قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 8405|ئىنكاس: 53

مۇجىبۇل راخمان ئەركىم: سېرىق ئۇيغۇرلار قومۇلدىن كەتكەنمۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

184

تېما

15

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   71.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1916
نادىر تېمىسى: 23
مۇنبەر پۇلى: 6650
تۆھپە : 7645
توردىكى ۋاقتى: 1686
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-7 14:19:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېرىق ئۇيغۇرلار قومۇلدىن كەتكەنمۇ
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم

15-سۈرەت.jpg

   ئەسەرنىڭ تېمىسىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئوقۇرمەن ھەيران بولماي تۇرالمايدۇ. لېكىن، مۇشۇ بىر قانچە يىل ئىچىدە سېرىق ئۇيغۇرلار بىلەن بىر نەچچە قېتىملىق ئۇچىرىشىش جەريانىدا ھەم سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ماكانى گەنسۇ ئۆلكىسى سۇنەن سېرىق ئۇيغۇر (يوغۇر) ناھىيسىگە بارغانلىرىمدا بولسۇن يۇقىرىقى تېما ئىزچىل كاللامغا كىرىۋېلىپ زادى ئارامىمدا قويمىدى.
   2012-يىلى ئىشخانىمىزدىكىلەر ۋە ئابلېز ئۇرخۇن قاتارلىق كىشىلەر قومۇل ئاراتۈرك ناھىيسى قوتوغول ئۇيغۇرشار خارابىلىكىگە باردۇق. قومۇل تەۋەلىكىدە « ئۇيغۇر، قارلۇق، ئەلكى » قاتارلىق قەدىمكى ئۇيغۇر، تۈرك قەبىلە نامىدا ئاتىلىدىغان ئورۇنلار پەرىزىمچە تەخمىنەن 70 تىن ئېشىپ قالىدۇ. قوتوغول ئۇيغۇر شار ئارتۈرك تۈركۆل (تۈرككۆل) يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تۇرسۇن بۆرەك، تۈرگۈن داۋان ئېتەكلىرىگە جايلاشقان قورام تاشلاردىن پۈتكەن شەھەر خارابىسى بولۇپ، ئەتىراپىدىن ساپال قاچا، تاش قورال ۋە قىيا تاش سىزمىلىرىنى، سىزمىلار ئىچىدىن « تۈركى تىللار دىۋانى»دا خاتىرلەنگەن 32 ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ قىسمەن تامغىلىرىنى ئۇچىراتقىلى بولىدۇ. بىز پۈتۈن ئىشتىياقىمىز بىلەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىزنالىرى قالغان ھەيۋەتلىك قورام تاشلارنىڭ ئىچىدە يۈرۈۋاتقىنىمىزدا 60 ياشلار چامىسىدىكى يەرلىك مالچى بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدۇق. سالام-سەھەتتىن كېيىن بۇ مالچىدىن سورۇدۇم. -ئاكا، بۇ يەرنى نىمە دەپ ئاتايدۇ؟
- قەدىم-ئايەمدىن قوتوغول ئۇيغۇر شار دەپ ئاتايدىكەن.
- بۇ يەردە كىم خەقلەر ياشاپتىكەن؟!
- بۇۋىلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان خەقلەر ياشاپتىكەن.
-ھوي، ئۆزلە ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟
- مەن ئۇيغۇر، ئەمما، بۇ يەردە ياشىغان ئۇيغۇرلار بىزگە ئوخشىمايدىغان ئۇيغۇلار كەنتۇق.
- بۇ ئۇيغۇلار بىزگە قانداق ئوخشىمايدىكەن؟
- بۇۋىلارنىڭ بىزگە ئېيتىپ برىشىچە، ئۇلار قوي، كالا، ئات دېگەندەك مال-ۋارانلىرى بىلەنلا يېتىپ قوپىدىكەنتۇق. سۇدىن قورقىدىكەندۇق.
-شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار نەگە كەتكەندۇ؟ بۇ ھەقتە بىرەر پاراڭ ئاڭلىغانلامۇ؟
- ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، شۇ زامانلاردا بۇ ئۇيغۇر خەقنىڭ ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە ۋابا تارقىلىپ چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش كىشىلەر ۋە تۈركۈملەپ مال-چارۋىلار ئۆلۈشكە باشلاپتۇ. شۇڭا، مۇشۇ كۈنلەردىمۇ بۇ يەردىن تېپىلغان قەبرىلەرنىڭ ئىچىدىن ئون نەچچە ئادەم  ۋە ھايۋانلار بىللە كۆمۈلگەن گۆرلەر چىقىدۇ. ئۇيغۇر خەق مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ تۈگەپ كېتىدىغان ئوخشايمىز، دەپ گەنسۇ تەرەپلەرگە قېچىپ كەتكەنىكەن. گەنسۇدا بۇتقا ئىشىنىدىغان سېرىق ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان بىر خەقلەر بار دەيدۇ، شۇلار ئۇيغۇر دېگەن خەق شۇمىكىن...دەپ جاۋاپ بېرىپ، موخۇركىسىنى كۈچەپ تارتىپ يوغان قارا تاشقا يۆلەنگىنىچە يىراقلارغا پەرۋاسىز نەزەر تاشلاپ تۇراتتى.
   
11-سۈرەت.jpg

ئۇزاق يىللىق شىۋە يىغىش، يەر-جاي نامى توپلاش، قەدىمكى ئەسەرلەرنى ئىزلەش جەريانىدا يۇقىرىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان پاراڭلارنى تولا ئاڭلىغانتىم. بۇ ھەقتە 2011-يىلى سۇنەنگە بارغاندا سېرىق ئۇيغۇر (شەرقى سېرىق ئۇيغۇر) نىڭ داڭلىق يازغۇچىسى تۆمۈر ئەپەندىم بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا ئۇ ماڭا، بىزنىڭ سېرىق ئۇيغۇرلار زىمىنىدا « سارتالا » دەپ ئاتىلىدىغان ناھايتى گۈزەل، كەڭرى كەتكەن يايلاق بار، مۇمكىن بولسا سۈرۈشتۈرپ باققىن، قومۇلدىن مۇشۇنداق ئىسىمنى تاپقىلى بولامدىكىن، بىز تۈركى مىللەتلەر ئۆزىمىز ئەسلى ياشىغان زىمىنلارنىڭ ئىسمىنى، كېيىن كۆچۈپ بارغان زىمىنلىرىمىزغا كۆچۈرۈپ كېلىدىغان ئادىتىمىز بار، دېگەنتى. قومۇلغا قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئاراتۈرككە چىققىنىمدا، ئاراتۈرك ناھىيە بازىرىنىڭ ئايىقىدىكى تاغ باغرىدا ئۇزاققا سوزۇلغان سېرىق رەڭلىك بىر يايلاقنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلار تەرپىدىن «سارتالا » دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ۋە ئۇنىڭ يىراقتىن تارتىلغان سۈرىتىنى تۆمۈر ئەپەندىمگە ئەۋەتىپ بەرگەنتىم. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان « قوتوغول ئۇيغۇر شار » دەل سارتالا يايلىقىنىڭ قىبلە تەرپىگە توغرا كېلىدۇ.
   2014- يىلى مەن ئۈچۈن ھاياتىمدىكى تولىمۇ مول ھوسۇللۇق بىر يىل بولدى. باشقىسىنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ، مېنى كېچە-كۈندۈز تەلپۈندۈرىدىغان سېرىق ئۇيغۇرلار يۇرتىغا ئىككى نۆۋەت بېرىپ كەلدىم. بۇ ئىككى قېتىملىق سەپىرىمدە كۆرگەنلىرىم، ئاڭلىغانلىرىم ۋە ھېس قىلغانلىرىم تا بۈگۈنگىچە قەلىب ئاسمىنىمدىن يۇقالغىنى يوق.
   2014- يىلى 8- ئاي ۋە 9- ئايلارنىڭ ئىچىدە قومۇل شەھەرلىك غەيرى مەدەنىيەتلەرنى قوغداش مەركىزىنىڭ ۋە شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىككى قېتىم سۇنەنگە باردىم. ئىككى قېتىملىق ئەھمىيەتلىك سەپەر جەريانىدا سېرىق ئۇيغۇر تىل-شىۋىسى، ئۆرپ-ئادەت، كىيىم-كېچەكلىرىدىكى قىسمەن ئالاھىدىلىكلەرنىڭ قومۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭكىگە تولىمۇ ئوخشايدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقىم ئۈچۈن، قومۇلغا قايتىپ كېلىپلا بۇ ھەقتە بىرەر پارچە يازما يېزىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەنتىم.
011.jpg

سېرىق ئۇيغۇر ۋە قومۇل ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە تەمەشلەر
   سېرىق ئۇيغۇر تىلى تۈرك ئالتاي تىللىرى تۈركىمىگە تەۋە. سېرىق ئۇيغۇر تىلى خەلقئارا تىلشۇناس، مىللەتشۇناسلار تەرپىدىن ئۇيغۇر، تۈرك تىلىنىڭ تىرىك تاشقاتمىسى، دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قوللىنىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ھازىر تىلى بار، يېزىقى يوق. ئورخۇن قاغانلىقى ۋە مەڭگۈ تاشلىرى، قامچۇ (گەنجۇ) ئۇيغۇر قاغانلىقىدىن قالغان تەۋەرۈك تىلنى تا بۈگۈنگىچە سۆزلەپ كېلىۋاتقان سېرىق ئۇيغۇرلار پۈتكۈل تۈرك دۇنياسى تىل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ گۆھەر قازىدىغان كانى بولۇپ كەلمەكتە. بىراق، سېرىق ئۇيغۇرلار نوپۇسى شۇقەدەر ئاز بولسىمۇ شەرقى ۋە غەربى سېرىق ئۇيغۇر دەپ ئىككى تارماققا بۆلىنىدۇ. غەربى سېرىق ئۇيغۇرلار ساپ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشسە، شەرقى سېرىق ئۇيغۇرلار مۇڭغۇل تىلىدا (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئالامەتلىرىمۇ ئۇچىرايدۇ) سۆزلەيدۇ.
   مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، غەربى سېرىق ئۇيغۇر تىلى قومۇل، تۇرپان، لوپنور، سانجى، قۇتۇبى، جىمسار، مورى تەرەپتىكى ئۇيغۇر شىۋىلىرىگە بەكرەك يېقىن تۇرىدىكەن. قومۇل شىۋىسى- يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىللىرىدىكى ئۆز قەدىمىيلىكىنى ئەڭ ساپ ھالەتتە ساقلاپ كېلىۋاتقان شىۋىدۇر. چۈنكى قومۇل ئىسلامنى كىچىكىپ قوبۇل قىلغانلىق سەۋەبلىك ئەرەب، پارىس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا قالغان. يەنە بىر مۇھىم ئامىل بولسا، قومۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ يىپەك يولىنىڭ سەلتەنەتى غايىپ بولغان نەچچە يۈز يىل مابەينىدە شۈكرى-قانائەتچان ۋە بىكىك جۇغراپىيىلىك مۇھىتى، قومۇلنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدىكى تۈپكى سەۋەپتۇر. بەلكىم، باشقا يۇرت ئۇيغۇرلىرى قومۇل شىۋىلىرىنى بىر خىللا دەپ بىلىشى مۇمكىن. قومۇلدىكى ھەر بىر يۇرتنىڭ شىۋىلىرى ئاھاڭ، تەلەپپۇز جەھەتتىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. قومۇلنىڭ قاق بېلىدىن ئايرىپ تۇرغان تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى تەرپى، شەھەرئىچىنى مەركەز قىلغان خوتۇنتام، سۆجە كارىز، ئارتام، تاشار، باغداش، ئېدىر، قورايلاردا ساقلىنىپ قالغان ئوردا ( ئۆزلە، ئۆزلىرى، سىز سۆزىنى ئىشلىتىدىغان مۇلايىم تەلەپپۇز ) تەلەپپۇزى ۋە قومۇلنىڭ چەت ياقىلىرىدىكى ئۆزلە، سىز قاتارلىق ھۆرمەت سۆزلىرىدىن پۈتۈنلەي خالىي قالغان چوڭ، كىچىك ھەممە كىشىنى سەنلەيدىغان قارادۆۋە، شوپۇل، نوم، تۈركۆل، نېرىنكىر، تۆمۈرتى، نېرناسى، قالغايتى، ئىرغايتى، توشو قاتارلىق يۇرتلار قومۇلنىڭ ئۆزگىچە بولغان شىۋە ئالاھىدىلىكىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. قەدىمدە ھەر بىر يۇرت ئارلىقىنىڭ يىراق، قاتنىشىنىڭ قولايسىز بولىشىمۇ قومۇل شىۋىسىنىڭ بۈگۈنگىچە ساپ، پاكىز ساقلىنىپ قېلىشىدىكى مۇھىم بىر ئامىل. قومۇلدا ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر شىۋىسىدە ئۇچىرىمايدىغان ئۈچىنچى شەخىس تىلىدا پاراڭلىشىدىغان ساقا، قارمۇقچا، ساۋلاق، باغداش، تاشار قاتارلىق يۇرتلار بار. دېمەك قومۇل شىۋىسىنىڭ قەدىمىي ئۇيغۇر، تۈرك تىلى تەتقىقاتىدا تۇتقان ئورنىغىمۇ سەل قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ.
   كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مومامنىڭ ئاغزىدىن (دادامنىڭ ئاپىسى باغچايلا ئەرشىدىن) نۇرغۇن ھېكايە، چۆچەك، رىۋايەت، قىسسە، داستان، قوشاقلارنى ئاڭلاپ چوڭ بولغانتىم. 1930-يىللاردىكى يېغىلىق دەۋىرلىردە رەھمەتلىك مومامنىڭ 12-13 ياش چاغلىرى ئىكەن. ئۇ ئۇلۇغ بۇۋىلىرىم بىلەن يولۋاسبەگكە ئەگىشىپ ئەنشى (گەنسۇ زىمىنلىرى) تەرەپلەرگە ئىككى قېتىم پاناھلىنىپ بارغانىكەن. ھەر قېتىم مومامنىڭ ئاغزىدىن بۇ ھېكايىلەرنى ئاڭلىغىنىمدا ھەيران بولۇپ: - موما سىلەر نىمىشقا ئۇ تەرەپلەرگە قېچىپ بارىسىلەر؟! ئۇ يەرلەردە يا ئۇيغۇر بولمىسا؟ دەپ سورىسام، مومام كۈلۈپ كېتىپ: - كىم شۇنداق دەيدۇ نەۋرەم، چوڭلاردىن ئاڭلىساق ئۇ تەرەپلەردىمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياشىغانكەن، بىز بارغان شۇ چاغلاردىمۇ سودا-سېتىق، ئوۋچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان، شۇ يەرلەردە ئۆي-زىمىنىلىك ئۇيغۇرلار باركەنتۇق. بىزنى شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار كۈتىۋالغان، دەپ جاۋاپ بېرەتتى. دېمەك، يولۋاسبەگكە ئەگىشىپ قاچقان 300 دىن ئارتۇق قومۇل خەلقى بىكاردىن بىكار ئەنشىگە بارمىغان بولاتتى. ھازىرقى بەزى تارىخى ماتېرىياللاردا گەنسۇ زىمىنىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىڭىشىپ كەتكەنلىكىنى ھەتتا ئۇ يەردىكى بەزى يۇرت ناملىرىنىڭ تا بۈگۈنگىچە ئۇيغۇرچە ئاتىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يۈرىۋاتىمىز. ئىسلام دىنى قومۇلغا كىرىشكە باشلىغان دەۋىرلەردە ئۆزلىرىگە يات بولغان دىننى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان قومۇل، تۇرپانلاردىكى بۇددىسىت ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ تەرەپلەرگە قېچىپ كەتكەنلىكىنى، ئىسلام ئاچقان خوجا غازاتچىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ تاكى گەنسۇلارغىچە كىرگەنلىكىنى قىسمەن ماتېرىياللاردىن ئوقۇۋاتىمىز. ھەر بىر سېرىق ئۇيغۇر ئاڭلىسا ياشلىرىنى مارجاندەك تۆكىدىغان « شىجىنىڭ خاجىدىن كەلدۇق » ناملىق بىر خەلق ناخشىسىدىمۇ قۇم بوران ئاپىتىدىن قاچقان ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ غەرىپتىن كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇم بايلىقىمۇ ئىنتايىن كەڭرى. شۇڭا تۇرمۇشىمىزدا قۇم ھەققىدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەرمۇ كۇرمىڭ. قومۇلنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى بوغاز يېزىسىنىڭ (بۇرۇنقىلار بوغازنىڭ ئاستىنى تارىم، تەكلىماكان، لوپ ئاتايتتى) ئاياق تەرپى چەكسىز كەتكەن توغراقلىق، كۆل، بۇلاق ۋە پايانسىز چۆل، دەھشىتى باياۋانلار بىلەن تولغان. گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان توغراق، كۆل، بۇلاقلار قۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ بۇ زىمىننىڭ ئىلگىرىكى سەلتەنەتىنى ھازىرمۇ ھېس قىلغىلى بولىدۇ. دەل مۇشۇ قەدىمىي بوستانلىقتا « غايىب شەھەر »دەپ بىر گۈزەل رىۋايەت تارقالغان. رىۋايەتتە، بۇ شەھەرنىڭ 40 كېچە-كۈندۈز داۋاملاشقان دەھشەتلىك قۇم ئاپىتىدە غايىب بولغانلىقى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ باشقا يەرلەرگە كۆچۈپ كەتكەنلىكى، ھازىرقى كىشىلەرنىڭ دەل ئاشۇ قۇم ئاپىتىدىن ئامان قالغانلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكى سۆزلەنگەن. ھازىرمۇ بوغازلىقلارنىڭ ئاغزىدا كىمكى غايىب شەھەرنىڭ قوۋۇقىنى تېپىۋالسا بېيىپ كېتەرمىش، لېكىن، غايىب شەھەرنىڭ ئىچىگە كىرگەن ھەر قانداق كىشى ئالتۇن-كۆمۈشلەرنى ئېلىۋالسا قوۋۇق يېپىلىپ قېلىپ غايىب شەھەردىن قايتا يېنىپ چىقالماسمىش، پالانچى ئاخۇن غايىب شەھەرنى قوۋۇقىنى كۆرۈپتىكەن، پۇستانچى قارى شەھەر ئىچىگە كىرىپتىكەن...دېگەندەك پاراڭلار تارقىلىپ يۈرمەكتە. ئاڭلىسام بۇ كىچىككىنە قەدىمىي ئۆتەڭ بوغاز يېزىسىنىڭ ئەتىراپىدا نەچچە مىڭ يىللىق قەدىمىي قەبرىلەرمۇ بەك كۆپ ئۇچىرايدىكەن. ھەر قېتىم سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە خىيال قىلغىنىمدا نىمىشقىدۇر « شىجى خاجىدىن كەلدۇق » ناملىق ناخشىنىڭ مۇڭلۇق مىلودىيسىگە ئەگىشىپ « غايىب شەھەر » رىۋايىتىنى ئەسلەپ قالىمەن. بۇ ئىككىلىسىدە بىرەر باغلىنىش بارمىدۇ؟!  
    شەرقى سېرىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى تۆمۈر ئەپەندىم يازغان « سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىلى » ناملىق كىتابىدا قان-ياشلىق قىسمەتلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان سېرىق ئۇيغۇر تارىخى ئىنتايىن ئەتىراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ ئىچكى نىزا، تەبىئىي ئاپەت ۋە قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمىدىن يىمىرىلىپ ئورخۇن بويلىرىدىن ئۈچ يۆلىنىشكە كۆچۈشى، قامچۇ (گەنجۇ) ئۇيغۇر قاغانلىقىنى قۇرۇشى، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىرىدىكى سەلتەنەتلىك ھەم كۈلپەتلىك كەچۈرمىشلىرى ئىشەنچىلىك پاكىتلار بىلەن بايان قىلىنغان. ئورخۇن بويلىرىدىن تارىلىپ ، سارسىلىپ كەتكەن ئۈچ مىليوندىن ئاشىدىغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قانداق قىلىپ بۈگۈنكى كۈندىكى نوپۇسى ئارانغىنە بىر تۈمەن ئۈچ مىڭدىن ئاشىدىغان سېرىق ئۇيغۇرلارغا ئۆزگىرەش قىسمىتى تەپسىلى تىلغا ئېلىنغان.
012.jpg

   تارىخنىڭ رەھىمسىز چاقلىرى يەنە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىمەكتە. بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرپىدىن ئۈن-تىنسىز ئۇنتىلىۋاتقان مىللەتلەر ھېلىھەم مەۋجۇت. ئۇلار جاھان تەرەققىياتىنىڭ توختاۋىسىز تاسقاقلىرى ئارىسىدا يوقۇلۇش كەلمىشى ۋە قۇتۇلۇش كەچمىشىنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەكتە. مانا قان قېرىنداشلىرىمىز بولغان سېرىق ئۇيغۇرلار دەل شۇنداق بىر تارىخى دەۋىرنىڭ بوسۇغىسىدا تىپىرلاۋاتىدۇ.  ئارىمىزدىكى دوكتور ۋە تىل تەتقىقاتچىلىرى ئۇلار ھەققىدە ئىلمىي بولغان تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، مەندەك بىر ئەرزىمەس قەلەمكەشنىڭ ئۇلار ھەققىدە ئازتولا بىر نەرسە يېزىشىنى زىممەمگە يۈكلەنگەن شەرەپلىك مەجبورىيەت دەپ بىلدىم. چۈنكى مەن يېزىشىم كېرەك. يازغانلىرىم ئارقىلىق جاھان خىلۋىتىدە سېرىق ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەۋىمنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئەتىراپىمدىكىلەرگە بىلدۈرىشىم كېرەك.
   تىل ۋە ئۆرپ-ئادەت نۇقتىسىدىن بىلىدىغانلىرىم چەكلىك بولسىمۇ سېرىق ئۇيغۇرلار بىلەن قومۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل، شىۋە، ئۆرپ-ئادەتلىرىدىكى ئوخشاشلىقلار ئەقلىمنى لال قىلىۋالدى. شۇڭا مەن گال قەلىمىمنى ئېلىپ بۇ ھەقتە ئاز تولا جىجىلاپ بېقىشنى لايىق تاپتىم. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 3 قېتىملىق سۇنەن سەپىرىنىڭ تەسىراتىمۇ 3 خىل بولدى. لېكىن ھەر قېتىمىدا ھېس-تۇيغۇلىرىم بەلگىلىك چوڭقۇرلاشتى. پەرىزىمچە يەنە 2-3 قېتىم بارسام سېرىق ئۇيغۇرچىنى ئۆگىنىۋالىدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم ئاشتى. چۈنكى تىلىمىزنىڭ يىلتىزى بىر بولۇپلا قالماستىن، ئۆز جىسمىدا قەدىمىي ئۇيغۇر تىل-شىۋە ئالاھىدىلىكىنى بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلاپ كېلىۋاتقان قومۇل شىۋىسى مەن ئۈچۈن ئالاھىدە قولاي مۇھىت ھازىرلاپ بەردى.
ئەمىسە تۆۋەندە مەن سۇنەن سەپىرى جەريانىدا يولۇقتۇرغان سېرىق ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار بىلەن قومۇل شىۋىسىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆتەي.  
   پوقىر- سېرىق ئۇيغۇرلار ئۇسۇلنى « پوقىر » دەپ ئاتايدىكەن. بۇنى ئاڭلىغىنىمدا قومۇل شىۋىسىدىكى « بۇقۇر » سۆزىنى ئەسكە ئالدىم. ۋە ئۇلاردىن « پوقىر» نىڭ تىلىدىكى مەنىسىنى سورىسام قومۇل شىۋىسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش چىقتى. «بوقىر»  تىلىمىزدا: پىچاقنى قوينىڭ بوغۇزىغا بوقۇرۇپ سال. ئۆگىسىنى(ئومۇرتقىنىڭ ئارىسى) بوقۇرىۋەت. ماللار بوغۇزغا بوقۇرلۇپ كەتتى. ئۇنىڭ قوۋۇرغىسى بوقۇرلۇپ كېتىپتۇ. دېگەندەك شەكىللەردە ئىشلىتىدۇ. مەنىسى: پاتۇرۇپ، پاتۇرلۇش، باستۇر، باستۇرۇش...دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىلىدۇ. سېرىق ئۇيغۇر تىلىدا « پوقىر » نىڭ مەنىسىنى: پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ قىلغان ئىش، ھەركەت دېگەن شەكىلدىرەك چۈشەنچە بېرىلدى.
   دوقۇر-سېرىق ئۇيغۇر تىلىدا ئۈسۈشۈپ كېتىش، تېگىپ كېتىش مەنىسىدە كېلىدىكەن. تىلىمىزدا ئۇلار ئىككىسى تار يولدا دوقۇرۇشۇپ قالدى، دەپ كېلىدۇ. بۇ يىل 8-ئايدا سۇنەن مىڭخۇا يېزىلىق ھۆكۈمەتتە خىزمەت قىلىدىغان بىر سېرىق ئۇيغۇر خىزمەتچىنىڭ يۈز-كۆزلىرىنىڭ يارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، يۈزۈڭگە نىمە بولدى؟ دەپ سورىسام، ئۇ كۈلۈپ كېتىپ سېرىق ئۇيغۇرچە: -تۈندە ھاراق ئىچىپ، دوقۇردى. دەپتىكەن ئاڭلاپلا چۈشەندىم. دوقۇرنىڭ مەنىسى بۇ يەردە، سوقۇلدى، ئۇرۇلدى، سوقۇلدۇم، ئۇرۇلدۇم مەنىسىدە كېلىۋاتاتتى.
   مانان- « مانان » سېرىق ئۇيغۇر تىلىدا چاڭ-توزان، توپا-تۇمان مەنىسىدە ئىلىنىدىكەن. قومۇل شىۋىسىدە ، بازارنىڭ ئىچى مانام قايناپ كېتىپتۇ، دەپ ئېلىنىدۇ.
   مەنىدىر- « مەندىر » سېرىق ئۇيغۇر تىلىدا مۆلدۈر مەنىسىدە ئىشلىنىدىكەن. قومۇل شىۋىسىدىمۇ ، تاڭنەئەرتىلەردىن مەندىر ( مۆلدۈر ) يېغىپ قويۇرمۇ نىمە؟ دەپ ئېلىنىدۇ.
   قاڭرىق- « قاڭرىق » سېرىق ئۇيغۇر تىلىدا بۇرۇننى بىلدۈرىدۇ. قومۇل شىۋىسىدە بۇرۇننىڭ ئىگىز يېرىنى قاڭشار دەيمىز. ئالىم بىر كاللا قويۇپ، ئادىلنىڭ قاڭشىرىنى ئىزىۋەتتى. بۇرۇن تاماكىسىنى سېرىق ئۇيغۇرلار « قاڭرىق تاماكا » دەيدۇ.
   ئەت - « ئەت » سېرىق ئۇيغۇر تىلىدا گۆش مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. قومۇل شىۋىسىدىمۇ ئەت دەيمىز. مەسلەن: بۇ يىل مال-چارۋىلار ئوبدانلار ئەتلىنىپ قاپتۇ. يۈزى ئەتلىك كىشى ئىكەن. ئەپسوس كۈندىلىك تۇمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان « ئەت » سۆزىنى مۇشۇ كۈنلەردە پارىسچە « گۆش » كە تېگىشىۋەتكىلى باشلىدۇق.
   مىجىر- « مىجىر » سېرىق ئۇيغۇرچە كىچىك، ئۇششاق، جىق مەنىسىدە ئىشلىنىدۇ. قومۇل شىۋىسىدىمۇ شۇنداق. مەسلەن: بىر  سېرىق ئۇيغۇر كىشىنىڭ ئىسمى « مىجارداق »ئىكەن. مەنىسىنى سورىساق، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ تۈۋى يېيىلسۇن، ئەۋلادلىرى جىققىدە بولسۇن دېگەن ئۈمىتتە، كۆپلۈكنى بىلدۈرىدىغان « مىجىر » سۆزىگە سېرىق ئۇيغۇرچىدا ئەركىلەتمە ئىسىم سۈپىتىدە كېلىدىغان « ئارداق » سۆزىنى قوشۇپ ئىسىم قويغانلىقىنى دەپ بەرگەنتى. ( قازاقلاردا ئارداق دېگەن ئىسىم بار. مەنىسى، ئەزىز، قەدىرلىك ئىكەن ) قومۇل شىۋىسىدە، پالانچى ئاخۇن مىجىر-مىجىر بالىلىرىنى قانداقمۇ بېقىپ كەتكەندۇ ھە؟ دەپ ئىشلىتىلىدۇ.
   ئەرەن- « ئەرەن » سېرىق ئۇيغۇرچىدا « ئەر » مەنىسىدە. قومۇل شىۋىسىدىمۇ شۇنداق. مەسلەن: خويمۇ باتۇر ئەرەنلەر ياشاپ ئۆتكەن ئىدى. سېرىق ئۇيغۇرچىدا ئەرەن، مېنىڭ ئەرەن، دەپ ئېلىنىدىكەن. مەنىسى:  ئەر، مېنىڭ ئېرىم مەنىسىدە ئىشلىنىدىكەن.
   ئوغلان - « ئوغلان » سېرىق ئۇيغۇرچىدا مەنىسى ئۇيغۇرچە بىلەن ئوخشاشكەن. قومۇل شىۋىسىدە « ئوغلان » ئاتالغۇسى « ئولان » شەكلىدە قوللىنىلىدۇ. مەسلەن: نىلىغان ئولانلىرىم تۈگەپ كەتتى. ئولان بالام ئامان بول ، شەكلىدە ئىشلىنىدۇ. ئولانبۇلاق دەپ ئاتىلىدىغان يەرجاي نامىمى بار.
   ئېدىر- « ئېدىر » سېرىق ئۇيغۇرچىدىكى مەنىسى ئۇششاق تاغ تۆپىلىكلىرى، كىچىك داۋانلارنى بىلدۈرىدىكەن. بۇ تىلىمىز، شىۋىمىزدىكى مەنىسى بىلەن ئوخشاش.
   ئات- « ئات » سېرىق ئۇيغۇرچىدا ئىسىم مەنىسىدە ئىشلىنىدىكەن. مەسلەن: سەن ياقشىمۇ؟ سېرىق ئۇيغۇر ئاتقا؟ ( ياخشىمۇ سەن؟ سېرىق ئۇيغۇرچە ئېتىڭ نىمە؟ ) قومۇل شىۋىسىدىمۇ ئېتىڭ نىمە؟ شەكلىدە ئىشلىنىدۇ. بىراق، چوڭلار ۋە ياقا يېزا-كەنتلەردە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ قالدى.
   ئويچى- « ئويچى » سېرىق ئۇيغۇچە مەنىسى تۈزلەڭلىكتە ياشىغۇچى، تۈزلەڭدىن كەلگەنلەر مەنىسدە ئىشلىتىلىدۇ. قومۇل شىۋىسىدىمۇ دەل مۇشۇنداق مەنىدە. مەسلەن قومۇل مۇقام تېكىسىتلىرىدە :
ئوي ئويلايسەن، ئوي ئويلايسەن، ئويچىمىدىڭ سەن،
يان باغرىدا يېتىۋاپسەن قويچىمىدىڭ سەن.
دەپ كەلگەن. تۈزلەڭدىكىلەرنى ئويچى، تاغدىكىلەر تاغچى دەپ ئاتايمىز. سېرىق ئۇيغۇرلارمۇ تۈزلەڭدىكىلەرنى چىغ دارتپا( چىغ يۇلدى، چىغ تارتتى)، ئويچى دەپ، تاغدىكىلەرنى داس دېپپې ( تاش تەپتى، تاش تېپەر ) دەپ ئاتىشىدىكەن.
   تىگىرمەن- « تىگىرمەن » سېرىق ئۇيغۇچە تۈگمەن مەنىسىدە. قومۇل شىۋىسىدىمۇ تىگىرمەن، تىگمەن دەپ ئېلىنىدۇ.
   لوڭ- « لوڭ » سېرىق ئۇيغۇچىدا ئىگىز مەنىسىدە. قومۇل شىۋىسىدە : ئۇ بالا لوڭڭىدە ئۆسۈپتۇ. يانتاقنى ھارۋىغا لوڭڭىدە بېسىپتۇ. دېگەن شەكىلدە ئىشلىتىدۇ.
  يالىن- « يالىن » سېرىق ئۇيغۇچە ئوتنىڭ يالقۇنى مەنىسىدە. قومۇل شىۋىسىدە ئوت يېلىنى، يۈزۈم يىلىنجاپ كەتتى، دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىدۇ.
   باغىر- « باغىر » سېرىق ئۇيغۇرچىدا جىگەر مەنىسىدە. قومۇل شىۋىسىدە « باغىر » بېغىر دەپ تەللەپپۇز قىلىنىدۇ.
   تۆش- « تۆس » سېرىق ئۇيغۇرچىدا مەيدە مەنىسىدە. قومۇل شىۋىسىدىمۇ شۇنداق.
   يىگى- « يىگى »سېرىق ئۇيغۇرچىدا قوۋۇرغا مەنىسىدە. قومۇل شىۋىسىدە تام قوپارغاندا كېسەكنى يىگە باستۇرۇپ قويۇش(بىر بىرىنى چىشلەشتۈرۈپ، باستۇرۇپ قويۇش) دەيمىز، سېرىق ئۇيغۇرلارمۇ چىشلەشتۈرۈپ تىزىلغان كېسەكنى يىگى باستۇرۇپ، دەپ قوللىنىدىكەن. قومۇلدا يەنە يىگە قوۋۇرغا دەيدىغان بىر ئاتالغۇ بار. مەنىسى، تۆشكە تۇتاشمىغان ئاستىنقى رەتتىكى قوۋۇرغىلارنى كۆرسىتىدۇ.
   جىس- « جىس » زىبۇ-زىننەتنىڭ بىر تۈرى. قومۇل شىۋىسىدە « چەش » دېيىلىدۇ.
   غون- « غون » سېرىق ئۇيغۇرچىدا قوغۇن مەنىسىدە. قومۇل شىۋىسىدىمۇ « غون » دەپ ئىشلىتىدۇ. مەسلەن: بالام غونغا باقسىلاچۇ؟ بۇ يىل غونلار بەك ئوخشاپ كەتتى.
   ئاقئۆي، قارائۆي- « ئاقئۆي، قارائۆي » سېرىق ئۇيغۇرچىدا كىگىز ئۆي يەنى خەنزۇچە (蒙古包) مەنىسىدە. قومۇل شىۋىسىدىمۇ ئۆيگە ئىشلىتىلگەن كىگىزنىڭ رەڭگىگە قاراپ « ئاقئۆي، قارائۆي » دەپ ئاتىلىدۇ.
   گۈس- « گۈس » سېرىق ئۇيغۇر تىلىدا ئۆكۈز مەنىسىدە ھەم ئۈسۈشمەك مەنىسىدە. قومۇل شىۋىسىدە، ئىككى قوشقار گۈس، گۈس سۈزۈشتى، دېگەن شەكىلدە ئىشلىنىدۇ.
   ئېردى- « ئېردى » سېرىق ئۇيغۇرچىدا بولدىمۇ، شۇمۇ، ماقۇلمۇ، شۇنداقمۇ دېگەن مەنىدە ئىشلىنىدۇ. قومۇل شىۋىسىدە ئالىم قاچان ئېرىيسەن؟ ئېرىدىڭمۇ؟ دەپ قوللىنىدۇ. ( ئالىم قاچان ۋاقتىڭ بار؟ بىكار بولدۇڭمۇ؟ دېگەندەك مەنىلەردە.)
   ئىستەيدۇ- « ئىستەيدۇ » سېرىق ئۇيغۇر تىلىدا ئوخشايدۇ مەنىسىدە. قومۇل شىۋىسىدە « ئىستەيدۇ » سۆزى سېرىق ئۇيغۇرچىدىكى مەنىسى بىلەن سەل ئوخشاشمىسىمۇ، بىراق ئازراق ئوخشاشلىقنى ھېس قىلدىم. مەسلەن: قومۇلدا چوڭلار سالاملاشقاندا، ئايلاخېنىم ئۆزلىرىلە بىلەن كۆڭۈللىرىمىز ئىستەشمىيدىغان بوپ قالدى، دېسە قارشى تەرەپ: نەدىكى گەپلەرنى قىيتىلا، مېنىڭ كۆڭلۈم ئۆزلەرنى ھەر كۈنى ئىستەيدۇ، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. بۇ يەردىكى « ئىستەش » سۆزى، تىلىمىزدىكى « ئىزلەش » سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. چۈنكى قومۇل شىۋىسىدە : ئالىمنىڭ ئۆيىگە ئۇنى ئىستەپ باردىم، دەپ كەلمەيدۇ. ئىزدەپ، ئىزلەپ دېگەن شەكىللەردە ئېلىنسىمۇ « ئىستەپ » سۆزى ئىشلەنمەيدۇ. دېمەك شىۋىمىزدىكى « ئىستەيدۇ » سۆزىنىڭ مەنىسى مەنا جەھەتتىن سېرىق ئۇيغۇرچىدىكى « ئىستەيدۇ » بىلەن پەرىقلەنسىمۇ سۆز قۇرۇلمىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشاشلىقى دىققىتىمنى تارتتى.
   ئېگىن- « ئېگىن » سېرىق ئۇيغۇرچىدا مۈرە مەنىسىدە. بۇ ئاتالغۇنىڭ قومۇل شىۋىسىدە « ئىگىن » بىلەن مۇناسىۋىتى بارمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. مەسلەن: ئالىم ئىگىنىڭنى كەيدىڭمۇ؟ مەنىسى: ئالىم كىيىمىڭنى كەيدىڭمۇ؟ سېرىق ئۇيغۇرچىدىكى مۈرە مەنىسىدىكى « ئېگىن » بىلەن قومۇل شىۋىسىدىكى كىيىم مەنىسىدىكى « ئىگىن » نىڭ كېلىش مەنبەسى بىر بولۇشى مۇمكىن.
   قەنتەمبو- « قەنتامبو» سېرىق ئۇيغۇرچىدا نوچى، مەردانە، كۆرەڭ مەنىسىدە. قومۇل شىۋىمىزدە « ھەتتەم » دەيدىغان بىر ئاتالغۇ بار. مەنىسى: پوچى، ھالى چوڭ، كۆرەڭ. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان « ھەتتەم » گە زادى قايسى تىل بىلەن ئىزاھ بېرىشنى ئويلاشقانتىم. چوڭلاردىن سورىسام، ئەرەبلەردىكى « ھاتەم » بىلەن باغلىغانتى. قايىل بولمىدىم. چۈنكى ئەرەب، پارىس مەدەنىيتىگە ئۇنچە بەك ئۇچىراپ كەتمىگەن قومۇل شىۋىسىدە « ھاتەم » نىڭ « ھەتتەم» ئاتىلىپ يىلتىز تارتىپ، باشقا ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا بۇ ئاتالغۇنىڭ يىلتىز تارتمىغانلىقى بىر چۈشىنىكسىز مەسىلىگە ئايلىناتتى. شۇڭا مەن « ھەتتەم » ئاتالغۇسىنى سېرىق ئۇيغۇرلاردىكى « قەنتامبو » بىلەن يىلتىزداش، مەنىداش بولىشى ئەقىلگە ئەڭ مۇۋاپىق، دەپ ئويلۇدۇم.
   تىلىك، تۆلۈك- « تلىك »، « تۆلۈك » سېرىق ئۇيغۇرچىدا تۆشۈك، ئۆڭكۈر مەنىسىدە. قومۇل 13-دۋىزىيە ساقا دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى باغداش تېغىنىڭ يولىدا تۆلۈكلۈك ئېغىز دەپ ئاتىلىدىغان جاي بولۇپ، بۇ يەردە  تۆلۈكلۈك بۇلاق دەپ ئاتىلىدىغان بۇلاق بار. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مۇشۇ « تۆلۈكلۈك» ئاتالغۇسىنى ئىزاھلىيالماي يۈرەتتىم. يەرلىك كىشىلەردىن سورىغىنىمدا:- ئۇ يەردىكى بۇلاقتىن تۆگىلەر كېلىپ سۇ ئىچكەچكە « تۆگىلىك بۇلاق »، « تۆگىلىك ئېغىز » دەپ ئاتىلىپ قالغان، كېيىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھازىرقى نامغا ئۆزگەرگەن بولىشى مۇمكىن، دەپ جاۋاپ بەرگەنتى. سېرىق ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچىراشقاندىن كېيىن، بۇ يەر-جاي نامىنىڭ ھەقىقى ساپ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى يىشىۋالغان بولدۇم. تۆلۈك- قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى مەنىسى تۆشۈك، ئۆڭكۈر ئىكەن. باغداشنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان بۇ ئورۇن ھەقىقەتەنمۇ تۆلۈكلۈك ئېغىز دەپ ئاتىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
   مۇمكىن بولسا تېخىمۇ جىق ئاتالغۇلارنى سېلىشتۇرۇپ بېقىش خىيالىم بار ئىدى. ئارمانغا چۈشلۇق دەرمان يوق بولۇپ قالدى. مەن ئاڭلاپ بىلمىگەنلىرىمدىن باشقا مەن چۈشەنگەن ھەم بىلگەن نۇرغۇن تىل، شىۋىلەر پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىگە ئورتاق بولغاچقا بۇ يەردە بىرمۇ بىر ئىزاھلاشنىڭ ھاجىتى يوق. مۇشۇ نەچچە قېتىملىق سەپەردە مېنى ئۆزىگە ئەڭ جەلىپ قىلغىنى « دېڭرۇق » دېگەن ئاتالغۇ بولدى. سېرىق ئۇيغۇرچىدا « دېڭرۇق » گۈمبە مەدەك مەنىسىدە. بۇ ئاتالغۇ سېرىق ئۇيغۇر تىلىدىكى دېڭىر (تەڭرى) ۋە ئۇرۇق دېگەن ئىككى ئىسىمدىن بارلىققا كەلگەن ئىكەن. سۇنەندىكى سېرىق ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى قېتىم بۇ ئاتالغۇنى ئاڭلىغىنىمدا قۇرۇلمىسىغا ئانچىكىم پەرۋا قىلمىغانكەنمەن. ئۈچىنچى قېتىم يەنى بۇ يىل 9-ئايدا سۇنەنگە يەنە كەلگەندە « دېڭرۇق » نىڭ مەنىسىنى ھەقىقى چۈشىنىپ كەلدىم. سېرىق ئۇيغۇر تونۇشلىرىمدىن « دېڭرۇق » نىڭ سۆز مەنىسىنى سورىسام جاۋاپ بېرەلمىگەنتى. مەن ئۇلارغا :- مېنىڭچە، بۇ ئاتالغۇ « دېڭىر » ۋە « ئۇرۇق » دېگەن سۆزدىن تۈزۈلگەن. « دېڭرۇق » كۆكتىن يامغۇر ياغسا ئۈنىدۇ، ئۇنى كىشى تېرىمايدۇ. شۇڭا ئەقىللىق ئاتا-بوۋىلىرىمى ئۇنىڭغا « تەڭرى ئۇرۇقى » دەپ ئات قويۇپتىكەن، دېدىم. گېپىمنى ئاڭلىغان سېرىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم قايىللىقتىن كۈلىشىپ كەتتى. يوقۇلۇش كەلمىشىدە تىپىرلاۋاتقان بىر قەۋىمگە  ئۆز ئانا تىلىنى، ئۆزگە تىل بىلەن تەپەككۈر قىلىشتىنمۇ ئارتۇق ئازاپ بولماس. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت، ناخشا-ئۇسسول، كىيىم-كېچەك، دىنىي ئېتىقادلىرى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ كەڭرى سىياسەتلىرىدىن بەھرىمان بولىۋاتقان بولسىمۇ، يېزىقىدىن ئايرىلغان بىر مىللەتنىڭ تىلىنى ساقلاپ قېلىشى قاتتىق خىرىسقا دۇچ كېلىپتۇ. تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلەر، دەپ سېرىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆز مىللىتىنىڭ ئۈستىدە سايىدەك ئەگىپ يۈرگەن قاپقارا بۇلۇتلار ھەققىدە سۆزلىسە، نىمىشقىكىن ئۆتۈكەن تاغلىرىدىن يىغلاپ تۇرۇپ ئايرىلغان ئەجداتلىرىمنىڭ ھەسرەتلىك سىماسىنى كۆز ئالدىمغا ئەكىلىمەن.
6-سۈرەت.jpg

سېرىق ئۇيغۇرلاردىكى تونۇش تۇيغۇرلار
    ئەقىللىق، پەم-پاراسەتلىك، قەھرىمان ئۇيغۇر مىللىتى دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىگە قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن جاھانغا مەشھور. ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن تارتىپ بارلىققا كەلگەن بارلىق مەدەنىيەتلەردە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق ئىزنالىرىمىز قالغان. بىزنىڭ بىر مەدەنىيەتلىك مىللەت توپىنىڭ غالىبلىرى ئىكەنلىكىمىزنى بۈگۈنگىچە داۋاملاشقان ئىسىل ئۆرپ-ئادەت، گۈزەل كىيىم-كېچەك، ئۆزگىچە مەدەنىيەت، سەنئەت، ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكا قاتارلىق تەرەپلىرىمىزدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەلەشتۈرۈش يولىدا كۆپلىگەن دىنىي ئېتىقاد، يېزىقلارنى يەڭگۈشلىدۇق.  تارىختا ئۇيغۇر تىلى 300 يىلدىن ئارتۇق دۇنياۋىي تىللارنىڭ گۈلتاجى بولۇپ سەلتەنەت سۈردى. ئەلۋەتتە، شانلىق يىپەك يولىنىڭ ئەركىسى بولغان سودا كارۋانلىرىمىز، خەلقىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە بارلىققا كەلتۈرگەن شانلىق مەدەنىيەتلىرىنى يەتتە ئىقلىمغا تاراتتى.
2014- يىلى 8-ئاينىڭ 20- كۈنى سۇنەنگە بارغاندا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەملىكەت دەرىجىلىك كېيىم-كېچەك ۋارىسى سېرجىن (柯璀玲) ئاچام (ساقىس قەبىلىسىدىن) بىلەن مەملىكەت دەرىجىلىك سېرىق ئۇيغۇر ناخشا ۋارىسلىرىنى چاقىرغىلى ناھىيەلىك ياشانغانلار ساناتورىيسىگە باردىم. بۇ يەردە 80 دىن داۋىغان دۇشۇلەن خانىم (杜秀兰) ئىزلەپ تاپتۇق. ئۇ تۇرىۋاتقان ئۆيگە كىرىپ، كېلىش مەقسىتىمىزنى ئېيتىپ بىردەم ھايال بولدۇق. ئارلىقتا مەن بىلىپ بىلمەيلا پۇتۇمنى ئالماپ ئولتۇرۇپتىمەن. دۇشۇلەن خانىمنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى يالت قىلىپ بۇ كۆرۈنۈشكە ھەيرانلىق ھالىتىدە قاراپ ئۆتۈپ كەتتى. تويۇقسىز ئۆزەمنىڭ چوڭلارنىڭ ئالدىدا قىلغان ئەدەبسىزلىكىمنى ھېس قىلىپ، ئىككى پۇتۇمنى جۈپلەپ رۇسلىنىپ ئولتۇردۇم. شۇكۈنى كەچتە  بىز تاماقلانغان ئاشخانىدا دۇشۇلەن خانىمغا ئۆزرە ئېيتىپ: - ئابايا ئۆيۈڭگە بارغاندا قىلغان ئەدەپسىزلىكىمنى كەچۈرگىن دېيىشىمگە، بۇ ياشانغان موماي دەرھال ماڭا چۈشەندۈرۈپ، - بىز سېرىق ئۇيغۇرلار چوڭلارنىڭ ئالدىدا پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇشنى بەك يامان كۆرىمىز، تېخى پۇتنىڭ تاپىنىنى كىشىگە قارىتىپ ئولتۇرۇش تېخىمۇ چوڭ ھۆرمەتسىزلىك، دەپ سۆزلەپ كەتتى. شۇ چاغدا مەن رەھمەتلىك مومامنىڭ ماڭا بەرگەن تەنبىھلىرىنى قايتا ئاڭلىغاندەك بولۇپ ھاياجانلىنىپ كەتتىم. سېرىق ئۇيغۇرلاردىكى نۇرغۇن ئۆرپ-ئادەتلەر بىز بىلەن بەكمۇ ئوخشايدىكەن. ئارلىقتا، 2011-يىلى تونۇشقان ئەنيۈلىڭ (安玉玲)  خانىم بىلەن پاراڭ سېلىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قارشى تەرەپتە ئولتۇرغان سېرىق ئۇيغۇر شائىرىنى بىگىز بارمىقىم بىلەن كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ  ئىسمىنى سورىغانتىم، ئەن يۈلىڭ ئاچام قولۇمنى زەپ بىلەن بېسىپ چۈشۈرىۋېتىپ، يېنىمغا سۈرۈلۈپ كېلىپ ئاستا ئاۋازدا:-  بىز سېرىق ئۇيغۇرلار كىشىنى كۆرسەتكەندە ھەرگىزمۇ بىگىز بارمىقىمىز بىلەن كۆرسەتمەيمىز. بۇنداق قىلىش قارشى تەرەپكە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ، ئەمدى باشقىلارنى كۆرسەتكەندە دىققەت قىل، ئوڭ قولۇڭنى چىقىرىپ ئالقىنىڭنى سۇنۇپ قارشى تەرەپنى كۆرستىسەن، بۇنى ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىن، دېدى. بىز ئۇيغۇرلارمۇ شۇنداق قىلىمىز ئاچا، مەن ھازىر دېققەت قىلماي قاپتىمەن، دەپ ئۇنىڭغىمۇ ئۆزرە ئېيتتىم. سېرىق ئۇيغۇلار ھەر قانداق چوڭ، كىچىك كىشىنىڭ ئالدىدىن كېسىپ ئۆتمەيدىكەن، ئۆتمەكچى بولسىمۇ ئەدەپ بىلەن: - جۇۋاتتى، دەپ قويۇپ ئۆتىدىكەن. ياشقا چوڭلارغا چوقۇم ئۆينىڭ تۆرىسى بېرىلىدىكەن. چاي، ئاش-تاماق ئەڭ باشتا چوڭلارغا تۇتىلىدىكەن. ئەتنىمۇ چوقۇم ساھىپخان ئەرلەر ئالدىن قول سېلىپ پىچاق بىلەن مۈچىدەپ مېھمانلارغا سۇنىدىكەن. ساھىپخان مېھمانغا چاي قۇيغاندا چوقۇم  ئىگىلىپ تۇرۇپ، چەينەكنى جۈپ قوللاپ تۇتۇپ، چىنىنىڭ گىرۋىكىنى بويلۇتۇپ ئاستا قۇيىدىكەن. چاي ياكى سۈتچاي قۇيۇلغان چىنىنىمۇ جۈپ قولىدا بېرىدىكەن. ئەگەر مېھمان چاينى پۈتۈنلەي ئىچىپ تۈگەتمىگىچە ئۈستى، ئۈستىگە توختىماي قۇيىدىكەن. ئېتىقاد جەھەتتىن قومۇل بىلەن500-600 يۈز يىللىق پەرىق بولغان قېرىنداش سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ بىزگە شۇ قەدەر ئوخشىشىنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە. ھەر بىر سېرىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە قەدەم باسقىنىمىزدا ئۇلارنىڭ ھويلا-ئارام ۋە ئۆيلىرىنىڭ پاكىزلىقى دىلىمىزنى سۆيۈندۈردى.
بىز ئۇيغۇرلاردا ھاراق ئىچىش مەدەنىيىتى بارمۇ؟ يوقمۇ بۇنى تازا بىلىپ كېتەلمەيمەن. بەلكىم ئىسلامنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ھاراق مەدەنىيتىمىز بولغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ھاراق ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدىغان ھەر قانداق خام ئەشيا دىيارىمىزدىن كەڭتاشا تېپىلىدۇ. تۇرمۇشىمىزدا بۈگۈنگىچە ئىستىمال قىلىنىپ كېلىۋاتقان مۇسەللەس، قېمىز قاتارلىق يەرلىك ئىچىملىكلەرنىڭمۇ كەيىپ قىلىش خۇسۇسىيىتى بار. تۇرپاندىن تېپىلغان بەزى بىر يادىكارلىقلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈزۈم ھاراق ئېچىتقانلىق تارىخىمىزنىڭ بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
    قومۇلدا ساھىپخان مېھمانغا ھاراقنى تاۋاق (پەتنۇس) تا تۇتۇپ، مېھماننىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بىيىت-قوشاق ئوقۇيدىغان ئادەت ھېلىھەم ئاز تولا بار. قەدەھنى ئالغان كىشىمۇ بىيىت- قوشاق ئوقۇپ قەدەھنى ھۆرمەت بىلەن قايتۇرىدۇ. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە كىرسە مېھماننى ئەزىلەپ تاماكا تۇتۇپ، ھاراق قۇيىدىكەن. بىراق، قۇيۇلغان ھاراقنىڭ مىقدارى ئاز ھەم ئىچىشكە ئۇنچە بەك زورلاپ كەتمەيدىكەن. تاۋاققا ئۈچتىن، ئىككىگىچە قەدەھنى تولدۇرۇلۇپ، مېھمانغا سېرىق ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىپ تۇتىدىكەن. ھاراق ۋە ناخشىنىڭ ئەۋجىدە ھەر قانداق سورۇن قىزىپ كېتىكەن.  سۇنەندە ئاڭلىغان سېرىق ئۇيغۇر ناخشىلىرى ماڭا ئىنتايىن تونۇش تۇيۇلدى. بۇ ناخشىلارنى قاچاندۇر بىر يەردە ئاڭلىغاندەكلا تۇيغۇغا كېلەتتىم. 2011- يىلى تارىخچى ئابلېز ئورخۇن، تونۇلغان ناخشىچى، كومپىزىتور غالىب ئەرشىدىن، داستانچى ئىبراھىمگاڭ ياقۇپ، ئابلاجان يۈسۈپ تەھۇرلار بىلەن كەلگەندە، ئۇلارمۇ سېرىق ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ مەندەك تۇيغۇغا كەلگەن ئىدى. بۇ يىلقى ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرىمدە ئۇچىراشقان سېرىق ئۇيغۇر توي بىيىتچىسى (يۇدا چىكىر، ئۇيغۇرچە مەنىسى: يوتا چىگۈر) مىجارداقنىڭ سېرىق ئۇيغۇرچە بىيىتلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۆزەمنى قومۇلنىڭ تالتېغى، خوتۇنتام، تۆمۈرتى، نېرناسى قاتارلىق تاغلىرىدىلا يۈرگەندەك ھېسياتقا كەلدىم. چۈنكى مىجارداق ئوقۇغان بىيىت قومۇلنىڭكى ئاھاڭ، سوتۇقلىرىغا تولىمۇ ئوخشىشاتتى. دېمەك، سېرىق ئۇيغۇرلار بۇددا دىنى ئېتىقادى مۇھىتىدا، بىز ئىسلام دىنى مۇھىتىدا تۇرۇپمۇ ئارىمىزدىكى ئۆرپ-ئادەتلەر جەھەتتە ئورتاقلىقلارنىڭ بولۇشى بىزنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشىمىزنىڭ بىرلىكىنىڭ تاغدەك ئىسپاتى بولغاندىن سىرت، بىزدىكى قىسمەن ئىسىل ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ دىندىن مۇستەسنا نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى بولالايدۇ، بۇمۇ ھەم بىزنىڭ دۇنيانىڭ مەدەنىيلىلىشىگە قوشقان تۆھپىلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن.
010.jpg

   سېرىق ئۇيغۇرلار يۇرتىغا بىر نەچچە قېتىم بارغان ۋاقتىمدىكى قىسقىغىنە بىر قانچە كۈن ئىچىدە ھېس قىلغانلىرىم كۆپ ئەمەس، ئەمما ئاز دېگىلىمۇ بولمايدۇ. بۇلتۇر سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەملىكەت دەرىجىلىك كېيىم-كېچەك ۋارىسى سېرجىن (柯璀玲) ئاچام قومۇلغا كەلگەندە، قومۇلدىكى چاشما گۈل نۇسخىلىرىنى كۆرۈپ ھاياجاندىن يىغلاپ كەتكىنى ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ. چۈنكى سېرجىن ئاچام ئىلىم ئەھلى تەرپىدىن ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە مانجۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان، دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان قومۇل چاشمىلىرى، نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدىن قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، شىۋە، مەدەنىيەت،ئۆرپ-ئادەت، كىيىم-كېچەك ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭكى چاشما گۈل نۇسخىلىرى بىلەن ئىنتايىن كۆپ ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ مەنمۇ سېرىق ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرىدىكى زىبۇ-زىننەت، گۈل نۇسخىلارغا ئالاھىدە دېققەت قىلىپ بېقىشنى ئويلاشقانتىم. بۇ يىلقى ئىككى قېتىملىق سۇنەن سەپىرىدە قومۇل ۋە سېرىق ئۇيغۇر چاشمىلىرىدىكى نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنى بايقىدىم. ھەتتا، بەزى شەكىل، گۈل نۇسخىلارنىڭ پەقەتلا بىر قەبىلە ياكى ئۇرۇققا تەۋە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇم. موزىيخانىدا سېرجىن ئاچام بىزگە كۆرسەتكەن رەڭدار كىيىملەر، يىپ توقۇلما بويۇملار رەڭگى، شەكلى ۋە نۇسخىلىرىغا قاراپ ئايرىم-ئايرىم قەبىلىلەرگە مەنسۇپ ئىدى. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان قەبىلە ئۇرۇقداشلىق تۈزۈلمىسى ۋە بۇ كېيىم-كېچەك، توقۇلما بويۇملارغا يوشۇرۇنغان سىرلاردىن بىز يۇرتىمىزدىكى گۈل نۇسخىلارنىڭ مەنىسىنى ۋە ياكى قايسى قەبىلە ئۇرۇققا تەۋەلىكىنى ئايرىپ چىقالىشىمىز تامامەن مۇمكىن. مەسلەن: ياغلاقار، قوڭرات قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ توقۇلما بويۇملىرى قومۇل، تۇرپان، چاقىلىق تەرەپلەردىكى قەدىمىي قەبرىلەردىن تېپىلغان گۈل نۇسخا، نەقىش، توقۇلما بويۇملارغا رەڭ ۋە شەكىل جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن. بۇ بايقاشلار ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ تەخىرسىزلىك بىلەن تەتقىق قىلىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىگۈدەك. ھەممىمىزگە مەلۇم دىيارىمىز قومۇل ۋە تۇرپاننىڭ چاشمىچىلىقى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاپ قالىدۇ. بىراق، ياشاۋاتقان جۇغراپىيىلىك مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك ئىككى يۇرتنىڭ چاشما رەڭگى ۋە نۇسخىلىرىدا ئالاھىدە پەرقلەر مەۋجۇت. تۇرپان چاشمىسىنىڭ رەڭگى ئىسسىق، ئوچۇق، گۈل نۇسخىلىرى يوغان بولىدۇ. قومۇلنىڭ رەڭدار، مۆتىدىل ئوچۇق، خۇددى ئاقتاش، باركۆل يايلاقلىرىدىكى گۈزەل گۈل چىمەنلەرنى ئەسلىتىدىغان ھالەتتە تىكىلىدۇ. قومۇل چاشمىلىرىدىكى شەكىل، نۇسخىلاردىن يايلاق، دەريا ۋە تۈزلەڭلىكلەرنىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرىنى بايقىۋالالايمىز. قومۇل چاشمىلىرىدا گەرچە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ جانلىقلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلمەيۋاتقان بولسىمۇ، چاشما نۇسخىلىرىنىڭ ئىچىدە ھازىرغىچە تۇرنا، ئاققۇ، كېپىنەك، بېلىق قاتارلىق جاندارلارنىڭ نۇسخىلىرىنى ئۇچىرىتىپ قالىمىز. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن بۇنىڭدىن بىر، ئىككى ئەسىر بۇرۇنقى كىيىم-كېچەك، يوتقان-كۆرپە، ياستۇق، دوپپا ۋە پايپاق، ئاياقلاردا ھەر تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ سۈرەتلىرى كۆزىمىزگە قەدەمدە بىر چېلىقىپ تۇرىدۇ. بۇ ھالەت، بۇ شەكىل، نۇسخا، نەقىشلەر سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭكى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاشكەن. ئەجىبا بۇ تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىشمىدۇ؟! ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس.
    سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇن بويلىرىدىن كۆچۈپ سۇنەنگە كەلگەنلىكى جۇڭگونىڭ تارىخى مەنبەلىرىدە ئېنىق مەلۇماتلار بىلەن خاتىرلەنگەن. ھەمدە «چىگىزنامە » دە ( 1450-يىللار ) ئىسلام ئېچىپ تۇرپان، قومۇللارغا يۈرۈش قىلغان سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ قوشۇنلىرى بۇددىسىت ئۇيغۇرلار بىلەن قانلىق جەڭلەرنى قىلىپ، ئىسلامنى قوبۇل قىلمىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ جاڭيې لارغىچە باستۇرۇپ كىرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. شۇڭا بىز شۇنى كىسىپ ئېيتالايمىزكى، شۇ دەۋىرلەردە بىر تۈركۈم بۇددىسىت ئۇيغۇرلار سۇنەندىكى سېرىق ئۇيغۇلارنى پاناھ تارتىپ بېرىپ ئىنتايىن تېزلىكتە ئۇلارنىڭ تەركىبىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تا بۈگۈنگىچە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تىل، ئۆرپ - ئادەت، كىيىم - كېچەك، تەقى - تۇرۇق جەھەتلەردىكى ئوخشاشلىقلار كۆپ نىسبەتتە ساقلىنىپ قالغان. بۇنى سېرىق ئۇيغۇر يۇرتىغا ئاياق باسقان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ. ئېتنىك مەنبەسى بىر بولغان مىللەتلەردە نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنىڭ ساقلىنىدىغانلىقى مۇقەرەردۇر.
   ۋىنگىرىيەلىك نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ئۆزىنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى ئىزلەش يولىدا سۇنەنگە كەلدى. ياۋرۇپانى 500 يىل ياپراقتەك تىتىرەتكەن ھونلارنىڭ (بېشبالىقلىق تەرجىمان سىڭقۇ سەلى بوۋىمىز « تاڭ شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى » نى تەرجىمە قىلغاندا « ھون » ئاتالغۇسىنى « تۈرك يوچۇن بۇدۇن » دەپ ئالغان ئىكەن.) ئېتنىك كېلىپ چىقىشى، تىلىنىڭ قايسى تىلغا تەۋەلىكى ھەققىدە ئىلىم – پەن دۇنياسى تېخىچە بىرلىككە كەلمىگەن بولسىمۇ، شۇنىسى بىزگە ئايدىڭكى، ۋىنگىرىيەدىكى نوپۇسى 3 مىليوندىن ئاشىدىغان ئۆزلىرىنى ھونلارنىڭ ئەۋلادى دەۋاتقان ماجارلارنىڭ تىلىدا ئالما، داستىخان، چاي قاتارلىق بىز ئاڭلاپ پۈتۈنلەي چۈشىنىدىغان 60 قا يېقىن سۆزنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدىنلا ئۇلارنىڭ تىلى ۋە ئېتنىك تەركىبىگە ھۆكۈم قىلالايمىز. لېكىن، شۇنچە جىق نوپۇستىكى خەلقنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى بۇ قەدەر ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىگە ئەپسۇسلىنىمىز. ماجارلارنىڭ قەدىمكى چۆچەك، رىۋايەتلىرى، ماقال - تەمسىللىرى ۋە قەدىمكى ناخشا، كۈيلىرىدىمۇ تۈركى مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان مەزمونلار خېلى كۆپ ساقلانغان. ماجارلارنىڭ ئەللەي ناخشىسى بىلەن سېرىق ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەللەي ناخشىسىنىڭ مىلودىيەلىرىدىمۇ ئوخشاشلىق باركەن، ئەجەبا بۇلارنىمۇ تاسادىپىي توغرا كەپ قېلىش دەيمىزمۇ؟! نەدىمۇ بۇنداق ئىش بولسۇن!
    ئىنسانىيەت دۇنياسى ئەنە ئاشۇنداق سىرلىرى بىلەن جەلىپكاردۇر. ئىتالىيىدە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 6 ئەسىردە قۇرۇلغان قەدىمىي شەھەر پومپېيى مىلادى 79-يىلى8-ئاينىڭ24-كۈنى ۋىسۇرى يانار تېغى پارتىلاپ يۇتۇپ كېتىدۇ. ئارخىلوگلار 1748-يىلى بايقىغاندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان يادىكارلىقلارنى بايقىغان. بۇنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە تاش تونۇرلارنىڭ تېپىلغانلىقىنى توردا كۆرگەنتىم. ئەمما، يۈزسىزلىك بىلەن ئۇ تونۇرلارنى بىزنىڭ دەۋېلىشقا ئىسپاتىم يوق. لېكىن، بۇ دۇنيادا بىز ئۇيغۇرلاردەك تونۇر ۋە نان مەدەنىيتىگە ئىگە مىللەتتىن يەنە بىرەرىنىڭ بارلىقىغا بۈگۈنمۇ ئىشەنمەيمەن. بۇ دۇنيادىكى بىزنى قىزىقتۇرغان ھەر قانداق بىر نەرسە تەتقىق قىلىشىمىزغا مۇھتاج. بۇ يازمىغا « سېرىق ئۇيغۇرلار قومۇلدىن كەتكەنمۇ؟ » دەپ تېما قويۇشىمدىكى مەقسىدىم قانداقتۇر بىر تەتقىقات ھۆكۈمى بولالمايدۇ، بۇ بىر گۇمانىي ھۆكۈم خالاس. بىراق، بۇ يازمام بىلەن تېمىنى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ سېرىق ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى تىل-شىۋە، ئۆرپ-ئادەت ، كېيىم-كچەك جەھەتلەردىكى ئوخشاشلىقلاردىن ئىلھاملىنىپ قېلىشىنى قولغا كەلتۈرەلىسەم شۇنىڭ ئۆزى ماڭا كۇپايە.
uyghuray

46

تېما

6

دوست

4706

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34629
يازما سانى: 339
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 92
تۆھپە : 1425
توردىكى ۋاقتى: 112
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-7 15:11:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى يوللىغان ئاپتۇرغا كۆپ تەششەككۇر .نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولدۇم.

0

تېما

0

دوست

152

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   50.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  42774
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-7 15:58:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندەك بولدۇم كۆپ تەشەككۈر

0

تېما

0

دوست

6275

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30184
يازما سانى: 656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1858
توردىكى ۋاقتى: 341
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-7 16:24:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نمىشقا‹‹ ئۇيغۇر››نىڭ ئالدىغا‹‹سىرىق›› دېگەن رەڭ ئۇقۇمنى قوشىۋالغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن. نېمىشقا ‹‹ ئۇيغۇر ››دەپلا ئاتىماي‹‹سېرىق ئۇيغۇر›› دەپ ئاتىلىپ قالغاندۇ؟.بۇ ئۇلارنىڭ چىرايىنىڭ سېرىق تەنلىك خەنزۇلارغا ئوخشاپ كەتكەنلىكىدىنمىدۇ ياكى ياشغان زىمىنى‹‹ سېرىق ئۆگۈز››(خۇاڭ خې،سىرىق دەريا)بويلىرىغا جايلاشقانلىقى سەۋەبىدىنمىدۇ.مۇشۇ توغۇرسىدا مەلۇماتى بارلار چۈشەنچە بەرسەڭلا بوپتىكەن . ھەممىمىز بىلىۋالاتتۇق.
uyghuray

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   40.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1996
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6401
توردىكى ۋاقتى: 1677
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-7 17:00:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر يازما بولۇشقا لايىق.

0

تېما

2

دوست

4887

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   96.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28208
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1548
توردىكى ۋاقتى: 298
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-7 19:58:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ياخشى يېزىلىپتۇ .

0

تېما

0

دوست

635

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  42076
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 188
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-7 20:00:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلارنى قېرىنداش دەپ  يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق قېرىنداشلار بىز ئادەتتە كىچىككىنە ئىشلارغا تىللىشىپ بىر بىرمىزنى ئېغىزغا ئاغۇسىز ھاقارەتلەيمىز ئەسلى ساپ ئۇيغۇرلا بىز ئۇلارنىڭ خەنزۇلاردىن پەرقى قالمىدى چىرايى يىمەك ئىچمەك جەھەتتە خەنزۇلاردىن پەرقى يوق ئېتقادىمۇ شۇ ئۇلارنىڭ،تومۇردا ئېقۋاتقىنى خەنزۇلارنىڭ قېنى بىز ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنى قېرىنداش دەپ يۈرمەي ئۇلادىن ساۋاق ئېلىپ بىر بىرمىز بىلەن ئىناق ئۆتسەك غاجلاشمىساقلا بولدى شۇ كۇپايە مۇشۇنى يازغان كىشىنىمۇ شۇلاردىن ئىبرەت ئېلىپ ئىناق ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلغىنغا ئىشىنمەن

0

تېما

0

دوست

635

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  42076
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 188
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-7 20:04:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارمىزدا بەزىلەر پالانى شەھەرلىك دىيىشتىن ئۆتۈپ پالانى مەھەللىلىك دەپ تىللىشىۋاتقاندا سىلەنىڭ بىز خەنزۇچېلىش كىشىلەرنى ئۇيغۇر قېرىنداش دىيشىڭلادىن ھەيران قالدىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )