- تىزىملاتقان
- 2015-5-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-2-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 802
- نادىر
- 0
- يازما
- 49
ئۆسۈش
60.4%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 0308 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-5 10:27
مەن مەخسۇس فىزىكا ئوقىمىغان بولساممۇ ئۆزەم بىر ھەۋەسكار ،ھەرخىل تاراتقۇ مەتبۇئاتلاردا كۆرسەم مۇشۇ تېمىدىكى مەزمۇنلار ئەڭ قىززىپ ئاخىرىدا مومكىن ئەمەس ، ئىنىرگىيەنىڭ ساقىلىنىش قانۇنىغا خىلاپ دىگەن جاۋاپ بىلەن توختاپ قالىدىكەن . قەدىمقى چۆچەكلاردىكى ئۇچار گىلەم، ياغاچ ئاتلار.تۆمۇر بېلىق ،جاھاننامە ئەينەكلىرى ھەممىىسى ۋۇجۇتقا چىقتى ئۇ چاغلاردا بەلكىم ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرىنى چەكلەيدىغان قانۇنلار ،پورمىلالار يوق بولغىيدى.
مەن ئويلايمەن ھەرقانداق بىر توغرا دەپ قارالغان نەرسە ئۆز دەۋرىدە توغرا (يەنە خاتا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغىچە ). ئىنسانلار فىزىكا ساھەسىدىكى ئالىملارنىڭ نەزەرىيەسىنى دەستەك قىلىپ تېخىچە بىر ئىگىرلەش كۆرۈنەرلىك بولمىغان ساھەگە ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپلا نەزەرىيە بىلەن رەددىيە بىرىدىكەن.
مىنىڭچە مەڭگۈلۇك دىگەن ئاتالغۇنىڭ بىر ئېنىق ۋاقىت چەكلىمىسى بولمىغاندىكىن بۇ ئاتالغۇغا ئېسىلىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ئۆزى بىر بىمەنىلىك.
دۇنيادا خاتا سۇئالنىڭ توغرا جاۋابى بولمىغاندەك ھازىرچە ئۇنىڭدىن كىچىكرەك نۇمۇر قويۇپ ئۆمۇرلۇك دېۋىگاتېل دەپ ئاتاپ قويغاچ تۇردۇم.
مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم شۇكى تەبىئەت دۇنياسىدىكى چەكسىز ۋاقىت ئۇقۇمىنى بىلدۇرىدىغان مەڭگۇ ھەرىكەتلىنىدىغان دېۋىگاتىلنى ياساپ چىقىش مومكىن بولمىسىمۇ زاپچاسلارنىڭ سۈپىتى ۋە خارەكتىر خۇسۇسىيتىدە ئۆزگىرىش بۇلۇپ بۇزۇلغىچە بولغان ۋاقىت چەكلىمىسىدە ھەرىكەت قىلالايدىغان دېۋگاتېلنى ياساش
تامامەن مومكىن.
مەڭگۈلۈك دىۋگاتىلنىڭ ۋۇجۇتقا چىقماسلىقى ئىنىرگىيە زومىگەرلىرىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەركىتىمۇ قانداق ؟ ئىنسان ھەرقانچە ئەقىللىق بۇلۇپ كەتسىمۇ يەنىلا بىلىش دائىرىسى چەكلىك بولىدۇ .بىر ئادەم ياكى بىر ئالىم قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ھەممە ئادەم قىلالمايدۇ دىسەك بۇ مىنىڭچە توغرا ھۆكۈم بولماسلىقى مومكىن. تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسى مىنڭچە ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۆچىلىرى ۋە ئىنسان ئىجادىيەتلىرىگە ماس كىلىشى مومكىن . بۇنى جىق سۆزلىمىسەممۇ يوق يەردىن بىر ھاياتلىقنىڭ مەيدانغا كىلىشى نىسبىتى نۆلگە چەكسىز يېقىنلىشىدۇ.
كىتاپتا سۆزلەنگەن نەزەرىيەۋى ئاساسلار بىلەن ئالدىنقى سەپ تەتقىقات نەتىجىسى ئوتتۇرىسىدا يۈز يىلدىن چوڭ پەرىقلەر مەۋجۇت . ئۈچ بۆلەك فىزىكا ئۇقۇمىنىڭ تېخى بىرلىككە كىلەلمەي بەزىدە بىر بىرنى ئىنكار قىلىشىنىڭ ئۆزى ئىنسان تۈزۈپ چىققان بۇ پەننىڭ تېخى مۇكەممەل بىرلىككە كىلىپ بولالمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ . شۇڭا بىر تەرەپلىمىلىكتىن ساقلىنىپ ھەقىقەتنى ئەمىيەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپى ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىشىمىز كىرەك دەپ ئويلايمەن.
رىئال تەجىربە بىلەن نەزەرىيە ئوتتۇرسىدا زامان ۋە ماكان شۇنداقلا ئۈسكۈنە ، تېخنىكىلىق مەسىلە . چېرىتيوژ بىلەن مودىلنىڭ خاتالىق پەرقى قاتالىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان نەتىجىلەر ئوتتۇرىسىدا پەرىقلەر مەۋجۇت.
ئىنسانىيەت دۇنياسىدا مەڭگۈلۈك دېۋىگاتىل ئۇقۇمى پەياە بولغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى ،زاپچاسلارنى مىكرومىتىردىنمۇ كىچىك بولغان ئۆلچەمدە پىششىقلاپ ئىشلىيەلەيمىز. كىرەكلىك بولغان ھەرقانداق ماتىريالنى سىنتىزلەپ چىقىش ئىمكانىيىتى بار.دىمەك ئىنىرگىيەنىڭ خورىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرەلەيمىز. قۇرۇلما ئوتتۇرسىدىكى مىخانىكىلىق قۇۋۋەت خوراشمۇ بۇ قۇرۇلمىدىكى ئېغىر مەسىلە.
شۇڭا ھازىر بۇرۇنقىغا قارىغاندا بىزنىڭ تېخنىكىمىز يېڭىلاندى . بۇرۇنقىلار بىلىدىغاننى قالدۇرغان ماتىرياللىدىن بىلدۇق ،ئۇلار بىلمەيدىغاننى ئەمىليەتتىن بىلدۇق . دىمەك بىز ھازىر ئۇلاردىن كۆپرەك بىلىمگە ئىگە بۇلۇش پۇرسىتىمىز بار.
نەزەرىيە ئوتتۇرغا قويۇلغان دەۋىر بىلەن ھازىرقى دەۋىردىكى تېخنىكا شارائىتى ئوخشىمايدۇ ، شۇڭا مومكىنچىلىق زور
مىنىڭ بايانىمنى بىر توك چىقىرىدىغان تۇيۇق قۇرۇلما ۋە ئوچۇق قۇرۇلما دەپ پەرەز قىلىڭلار،
مەڭگۈلۇك دىۋىگاتىلنىڭ مەيدانغا چىقىش چىقماسلىقى توغرىسىدىكى كۆز قاراش ۋە پاكىتلىرىمىزنى سەمىمى ھالدا ئەمىليەت ۋەنەزەرىيەنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ كەڭ دائىرىلىك ئوتتۇرغا قويۇپ مۇنازىرلىشىپ باقايلى.
قىنى ئەمسە ئىلىم ئەھلى مەرھەممەت |
|