە خەتلەرگە قوشۇپ ئەۋەتكەن ھىجران دەردىدىكى غەزەللىرىنى رەتلەپ، بېيىتىپ، ئاۋۇتۇپ، تولۇقلاپ، «ھەمرايى» تەخەللۇسىدا «ھەمرانى غەزەللىرى»نى تاماملىغان. «ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە»، «شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا–ئۇسسۇل سەنئىتى» ناملىق خاس تەتقىقات كىتابلىرىنى پۈتتۈرگەن.
1978–يىلى پارتىيە 11–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3–ئومومىي يىغىنىدىن كېيىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن سىياسىي جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەم خاتا «ئوڭچى» قىلىنغان دېگەن خۇلاسە بىلەن ئاقلانغان. 20 يىللاپ داۋاملاشقان خورلۇق، 20 يىللاپ تارتقان دەرت–ئەلەم، 20 يىللاپ تۆلەنگەن بىھۇدە بەدەل ئاخىرلىشىپ مائاشى، خىزمىتى، پارتىيەلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. يېڭى ھاياتقا ئېرىشكەن بۇ ئالىم سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن تەگكەن پۇلغا ئالدى بىلەن بىر داس، ئىككى چېلەك سېتىۋالغان.
ئوقۇتۇش مۇنبىرىدىن، ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدىن توپ–توغرا 20 يىل ئايرىۋېتىلگەن بۇ ئالىم 45 ياشقا تولغاندا ئوقۇتۇش مۇنبىرىگە قايتا چىقىپ دەرس ئۆتۈش، ئىلمىي تەتقىقات، بەدىئىي ئىجادىيەت ئىشلىرىنى ئاشكارا ئېلىپ بېرىش بەختىگە مۇيەسسەر بولغان.
1980–يىل ئۇ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ، «ئومومىي ئېستېتىكا» دەرسىنى تەسىس قىلىپ ئۆتۈشكە كىرىشكەن. ئۇنىڭ كىتاب، ماقالە، رۇبائىي ۋە شېئىر–غەزەللىرى ئارقا–ئاقىدىن ئېلان قىلىنىپ زىيالىيلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا «ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قىزغىنلىقى»نى قوزغىغان. ئىلىم ساھەسى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىڭ ئارقىمۇ–ئارقا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئوقۇپ ئۆگەنگەن. 1983–يىلى ئۇ ئايالى بىلەن بىرگە ئاتا–ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ئۈچ ئاي ساياھەتتە بولغان. 1986–يىلى ئۇ ياپونىيەدە ئىلىمىي زىيارەتتە بولۇپ «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يىتۈك قامۇسى —‹قۇتادغۇبىلىك›» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن. 1991–يىلى يازدا چوڭ ئوغلى ئەنۋەرنىڭ تويىنى قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن تاشكەنتكە چىقىپ ئۈچ ئاي تۇرغان. ئالىم ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قىلغان ئاشۇ ئىككى قېتىملىق سەپىرىدە، ئوخشاشلا پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ۋاقىتنىڭ كۆپ قىسمىنى كۇتۇپخانىلار، كىتابخانىلار، موزىيلار ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزنالىرى قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈپ، كۆپ ئىزدىنىپ ئۆز بىلىمىنى يەنىمۇ تولۇقلىغان ھەمدە كېيىنكى تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ماتېرىياللارنى توپلىغان. 1980–يىللاردا ئۇنىڭ 200پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى، «ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە»، «شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا–ئۇسسۇل سەنئىتى»، «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى»، «ئومومىي ئېستېتىكا»، «چوغلۇق»، «رۇبائىيات–1»، «رۇبائىيات –2»، «قارلىق تاغ شەجەرىسى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان.

1988–1991–يىللار ئارىلىقىدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ دۇنيا قارىشىغا، قىممەت قارىشىغا، خىزمىتىگە، تۇرمۇشىغا، كىشىلىك مۇناسىۋىتىگە داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن بىر قاتار چوڭ–كىچىك ئىشلار يۈز بەردى. ئۇ گاڭگىرىدى، تېڭىرقىدى، ئويلاندى، ئىزدەندى. ئۆزىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدىكى بىر قۇرغاقچىلىقنى ھېس قىلدى، كىرىزىس تۇيغۇسى ئۇنى چىرمىۋالدى. بۇ جەريان 3–4 يىل داۋام قىلدى. مۇشۇ جەرياندا يازغان، ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىدە بۇ ئەھۋال روشەن ئەكس ئەتتى. 1990–يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ «قاسراق» تاشلىغان، ئوتتۇز–قىرىق يىللىق ئېزىقىشلاردىن قۇتۇلۇشقا يۈزلەنگەن، دۇنيا قاراش ۋە قىممەت قارىشى جەھەتتە بۇرۇلۇش ياسىغان مىللىي ئۆزلۈك ئېڭىغا ئىگە يېڭى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن كىتابخانلار ئالدىدا نامايەن بولۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ تەتقىقات، ئىجادىيەت ئىشلىرى يېڭىباشتىن جانلىنىپ، ماقالە–ئەسەرلىرى ئارقىمۇئارقىدىن ئېلان قىلىندى. خۇددى، 60 ياشقا تولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ مەنىۋى مۇساپىلىرى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ھاياتىنى سەمىمىي رەۋىشتە خۇلاسىلەپ يازغان «ئۆمۈر تەلقىنلىرى» ناملىق ئېسىل ماقالىسىدە كۆرسەتكىنىدەك، بۇ يىللاردىكى ئىجادىيىتىدە «بىر چاغلاردا تۇتىيا بىلىپ قاتتىق چاڭگاللىۋالغان نەرسىلەرنى پىرقىرىتىپ تاشلاشقا، پىداكارلىق قىلغان ئەقىدىلىرىدىن قاقاقلاپ كۈلۈشكە» باشلىدى.
ئۇنىڭ بۇ يىللاردا ئېلان قىلغان «روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى»، «ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار»، «ئارىفنامە»، «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»، «يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت» قاتارلىق ئېسىل ماقالىلىرى ۋە «سىكتاي–ساك–ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم–كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق»، «ئۇيغۇر ئەجدادلىرىدا مەي مەدەنىيىتى»، «ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى غەربىي يۇرت ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخىي ئۇچۇرى»، «ئەلىشىر نەۋائىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى»، «ئون ئىككى مۇقام ۋە نەۋائىخانلىق ئەنئەنىسى»، «نورۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا»، «ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقىي تەتىقاتچىنىڭ بۇرچى» قاتارلىق كۆپلىگەن ئىجتىمائىي مۇلاھىزە ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى ئىجتىمائىي ھاياتىمىزنى چۈشىنشتە ۋە مەدەنىيەت تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشتا يېڭى يول ئېچىپ بەردى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بۇ يىللاردا نەشرىيات ئورۇنلىرى ئالىمنىڭ كىتابلىرىنى نەشر قىلىشقا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرەلمىدى. شۇڭا، ئۇ بىر قىسىم ماقالىلىرىدە بۇ جەھەتتىكى نارازىلىقىنى تىلغا ئالدى. ھەقىقەتەنمۇ بۇ مۇنەۋۋەر ئالىمنىڭ ئاشۇ يىللاردا يازغان ۋە تۈزەتكەن «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، «غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى»، «‹قۇتادغۇبىلىك› خەزىنىسى»، «ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»، «سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى» قاتارلىق كاتتا ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بىر–بىرلەپ نەشر قىلىندى. «بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە»، «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش»، «سوغدىلار ۋە ئۇنىڭ ئېتنىك ۋارىسىلىرى توغرىسىدا»، «چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيەلىك ئۇقۇم دائىرىسى» قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىسىمۇ گېزىت–ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىغا يېپيېڭى تۈس قوشتى. كىشىلەر ئەنە شۇنىڭدىن كېيىنلا چوڭقۇر سېغىنىش ھېسسىياتى بىلەن بۇ ئەزىمەت ئالىمنىڭ ئۆز خەلقى ئۈچۈن قانچىلىك زور ئىلمىي ئەمگەك قىلغانلىقىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتىشتى. سانىساق بارماق توشقۇدەك ئالىمى بولمىغان ئۇيغۇرلا ئەنە شۇ چاغدىلا ئەرەبلەرنىڭ «بىر ئالىمنىڭ قازا تېپىشى، بىر كۇتۇپخانىنىڭ كۆيدۈرۈلگىنى بىلەن باراۋەر!» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزىنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشتى.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئۆتمۈشتىن بۇيانقى بارلىق مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى، جۈملىدىن تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيىتى تارىخىدا تۇتقان نەمۇنىلىك، يادرولۇق ئورنىنى ھەم يېتەكچىلىك ئورنىنى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرىنى ئەمەلىي پاكىت ۋە نەزەرىيەۋى ئاساسلار بىلەن يورۇتۇپ بېرىشنى ئۆز تەتقىقاتىنىڭ ئاساسىي نىشانى ۋە تۈپ ۋەزىپىسى قىلدى. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى تولىمۇ كەڭ، مەزمۇنى ناھايىتى مول بولۇپ، ئەدەبىيات، پەلسەپە، تارىخ، مۇقام، سەنئەت، ئېستېتىكا، فولكلور، دىن، مائارىپ، تېبابەتچىلىك، تىل، ئارخېئولوگىيە قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنداق زور ئەمگەك ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمۈر سەرپىياتىنىڭ تىنىم تاپماي ئۆگىنىش، ئىزدىنىش، پىكىر قىلىش، يېزىش ھالىتىدە تۇرۇشىنى تەلەپ قىلاتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ شۇنداق ياشىدى ۋە ھەم شۇنداق ئۆزگىچە خاراكتېرنى شەكىللەندۈردى. ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشتىكى كۈچلۈك خاراكتېرى، ھاردىم–تالدىم دېمەي ئىزدىنىش روھى، مىللىي مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاشتەك پىداكارانە خىسلىتى ۋە ئۆتكۈر زېھنىي قۇۋۋىتى ئۇنى ئۆز مىللىتى ئىچىدىكى زامانداشلىرىنىڭكىدىن سان ۋە سۈپەت جەھەتتە كۆپ ئارتۇق بولغان زور بىر تۈركۈم ئىلمىي ۋە بەدىئىي ئەسەرلەرنى يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ۋە «ئىزچى» (يول ئاچقۇچى) ئالىم بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى، تالانتلىق ئەدەبى، تۆھپىكار باغۋىنى، مول مېۋىلىك پىروفېسسورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ بىر تالاي يازمىلىرىنى، گۈزەل ئارزۇ–ئارمانلىرىنى خەلقىگە قالدۇرۇپ، 1995–يىلى 2–ئاينىڭ 27–كۈنى زىققا كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىش سەۋەبى بىلەن 62 يېشىدا بۇ ئالەم بىلەن خەيىرلەشتى. بۇ جۇدالىقنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى خەلقىمىز يىللار ئۆتكەنسېرى تېخمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتا. (يالقۇن روزى  2001 - يىل)
A@NX2CIWW$6~EJSW713}9}A.png
uyghuray

4

تېما

4

دوست

2757

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23502
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 892
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-30 07:48:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ .
تۆھپىلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپتۇ .

1

تېما

0

دوست

6317

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41175
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1861
توردىكى ۋاقتى: 270
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-30 09:29:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئالىم ماركىسىزمغا ئەسەبىيلەرچە بېرىلىپ كەتكەن. لېكىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا توغرا يولنى تاپقان.

4

تېما

52

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3854
توردىكى ۋاقتى: 1256
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-30 10:25:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ماركىسىزىم كىمنىڭ نىمىسىگە زىيانلىق قىلغان بولغۇيتتى ...؟ماركىسىزىم 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ دۇنيا قاراش ھەم پەلسەپىۋى قاراش بولۇپ ،دۇنيانىڭ ئۈچتىن بىرقىسىم نوپۇسى ماركىسىزىملىق دۇنيا قاراشقا ئىگە ئىجدىمائى جەمىئەت قۇرۇپ چىققان  .
    ئا.مۇھەممەتئىمىننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەسەرلىرى جەمىئەت تەرىپىدىن سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان .بۇ ئەسەر ۋە قەلەمكەشتىكى خاتالىق بولماستىن سىياسىي ھۇشيارلىقى ئۈستۈن زىيالىيلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئىدى .بىلسەك سۆزلەيلى ،لىكىن بىر كىشىنىڭ ئەسىرىنى ئەسەبىيلەرچە دىگەن ئىنكار ۋە كەمسىتىش مەنىسىدىكى سۆزلەر بىلەن خاتا ئىقىم پەيدا قىلمايلى .ئا.مۇھەممەتئىمىن 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ئۇيغۇر يازغۇچى ،پەلسەپەچى بولۇپ قالدى .ھىلىمۇ ھەم  ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشىنەلەيدىغان ئاڭغا ئىگە كىشىلەر ئىنتايىن ئاز ،بۇ ئەسەرنىڭ غايىۋىلىكىدىن ئەمەس بەلكى كۆپىنچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيە -ئاڭ جەھەتتىكى بىكىنمىچىلىكى .
uyghuray

25

تېما

2

دوست

5145

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9423
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 678
تۆھپە : 1152
توردىكى ۋاقتى: 417
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-30 20:32:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئالىم ماركىسىزمغا ئەسەبىيلەرچە بېرىلىپ كەتكەن. لېكىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا توغرا يولنى تاپقان.
......................................................
شۇنداق...... ھاياتىنى ماركىززىم ئىددىيسىنى تەتقىق قىلىشقا ئاتىغان بۈيۈك ئالىمىز.....كومراجىۋا ئۈچۈنمۇ كۆپ ۋاختىنى سەرپ قىلغان .

0

تېما

0

دوست

6316

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30184
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1870
توردىكى ۋاقتى: 341
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-30 21:37:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baturkarahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-30 21:39  

شۇنداق...... ھاياتىنى ماركىززىم ئىددىيسىنى تەتقىق قىلىشقا ئاتىغان بۈيۈك ئالىمىز.....كومراجىۋا ئۈچۈنمۇ كۆپ ۋاختىنى سەرپ قىلغان
--------------------
سىلەرنىڭ بىر ئالىمدىن قۇسۇر تاپقىدەك بۈيۈك ئەمگەكلىرىڭلا بولسا ،ئۇنى خەلقىمىز ئىتىراپ قىلغان بولسا مەيدانغا چىقارساڭلا بوپتىكەن.ماركىسىزىم ھازىرمۇ دۆلىتمىزنىڭ سىياسىي ئاساسى،ئۇنىڭدىن چەتنىگەن ھەرقانداق ئىدىئولوگىيەپەنلرى تەتقىقاتچىلىرى ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدۇ.بۇ توغۇرسىدا گەپ يورغىلاتماي بۈيۈك ئالىممىزنىڭ ئەمگەكلىرىدىن سۆيۈنسەك بولىدۇ. كومراجىۋانىڭ بۈيۈك ئەمگەكلىرىنى تەتقىق قىلىپ خەلقمىزگە تونۇشتۇردى بۇنىڭ نېمىس يامان؟ ئالىم ئالىمنى قەدىرلەيدۇ،ئۇنىڭدىن سۆيىنىدۇ،ئۆزىگە ئۇستاز تۇتىدۇ.ئەجدادلىرىمىزدىن چىققان ئالىملارنى بىلىش، ئەسلەش، پەخىرلىنىش،ئۆرنەك قىلىش مىللەتنىڭ بۈگۈنكى ياش ئەۋلاتلىرىنىڭ باش تارتىپ بوللمايدىغان بۇرچى.ئۆز مىللىتىنىڭ ئالىملىرىدىن قۇسۇر ئىزدەش،ئۇنىڭدىن چېنىش،نەپىرەتلىنىش.تۆھمەت چاپلاش ئاسىي ئەۋلادنىڭ ئىشى.

0

تېما

0

دوست

565

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  42292
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 164
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-1 12:27:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://bbs.anatuprak.cn/read.php?tid=14813
《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتى》نىڭ زۆرۈرلىكى ۋە ھازىرغىچە ئالىم توغرسىدا ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقا

0

تېما

0

دوست

565

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  42292
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 164
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-1 12:31:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )