قوش پىلدىرلىغۇچ تەجىربىسىنى چۈرىدىگەن مۇلاھىزىلەر
قاسىم سىدىق
1-رەسىم:قوش پىلدىرلىغۇچ تەجىربىسى قۇرۇلمىسى
يۇقۇرقىدەك ئاددى بىر قۇرۇلمىدا ئېلىپ بېرىلغان تەجىرىبە يايسىمان توپلارنىڭ سەۋەبىنىڭ نەچچە ئەسىردىن بېرى خاتا چۈشەندۆرۆلۈپ كەلگەنلىگىنى ئىسپاتلىدى.
يۇقۇرقىدەك قۇرۇلمىنىڭ بىر ئۇچىدىن رەسىمدىكىدەك تۇتۇپ تۇرۇپ،قۇرۇلما يايىسىمان تىرايىكتۇرىيىدە ئايلاندۇرۇلسا تۇتۇپ تۇرۇلغان قولغا يېقىن تەرەپتىكى پىلدىرلىغۇچ ئاستا،قولدىن يىراق تەرەپتىكى پىلدىرلىغۇچ تېز ئايلىنىدۇ.بۇ ھال قولغا يېقىن تەرەپتىكى پىلدىرلىغۇچقا تەسىر قىلىدىغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكىنىڭ ئاستا،قولدىن يىراق تەرەپتىكى پىلدىرلىغۇچقا تەسىر قىلىدىغان ھاۋا ئېقىمى تېزلىكىنىڭ يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.بىرنوللى قانۇنى بۇيىچە ھاۋا ئېقىم تېزلىكى ئاستا تەرەپتىكى ھاۋا بىسىمى چوڭ،ھاۋا ئېقىم تېزلىكى يۇقۇرى تەرەپتىكى ھاۋا بىسىمى كىچىك بولىدۇ.دىمەك، بۇ تەجىرىبە تارىختىن بېرى يايسىمان توپلارغا بىرنوللى قانۇنىنىڭ خاتا تەدبىقلىنىپ كېلىۋاتقانلىغىنى كۆرسۆتۈپ بەردى. يەنى كىلاسسىك چۈشەندۆرۈشلەردە يايسىمان توپلارنىڭ ئېغىۋاتقان تەرىپىدىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكى يۇقۇرى دەپ قارىلىپ كەلگەن.قوش پىلدىرلىغۇچ تەجىربىسى بۇنداق كىلاسسىك قاراشنى قوللىمىدى.
2-رەسىم:يايسىمان توپلارنىڭ كىلاسسىك چۈشەندۆرۆشى.
قوش پىلدىرلىغۇچ تەجىربىسى 2-رەسىمدىكى كىلاسسىك چۈشەندۆرۈشنىڭ پۈتۈنلەي تەتۆر ئىكەنلىكىنى، ئەمەليەتتە ئوڭ تەرەپتىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئاستا،سول تەرەپتىكى ھاۋا ئېقىمى تېزلىكىنىڭ يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
بەزىلەر ئىككى پىلدىرلىغۇچنىڭ ھالىتى بىر پۈتۈن توپ يۆزىنىڭ ھاۋانىڭ بىسىم پەرقى ۋە تېزلىك پەرقىنى ئەينەن كۆرسۈتۈپ بېرەلمەيدۇ،دەپ قاراشتى.مىنىڭچە بۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان،كىلاسسىك قاراشلارنى قوغداپ قېلىش قۇدرىتىگە ئىگە بولمىغان قاراش.چۈنكى،ئىككى پىلدىرلىغۇچنىڭ ھالىتى ھېچبولمىغاندا توپنىڭ ئىككى يېنىدىكى ئىككى نۇقتىسىنى سىيپاپ ئۆتۆدىغان ھاۋا ئېقىمى تېزلىكىنىڭ پەرقىنى ئەكىس ئەتتۆرۆپ بېرىدۇ.بۇ نۇقتا مۇئەييەنلەشكەن ئەھۋالدا بىزنىڭ تەشەببۇسىمىز يەنىلا ئورۇنلۇق بولىۋىرىدۇ.چۈنكى،بۇ ئىككى نۇقتىدىكى ھاۋا ئېقىمى پەرقى،بولۇپمۇ ئوڭ تەرەپتىكى (توپ ئېغىۋاتقان تەرەپ) پىلدىرلىغۇچ بار نۇقتىدىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئاستىلىغى شۇنداق بىر سوئال پەيدا قىلىدۇ:
ئەسلى تېز سۆرئەتتە ئېقىۋاتقان ھاۋا ئېقىمى دەل ئاستا ئايلىنىۋاتقان پىلدىرلىغۇچ بار نۇقتىغا كەلگەندە ئۆزىنى "جىددى تورمۇز"لاپ ئاستىلامدۇ؟
يۇقۇرقى سوئالنىڭ ئۆزىلا بىزنى ئارتۇقچە مۇلاھىزىلەردىن ئازات قىلىدۇ.يەنى،كىلاسسىك قاراش مۇشۇ بىر سوئال تەرىپىدىن بەربات بولىدۇ.
ئەمدى بىز قوش پىلدىرلىغۇچلا ئەمەس نۇرغۇن پىلدىرلىغۇچلارنى 1-رەسىمدىكىدەك تۈزئەمەس، يايسىمان ياغاچ ئۈستىگە بەلگىلىك ئارىلىق قالدۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ يۇقۇرقى تەجىربىنى تەكرارلىساق ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش بولۇپ، پىلدىرلىغۇچلار قولغا قانچە يېقىن بولسا شۇنچە ئاستا پېقىرايدۇ. سىز يەنە،توپنىڭ ئىككى يېرىم شارىنىڭ ئۈستىدىكى ھەر بىر نۇقتىدا پىلدىرلىغۇچ بار دەپ پەرەز قىلىپ بېقىڭ.ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش.ئوڭ يېرىم شاردىكى(2رەسىم) پىلدىرلىغۇچلار ئاستا پېقىرىشى بىر مۇقەررەرلىك.
بەزىلەر يۇقۇرقى قوش پىلدىرلىغۇچ تەجىربىسى ھەم ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان ھەم يايسىمان تىرايىكتۇرىيىدا ئىلگىرلەۋاتقان يايسىمان توپلارنىڭ تولۇق تەقلىدى ئەمەس،بۇ تەجىرىبىدە "ئوقىدا ئايلىنىش" قانائەتلەندۆرۆلمىگەن دېيىشتى.تامامەن توغرا.يۇقۇرقىچە تەجىرىبىدە "ئوقىدا ئايلىنىش" قانائەتلەندۆرۆلمىگەن.پەقەت يايسىمان تىرايىكتۇرىيەدىكى ئىلگىرلەش قانائەتلەندۆرۆلگەن.لىكىن بۇ"كەمچىلىك" شەكىل نەزەريىسىنىڭ يايسىمان توپلار ھەققىدىكى تەشەببۇسىنىڭ "خاتا"لىغىنى ئىسپاتلايدىغان "كەمچىلىك" ئەمەس.دەل ئەكسىچە كىلاسسىك قاراشنىڭ خاتالىغىنى ئىسپاتلاشتا تېخى ئىشلەنمىگەن،لىكىن،ئىشلەنمىسىمۇ نەتىجىسىنى رۇشەن پەرەز قىلغىلى بولىدىغان بىر تەجىرىبە.دىمەكچىمەنكى،"ئوقىدا ئايلىنىش" مۇ قانائەتلەندۆرۆلگەن تەجىربە بىرگە ئىشلەنسە ئوڭ تەرەپتىكى پىلدىرلىغۇچ تېخىمۇ ئاستا پېقىرايدۇ.سەۋەپ ،بۇ ھالدا ئوڭ تەرەپتىكى پىلدىرلىغۇچ بىر پۆتۆن قۇرۇلمىنىڭ سىزىقلىق ئىلگىرلەش يۆنىلىشىگە قارشى ئايلىنىدىغان بولغاچقا(2-رەسىم) مۇقەررەر ھالدا بۇ تەرەپنىڭ سېزىقلىق تېزلىكى ۋە بۇ تەرەپتىكى پىلدىرلىغۇچقا تەسىر قىلىدىغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكى تېخىمۇ ئاستىلايدۇ.
ئەسكەرتىش زۆرۆركى،يايسىمان توپلارنىڭ "ئوقىدا ئايلىنىش" مۇ قانائەتلەندۆرۆلگەن تەجىربىسىنى 1-رەسىمدىكى قۇرۇلما ئارقىلىقمۇ ئىشلىگىنى بولىدۇ.سىز بۇ قۇرۇلمىنى يايسىمان تىرايىكتۇرىيىدە ئايلاندۆرغاندا ئوڭ تەرىپىنى بىر پۈتۈن قۇرۇلمىنىڭ سىزىقلىق ئىلگىرلەش يۆنىلىشىگە قارشى يۆنىلىشتە كەينىگە بىر ئاز سۈرسىڭىز بولغىنى.بۇ ھالدا ھەم "ئوقىدا ئايلىنىش" قانائەتلەندۆرۆلگەن ھەم يايسىمان تىرايىكتۇرىيىدە سىزىقلىق ئىلگىرلەش قانائەتلەندۆرۆلگەن ئۈنۈمگە ئىرىشىسىز.
بەزىلەر "بۇنداق ئوقىدا ئايلىنىپ ئىلگىرلەۋاتقان توپ(جىسىم)لارنىڭ ئەتراپىدا ئاقار جىسىملارنىڭ ئايلانما ئېقىمى پەيدا بولىدۇ.مۇشۇ ئايلانما ئېقىم بۇنداق جىسىمنى بىر تەرەپكە ئاغدۇرۇدۇ"دېيىشتى.بۇنداق قاراش ھەم نەزەريىۋى جەھەتتىن ھەم تەجىرىبەنۇقتىسىدىن پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ.نەزەريىۋى جەھەتتىن ئېيىتساق ئاقار جىسىملار موھىتى نىسبى تىنىچ ۋە تەكشى دەپ قارالغان يۇقۇرقىدەك مىساللاردا ئاقار جىسىملارنىڭ تېزلىكى ھەرقانداق ئەھۋالدا جىسىم،توپ قاتارلىقلارنىڭ بۇلۇڭلۇق ۋە سىزىقلىق تېزلىكىدىن ئارتىپ كېتەلمەيدۇ.جىسىمنىڭ دىۋارلىرىنى(يانلىرىنى) سۆيۈپ ئۆتكەن ئاقار جىسىملارنىڭ تېزلىكى بۇ دىۋارلارنىڭ تېزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.
ئاقار جىسىملار مېخانىكىسىدىن خەۋىرى يوق،لىكىن تىنجىق كۈنلەردە ئاستا مېڭىپ ۋە يۆگرەپ باققان ھەرقانداق بىر ساۋاتسىز كىشى قانچە ئىتتىك يۆگرىسە شامال شۆنچە ئۇرىدىغانلىغىنى ئاستىلىغانچە شامال ئاستىلايدىغانلىغىنى،ئولتۇرغاندا دىمىقچىلىقتا قالىدىغانلىغىنى بىلىدۇ.قىزلارنىڭ كۆينىكىنىڭ ئېتەكلىرى يۆگىرىگىنىدە بەكرەك لەپەڭشىيدۇ.
فىزىكىدا"قۇيرۇق ئېقىمى"دەيدىغان بىر ئۇقۇم بولۇپ بۇ ئۇقۇم ئايرۇپىلان، پاراخۇت قاتارلىقلارنىڭ ھاۋا ۋە سۇدا قالدۇرىدىغان ئىزلىرىنى كۆرسىتىدۇ.مانا مۇشۇ "قۇيرۇق ئېقىمى" نىڭ ئوخشىمىغان شەرىتلەر ئاستىدىكى ھالەتلىرىنى تەتقىق قىلىش بىزنىڭ توغرا يەكۈن چىقىرىشىمىزغا ياردەم بېرىشى مۆمكىن.
http://sports.sohu.com/20110928/n320815522.shtml
3-رەسىم:كىچىك كاتىر ئايلانما ھەركەت جەريانىدا قالدۇرغان قۇيرۇق ئېقىمى
كۆرۆۋىلىش قىيىن ئەمەسكى،كاتىرنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپتىكى سىزىقلىق تېزلىكى ئاستا بولۇپلا قالماي،سۇ ئېقىمىنىڭ قالدۇرغان ئىزىنىڭ ئىچىدىكىسىدىن سىرتىدىكىسىنىڭ مۇساپىسى ئۇزۇن.
بىز ئۆتكەندە بېلىق قاچىسى ئىچىگە ئوقىدا ئايلاندۇرۇلغان شار جىسىمنى تاشلاپ،بۇ جىسىمنىڭ قۇيرۇق ئېقىمىنىڭ ھالىتىنى كۆزەتتۇق.نەتىجىسى 3-رەسىمدىكى ھالەت بىلەن ئوخشاش بولۇپ،قۇيرۇق ئېقىمى ئاساسەن ئېغىش يۆنىلىشىنىڭ قارشى تەرىپىدە شەكىللەندى.بىز بۇ "قۇيرۇق"تىن شەكىل نەزەريىسىنىڭ يايسىمان توپلارھەققىدىكى قاراشلىرىنى قوللايدىغان ھالەتلەرنى بايقىدۇقكى،كىلاسسىك چۈشەندۆرۆشلەرنى قوللايدىغان بىرەر ئالامەتنى بايقىمىدۇق.
4-رەسىم: ئوقىدا ئايلاندۇرۇپ تاشلانغان شارچىنىڭ سۇئىچىدىكى ھاسىل قىلغان قۇيرۇق ئېقىمى
ئەسلىدە بۇ مەسىلە ئانچىۋالا تالاش - تارتىش قىلغىدەك مەسىلە بولماي،ئەقەللى گىئومېتىرىيىلىك مىتوتلار بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە ئىدى.مەركەزداش ئىككى چەمبەر بار دەپ پەرەز قىلايلى،ئىچىدىكى چەمبەرنىڭ ئايلانمىسىدىن سىرتىدىكى چەمبەرنىڭ ئايلانمىسى ئۇزۇن بولىدىغانلىغى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت.مانا مۇشۇ ئىككى چەمبەرنىڭ ئارىلىغىنى توپ،پىلانىت قاتارلىقلارنىڭ دىئامېتىرى شۇنداقلا بۇئىككى چەمبەرنىڭ مۇئەييەن بۆلىكىنى يايسىمان تىرايىكتورىيە دەپ قارىساق توپ،پىلانىت قاتارلىقلارنىڭ ئىككى يېرىم شارى ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە ئوخشىمىغان تېزلىكتە تىرايىكتۇرىيىدە ئىلگىرلەيدىغانلىغىنى ھەر كىشى كۆرۆپ يېتەلەيدۇ.شۇنداق ئاددى مەسىلە نىمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ھەل بولماي خاتا يولدا مېڭىلدى؟ مىنىڭچە بىر ھۆكۆمران فىزىكىلىق ئىدىيە __ تاشقى كۈچ تەسىرى بولمىسا جىسىم ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت قىلالمايدۇ،دەپ قارايدىغان بىر تەرەپلىمە ۋە بېشەم فىزىكىلىق ئىدىيە ئەقەللى گىئومېتىرىيىلىك ساۋاتلارغا پەرۋا قىلمىدى.شۇنىڭ بىلەن يايسىمان توپلارغا بىرنوللى قانۇنى تاشقى كۈچ سۈپىتىدە زورلاپ تېڭىلىپ كەلدى.بۇ گۇيا "تاشنى تاياققا تېڭىش"دىگەن ماقالدا دېيىلگىنىدەك بىر ئىش ئەمەسمۇ؟!
2015.10.2
|