ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى خاتىرىسىگە ئىلىم چاي
بىرىنجى قىسىم
ئىككىنجى قىسىم
2015 - يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى پارلاق مېھمانخانىسىنىڭ ئورمان ئايرىمخانىسىدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈر ئەپەندىنى خاتىرلەش ئىلىم چېيى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندىنىڭ يىگىت بېشىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق ئىلىم چېيىغا بىر تۈركۈم ئەزىز مېھمانلار ئالاھىدە تەكىلىپ بىلەن قاتناشتى، شۇنداقلا ئالتاي، قەشقەر، خوتەن، تۇرپان، توقسۇن، ئۈرۈمچى قاتارلىق ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن 40 تىن ئارتۇق ئىلىم چېيى ئىشتىراكچىسى قىزغىنلىق بىلەن قاتناشتى.
بۇ قېتىملىق ئىلىم چېيىغا كەلگەن ئەزىز مېھمانلار قاتارىدا ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ رەپىقىسى خەلچىخان ئانىمىزمۇ بار بولۇپ، قەدىردان ئۆتكۈر ئەپەندىم بىلەن يېرىم ئەسىردەك ۋاقىت بىرگە ياشاپ ئۆتكەن بۇ مۆھتىرەم ئانىمىز 82 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قەدىناس ئۆمۈر يولدىشىغا خاس جاسارەت بىلەن گۈلسۈم ئاپپاي، روشەن ئاپپاي، چولپان ئاپپاي ۋە ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق گۈلشەن ئابدۇرېھىم قاتارلىق تۆت قىزى بىلەن بىللە ئىلىم چېيىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلدى ۋە تۆت سائەت داۋاملاشقان ئىلىم چېيىمىزغا غەيرەت قىلىپ ئاخىرغىچە قاتنىشىپ بەردى. بۇنىڭدىن ئىلىم چېيىغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەر چوڭقۇر تەسىرلەندى.
بۇ قېتىملىق ئىلىم چېيىمىزغا يەنە پىشقەدەم زىيالىيلىرىمىزدىن ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى، ئەدەبىياتشۇناس مۇھەممەت پولات ئاكا، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەرىرى، ئاتاقلىق ژورنالىسىت قۇربان مامۇت ئاكا، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى تىل تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئاتاقلىق يازغۇچى پەرھات جىلان ئاكا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر ئاسپىرانت يېتەكچىسى ئوسمان ئىسمايىل تارىم مۇئەللىم، مەزكىزى مىللەتلەر نەشىرىياتىنىڭ مۇھەرىرى، داڭلىق تارىخچى ئابلىز ئورخۇن ئەپەندى، ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمىئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى، تەڭرىتاغ ئالىمى زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندى قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتۇرى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەتقىقاتچىسى سۇلايمان قەييۇم ئەپەندى، شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ بىلكۈچ مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ئابلاجان ئەزىز ئەپەندى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تىلشۇناسلىق پەنلىرى ماگىستىرى، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىنىڭ تەرجىمانى بىلال ياقۇپ ئەپەندى، ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىسىfm104.6 قاتناش سەنئەت رادىئوسىنىڭ رىياسەتچىلىرى تاھىر ياسىن ئەپەندى بىلەن مېھرىئاي رىشات خانىم، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرانتى مېھرىبان نىياز چوغلۇق، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ماگېستىر ئاسپىرانتى بۇرابىيە قاتارلىق ياش زىيالىيلارمۇ قاتناشتى.
بۇ قېتىملىق ئۆتكۈر ئەپەندىنى خاتىرلەش ئىلىم چېيىغا سابىق «بىر كىتاپ- بىر ئالەم» پروگىراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى كۈرەش بارات ئۆزباش ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ قېتىملىق ئىلىم چېيى ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى مېھراي رىشات خانىمنىڭ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «بۇغدا ئانام» ناملىق شېئىرىنى دېكلىماتىسىيە قىلىشى بىلەن باشلاندى.
ئاندىن ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ رەپىقىسى خەلچىخان ئانا رىياسەتچى كۈرەش بارات ئۆزباش ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن سۆز قىلىپ، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىنى سۆزلەپ ئۆتتى. كۆپچىلىك خۇددى تارىخنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتقاندەك پۈتۈن دىققىتى بىلەن قۇلاق سېلىپ تىڭشىدى. خەلچىخان ئانا سۆزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندى ئىلىم چېيى كوللىكتىپىغا ۋاكالىتەن خەلچىخان ئانىغا گۈل تەقدىم قىلدى. ئىلىم چېيىنىڭ دائىملىق ئەزاسى خۇرشىدە خانىم ئىلىم چېيى كوللىكتىپىغا ۋاكالىتەن خەلچىخان ئانىغا ياغلىق ئارتىپ قويدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن داڭلىق يازغۇچى پەرھات جىلان ئەپەندى، داڭلىق ژورنالىست قۇربان مامۇت ئەپەندى ۋە پروفىسسور ئوسمان ئىسمايىل مۇئەللىملەر كەينى- كەينىدىن سۆز قىلىپ، ئۆتكۈر ئەپەندى ھەققىدىكى ئەسلىملىرىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى، ھەم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى، ئىلمىي ۋە بەدئىي مۇۋاپىقىيىتى، تارىخى ئورنى، كىشىلىك پەزىلىتى، ئىجتىمائىي تەسىرى قاتارلىق نۇقتىلاردىن پىكىر بايان قىلىپ، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھاياتىغا ۋە ئىجادىيىتىگە شۇنداقلا كىشىلىك پەزىلىتىگە يۇقىرى باھالارنى بەردى. مىسالەن: داڭلىق ژورنالىست قۇربان مامۇت ئاكا سۆزىدە، داڭلىق ئۇيغۇر دېموكىراتىك شائىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ پىداكارانە روھى ئۆتكۈر ئەپەندىدە قايتا نامايەن بولدى دەپ قارايدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆتكۈر ئەپەندىنى بۈيۈك تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرى، بۈيۈك مۇتەپەككۈر شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق ئابىدىلەرنى خاتىرلىگەندەك خاتىرلەش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئارقىدىنلا ئىلىم چېيىنىڭ بەرپاچىسى ۋە يىگىت بېشى، جەمئىيەتشۇناس، دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندى «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر جەمئىيەتشۇناسلىقى» دېگەن تېمىدىكى يېڭى ئىلىم، يېڭى قاراش ۋە يېڭى پىكىر بىلەن خاراكتېرلەنگەن لېكسىيەسىنى قىزغىن چاۋاكلار ئىچىدە سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن دوكتۇر سۇلايمان قەييۇم ئەپەندى «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە زىيالىلىق روھى» ناملىق مۇھىم لېكسىيىسىنى سۆزلەپ كۆپچىلىكنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.
ئارىدا ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى تاھىر ياسىن ئەپەندى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «گۈل ئەمەسكەن ياشلىقىم» ناملىق شېئىرىنى دېكلىماتىسىيە قىلىپ ئۆتتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئىلىم چېيىنىڭ كونا ئەزاسى، شىنخۇا ئېنىرگىيە گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچىسى يەھيا روزى ئەپەندى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدىكى «ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە مىللى تەرەققىيات» دېگەن ماقالىسى ھەققىدە تەپسىلى مۇھاكىمىسىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن شىجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات پەنلىرى ماگىستىرى ئاينۇر دولقۇن ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «قۇتادغۇ بىلىكتىكى ئىنساننىڭ مەنىۋى كامالىتى» ھەققىدىكى مۇھاكىمىسىنى تەسىرلىك قىلىپ سۆزلەپ ئۆتتى.
بۇ قېتىملىق ئىلىم چېيى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئۈزۈلمەس چاۋاكلار، دەممۇ-دەم نەمدەلگەن كۆزلەردىن ئۆز ئالىمىغا بولغان چەكسىز ئىپتىخار، ھۆرمەت ۋە سېغىنىش ئەكىس ئەتتى.
|