قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3749|ئىنكاس: 26

چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىرقىسىم ئۇيغۇر بەگ- تۆرىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

2

دوست

1649

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   64.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27267
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 544
توردىكى ۋاقتى: 122
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-8 21:39:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر بەگ – تۆرىلىرى


چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ زىمىندا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئىنئام قىلنغان ئوخشاشمىغان دەرىجىدىكى ئۇيغۇر بەگ – تۆرىلىرى خېلىلا كۆپ. ئەمما ھازىرغىچە بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ماتېرىياللاردا بۇ ھەققىدىكى مەزمەنلار ناھايىتى ئاز، ھەتتا يوق دېيەرلىك. گەرچە مەن بۇ ھەققىدىكى بوشلۇقلارنى تولۇقلىيالمىساممۇ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىزدىنىپ باقتىم. ھازىرچە، ‹‹ چىڭ سۇلالىسى ئوردا خاتىرىلىرى ›› نى ئاساسىي ماتېرىيال قىلدىم. بۇ ماتېرىيالنىڭ ھازىرقى زامان نەشرى قولۇمدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ‹‹ ‹ چىڭ سۇلالىسى ئوردا خاتىرىلىرى › دىكى جۇڭغارلارغا ئائىت تارىخىي ماتېرىياللار توپلىمى ››، ‹‹ ‹ چىڭ سۇلالىسى ئوردا خاتىرىلىرى › دىكى مۇسۇلمانلارغا ئائىت ماتېرىياللار توپلىمى ››، ‹‹ ‹ چىڭ سۇلالىسى ئوردا خاتىرىلىرى › دىكى شىنجاڭغا ئائىت ماتېرىياللار توپلىمى ›› دىن پايدىلاندىم.
1. نويان خوجا (  和卓  诺颜) . بۇ كىشى مىلادىيە 1677– يىلى 11– ئاينىڭ 5– كۈنى چىڭ سۇلالىسىگە سوغا – سالام يوللىغان، لېكىن ئۇ يەنىلا دۈشمەنلىك پوزۇتسىيىسىدە بولغان ( ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ›› ، 69– جىلد 20– بەت ).
2. بايانبەگ ((巴颜白克 . بۇ كىشى نويان خوجا بىلەن بىللە چىڭ سۇلالىسىگە سوۋغا – سالام يوللىغان ھەمدە دۈشمەنلىك پوزۇتسىيىسىدە بولغان( يۇقىرىقىدەك ).
3. زايسان ئابدۇللا ئېرىك ( 啊卜都拉。额尔克寨桑). بۇ كىشىنىڭ ئىسمىغا قوشۇلغان ‹‹ زايسان ›› نامىدىن قارىغاندا، جۇڭغارلار تەرىپىدىن ئەمەلگە قويۇلغان بولسا كېرەك. بۇ كىشىنىڭ يەنە ئابدۇرېشىتخان ئىسىملىك ئۇيغۇر خانىنىڭ جاسۇسى بولغانلىقى ئېيتىلىدۇ( بۇ ھەققىدىكى ماتېرىيال ‹‹شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ›› ، 84– جىلد 4– بەت، 163– جىلد، 16—17– بەتلەر).
4. سەيپىدىن ( 赛必定). مىلادىيە 1693 – يىل 11– ئاينىڭ 6– كۈنىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، بۇ كىشى چىڭ سۇلالىسىنىڭ تەسلىم بولغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش شەھەرچىسىدە تۇرغان ( ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 160– جىلد 21 – بەتكە قاراڭ ).
5. ئېرىكبەگ (额尔克白克). ماتېرىيالى يۇقىرىقىدەك.
6. شاھ خوجا ( 沙和卓). ماتېرىيالى يۇقىرىقىدەك.
7. شاھ قاسىم ؟( 沙哈孙). مىلادىيە 1693 – يىل 11– ئاينىڭ 6– كۈنىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، جاڭجياكودا تۇرۇشلۇق مولۇ (莫洛) قاتارلىقلار خانىدانىلىققا شاھ قاسىم ، ئېرىكبەگ قاتارلىقلار بىلەن بىرگە قايتىپ كېتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن( ماتېرىيالى يۇقىرىقىدەك).
8. ئابدۇرېشىت خان (  啊卜都。里什特). مىلادىيە 1694– يىل 4– ئاينىڭ 28– كۈنىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، بۇ كىشى ئۇيغۇر خانى سۈپىتىدە شاھ خوجىنى، سايسان ئابدۇللا ئېرىكبەگ(啊卜都来。额尔克寨桑) ئىبراھىم (伊巴里木)، تاش (他斯)، گور مەھمۇت (顾尔。吗哈穆特)، قۇربان (库尔班) قاتارلىقلارنى جاسۇسلۇققا ئەۋەتكەنلىكى ئېيتىلىدۇ (‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 163– جىلد 16– 17– بەتلەر).
قوشۇمچە ماتېرىيالى: بۇ كىشى مىلادىيە 1696– يىل 9– ئاينىڭ 26– كۈنى چىڭ سۇلالىسىگە رەسمىي بەيئەت قىلغان( ‹‹ شىزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 175– جىلد 13– بەت). ئىلگىرى جۇڭغار خانى غالدان ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئېرىك سۇلتاننى بارىمتايلىققا تۇتۇۋالغان، غالدان مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلار ئەركىنلىككە چىققان( ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 176–جىلد 3—4 – بەتلەر ).
9. ئېرىك سۇلتان (  额尔克。苏尔唐). بۇ كىشى ئۇيغۇر خانى ئابدۇرېشىتنىڭ ئوغلى ( ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 175– جىلد 4—5– بەتلەر).
قوشۇمچە ماتېرىيالى:
10. ئەبەيدۇللا دارخانبەگ (贝杜拉。达尔汉白克 额). قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاقساقىلى. بۇ كىشى مىلادىيە 1696 – يىل 9– ئاينىڭ 28– كۈنى چىڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ سوۋغا – سالام يوللىغان( ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 176– جىلد 3—4 – بەت ). چىڭ سۇلالىسى ئوردا خاتىرىلىرىدا ‹‹ دارخانبەگ ›› نامى بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ.
قوشۇمچە ماتېرىيالى:  ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 177– جىلد 9– بەت؛ 178 – جىلد 18– بەت؛ 185– جىلد 14—15 – بەت؛ 201– جىلد 34—35– بەتلەر؛ 280– جىلد 5– بەت؛
11. ئارغۇلبەگ ( 阿尔虎里白克 ).  مىلادىيە 1697 – يىل 1– ئاينىڭ 17– كۈنىدىكى خان كاڭشىغا بېرىلگەن مەلۇماتتىن قارىغاندا، بۇ كىشى خوتۇن – بالىلىرى بىلەن ( يەنە ئۇيغۇر خانى ئابدۇرېشىتنىڭ نەۋرىلىرى بىلەن ) چىڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلغان ( ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ›› ، 178– جىلد 20– بەت ).
قوشۇمچە ماتېرىيالى :
12. گوپا بەگ (郭帕白克). قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاقساقىلى ئەبەيدۇللا دارخانبەگنىڭ ئوغلى، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىككىنچى بېگى ( دادىسىدىن قالسىلا ) بولغان( ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 185 – جىلد 14 — 15 – بەت).
قوشۇمچە ماتېرىيالى:
13. بەيچىبەگ ( 白奇白克). قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاقساقىلى ئەبەيدۇللا دارخانبەگنىڭ ئوغلى ( ئۈچىنچى ئوغلى — ؟). قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىككىنچى بېگىلىكىگە تەيىنلەنگەن. قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى جۇڭغارلارنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ، ئىچكىرىگە كۆچكەندە، بەيچىبەگ قول ئاستىدىكى ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە سۇجۇدا تۇرغان( ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 185– جىلد 14— 15– بەتلەر ).
قوشۇمچە ماتېرىيالى :
14. ئىمىن (   额敏).  مىلادىيە 1715– يىل 5– ئاينىڭ 21– كۈنى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئىمىن ئىسىملىك بۇ كىشى قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى نامىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇ چىڭ سۇلالىسىگە ھەمكارلىشىپ 200 كىشىلىك قوشۇن بىلەن سىۋان ئارابدانغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ 90 ئادىمىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈچ ئادىمىنى ئەسىرگە ئالغان ( ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 263– جىلد 12—13 بەتلەر ). چىڭ سۇلالىسى ئوردا ماتېرىياللىرىدا ئىمىن خوجا يەنە ‹‹ قۇمۇل جاساقى، بىرىنچى دەرىجىلىك دارخانبەگ ئىمىن ›› ( 哈密扎萨克一等达尔汉白克 ) ، ‹‹ دۆلەت باسقىغى ›› (  镇国公) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
قوشۇمچە ماتېرىيالى: جاساق ئىمىن (  扎萨克额敏) دەپمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ( ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 293 – جىلد 14 — 15 – بەتلەر )؛ ‹‹ شىزۇڭ يوڭجېڭ خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 4– جىلد 34– بەت؛ ‹‹ شىزۇڭ يوڭجېڭ خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 53 – جىلد 20 – بەت؛ ‹‹ شىزۇڭ يوڭجېڭ خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 59– جىلد 23– بەت؛ ‹‹ شىزۇڭ يوڭجېڭ خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 89– جىلد 1– بەت؛ ‹‹ شىزۇڭ يوڭجېڭ خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 99 – جىلد3 — 4 بەت؛
15. ئاقسۇلتان ( 阿克苏尔坦 ). چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرى. مىلادىيە 1720– يىل 10– ئاينىڭ 1– كۈنىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى شۇ يىلى 9– ئاينىڭ باشلىرىدا تۇرپانغا بېسىپ كىرگىنىدە، ئاقسۇلتان تۇرپاننىڭ باش بۇغى شاھ زەپەر قاتارلىقلار بىلەن ئەل – ئاۋامىنى باشلاپ چىڭ سۇلالىسىگە تەسلىم بولغان ( ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 288 – جىلد 23—24– بەتلەر ).
قوشۇمچە ماتېرىيالى:
16. شاھ زەپەر ( 沙克拍尔). چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇرپاننىڭ باش بۇغى. چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى مىلادىيە 1720 – يىل 9 – ئاينىڭ باشلىرىدا تۇرپانغا بېسىپ كىرگىنىدە، ئاقسۇلتان قاتارلىقلار بىلەن ئەل – ئاۋامىنى باشلاپ چىڭ سۇلالىسىگە تەسلىم بولغان ( ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 288– جىلد23 — 24 – بەتلەر).
قوشۇمچە ماتېرىيالى:
17. ئالىم خوجا (阿里穆和涿[卓]). تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرى. بۇ كىشى چىڭ سۇلالىسى سەركەردىسى فۇنىڭئەن قاتارلىقلارغا جۇڭغار خانى سىۋان ئارابداننىڭ تۇرپانلىق ئۇيغۇرلارنى قارا شەھەرگە مەجبۇرىي كۆچۈرگەنلىكىنى، بىراق تۇرپانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىم يولدىن قېچىپ كەلگەنلىكىنى، جۇڭغارلارنىڭ ئۇلار قاچقاندا ئۇلارنى قىرغىن قىلغانلىقىنى، قىرغىندىن ئامان قالغانلىرىنىڭ لۈكچۈندە تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ توختى مامۇت ئىسىملىك بىرەيلەننى ئاقساقاللىققا تەيىلىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن ( ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 293 – جىلد 8 — 10 – بەتلەر ).
قوشۇمچە ماتېرىيالى:
18. توختى مامۇت (   拖克拖麻穆忒). تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرى. جۇڭغار خانى سىۋان ئارابدان تۇرپانلىق ئۇيغۇرلارنى قارا شەھەرگە مەجبۇرى كۆچۈرگەندە، توختى مامۇت باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار يېرىم يولدا تۇرپانغا قاراپ قاچقان، جۇڭغارلار ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ قىرغىن قىلغان. قىرغىندىن ئامان قالغانلىرى لۈكچۈنگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، بۇلارغا توختى مامۇت ئاقساقال بولۇپ تۇرغان. كېيىن توختى مامۇت ئەل – ئاۋامى بىلەن چىڭ سۇلالىسىگە تەسلىم بولغان( ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 293 – جىلد 8 — 10 – بەتلەر ).
قوشۇمچە ماتېرىيالى: ‹‹  شىزۇڭ يوڭجىڭ خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى  ››،   56– جىلد 4 — 5– بەتلەر؛
19. قۇربان (  古尔班). لوپنۇرلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقىلى. مىلادىيە 1723 – يىل 4– ئاينىڭ 2– كۈنىدىكى مۇئاۋىن سانغۇن ئالانانىڭ خانغا يوللىغان مەلۇماتنامىسىدىن قارىغاندا، لوپنۇرلۇق (  罗卜脑儿 ) ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان بۇ كىشى قارا كۆل ( 哈剌库尔)، ساداقتۇ ( 萨达克图)، قارا قوشۇن ( 哈剌和邵) قاتارلىق ئۈچ ئورۇندىكى 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى باشلاپ چىڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلغان ( ‹‹ شىزۇڭ يوڭجېڭ خاننىڭ ئوردا ىاتىرىلىرى ››، 4– جىلد 35– بەت ).
قوشۇمچە ماتېرىيالى:
20. مۇبەيجىنبەگ (  目白斤白克 ). تۇرپانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرى. چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ مىلادىيە 1727– يىل 5– ئاينىڭ 22 – كۈنى خانغا يوللىغان مەلۇماتنامىسىدە، بۇ كىشىنىڭ چىڭ سۇلالىسىگە ھەر يىلى سوۋغا – سالام يوللاۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ ( ‹‹ شىزۇڭ يوڭجېڭ خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 56 – جىلد 4 — 5 – بەتلەر ).
uyghuray

4

تېما

43

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3642
توردىكى ۋاقتى: 1083
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-9 17:40:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى باشقۇرىشى كىيىنكى ھاكىيەتچى مېللەتلەرنىڭ ئۆزنەك قىلىشىغا ئىرىشكەن .ھەم ئىزچىل مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە باشقۇرۇپ كەلمەكتە .شۇڭا چىڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مېللىتىمىزدىكى كىسەللىكلەر تىپىپ ،ۋاختىدا ئۆزىمىزنى داۋالاپ ،ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلىشىمىز كىرەك .

3

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 644
تۆھپە : 2969
توردىكى ۋاقتى: 858
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-9 17:56:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرەخنى كېسىدىغان پالتىنىڭ سېپى دەرەختىن بولغاندەك...

36

تېما

5

دوست

3774

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   59.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34629
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 1137
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-9 19:34:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولدۇق قەلەم ئىگىسىگە تەششەككۇر
uyghuray

14

تېما

0

دوست

7953

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   59.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11822
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 761
تۆھپە : 2021
توردىكى ۋاقتى: 1203
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-9 19:41:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مۇناپىق ئۇيغۇرلىغا مۇشۇ دەۋىر دورا . تىخى ئازلىق قىلىدۇ .

0

تېما

0

دوست

635

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  42076
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 188
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-9 20:26:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىلغان،گىپىڭگە دىققەت قىل

16

تېما

9

دوست

5291

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 1568
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-9 20:59:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   samawar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-9 21:01  

بىر گەپ : كەچمىش رومانىنى ئوقۇڭ !شۇ چاغدا نۇرغۇن گەپلەرنى چۈشۈنۈپ قالىسىز،جۈملىدىن چىڭ سۇلالىسىنىمۇ ھەم  

0

تېما

6

دوست

6441

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6282
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 731
تۆھپە : 1517
توردىكى ۋاقتى: 583
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-9 21:24:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچمىشنىڭ ئاپتورى  كىمكەن....؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )