قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 905|ئىنكاس: 5

(خاندولۇق)قىممەتلىك ئىزلاردا ئۆتكۈر خىسلىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

2

دوست

2332

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18913
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 38
تۆھپە : 790
توردىكى ۋاقتى: 124
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-5 00:37:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   handuluk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-5 00:54  

قىممەتلىك  ئىزلاردا ئۆتكۈر خىسلىتى
    بۈگۈن پىشقەدەم ئەدىپ،مۇتەپەككۈر،شائىر ،يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20يىللىق خاتىرەكۈنى. مەرھوم ۋاپاتىنىڭ 20يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ 20-ئەسىردىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنىتلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇ بۈيۈك سىمانىڭ ھايات ھېكمەتلىرى ئۈستىدە قايتا ئىزدىنىش ،تەپەككۈر قىلىش ئارقىلىق مۇنەۋۋەر ئەجدادلىرىمىزنىڭ سەمەرىلىك ئىزلىرىدىن ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ داۋامى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان غورور خۇرۇچلىرىنى ئىزدەپ تىپىش بىزدەك ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ چۇقۇم قىلىشقاتىگىشلىك مەجبورىيىتىمىز.
    بۈيۈك ھىكمەتلەر كۆپىنچە ئاددى ئادەم ۋە ئاددى ئىشلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بىزئىنساننىڭ ئۆز قىممىتىنى يارىتىش ھىكمەتلىرىنى يۇناننىڭ دانىشمەنلىرىدىن ئىزدىدۇق،بىز ئادىمىيلىكنىڭ پىرىنسىپلىرىنى ياۋرۇپانىڭ پەيلاسوپلىرىدىن ئىزدىدۇق،بىزدۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ يوللىرىنى شەرىق دۇنياسىدا يەرلەشكەن سىياسى تەلىماتلاردىن ئىزدىدۇق. يىراقنى قۇيۇپ يىقىنغا قارىساق بىزدە بىز ئىزدىگەن نەرسىلەر مىڭ يىللار ئىلگىرىلا بار بولغان، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇلۇپ كىلىۋاتقان نەرسىلەر بۇلۇپ، خەلقىمىزنىڭ زېھنى پاكىز، سۈيۈملۈك،پىداكارئوغلانلىرى بۇ نەرسىلەرنى ئۆز ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەپ ،ئۆز ھايات پائالىيەتلىرىدەئىپادىلەپ كەلگەنىدى. ئابدۇرېھىم تىلەشوف ئۆتكۈر دەل ئاشۇ سۈيۈملۈك ،پىداكارئوغلانلارنىڭ بىرى ئىدى،
ئاتاقلىق ئالىم، يېتۈك ئەدىب، چىن شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923- يىلى 7- ئايدا قۇمۇل شەھىرىدە تىلەش ئىسىملىك سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتا - ئانىسىدىن كىچىك چېغىدىلا يېتىم قالغاچقا، دادىسىنىڭ دوستى ئوقۇمۇشلۇق سودىگەر ئوسمان ھاجى ئائىلىسىدە چوڭ بولغان. ئۇ دەسلەپ قۇمۇلدا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە قۇمۇلدىن ئايرىلىپ،ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، گەنسۇنىڭ جيۇچۈەن ۋىلايىتىگە ۋە ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە كۆچۈپ بارغان. ئۇچتۇرپاندا پەننىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان. 1936 - يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆلكىلىك 1- گىمنازىيەگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1939 - يىلى بۇمەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1942- يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، ئۆلكىلىك قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1945- يىلىدىن1949- يىلىغىچە مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن. 1970- يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ىئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995 -يىلى 10- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۈرۈمچىدە 72- يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
     ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەدەبىيات ساھەسىگە 1940- يىللىرى شېئىر ئارقىلىق كىرىپ كەلگەن. ئۇشۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ ساھەدە زورمۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ «تاڭ شاماللىرى»،«ياخشى»، «مەن ئاق بايراق ئەمەس» قاتارلىق شېئىرلىرى، «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»،«قەشقەر كېچىسى» قاتارلىق داستانلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئالاھىدەئورۇن تۇتىدۇ.

     ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1980- يىللاردىن تارتىپ بەدىئىي جەھەتتىكى تالانتىنى تارىخىي رومان ئىجادىيىتىگە قارىتىپ «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق رومانلىرىنى يازغان. بۇرومانلار ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان رومانلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

     ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىك» قاتارلىق نادىر كلاسسىكئەسەرلەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشرگە تەييارلاش ئىشىدا ئالاھىدە تۆھپەقوشقان تەتقىقاتچى.

     ھازىرغا قەدەرئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «يۈرەك مۇڭلىرى» (1946- يىلى، لەنجۇ)، «تارىم بويلىرى»(1948- يىلى، تەڭرىتاغ نەشرىياتى، ئەينى ۋاقىتتا تىيانشان نەشرىياتى دەپ ئاتىلاتتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «قەشقەر كېچىسى» (1980- يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق داستانى، «ئۆمۈر مەنزىللىرى» (1985- يىلى، شىنجاڭ ياشلار -ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «ئىز» (1985- يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)،«ئويغانغان زېمىن» (ئىككى قىسىم، 1988-، 1994- يىللىرى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)ناملىق رومانلىرى، «خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا» (1996- يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.

ئالىمنىڭ ئىزلىرىدىن بىز تۈۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك خىسلەتلەرنى بايقايمىز.
     ئالىم غورورلۇق ئەركەك ئىدى. گومىنداڭ دەۋرىدە ئىچكىرىدىن كەلگەن بىر شائىر تەڭرىتىغىنىڭ ئۈستىدىكى ئاق قارنى ئاق بايراققا ئۇخشىتىپ،شېئىر يىزىپ ئېلان قىلىدۇ. ئالىم دەرھاللابۇنىڭغا جاۋابەن«مەن ئاق بايراق ئەمەس»ناملىق شېئىرىنى يىزىپ ئىلان قىلىدۇ. خەلق زۇلۇمغاپاتقان،خائىن،مۇناپىقلار قۇترىغان ئاشۇ زۇلمەتلىك دەۋىرلەردە،ئالىممۇ ياخشى تۇرمۇش،ياخشى خىزمەت،ياخشى تەمىنات ئۈچۈن ئوردا شائىرلىرى يۇلىدىن مىڭىپ، مەدھىيە قەسىدىلېرىنى يىزىپ،خۇشامەتچىلىك يۇلىنى تۇتۇپ ،ياشاشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمىگەن.چۈنكى ئۇنىڭ تۇمۇرىدا ئىقىۋاتقىنى جاسارەت،ئەركەكچىلىكى بار بىر مىللەتنىڭ قىنى ئىدى.ئۇنىڭ غورورى ئەنە ئاشۇ غۇبارسىز خانتەڭرى چوققىسىدىكى ئاپئاق قارلار بىلەن بىردەك ئىدىكى،ئو بۇ ئاپئاق قارنىڭ ئاقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئەركەكلەرچە  جاندىن كىچىشكە رازىكى ھەرگىزمۇ ھارامزادىلىك يۇلىنى تۇتمىغان ئىدى.
ئالىم يۇقارقىدەك پائالىيەتلىرى بىلەن گومىنداڭنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلىرىدىن تاكى 1978-يىلغىچە ئۈرۈمچىدە 30يىلغا يىقىن  خىزمەتسىز قىلىپ،ياغاچچىلىق،تامچىلىق قاتارلىق ھۆنەرلەرنى قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. ھەممە كىشىنىڭ قالتىس كىشىلەردەك بولغۇسى كىلىدۇ،ئەمماھەقىقىي قالتىس كىشىلەرلا ئاددى ئادەملەردەك ياشىيالايدۇ.
     ئالىم ھايات ھەقىقىتىنى تۇنۇغان كىشى ئىدى.ئالىمنىڭ ھايات ۋاقىتتىكى بىزگە مەلۇم پائالىيەتلىرىدىن ئالىمنىڭ مەرھوم ئەھمەد زىيائىي بىلەن بىللە قۇتادغۇبىلىكنى نەشىرگە ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتىكى« خۇشامەت-ماختاش »ھەققىدىكى سۆھبىتىدىن ۋە ئالىم ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا يازغان «ھىدايەتنامە» ناملىق شىئىرلىرىدىن بىز شۇنى ھىس قىلالايمىزكى ئالىم كىشىلىك ھايات ھەقىقەتلىرى ئۆستىدە  ئويلانغان،ئىزدەنگەن  چىن ئىنسان ئىدى.
     ئالىم ئۆز خەلقىنىڭ غىمىنى يىگەن كىشى ئىدى. ئادەمنىڭ ئۆز شەخسىيىتىدىن ھالقىپ،باشقىلار ئۈچۈن ئويلانغان ۋاقتى ئۇنىڭ بۈيۈكلۈككە يول ئالغان ۋاقتى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.1991-يىلى كىسەلچان بۇلۇپ قالغان ئالىم خانىمىنى ئىلىپ، داۋالانغىلى خوتەنگە كىلىدۇ.خوتەندىكى روزى سايىت باشلىق مۆتىۋەر ئەدىبلەر ۋەزىيالىيلار ئالىمنى كۈتىۋالىدۇ.سۈيۈملۈك شائىر روزى سايىتنىڭ ئۆيىدىكى خوتەن ئىلىمدارلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئالىم مۇنداق ئىككى مەسەلنى سۆزلەيدۇ.
  ـــ بىر ئانا مۈشۈك بارئىكەن، ئۇ بىر نەچچە يىل مۇشۇ ساڭدا ياشاپ، چاشقانلارنى يوقۇتۇپتۇ.ئۆزىمۇ ياخشى ياشاپتۇ ۋە يىللارمابەينىدە نۇرغۇن ئاسلانلاپتۇ، ئاسلانلىرىمۇ چوڭ بولۇپ كارغاكەلگۈدەك بولۇپتۇ. لېكىن،شۇ چاغقىچە ئاسلانلىرىغا ئۆزىنىڭ چاشقان تۇتۇش ھۈنىرىنى ئۆگەتمىگەنىكەن.بىر كۈنى ئانا مۈشۈك بارلىق ئاسلانلىرىنى يىغىپ:«مەن بىر ئۆمۈرمۇشۇ ساڭدا ياشاپ، ئىگىمىزنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ۋە ھىممىتىگە ئېرىشىپ كەلدىم.ئەمدى قېرىپ، ھالىمدىن كەتتىم، شۇڭاسىلەرگە چاشقان تۇتۇشتىكى ھۈنەرلىرىمنى ئۆگىتىپ قويۇپ، ئارام ئېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن، قانداق، بولامدۇ؟» دەپتۇ. «ئاسلانلار: ۋاي بولىدۇ، بىزگەھۈنەرلىرىڭىزنى ئۆگىتىپ قويۇڭ، ياخشى ئۆگىنىمىز...» دەپ ۋارقىرىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئانا مۈشۈك بىر نەچچە كۈن ئاسلانلارغا ھۈنىرىنى ئۆگىتىپتۇ ۋە: «بارلىق ھۈنىرىمنى سىلەرگە ئۆگىتىپ بولدۇم، ئەمدى مەن ئارام ئالاي،ساڭنىڭ ئامانلىقى سىلەرگە قالدى...»دەپ قويۇپ، خورەكنى دۆڭ تارتىپ ئۇيقۇغاكېتىپتۇ. بىر چاغدا ئاسلانلىرى تەرەپ-تەرەپتىن ئانا مۈشۈكنى تۈرتۈپ ئويغۇتۇپ: «ئانا-ئانا قاراڭ، ساڭدىكى بارلىق چاشقانلارنى تۇتۇپ، دۆۋلىۋەتتۇق. كۆرۈپ بېقىڭ...» دەپ چۇقان سېلىشىپتۇ. قارىسا ھەقىقەتەن چاشقانلارنى قويماي تۇتۇپ دۆۋلىۋەتكەنىكەن. ئانا مۈشۈك بۇ ئەھۋانى كۆرۈپ: پېشانىسىگەبىرنى ئۇرۇپتۇ-دە: «ئىگىمىز بىزنى مۇشۇ چاشقانلارنى تۇتۇپ يوقۇتىدۇ، ساڭنىڭ ئامانلىقىنى قوغدايدۇ» دەپ باقمىسا، بىزنى بېقىپ نېمەقىلىدۇ؟ ئەمدى بىزنىڭ بۇيەردىكى كۈنلىرىمىز ئاخىرلىشپتۇ، ساڭدىن قوغلاندى قىلىنىمىز، ھەي... دەپ ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپتۇ.

ــ بۇرۇنقى زاماندا بىرئەل بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ دۆلىتى ناھايىتى تېز پۇرسەتتە ھەر قايسى جەھەتلەردىن قۇدرەت تېپىپ، گۈللىنىپ كېتىپتۇ.پۇقرالارنىڭ ئەھۋالىمۇ كۈندىن-كۈنگە ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇلار باياشات،خاتىرجەم ۋە ئىناق ياشايدىكەن. پادىشاھنىڭ بۇ ئىشلارغاھېچ ئەقلى يەتمەيدىكەن ھەمداۋاملىق مۇشۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى بىلىشنى ئويلايدىكەن.بۇئىشنىڭ ئوڭ قول ۋە سول قول ۋەزىرلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى پەرەز قىلسىمۇ،ئەمما ئېنىق جاۋاب تاپالمايدىكەن.ئوڭ قول ۋەزىر ئورۇق، ئېگىز ۋە قاتاڭغۇر ئادەم بولۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسەت ۋە مەمۇرى ئىشلىرىنى باشقۇرىدىكەن؛ سول قول ۋەزىر دىقماق،سېمىز، پاكار ۋەكۈچتۈڭگۈر ئادەم بولۇپ، ئاساسەن دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ۋە پۇقرالارنىڭ ئامانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدىكەن.پادىشاھ ئۆز پەرىزىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، چارە ئويلاپ تېپىپتۇ بىر كۈنى ئۇزاق بىر يەرگە شىكارغا ئاتلىنىپتۇ ۋەبۇ ئىككى ۋەزىرىنى ھەمراھ قىلىپ ئېلىۋاپتۇ. ئىككى كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن،ناھايىتى قويۇق بىر چاتقاللىققا كىرىپ قاپتۇ.سىرنى يېشىشنىڭ پۇرسىتى كەلگەنلىكىنى پەمىلىگەن پادىشاھ : «مەن ھاجەت قىلىمەن. باشقىلار ماڭغاچ تۇرسۇن، سىز مەن بىلەن قېلىڭ!» دەپ ئالدى بىلەن ئورۇق ۋەزىرنى ئېلىپ قاپتۇ ۋە ئاۋۇ سېمىز ۋەزىر سىزنى ئۇنى دېدى، بۇنى دېدى، ئانداق قىلىدى، مۇنداق قىلدى دەپ ماڭا چېقىشتۇردى...دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ داتلاپتۇ. ئەمما ئورۇق  ۋەزىر دەپتۇكى:«ياق، شاھ ئالىيلىرى، ئۇ بۇنداق گەپلەرنى ھەرگىز قىلمايدۇ، سېلى خاتا ئاڭلاپ قالغان ئوخشايدىلا، ئۇنىڭ باتۇرلىقى،شىر سۈپەت مەردانىلىقى، جەڭ ئىشلىرىغاپۇختىلىقى، جەڭدىكى ماھارىتى، تەدبىركارلىقى ۋە ئادەمىيلىك بابىدىكى پەزىلىتىنىڭ ئۈستۈنلىكىدىن ئۇنى يەر شارىنىڭ كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىغا ھەيرانمەن...» دەپ گەپنىڭ قۇيرىقىنى چورتلا كېسىپ تاشلاپتۇ...

يەنەئالغاقاراپ يۈرۈپتۇ، يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ.بىر كۈن ئۆتكەندە يۇقىرىقى ئۇسۇل بىلەن سېمىز ۋەزىرنى ئېلىپ قاپتۇ-دە، ئۇنىڭغىمۇ ئورۇق ۋەزىرگە دېگەنلىرىنى تەكرارلاپتۇ. سېمىزۋەزىرمۇ خۇددى ئورۇق ۋەزىر بىلەن دېيىشىۋالغاندەكلا، ئورۇق ۋەزىرنىڭ سۆزىنى ئەينەن تەكرارلاپتۇ...پادىشاھ: «بولدى، ئورنۇڭغا قايت!» دەپتۇ-دە،بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن سەپەرداشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوردىغا قايتىشقابۇيرۇپتۇ ھەمدە دۆلەتنىڭ شۇنچىلاقۇدرەت تېپىشى ۋە پۇقرالارنىڭ باياشات بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ سىر-ئەسرارلىرىنىڭمۇشۇ ئىككى ۋەزىرنىڭ پەزىلىتىدىن ئىكەن، دەپ ھۆكۈم چىقىرىپتۇ... شۇندىن كېيىن ھەرقانداق ئىشتا بۇ ئىككى ۋەزىرنىڭ مەسلىھەتىنى ئالىدىغان، ئۇلارغا تولۇق ئىشىنىدىغان بولۇپ، ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپتۇ ۋە دۆلەت ئۇلىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە چاقىرىپتۇ...

بۇ يۇقىرىدىكى مەسەللەردىن بىز ئالىمنىڭ ھاياتلىقتا ئەجىرسىز مېھنەتنىڭ يوقلىقىنى ،ئىنساننىڭ چۇقۇم تىرىشىشى كېرەكلىكىنى ،يۇرىتلاردىكى ئۆزئارا-ئىناقلىقنى ،بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەشنى................................ تەۋسىيە قىلغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.
     ئەجدادلىرىنىڭ تارىخىنى بىلمىگەن ئەۋلاتلار غورورسىزبۇلىدۇ. زامان ھادىسىلىرى ئۆزگىرىشچان بولسىمۇ ،پەلەكنىڭ چاقى گاھ ئوڭ،گاھ تەتۈرچۈرگىلىسىمۇ ،ھاياتلىق ھەقىقىتى ئۆزگەرمەستۇر.زامان ھادىساتلىرى ئىنسان ئۈچۈن پەقەت بىر سىناقتۇر.
ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ يۇقارقى خىسلەتلىرى ئادەم بۇلۇشنىڭ خىلى يۇقىرى پەللىسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزگە ئوخشاش بۈيۈك ھىكمەتلەر ئاددى شەخىس،ئاددى ئادەملەرنىڭ پائالىيىتىدە ئەكىس ئىتىدۇ.ئۆتكۈر روھى بىز ياشلار ئۈچۈن بىر تۆگىمەس ناخشا. تۆگىمەس ئۆگىنىش بۇلىقى.

uyghuray

0

تېما

0

دوست

4400

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30184
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1300
توردىكى ۋاقتى: 250
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-5 12:24:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ باللىرى نېمانداق جىق؟ھەممىسى ئوخشاش گەپلەر،ئوخشاش بىر شامال.خوجىنىياز ھاجىنىڭ سىرىنى  ‹‹ئويغانغان زىمىن ››رومانىدا يوشۇرۇپ قالغانلىقىزە پەقەت ............. بولدىلا مەرھۇمنىڭ باللىرىغا بەخىت تىلەيمەن.

يوق

14

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27688
يازما سانى: 1500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3544
توردىكى ۋاقتى: 897
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-5 12:47:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
baturkarahan يوللىغان ۋاقتى  2015-10-5 12:24
ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ باللىرى نېمانداق جىق؟ھەممىسى ئو ...

ئازراق سۆزنىڭ پۇرقىنى پۇرتۇپ قويۇپ ئىچىڭىزگە يۇتىۋالماي ، بىلىدىغان ئەھۋاللاردىن خەۋەردار قىلمامسىز ؟ ئۆتكۇرئەپەندىمۇ بىر ئىنسان ! سەۋەنلىكتىن خالى ئەمەس .

25

تېما

2

دوست

2990

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1620
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 336
تۆھپە : 708
توردىكى ۋاقتى: 237
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-5 13:12:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم يۇقارقىدەك پائالىيەتلىرى بىلەن گومىنداڭنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلىرىدىن تاكى 1978-يىلغىچە ئۈرۈمچىدە 30يىلغا يىقىن  خىزمەتسىز قىلىپ،
___________________________________________________
ئازادلىقتىن كېيىن 1955-يىلغىچە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە كاتىپ بولۇپ خىزمەت قىلغانلىقىنى ئوقۇغاندەك قىلغان ئىدىم.
uyghuray

1

تېما

9

دوست

3108

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22990
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 940
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-5 14:13:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kichikoghul يوللىغان ۋاقتى  2015-10-5 13:12
ئالىم يۇقارقىدەك پائالىيەتلىرى بىلەن گومىنداڭنىڭ ئاخ ...

بىلىشىمچە 56-يىلىغىچە كاتىپ ئەمەس تەرجىمان بولغان.
56-يىلىدىن 78-يىلىغىچە «قالپاق» دەستىدىن ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىگە ئوخشاش قېقىلىپ سوقۇلغان.

0

تېما

0

دوست

106

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   35.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43893
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-7 01:17:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز،سىزگە رەخمەت!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )