قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2047|ئىنكاس: 30

دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

226

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 25
مۇنبەر پۇلى: 562
تۆھپە : 4236
توردىكى ۋاقتى: 293
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-29 13:21:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-29 13:24  

دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى



شۆھرەت مۇتەللىپ ئامېرىكا بىئولوگىيە ئالىمى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئامېرىكا ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستېتى "تۆرەلمە ھۈجەيرە ۋە گېنىتىكىلىق داۋالاش تەتقىقات مەركىزى"نىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ خوندىرىئوسوملۇق ئېرسىي كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇلىنى بايقىغانلىقى ۋە ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى تۇنجى قېتىم مۇۋاپىققىيەتلىك كلونلاپ چىققانلىقىدەك زور ئىلمىي بايقاشلىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان.  
شۆھرەت مۇتەللىپ 1961-يىلى قازاقىستاندا ئۇيغۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە بالىلىق دەۋرىنى ئالمۇتادا ئۆتكۈزگەن. 1979-يىلى سوۋېت ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، ئۇدا ئىككى يىل ئارمىيەدە رادىئو تېخنىكى بولۇپ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئارمىيەدىن قايتقاندىن كېيىن، ئۇ موسكىۋادىكى تىمىريازېۋ يېزا-ئىگىلىك ئۇنىۋېرستېتىدا گېنىتىكا كەسپىدە ئوقۇغان ۋە بۇ مەزگىلدە بىر بىلۇز مۇزىكا ئەترىتىدە گىتتار چېلىپ تۇرمۇشىنى قامدىغان. ئۇ 1989-يىلى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن، موسكىۋادىكى مېدىتسىنا گېنىتىكىسى تەتقىقات مەركىزىدە دوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرگەن. دوكتورلۇقنى تامامىلىغان مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇ ئالدى بىلەن گېرمانيەگە زىيارەتچى تەتقىقاتچى بولۇپ بارغان، ئۇزۇن ئۆتمەي 1995-يىلى  ئامېرىكا يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرستېتىغا كىلىپ پوستدوكتورلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ بۇ يەردە 3 يىلغا يېقىن ئىشلىگەن بولۇپ، ئاساسلىقى كالا غول ھۈجەيرىسى ۋە كلونلاش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1998-يىلى ئورىگون ساغلاملىق ئۇنىۋېرستېتىغا قاراشلىق ئورىگون دۆلەتلىك پىرىماتلار تەتقىقات مەركىزىگە كىلىپ مايمۇن غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا كىرىشكەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ ئىزچىل مەزكۇر ئۇنىۋېرستېتتا ئىشلەپ كەلگەن ۋە 2007-يىلىدىن باشلاپ پىروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنغان.

دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئاساسلىق نەتىجىلىرى ۋە شەرەپلىرى:

1. 2007-يىلى تۇنجى بولۇپ مايمۇن غول ھۈجەيرىسىنى كلونلاپ چىققان ۋە بۇ تەتقىقاتى ئامېرىكا دەۋر ژۇرنىلى تەرىپىدىن شۇ يىللىق "مېدىتسىنادىكى 10 چوڭ بۆسۈش" نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
2. 2009-يىلى تۇنجى بولۇپ ئانا تۇخۇم ھۈجەيرىسىدە خوندىرىئوسوم ئالماشتۇرۇشنى مايمۇندا مۇۋاپىققىيەتلىك سىناق قىلىپ، تۇنجى 3 ئەجدادتىن تۇغۇلغان ۋە خوندىرىئوسوملۇق ئېرسىي كېسەللەردىن خالىي مايمۇننى يېتىشتۈرگەن. بۇ تېخنىكا دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ساغلام پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسىدىكى ئاتا-ئانىلارغا ئۈمىد ئاتا قىلغان.
3. ئورىگون شىتاتلىق مېدىتسىنا تەتقىقات فوندىنىڭ 2010-يىللىق "بايقاش مۇكاپاتى" غا ئېرىشكەن.
4. 2013-يىلى تۇنجى بولۇپ ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى مۇۋاپىققىيەتلىك كلونلاپ چىققان. بۇ دەۋىر بۆلگۈچ بايقاش ئامېرىكا دەۋر ژۇرنىلى، بايقاش ژۇرنىلى، دۆلەت جۇغراپىيىسى قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن "2013-يىللىق 10 چوڭ بۆسۈش" نىڭ بىر بولۇپ باھالانغان.
5. دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ 2013-يىلى دۇنياغا مەشھۇر تەبئىي پەن ئىلمىي ژۇرنىلى - "تەبىئەت" تەرىپىدىن باھالاپ چىقىلغان شۇ يىلىدىكى دۇنيادىكى "تەسىرى ئەڭ زور 10 ئالىم" تىزىملىكىدە 4-ئورۇنغا تىزىلغان.   
6. دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللار ھېسابلىنىدىغان "تەبىئەت"، "ھۈجەيرە"، "ئىلىم-پەن"، "ھۈجەيرە غول ھۈجەيرە" قاتارلىق داڭلىق ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ماقالىلىرىنىڭ باشقا تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن نەقىل ئېلىنىش قېتىم سانى 2500 قېتىمدىن ئېشىپ ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىنىڭ زور پايدىلىنىش قىممىتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
7. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ھازىرغىچە داڭلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن CNN، CBS، ABC قاتارلىقلاردا، دۇنياغا داڭلىق مەتبۇئاتلاردىن دەۋر ژۇرنىلى، بايقاش ژۇرنىلى، بۈگۈنكى ئامېرىكا، بۈگۈنكى ئىلىم-پەن، ئىقتىسادشۇناس، نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى، ۋاشىڭگىتون پوچتا گېزىتى، لوس ئانژىلىس ۋاقىت گېزىتى، ئەنگىلىيە ھەپتىلىك خەۋەرلەر گېزىتى... قاتارلىقلاردا كۆپ قېتىم تونۇشتۇرۇلغان.

يۇقارقىلاردىن باشقا، دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ ئامېرىكا ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ئامېرىكدىكى ئەڭ زور تەتقىقات مەبلىغى تەمىنلەش ئورگانلىرىنىڭ تەتقىقات فوندى قارارىنى چىقىرىدىغان كۆپلىگەن كومېتىتلىرىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ۋە "تەبىئەت"، "تەبىئەت بىئو-تېخنىكىسى"، "غول ھۈجەيرە" قاتارلىق خەلىقئارادىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ تەھرىرلىكىگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ زامانىمىزدا دۇنياغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئالىملارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئەڭ داڭلىق تەبئىي پەن ئالىمدۇر.

تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت بىلگە (بىلگەجان)
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى (ئامېرىكا)


مەنبەلەر:
http://www.ohsu.edu/xd/research/centers-institutes/embryonic-cell-gene-therapy-center/
http://www.wweek.com/portland/article-23100-splice_of_life.html
http://www.sciencemag.org/content/342/6165/1436.1.full
http://healthland.time.com/2013/ ... ical-breakthroughs/
http://www.nature.com/news/365-days-nature-s-10-1.14367
http://discovermagazine.com/gall ... f-2013#.Uqn_CtJDs1I
http://news.nationalgeographic.c ... istory/#close-modal
http://www.ohsu.edu/xd/research/ ... tists/mitalipov.cfm
http://www.kongress.stammzellen. ... 11/CV_Mitalipov.pdf
http://www.latimes.com/science/s ... 20150715-story.html


uyghuray

0

تېما

18

دوست

8351

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36797
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 2696
توردىكى ۋاقتى: 268
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-29 13:51:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ،ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى تىلەيمەن!

0

تېما

7

دوست

3266

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33796
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 998
توردىكى ۋاقتى: 253
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-29 14:08:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئەجىرىڭىزگە .ئاللاھ ھەمىڭلەرگەئىشلارنى ئۇتتۇقلۇق قىلسۇن.

1

تېما

3

دوست

4689

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23932
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1446
توردىكى ۋاقتى: 234
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-29 14:54:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(بۇ مەزگىلدە بىر بىلۇز مۇزىكا ئەترىتىدە گىتتار چېلىپ تۇرمۇشىنى قامدىغان.)

‹‹چولپان›› چۈشىدىن ۋاقتىدا ئويغۇنۇپ، ھەقىقى چولپان بوپتۇ! نوبىل ساھىبى بولىشىغا ئىشىنىمەن.
uyghuray

0

تېما

15

دوست

8346

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   66.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36733
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 2700
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-29 15:31:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   burkut222 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-29 15:32  

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن شۆھرەت مۇتەللىپكامدەك ئالىملىرىمىز نىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ  يىتىشىپ چىقىشىنى ھەمدە  يېقىن كەلگۇسىدەئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدىن  نوبىل مۇكاپات  ساھىبى چىقىشىنى ئاللا ھتىن تىلەيمەن ! ا   

0

تېما

1

دوست

4070

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23614
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1322
توردىكى ۋاقتى: 201
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-29 18:25:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئەڭ داڭلىق تەبئىي پەن ئالىملىرىنىڭ بىرى دىسەك توغرا بولارمىكىن ،چۈنكى ئوخشىمىغان كەسىپلەردە ئۇتۇق قازانغانلارمۇ بار. بىزنىڭ ئالىملىرىمىز بەك بەك بەك ئاز ،شۇڭا بۇ ئاز ئالىملەرنى يەنە دەرجىگە تىزمىساق دىگەن ئۈمىتتىمەن.

0

تېما

2

دوست

654

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  42376
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 192
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-29 20:37:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە يىللار بۇرۇختۇم بولغان ئىدىم، سەگىدىم
يول تاپالماي ئازغىشىپ يۈرگەن ئىدىم سەگىدىم
تەلەي تىلەپ ھەتتا پال سالغان ئىدىم،سەگىدىم
گاھ ئەرەبى، فارىسى بولغان ئىدىم، سەگىدىم
ئەجىر قىلىپ پەن ئۈچۈن يۈزىمىزنى يۇرۇتتۇڭ
ھەيدەپ تۈمان يول ئېچىپ بەرگەن ئىدىڭ سەگىدىم
قۇت چۈشمەسكەن ئاسماندىن تىرىشمىساق بىكاركەن
مىڭ تائەتتىن بىر ئەمەل ئەلا ئىكەن، سەگىدىم
قۇرۇق دۇئا كار قىلسا دىۋانىلەر باي ئىدى
تىرىشمىساق باشقىسى بىكار ئىكەن سەگىدىم.
يېڭى يولغا باشلىغىن بۇ قەدىمى مىللەتنى
ئەمدى ئاچاي ئۇيقۇمنى كەلگەن ئىدىڭ سەگىدىم

ئالىمىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇيقۇسىز كىچىلەردە يېزىلدى.
مىلادى 2015-يىل 29-ئاۋغۇسىت

0

تېما

0

دوست

2608

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35733
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 818
توردىكى ۋاقتى: 192
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-29 22:10:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادىل يوللىغان ۋاقتى  2015-9-29 18:25
مىنىڭچە ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئەڭ داڭلىق تەبئىي پەن ئال ...

قوللايمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )