قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 998|ئىنكاس: 6

بىزنىڭ ۋاقىت ئېڭىمىز زادى قانچلىك"

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

5

دوست

8148

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   62.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 615
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 158
تۆھپە : 2381
توردىكى ۋاقتى: 571
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-2 22:55:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ۋاقىت ئېڭىمىز زادى قانچلىك"

پەرھات ئەمەتجان كۈچلەن


مېنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ۋاقىت ئېڭى توغرسىدا توختىلىشىم ئەگەر توغرا قوبول قىلىنمسا چوقۇم نۇرغۇن تەنقدىلەرگە دۇچاربولىمەن.بۇنىڭ سەۋەبى   ئوموملاشتۇرۇش خاھىشى كىشلەرگە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىدۇ، ۋە قىسمەن خاتالىقتىن ساقلانغىلىمۇ بولمايدۇ شۇنداقتىمۇ بىزنىڭ يەنىلا مەسلىنى ئوتتۇرغا قويۇش ئەركىنلىمىز بار ئەلۋەتتە.ۋاقىت ھەققىدە بىزنىڭ كىلاسكلىرىمىزنىڭ شۇنداق چوڭقۇر مەنلىك ھېكىمەتلىك  بايانلىرى بولغان ئىكەن،ۋاقىت ھەققىدە ل .مۇتەللىپقا ئوخشاش شائىرلىرىمىز تېخى 20 يېشدىلا قالتىس مەنلىك مىسرالارنى يېزىپ قالدۇرغان دېمەك بۇلار بىزنىڭ ۋاقىت ھەققىدە خېلى ئىزدەنگەن خەلق ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. .ۋاقىت ھەققىدە ھازىرقى دەۋرىدە بىزنىڭ زىياللىرىمىز خېلى كۆپ قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويغان بولدى. لىكىن   بىزدە  يەنىلا ۋاقىت ھەققىدە ئېنىق  قاراش مەۋجۇت ئەمەس.مەن مۇشۇ كەمگىچە ۋاقتىنى ئالتۇندەك قىممەت بىلدىغان بىرمۇ  ئادەمنى  ئۇچراتىمىدىم.لىكىن نۇرغۇن ئىشلارنى ئورۇندىيالمىغان ھەمدە " ۋاقتىم يوق" دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن  كىشلەرنى جىق ئۇچراتتىم. مەن كىشلەرنىڭ ۋاقىتنى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا سەرىپ قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ھەقىقى سەۋەبنى بىلىشكە بەكمۇ قىزىقىپ قالدىم ھەمدە نۇرغۇن كىشلەردىن ئۇلارنىڭ ۋاقىتقا زادى قانداق قارايدىغانلىقىنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ بېقىش ئارزۇيۇم بار ،مېنڭچە بۇ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش .
    ۋاقىت قارىشىمىزنىڭ  قانداق بولۇشى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئاساسى،ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ۋاقىت قارىشى سۇس بولسا ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشلىرى چوقۇم ئالغا باسمىغان بىر خىل تۇرغۇنلۇق ئىچىدە تۇرۋاتقان ديېشىكەبولىدۇ. تۆۋەندە مەن ۋاقىىتقا بولغان  ئىسراپچلىقنىڭ بىر قسىم تۈرلىرنى كۆرستىپ ئۆتمەكچى:1كىشلەر بىلەن بىېھۇدە پاراڭلىشىپ ئىسسراپ قىلىدىغان ۋاقىت، 2.مۇراسم باشلانغۇچە كۈتۈپ ئۆتكۈزگەن ۋاقىت،3.،تېلىۋوزور ئۇزاق كۆرۇپ ئىسراپ قىلىدغان ۋاقىت، 4ئۇزاق تاماقلىنىش جەريانىدا ئىسراپ قىلىنغان ۋاقىت، 5.تېلفوندا پاراڭلىشىپ ياكى ئۇندىدار  ئويناپ ئىسراپ قىلدىغان ۋاقىت  ،،،يۇقارىقىلار ھازىر كشىلەردە كۆپرەك كۆرۇلۋاتقان ۋاقىت ئىسراپچلىق ھادسىلىرى،ئۇنىڭ تېخمۇ كۆپ تۈرلىرىنى كۆپچلىك تېخىمۇ ئېنىق بىلسە كېرەك. بۇلارنىڭ  ھەممىسى ۋاقىتنىڭ قىممىتنى تونوپ يەتمىگەنلىكتىن بولىۋاتقان ئىش. خەلقىمىز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىغىلى مىڭ يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ،ھەر بەش ۋاق نامازنىڭ ۋاقتى سائەتلىرى بەلگىلەنگەنلىكى،بۇنىڭغا رېئايە قىلىشى كېر ەكلىكى كىتابلاردا قەيىت قىلىنغان بولسىمۇ لىكىن نېمشقا ۋاقىت ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگەبولمىغانلىقىمىز ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. چۈنكى ۋاقىت پۇرسەت ،ۋاقىت مۇشۇ دۇنيادا ئىنسانلارغا بېرىلگەن ياشاش مۇددىتى ،ئۇنى ھەركۈنى  قانداق ئۆتكۈزۇش بىزنىڭ قولىمىزدا. مېنڭچە بالىلارغا نۇرغۇن جەھەتلەردە بىلىم بەرگەن ساۋادىنى چىقارغان  بولساقمۇ ۋاقىت ساۋادىنى چىقارمىدۇق. بىز نىڭ بالىلار كارتونلىرن فىلىملىرىىمىزنىڭ ئىچىدە كۆپىنچە ئەقىل- پاراسەتلىك بولۇش، يالغان سۆزلىمەسلىك قاتارلىق ئەخلاقى مەزمۇنلار كۆپ بولسىمۇ شۇ قاتارىدا ۋاقىت ھەققىدىكى يەنى  ۋاقىتنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى،ئۇنىڭ قەدىرلەش ،قالايمىقان ئۆتكۈزمەسلىك توغرسىدا مەزمۇنلارنى ئۇچراتىمىدىم. بالىلارنىڭ ۋاقتىنى ھېسابلاشقا چولىمىز ئەلۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ ۋاقتىنى تۈزۈك ھېسابلىمىغان،ئېتىبار قىلمغان يەردە  ئۇلارنىڭ ھەربىر كۈنى ئويناش بىلەن ئۆتۈپ كەتسە ھېچقىسى يوق. ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق ئادەتلىرى مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئىلغار بولۇپ  باھالانغان بىلەن ۋاقىتنى  قەدىرلەش نۇقتىسدىن  ئالساق ئۇ بىر ئىسراپلىقتىن ئىبارەت ،ئۇيغۇرلارنىڭ توي تۈكۈن نەزىر چىراقلارمۇ مۇئەييەن نۇقتىدىن ۋاقىت ئىسراپچلىقنىڭ ئەزىز مەيدانىدۇر. شۇڭلاشقا بىز ئەمدىكى كۈنلىرىىمىزدە بىر ئاز ئويلىنىش ئارقىلىق  قانداق شەكلىدە تويلارنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ۋاقىت جەھەتتىن قىسقارتىش ئېلىپ بېرش كېرەكمۇ يوق؟ دېگەنلەرنى سىناپ تەجرىبە قىلىپ باقساق ئەلۋەتتە بولىدۇ. دۇنيادا قېلىپلىشىپ قالغان نۇرغان ناچار ئادەتلەر،قاملاشمىغان مۇراسملار مەۋجۇت،بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەردە مەۋجۇت ،گەپ قانداق قىلىپ ئەقىل قوبول قىلغۇدەك دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇرۇش ھازىرقى زامان كىشلىرگە خاس ئاڭ بولۇپ قالغۇسى.(بۇنىڭ مەدەنىيەتتىكى  مەۋجۇتلۇق بىلەن ئانچە چوڭ تەسىرى يوق بەلكى پايدلىق.)نىشان،پىلان ئېنىق بولغان ھېچ بولمسا شۇنداق خىيالى ئوربىتا كاللىسدا شەكىللەنگەن ئادەملەر ۋاقىتنى مەلۇم نۇقتىغا يىغىنچاقلايدۇ،ئۇنىڭ ئۈچۈن قان -تەر ئاققۇزىدۇ، بىكاردىنلا باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى تالان  تاراج قىلىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ،  ۋاقىت ئىڭى تۆۋەن كىشلەردىن تەشكىل تاپقان  جەمئىيەت ئالدى بىلەن باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئالىدۇ،بۇنداق جەمئىيەتتە كىشلەرنىڭ ۋاقىت ھوقوقى نەزەرگە ئېلىنمايدۇ،ئەھمىيەتىسز يىغلىش ۋە يىغىنلار ،ئۇزۇن نۇتۇقلار،لىكىسيلەر سۆزلىندۇ ،ھاياجان بىلەن ئىش قىلىندۇ ، ئىشلارنىڭ تەرتىپىنى كەينىگە سۈرۈشكە مايىل كېلىدۇ،بىرەر كەسپىتە نەتىجە ياراتماقچى بولغان ئادەم ئەڭ ئاۋۋال ۋاقىتنى ھېسابلايدۇ ئۆزنىڭ ھازىر نەچچە ياش ئىكەنلىكنى ،ھازىر قايسى يىل  قايسى ئاي كۈن ئىكەنلىكىنى،كالىندارنىڭ ئۆيىدە بار يوقلىقىنى قولىدا سائەت بار يوقلىقىنى، ئەتىگەن سائەت نەچچىدە ئورندىن تۇرسا بولىدىغانلىقى ،كېچىدە قانچىدە چوقۇم ئۇخلشى كېرەكلىكىنى،خىزمەتتىن باشقا ۋاقىتلاردا نېملەرنى قىلىشى كېركلىكىنى چوقۇم ئويلىشىپ پىلان تۈزىدۇ. ئەگەر ۋاقىت ھەققىدە ھېچقانداق پىلان لايىھىسى ،ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىگە بولمىغان ئادەم بولسا ھازىرقى دەۋرىدە ئېنىتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا ياشاۋاتقان بولىدۇ. بىزنىڭ ئىلىم  ساھەسىدىمۇ ئاز تولا ۋاقىت ئىسراپچلىقى مەۋجۇت بولۇپ  تۇرماقتا. ئۇ بولسىمۇ غوللۇق ئىلىمى تەتقىقاد ئۈستىدە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىزدەنمەي،دائىملا مەلۇم بىر خىل ئىدىيە مەلۇم بىر خىل قاراش ۋە پەن ھەققىدە مۇنازىرىنىڭ قانات يېيشى يەنە كېلىپ بۇنداق مۇنازىرلەرنىڭ توردا ئېلىپ بېرىلىشىدۇر. ۋاقىت تور ئالدىدىمۇ ،ھاجەتخانىدىمۇ ،بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدىمۇ ئاددى قىرائەتخانىدىمۇ ئوخشاشلا ئۆتۋىرىدۇ. ئۇ شارائىتقا ماكانغا بېقىپ ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.شۇنداق بولغاچقا ئەمەلىي قىممىتى تۆۋەن باشقىلارنىڭ دىققىتنى قوزغاشنى مەقسەد قىلغان بىر قىسىم ئىلىم پەن نامىدىكى مۇنازىرە ۋە مۇشائىرلەرنىڭ قىلىچە ئەھمىيتى يوق بۇ جەمئىيتىمىزدە ھەقىقى ئىلىم پەن،ئىجادىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشدىكى توسالغۇ ھېسابلىندۇ. ئىقتساد جەھەتتە  ئىگلىك تىكلمەكچى بولغان كىشى ھەدسىلا باشقىلارنىڭ ئاغزىغا قاراپ  باشقىلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىغىا قاراپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماستىن ئۆزى ئاۋۋال تىرشىپ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرشىشى ۋاقىت ئاجرىتىپ كۆپلەپ كىتاب ،كىشلەردىن تەجرىبە ئۆگىنشىى كېرەك. ھەرقانداق كەسپىتە غەلبە نەتىجىگە ئىرشمەن دەيدىكەنمىز قول سېلىپ ئىشلشىمىز يەنى ۋاقىت سەرىپ قىلىشمىز كېرەك. شۇ ۋاقىتلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ،ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىدىغان ئادەتلەر ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزىدىن ھازىردىن مۇشۇ مېنۇتتىن باشلاپ قەتئىى كېيچكىتۇرمەي قۇتۇلىشمىز  ۋاز كېچشىمىز كېرەك. مەن خېلى ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن  بىزدىكى بىر قىسىم ئىللەتلەرنىڭ ھېچقانچە تىلغا  ئالغۇچىلىقى يوق  ئىكەنلىكىنى بىزنىڭ تەرەققى قىلىشمىزغا ،زامانىۋىلىششقا پۇتىلىكاشاڭ بولىۋاتقان نەرسنىڭ دەل كىشلەرنىڭ ۋاقتىنى ھەقىقى قەدىرلمەيۋاتقانلىدىن بولىۋاتقانلىقىنى شۇڭلاشقا بىزدە  ماھىيەتلىك چوڭراق ئىلگىرلەشلەرنىڭ مەيدانغا كەلمەيلا قالماي ئەكسىچە يىللىقى  365 كۈن بولغان يەرشاردىكى بەزى تەرەققى قىلغان رايونلار بىلەن بولغان پەرقىنىڭ چوڭىيپ كېتىۋاتقلىقىنى،بۇنداق پەرقنىڭ  مىللەتلەرننىڭ جۇغراپيلىك جايلىشىشى ۋە خاراكىتىر ئالاھىدىلىكى ئەمەس بەلكى ۋاقىت ھەققىدىكى قاراشلىرى ئارىسدىكى پەرق ئىكەنلىكىنى     بۇنداق   تۇرغۇنلۇقنىڭ ۋاقىتتىن ئىبارەت قابىل ياردەمچىگە سەل قاراپ كەلگەنلىكىمىزنى ھېس قىلدىم.  بەزى چاغلاردا ئاز تولا مۇنازىرگە قىلىش ئارقىلىق بىزگە ئىقتساد ،ئىلىم پەن  ھەممىدىن مۇھىم دېدۇق بەزىدە سەنئەتنى سۆكتۇق لىكىن نېمەئۆزگىرىش يۈزبەردى،؟دۇنيادا بىز سەنئەتنى يامان دېگەن تۈپەيلى سەنئەتنىڭ كۇرسى چۈشۈپ بىر نەرسە بولۇپ كە تمىدى،ئۇنى نەرسىنى ئۇلۇغلاپ بۇ نەرسىنى سۆكۈش بىلەن دۇنيادا ئۆزگىرش بولمىدى، ئىلگىرلەش تېخىمۇ   بولمدى، دېمەك كىشلەرنىڭ ئىسراپ قىلىغنى ۋاقىت بولسا ، ئېتىراپ قىلىغنى يەنىلا  ئەمەلىيەت  بولدى.  يەنىلا يېڭلىق ھەقىقى ئىجادىيلىق بولدى ،ۋاقىت دۇنيانىڭ ئۇ بېشدىمۇ بۇ بېشىدىمۇ ئوخشاش بېرلگەن،نەتىجلەرنىڭ كۆپىنسى كىملەر قولغا كەلتۇردى؟ ئەلۋەتتە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قولغا چىققۇدەك بىر نەتىجە چىقارغۇچە باش چۆكۈرۇپ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ،ۋاقىتنى زىچ تەقسىملەپ ئۈن تىنسسىز ئىزدەنگەن ئادەملەر ،مىللەتلەر  قولغا كەلتۇردى.  ئەگەر بىز زامان تەرەققى قىلىمىز،كەسپتە نەتىجە قازىنمەن دەيدىكەنمىز ئۇنداقتا ئەڭ ئاۋۋال ۋاقىت ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگەبولايلى،ئۆزىمىزنىڭ ۋاقىت ئىڭىىمىزنى قايتا بىر دەڭسەپ باقايلى شۇندىلا بارلىق ئىشلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ چوقۇم غەلبە قىلالايمىز.چۈنكى ۋاقىت ئالدىمىزدا بىزگە قاراپ كەلمەكتە،دىمەك پۇرسەت يەنىلا بار.،،،،ھەر قايسى ساھەلەردە نۇرغۇن كىشلەرنىڭ مەغلۇبىيتى ھەققىدە ئويلىنىپ  باقىدىغان بولساق ئۇ دەل  ھەر بىر كۈنىمىزنىڭ تەرتىپسىز،پىلانسىزلىق ئىچىدە زىينىغا  ئۆتىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى  بىلىپ يېتەلەيمىز. ئەجىبا ئۇنداق ئەمەسما؟  
2015.10.2

0000000.jpg
uyghuray

0

تېما

0

دوست

3945

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32503
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1236
توردىكى ۋاقتى: 251
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-3 16:06:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى يىزىپسىز،مانابۇماقالە ئوقۇپ ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك ماقالىكەن.رەخمەت سىزگە.

0

تېما

0

دوست

33

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43760
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-3 16:44:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilimpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-3 16:49  

بىزنىڭ ئىلىم  ساھەسىدىمۇ ئاز تولا ۋاقىت ئىسراپچلىقى مەۋجۇت بولۇپ  تۇرماقتا. ئۇ بولسىمۇ غوللۇق ئىلىمى تەتقىقاد ئۈستىدە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىزدەنمەي،دائىملا مەلۇم بىر خىل ئىدىيە مەلۇم بىر خىل قاراش ۋە پەن ھەققىدە مۇنازىرىنىڭ قانات يېيشى يەنە كېلىپ بۇنداق مۇنازىرلەرنىڭ توردا ئېلىپ بېرىلىشىدۇر. ۋاقىت تور ئالدىدىمۇ ،ھاجەتخانىدىمۇ ،بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدىمۇ ئاددى قىرائەتخانىدىمۇ ئوخشاشلا ئۆتۋىرىدۇ. ئۇ شارائىتقا ماكانغا بېقىپ ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.شۇنداق بولغاچقا ئەمەلىي قىممىتى تۆۋەن باشقىلارنىڭ دىققىتنى قوزغاشنى مەقسەد قىلغان بىر قىسىم ئىلىم پەن نامىدىكى مۇنازىرە ۋە مۇشائىرلەرنىڭ قىلىچە ئەھمىيتى يوق بۇ جەمئىيتىمىزدە ھەقىقى ئىلىم پەن،ئىجادىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشدىكى توسالغۇ ھېسابلىندۇ.
بۇ گەپلەر بەك جايىدا ئېيتلىپتۇ،ھازىر ھەقىقى پەن ئۈچۈن ئىزدىنۋاتقان ئادەملەردىن ئۆگىنشىمىز كېرەك. دېمسىمۇ يېقىندىن بۇيان  ئا.م ئەپەندنىڭ پەيلاسوپ مەسلىسى،ئەلى قۇرباننىڭ لىكسىيسى،يەنە تۈرلى  تۈرلى ئىشلار ۋاقتىمىزنى ئەپ كەتتى،بۇنى كىم ھېسابلاپتۇ،قەلەم قۇۋۋىتڭىزغا ئاپىرىن قېرىندىشىم،،ھارماڭ
ۋاقىت گويا ئاتقان ئوق دەپتىكەن.،راست

0

تېما

1

دوست

3963

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33176
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 1230
توردىكى ۋاقتى: 361
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-3 17:32:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ما تېمىنىڭ قۇرۇلمىسى قىسقا بولغىنى بىلەن ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئوي- پىكىرلەر خېلى ۋەزىنلىك ئىكەن جۇمۇ .
uyghuray

0

تېما

0

دوست

2697

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43724
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 826
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-3 21:09:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ilimpan يوللىغان ۋاقتى  2015-10-3 16:44
بىزنىڭ ئىلىم  ساھەسىدىمۇ ئاز تولا ۋاقىت ئىسراپچلىقى مە ...

بىزلەردە قانچىلىق ۋاقت ئېڭى بولماقچى؟باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ،ئوتتۇرامەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋاختى قانچىلىك تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ،ئۇلارنىڭ ھازىرقى لاغايلاپ ئۆتكۈزۈۋەتكەن ۋاقىتلىرى تالاي تۇرسا،ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئاتا-ئانىسى ،مەكتەپ بىرلىشىپ مىنۇت سائەتلەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرسەك،توغرا ۋاقت ئېڭى يىتىلىدۇ.بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ۋاختىنى قانداق تەڭشىگەنلىكى يەنە بالىلارغا زور تەسىر ككرسىتىدۇ .زىيالىلىرىمىز تۈرلۈك ئولتۇرۇش،ئۇيۇن ،تاماشا،مىھماندارچىلىق،دېھقانلىرىمىز كۈنلەپ-كۈنلەپ تېلىۋۇزۇر كۈرۈش،غەيۋەت شىكايەت قىلىش ،كادىرلىرىمىز بولسا ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ ئايلاپ مائاش ئېلىش بىلەن ئۆكۈزسە .......

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   40.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1996
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6411
توردىكى ۋاقتى: 1679
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-4 10:41:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىت ئىسراپ قىلىش ھەقىقەتەن ئېغىر بۇلىۋاتىدۇ. بىز باشقىلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى سۆزلىىدۇق. لېكىن مۇشۇ ۋاقىت باشقۇرۇش جەھەتتە بىزگە  تۈزۈك بىر نەرسە يۇقمىدى. تېخى چەتئەلدە ئوقۇغان كىشىلەرمۇ قايتىپ كېلىپلا يەنە مۇھىتقا سىڭىپلار كېتىۋاتىدۇ. سەۋەبىنى سورىسا بىز مۇھىتقا ماسلاشتۇق دەيدۇ.

0

تېما

0

دوست

522

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   4.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18997
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 154
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-8 14:22:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقت ھەممە نەرسىلەرنىڭ مەنبەسى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )