قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1351|ئىنكاس: 11

ئىزدىنىش كىتابخانسىدىن مۇكاپاتلانغانلار تىزىملىكى 8-9-ئاي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

1

دوست

6747

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   34.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 386
تۆھپە : 1873
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-10 01:49:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   obul21c تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-10 22:00  

8-9-قوش ئايلىق كىتاب ئوقۇش،تەسىرات يېزىش پائاليىتدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ئوقۇرمەنلەر2015 –يىلى«كىتاب ئوقۇش يىلى» نى قوللاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان  كىتاب ئوقۇپ تەسىرات يازغانلارغا كىتاب سوۋغا قىلىش پائالىيتىمىز ناھايتى ياخشى داۋاملىشۋاتىدۇ.مەلۈم سەۋەپلەر تۈپەيلى 8-9-ئايلىق مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالىنى ۋاختىدا ئىلان قىلالماي قالدۇق،شۇ سەۋەپتىن بىزنى داۋاملىق تۈردە قوللاپ بەرگەن قېرىنداشلاردىن ئەپۇ سورايمىز ھەمدە ئۇلارنىڭ بىزنى ئىزچىل قوللاپ بەرگەنلىكىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەتلەرنى ئېيتىمىز.
تۆۋەندىكىسى 2015-يىلى 8-ئايدا بىزگە كىتاب ئوقۇش تەسىراتى يوللاپ،تەسىراتى تاللانغان ئوقۇرمەنلەر.تۆۋەندە ئىسمى چىققان ئوقۇرمەنلەرنىڭ تور كىتابخانىمىزغا كىرىپ ئۆزى خالىغان كىتابنى تاللىۋېلىشىنى ئۆمۈت قىلىمىز.
ئادرىسىمىز:http://izdinix.taobao.com
1.كىتابنىڭ نامى: ئىز
ئاپتۇرى: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
نەشىر ۋاقتى: 1985-يىلى 1- ئاي تۇنجى نەشىرى
ئوقۇرمەن: ئەخمەتجان مەمتىمىن
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 13779247370
2.كىتابنىڭ نامى: بەخت يېنىڭىزدىلا ( روھىي ساغلاملىق ئۈگۈتلىرى)
ئاپتۇرى: ئوبۇلھەسەن داۋۇت ، ھەدىيۇللا ھەبىبۇللا ، ئەلىشىر ياسىن  
نەشىر ۋاقتى: 2008-يىل 8-ئاي
ئوقۇرمەن: گۈلزىرە ئەنۋەر (يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئەخمەتجان مەمتىمىن )
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 03****13239
3.كىتابنىڭ نامى: گۈلىستان
ئاپتۇرى: شەيخ سەئدى
نەشىر ۋاقتى: 2008-يىل 11-ئاي
ئوقۇرمەن: دىلبەر كېرەم ( يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ئەخمەتجان مەمتىمىن )
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 42****15299
4.كىتابنىڭ نامى: ئۆزىمىزنى ئېتراپ قىلايلى
ئاپتۇرى: ئەختەم ئۆمەر
نەشىر ۋاقتى: 2001-يىل 3-ئاي
ئوقۇرمەن: دىلمۇرات تاھىر ( يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ئەخمەتجان مەمتىمىن )
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 92***46-0996
5.كىتابنىڭ نامى: كەچمىش
ئاپتۇرى: خالىدە ئىسرائىل
نەشىر ۋاقتى:
ئوقۇرمەن: ئابدۇرېشىت يۈسۈپ
ئادرىسى: يەكەن ناھىيە جەنۇبى شەھەر قوشتىل تەجرىبە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ
ئالاقە نۇمۇر: 76****18097
6.كىتابنىڭ نامى: دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى
ئاپتۇرى: ئوگ ماندىئو
نەشىر ۋاقتى: 2003-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
ئوقۇرمەن: ئابدۇشۈكۈر مەمەت غولام(يىتەكچى ئوقۇتقۇچى:زەينۇللا مۇئەللىم)
ئادرىسى: قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 08****15209
7.كىتابنىڭ نامى: بۈركۈت سايىسى
ئاپتۇرى: مارېك ھېتاغارد
نەشىر ۋاقتى: 2004-يىلى 8-ئاي1-نەشىرى
ئوقۇرمەن: ئالىم ئابابەكرى(يىتەكچى ئوقۇتقۇچى:زەينۇللا مۇئەللىم)
ئادرىسى: قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 98****18199
8.كىتابنىڭ نامى: قۇم باسقان شەھەر
ئاپتۇرى: مەمتىمىن ھوشۇر
نەشىر ۋاقتى:
ئوقۇرمەن: تۇرسۇنئاي قېيۇم (يىتەكچى ئوقۇتقۇچى:زەينۇللا مۇئەللىم)
ئادرىسى: قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 08****15209
9.كىتابنىڭ نامى: يىپەك يولىدىكى توققۇز ھىكمەت
ئاپتۇرى: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن
نەشىر ۋاقتى: 2001-يىلى 7-ئاي1-نەشىرى
ئوقۇرمەن: گۈلمىھرى ئابدۇرېھىم(يىتەكچى ئوقۇتقۇچى:زەينۇللا مۇئەللىم)
ئادرىسى: قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 50****13999
10.كىتابنىڭ نامى: سىزنىڭ بىر يىل ئ‍ىچىدىكى 8760سائىتىڭىز (خەنزۇچە)
ئاپتۇرى: نۇرئېلى ئابلىز
نەشىر ۋاقتى: 2015-يىلى 8-ئ‍اي 1-بېسىلىشى
ئوقۇرمەن: ئائىشە قۇتلۇق
ئادرىسى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە فاكۇلتىتىدىن
ئالاقە نۇمۇر:   48****13070
11.كىتابنىڭ نامى: ئۆزىڭىزگە جەڭ ئېلان قىلىڭ
ئاپتۇرى: ئوررسون مارتىن
نەشىر ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاي 1-نەشرى
ئوقۇرمەن: مەھمۇتجان
ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى
ئالاقە نۇمۇر: 40****13999
12.كىتابنىڭ نامى: لەگلەك قوغلىغۇچى بالا
ئاپتۇرى: خالىد ھۈسەيىن (ئافغانىستان)
نەشىر ۋاقتى: 2010-يىلى11-ئاي 1-نەشىرى
ئوقۇرمەن: ئادىلە مۇخپۇل (يىتەكچى ئوقۇتقۇچى:ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 815****1389
13.كىتابنىڭ نامى: ئۆگەن يېشى
ئاپتۇرى: پاتەم ناسىر
نەشىر ۋاقتى: 1989 –يىلى (ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى)
ئوقۇرمەن: ئادىلە تۇرسۇن(يىتەكچى ئوقۇتقۇچى:ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 815****1389
14.كىتابنىڭ نامى: كەچ كۈزدىكى شىۋىرغان
ئاپتۇرى: ئارسلان تالىپ
نەشىر ۋاقتى: 2007-يىل 11-ئاي
ئوقۇرمەن: ئاسىيەم تۇرسۇن(يىتەكچى ئوقۇتقۇچى:ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 815****1389
15.كىتابنىڭ نامى: ياشلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر
ئاپتۇرى: پۇلات ھېۋزۇللا، ئىمىر ھەسەن مەھمۇت، روزى مۇھەممەت مۇتەللىپ
نەشىر ۋاقتى: شىنجاڭ ئونۋىرسىتى نەشرىياتى
ئوقۇرمەن: ئايزىرەم ئەمەت (يىتەكچى ئوقۇتقۇچى:ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 815****1389
16.كىتابنىڭ نامى: ناتىۋانلار
ئاپتۇرى: جالالىدىن بەھرام
نەشىر ۋاقتى: 2013 -يىلى 11-ئاي 1-نەشرى
ئوقۇرمەن: مەنزىرگۈل راخمان(يىتەكچى ئوقۇتقۇچى:ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 815****1389
17.كىتابنىڭ نامى: ئوغلۇمغا قالدۇرۇلغان 66 نەسىھەت
ئاپتۇرى: جونسۇن. بىراند [ئامېرىكا]
نەشىريات: شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى
ئوقۇرمەن: سۈبھىنۇر تۇرسۇن(يىتەكچى ئوقۇتقۇچى:ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 815****1389
18.كىتابنىڭ نامى: ئالا ئىت قىياسى (مەزكۇر كىتابتىكى «ئاينىش»ناملىق پوۋسىت)
ئاپتۇرى: فىرانىز كافكا
نەشىر ۋاقتى:
ئوقۇرمەن: تۇغلۇقجان ئەخمەت(يىتەكچى ئوقۇتقۇچى:ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 815****1389

تۆۋەندىكىسى 9-ئايدا مۇكاپاتلانغانلارنىڭ تىزىملىكى
1.كىتابنىڭ نامى: بىل.گەيتىسنىڭ پىرىنسىپى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇلئەھەت ئابدۇرەشىد بەرقى
نەشىر ۋاقتى: 2004-يىل 9- ئاي
ئوقۇرمەن: دىلمۇرات تاھىر ( يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ئەخمەتجان مەمتىمىن )
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 92**469-0996
2.كىتابنىڭ نامى: مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى
ئاپتۇرى: ناپولېئون خېئول
نەشىر ۋاقتى: 2001-يىل 10- ئاي
ئوقۇرمەن: ئەخمەتجان مەمتىمىن
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 70***137792
3.كىتابنىڭ نامى: كەچمىش
ئاپتۇرى: خالىدە ئىسرائىل
نەشىر ۋاقتى: 2010-يىلى4-ئاي
ئوقۇرمەن: ئىلھامجان ئابلىمىت
ئادرىسى: شىنجاڭ قاراشەھەر
ئالاقە نۇمۇر: 15***189990
4.كىتابنىڭ نامى: ئۆي زىننەتلەش ۋە سالامەتلىك
ئاپتۇرى: مامۇت قۇربان
نەشىر ۋاقتى: 2013-يىل 4-ئاي
ئوقۇرمەن: ئارزۇگۈل ئابلىز
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 493***15309
5.كىتابنىڭ نامى: كونا قاپقان
ئاپتۇرى: جالالىدىن بەھرام
نەشىر ۋاقتى: 2011-يىلى 7–ئاي 1-نەشرى
ئوقۇرمەن: مەنزىرگۈل راخمان (يىتەكچى ئوقۇتقۇچى ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:
6.كىتابنىڭ نامى: مەڭگۈلۈك مەغلۇبىيەت يوق
ئاپتۇرى: تەرجىمە ئاساسىدا تۈزگۈچى : گۈلباھار غوپۇر
نەشىر ۋاقتى: 2014-يىلى 5-ئاي
ئوقۇرمەن: مەرھابا قۇربان(يىتەكچى ئوقۇتقۇچى ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 815***13899
7.كىتابنىڭ نامى: تارىم قەدىمىيەتلىرى
ئاپتۇرى: بۇغدا ئابدۇللا
نەشىر ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاي
ئوقۇرمەن: مۇنىرە ياسىن(يىتەكچى ئوقۇتقۇچى ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 815***13899
8.كىتابنىڭ نامى: قۇم باسقان شەھەر
ئاپتۇرى: مەمتىمىن ھۇشۇر
نەشىر ۋاقتى:
ئوقۇرمەن: سۈبھىنۇر تۇرسۇن(يىتەكچى ئوقۇتقۇچى ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 815***13899
9.كىتابنىڭ نامى: يىگانە ئارال
ئاپتۇرى:ئەختەم ئۆمەر
نەشىر ۋاقتى: 2009-يىلى 8-ئاي
ئوقۇرمەن: مۇنىرە توختى(يىتەكچى ئوقۇتقۇچى ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 815***13899
10.كىتابنىڭ نامى: ئاتىلار يولى
ئاپتۇرى:ئالىمجان ئىسمايىل
نەشىر ۋاقتى: 2011-يىل9-ئاي1-نەشىرى
ئوقۇرمەن: مۇختەر مەمەت (يىتەكچى ئوقۇتقۇچى زەينۇللا مۇئەللىم)
ئادرىسى: قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپ
ئالاقە نۇمۇر: 85***132010
11.كىتابنىڭ نامى: دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى
ئاپتۇرى:ئوگ ماندىئو (ئامىرېكا)
نەشىر ۋاقتى: 2003-يىل 4-ئاي1-نەشىرى
ئوقۇرمەن: گۈلمىھرى ئابدۇرېھىم(يىتەكچى ئوقۇتقۇچى زەينۇللا مۇئەللىم)
ئادرىسى: قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپ
ئالاقە نۇمۇر: 85***132010

مەزكۇر پائاليەتكە ئىزچىللىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەپ قاتنشىۋاتقان،كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرۋاتقان ئەخمەتجان قۇربان(چەرچەن ناھىيلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى)،زەينۇللا مۇئەللىم(قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچسى)، ئەخمەتجان مەمتىمىن(بۈگۈر ناھىيلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى) قاتارلىق جاپاكەشلەرگە چىن دىلمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.
تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش پائالىيىمىزگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىششىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
پائاليەتكە قاتناشماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئادرىستىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ.
ئىزدىنىشتىن«كىتاب يىلى»غا ئېسىل سوۋغا./forum.php?m ... 8%DB%8B%D8%BA%D8%A7
ئىزدىنىش كىتابخانىسى
http://izdinix.taobao.com

2015-يىلى 10-ئاينىڭ 10كۈنى


uyghuray

14

تېما

1

دوست

6747

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   34.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 386
تۆھپە : 1873
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-10 01:56:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاللانغان تەسىراتتىن پارچىلار

مەن «لەگلەك قوغلىغۇچى بالا»نى ئوقۇغان بالا

ئادىلە مۇخپۇل (چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3- يىللىق 1- سىنىپ)

ئاپتور ھەققىدە
خالىد ھۈسەيىن 1965- يىلى كابۇلدا  تۇغۇلغان، كېيىن دادىسى بىلەن ئامېرىكىغا قېچىپ بېرىپ سان خوسسې شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان. ئۇ كالفورنىيە ئۇنىۋېرستېتى سانتىئاگوتېبىبسى ئىنستىتوتىنى پۈتكۈزگەن، ھازىر كالفورنىيە شىتاتىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. «لەگلەك قوغلىغۇچى بالا» ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇئەسەر 2003-يىلى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن خەلقىئارالىق بازىرى ئىتتىك رومانغا ئايلىنىپ، قىرىق سەككىز دۆلەتتە خىلمۇخىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ 2007- يىلى مايدا نەشىر قىلىنغان ئىككىنچى رومانى «مىڭ پارلاق قۇياش» يىگىرمە بەش دۆلەتتە خلمۇخىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇ بۇ ئىككى ئەسرى بىلەن نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن 2006-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكەلاتى مۇساپىرلار ئاگنىتلىقى ئۇنىڭغا «دوستلۇق ئەلچىسى» دېگەن نامىنى بەرگەن. ئۇ يەنە «دەۋر» ژۇرنىلى ئېلان قىلغان «2008- يىلىدىكى دۇنيا بويىچە تەسىرى ئەڭ زور يۈز كىشى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

ئەسەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
ئەسەر ئافغانىستانلىق باي ساھىب ئۇنىڭ ئوغلى ئامىر. ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتكار ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ھەسەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ، چىقىش مۇناسىۋەت ئاساسلىق قىلىپ سۆزلىنىدۇ. ساھىب باينىڭ ئۆيى كابۇلنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، بايلار ئۈچۈن قۇرۇلغان رايوندىكى ھەشەمەتلىك سېلىنغان بولۇپ، بايلار ئۈچۈن قۇرۇلغان رايوندىكى ھەشەمەتلىك سېلىنغان بولۇپ، ئۆينىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە، بېزىلىشى ھەشەمەتلىك بولۇپ، ھەممە ئادەم ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇ ئۆينىڭ جەنۇب تەرىپىدە خىزمەتكار ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ھەسەن تۇرىدىغان ئاددىي ئۆيى بار. ئەسەر يۇقۇرقىدەك ئۇلارنىڭ ئۆيىنى تەسۋىرلەشتىن، ئامىر بىلەن ھەسەننىڭ يېقىن دوستلاردەك بىللە كۆڭۈللۈك ئوينايدىغانلىقىغا تېمىنى يۆتكەيدۇ.ئامىر بىلەن ھەسەننىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ يېنىدا ئەمەس بولۇپ، ئامىرنىڭ ئانىسىئامىرنى تۇغۇپلا ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان، ھەسەننىڭ ئانىسى ھەسەننى تۇغۇپلا قېچىپ كەتكەن ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن بۇئىككى بالا بىر ئىمىكئانىنى ئىمىپ چوڭ بولىدۇ. ئەلى مەخسۇس ساھىپ باينىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ. ھەسەنمۇ ئامىرنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ. ساھىپ باي ناھايىتى كۈيۈمچان كىشى بولۇپ ئۇلار غا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە كۆڭلىدە شۇنداق ئويلايدۇ. ھەسەن ئىنتايىن سەمىمىي، راسچىل، سادىق بولۇپ ئامىرغا ناھايىتى كۆيىنىدۇ ۋە ئۇنى ھۆرمەتلەپ ئامىر ئاغا دەپ چاقىرىدۇ. ئۇ ھەتتا ئامىىر بۇيرىغان خاتا، ئەسكى ئىشلارنى قىلىشتىمۇ يانمايدۇ.
ئەسەردە، ساھىپ باينىڭ جانجىگەر يېقىن دوستى رەھىمخان تۇغرىسىدىمۇ تەپسىلاتلار بايان قىلىنىدۇ. رەھىمخان ئوچۇق-يورۇق، چاقچاقچى بولۇپ ئامىرغا ناھايىتى ئامراقلىق قىلىدۇ، ھەتتا ئۇنى «ئامىرجان» دەپ چاقىرىدۇ، ئاندىن ساھىپ باينىڭ بىر دارىلئېتام سالغانلىقى ۋە سېلىشتىن بۇرۇن، سېلىشتىن كېيىنكى تەپسىلاتلارنىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ساھىپ باي تەنتەربىيەگە بولۇپمۇ پۇتبولغا ئىنتايىن قىززىقىدىغان بولۇپ، ئوغلى ئامىرنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش پۇتبولغا قىززىقىشىنى، پۇتبول ئوينىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق ئامىر ئەزەلدىن تەنتەربىيەگە، پۇتبولغا قىززىقمايدىغان بولۇپ، ھەتتا دادىسى ئۇنى زورلاپ مەشىققە ئاپىرىپ بەرسىمۇ ئۇنىڭ پۇتبولغا بولغان قىززىقىشىنى قوزغىيالمايدۇ. ئامىرنىڭ قەلبىگە تەنتەربىيەنىڭ ئەمەس، ئەدەبىياتنىڭ ئوتى تۇتاشقان بولۇپ كىتاب ئوقۇشقا ناھايىتى قىززىقىدۇ ۋە دائىم ھەسەنگە كىتاب ئوقۇپ بېرىدۇ، ھەسەن گەرچە ئوقۇمىغان بولسىمۇ ناھايىتى زېرەك، تەپەككۇرى ئوچۇق، ئۆتكۈر بولۇپ ئامىر ئەسەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەسەر ئۇستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ، ئويلىغانلىرىنى ئامىرغا سۆزلەپ بېرىدۇ. ئامىر ھەتتا بەزى چاغلاردا ئوقۇپ بەرگەن ھېكايىلىرىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىپ ھەسەننى ئالدايدۇ. ھەم ئۆزى تۇنجى ھېكايىسىنى يېزىپ ھەسەنگە ئوقۇپ بېرىپ، ھەسەننىڭ ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان يېڭى ئىجادىي پىكىرنى ئاڭلاپ، قوبۇل قىلىدۇ.
دەل، ئۇلارغا غەمسىز، خۇشال ياشاۋاتقان بۇ بەخىتلىك كۈنلەردە ھاكىمىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇلار سەل ساراسىمىگە چۈشىدۇ. بۇ قارا بۇلۇتمۇ تېزلا ئۆتۈپ كېتىپ ھاۋا سۈزۈلۈپ، ئۇلارمۇ خاتىرجەملىنىدۇ.
بەختلىك، ئاسايىشلىق كۈنلەردە، ئاففانىستاندا قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قىشلىق پائالىيەەت يەنى لەگلەك ئۇچۇرۇش مۇسابىقىسى يۈز بېرىدۇ. مۇسابىقىنىڭ قائىدىسى مۇنداق: لەگلەكنى ئىككى ئادەم ئۇچۇرىدۇ بىرى لەگلەك ئۇچىرىدۇ، يەنە بىرى ياردەمچى لەەلەك قوغلىغۇچى بولۇپ ئەڭ ئاخىرىدا يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەكنى قوغلايدۇ. شۇ لەگلەكنى تېپىپ كەلگەنلەر ئاخىرىدا غەلبە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامىر بىلەن ھەسەن مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. شۇ مۇسابىقە كۈنى ئاسماندا 100 دىن ئارتۇق لەگلەك بولۇپ، ئئەڭ ئاخىرىدا ئاسماندا پەقەت ئامىرنىڭ لەگلىكىسى بىلەن بىر كۆك لەگلەك قالىدۇ، ئاندىن ئامىر ئۇ كۆك لەگلەكنىڭ يىپىنى كېسىپ تاشلايدۇ. ھەسەن ئۇ كۆك لەگلەكنى قوغلىغىلى كېتىدۇ. ھەسەن لەگلەك قوغلاشقا ناھايىتى ماھىر بولۇپ ئۇ شامالنىڭ يۆنىلىشىگە ئاساسەنلا لەگلەكنىڭ چۈشۈش يۆنىلىشىنى توغرا بىلەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەسەن، ئامىر ئاغىنىسىنى تەبرىكلىۋېتىپ، لەگلەكنى قوغلاش ئۈچۈن يۈگۈرۈپ كېتىدۇ. دەل شۇۋاقىتتا، ئامىر بىر ئۆمۈر ئازاپلىغان، بىر ئۆمۈر ئۆكۈنگەن، بىر ئۆمۈر دەرد تارتقان ئېچىنىشلىق ئىش يۈز بېرىدۇ. ھەسەن ككك لەگلەكنى قوغلاپ ئاخىرى تېپىۋالىدۇ. شۇۋاقىتتا مەھەللىدىكى زومىگەر ئاسسەفكە ئۇچراپ قالىدۇ. ئاسسەف لەگلەكنى ئۆزىگە بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بىراق ئامىر ئاغىنىسىغا سادىق بولغان ھەسەن لەگلەكنى بېرىشقا قوشۇلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەسەن ئاسسەفنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھايۋانلارچە خورلىشىغا ئۇچرايدۇ. بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەنى ئامىر ھەسەننى ئىزدەپ چىققاندا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ قالىدۇ ۋە توسۇش ئۇياقتا تۇرسۇن قۇرۇقىنىدىن قېچىپ كېتىدۇ. ھەسەنمۇ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ھېچنىمە دېمەيدۇ. ئامىر شۇ ئىش سەۋەبلىك ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ ۋە ھەسەندىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ئاخىرى تۇغۇلغان كۈنىدە دادىسى سوۋغا قىلغان سائەتنى ۋە بىر ئاز پۇلنى ھەسەننىڭ ئۆيىگە يۇشۇرۇپ قويۇپ، ھەسەننى ئوغۇرلۇق قىلغان دەپ قارايدۇ. ساددا، سەمىمىي ئامىر ئاغىنىغا سادىق ھەسەن ئاخىرى قېتىم ئامىر ئاغىنىسىنى قوغداپ، ئۇ نەرسىلەرنى مەن ئوغۇرلىدىم دەپ تۇرىدۇ. بىراق ساھىپ باي بۇ گەپلەرگە ئىشىنمەيدۇ ھەم كەچۈرۋەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەلى ساھىپ باينىڭ ئۇ نىمىغىنىغا قارىماي ھەسەننى ئېلىپ بۇ ئائىلىدىن كېتىدۇ.
ئەلى ھەسەننى ئېلىپ بۇ ئائىلىدىن كەتكەندىن كېيىن، روسىيە ئاففانىستانغا ھۇجۇم قىلىپ بېسىپ كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ساھىپ باي ئوغلى ئامىرنى ئېلىپ 1981-يىلى يۇرتى كابۇلدىن ئايرىلىپ ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېتىدۇ. ئاندى ئامېرىكىدىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا ئىشلەيدۇ. ئامىر ئۆز ئارزۇسى بويىچە مەلۇم بىر ئىنىستىتۇتنىڭ ئىككى يىللىق ئېنگىلىزتىلى كەسپىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ، ھەمدە دادىسى بىلەن شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئەرزان ماللارنى سېتىۋېلىپ كېلىپ، پىت بازىرى دېيىلىدىغان بازاردا يايما يېيىپ ئازراق بولسىمۇ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ. ئامىر شۇيەردە دۇككان ئاچىدىغان ئىلگىرى كابۇلدا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىدا ئىشلىگەن تاھىر ئىسىملىك گېنرالنىڭ قىزى سۈرەييە بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ ئائىلە قۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە سۈرەييەنىڭمۇ 18 ياش ۋاقتىدا بىر زەھەرلىك چېكىملىق چېكىدىغان بىر ئەر بىلەن قېچىپ كېيىپ، ئاخىرى دادىسى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىدەك كىشىلەر يامان كۆرىدىغان ئىش بولۇپ، ئامىر بۇئىشنى ئېغىر كۆرمەي ئۇنىڭ بىلەن ئائىلە قۇرىدۇ. ۋە ككڭلىدە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى كۆڭلىگە ئالمىغانلىقىنى ئۆزىنىڭمۇ ئىلگىرى ئۆزىنى كەچۈرەلمىگۈدەك گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقى ئۈچۈندۇر دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇش رېتىملىشىپ، كۈنلىرى بارا-بارا ياخشىلىنىشقا باشلىغان گۈزەل چاغلاردا ساھىپ باي «ئۆپكە راكى»غا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ يەنى كېلىپ ئاخىرقى باسقۇچى بولۇپ داۋالاش ساقايتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەمما خىمىيىلىك داۋالاش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ ساھىپ باي بۇخىل داۋالاشنى ۋە ئۆزىنى داۋالىماقچى بولغان روس دوختورىنى رەت قىلىدۇ. ۋە ئائىلىدە كېلىنى سۈرەييەنىڭ كۈتۈنىشىدە بولىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئالەمدىن ئۆتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئامىر ئىنتايىن ئازاپلىنىدۇ. بۇ ئازاپلىق كۈنلەرمۇ بارا-بارا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئامىرمۇ يېزىقچىلىق جەھەتتە خېلىلى تاۋلىنىپ قالىدۇ ۋە تۇنجى رومانىنى نەشىردىن چىقىرىدۇ ئارقىدىنلا ئىككىنچى رومانىنىمۇ نەشىردىن چىقىرىدۇ. شۇنداق قىلىپ جەمئىي تۆت پارچە رومانى نەشىر قىلدىرىدۇ.
2001-يىلى 6-ئايدا، رەھىمخاندىن تېلفون كېلىدۇ. رەھىمخان ئامىرنى ئۆز يېنىغا يەنى پاكىستانغا بىر كېلىپ كېتىشىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامىر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، پاكىستانغا قاراپ يول ئالىدۇ. ئەسلىدە رەھىمخاننىڭ ئامىرنى چاقىرتىشىدىكى سەۋەبى ئەھۋاللىشىش ۋە ئۇنىڭغا ھەسەن توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرىش ئىكەن. ئەمدى ئامىرنى تېخىمۇ ئازاپلايدىغان، يالغانچىلىقنى يامان كۆرىدىغان دادىسىنىڭ يالغانچىلىقى ئاشكارە بولدى. ئەسلىدە ھەسەن ئۇنىڭ دادا بىر، ئانا باشقا بىر قۇساق ئاكىسى ئىكەن، كېيىن رەھىمخان ئامىرغا ھەسەننىڭ ئائىلىسى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىدۇ. ھەسەن بىر فەزرانە ئىسىملىك قىز بىلەن ئائىلە قۇرىدۇ ۋە ئايالى قورساق كۆتۈرىدۇ؛ بۇ ياش ئەر-ئايال قورساقتىكى بالىسىنىڭ ئوغۇل بولىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. ئىنتايىن ئەپسۇس بۇ بالا قىز يەنە كېلىپ ئۆلۈك تۇغۇلىدۇ. فەزرانە ناھايىتى ئازاپلىنىدۇ، كېيىن ئۇلار يەنى بالىلىق بولىدۇ. بۇقرتىم ئوغۇل پەرزەنتلىك بولىدۇ ۋە بالىغا سوھراب دەپ ئىسىم قويىدۇ. بۇۋاقىتتاھەسەننىڭ ھەممە ئادەم ھەسەننىڭ ئانىسى دەپ قارايدىغان سەنۇبەر ھەسەننى ئىزدەپ كېلىدۇ. ھەسەن بۇ ئانىسىنى ئۆيدە ئېلىپ قالىدۇ. سەنۇبەر نەۋرىسىنى ناھايىتى ياخشى كۆيىنىپ باقىدۇ. سوھراب تۆت ياشقا كىرگەن يىلى سەنۇبەر ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئەمدى رەھىمخاننىڭ ئامىرنى چاقىرىپ كېلىشتىكى تۈپكى مەقسىتى ئامىرنى ئۆزىنىڭ ۋە دادىسىنىڭ گۇناھىنى يۇيدۇرۇش ئىدى. ھەسەن بىلەن فەزرانە تالىبانلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرلۇپ، سوھراب دارىلتىئامغا ئېلىپ كېتىلىدۇ.رەھىمخان ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىدىغىنى، ئامىرنىڭ سوھرابنى تېپىپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ، ئۇنى بېقىشى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئامىر سوھرابنى ئىزدەپ بارىدۇ ۋە ئۇنى تېپىپ ئۆيىگە ئەكىتىدۇ. ۋە بىر قېتىملىق يىغىلىشتا ئامىر يەنە بىر قېتىم لەگلەك ئۇچۇرىدۇ.

ئەسەردىن ئالغان تەسىراتىم
«لەگلەك قوغلىغۇچى بالا» ناملىق بۇئەسەر ساھىپ باي، ئامىر، ھەسەن قاتارلىق ئۈچ پېرسۇناژنىڭ چىگىش، مۇرەككەپ قانداشلىق مۇناسىۋىتى، ئامىر بىلەن ھەسەننىڭ ساپ دوسلىقىنىڭ يىمىرلىشىگە سەۋەب بولغان لەگلەك ئۇچۇرۇش مۇسابىقىسى، روسىيەنىڭ ئاففانىىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن ساھىپ بىلەن ئامىرنىڭ ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىنكى جاپالىق تۇرمۇشى، ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى ھەمدە ھەسەننىڭ ئامىرلارنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىپ كېيىن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرى ناھايىتى جانلىق، ئۆتكۈر تىل، ئىنچىكە تەسۋىرلەر، تاۋلانغان بايانلار ئارقىلىق يېزىلغان ئوقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلىدىغان ياخشى ئەسەر.
ئەسەردە ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان پېرسۇناژ ھەسەن. يەنى ھەسەننىڭ سەمىمىيلىكى، ئاقكۆڭۈللىكى، لەگلەك قوغلاش مۇسابىقىسىدە لەگلەكنى قوغلاپ ماڭغاندا ئامىرغا ئېيىتقان: «ئامىر ئاغا، سىز ئۈچۈن جېنىم پىدا» دېگەن بىر جۈملە سۆزى، ئامىر ھەسەنگە ھېكايە سۆزلەپ بولغاندىن كېيىنكى ئەستايىدىللارچە تەپەككۇر قىلىشلىرى، ھەسەننىڭ پەزىلىتىگە جۇغلانغان بىرخىل ئالىي پاكلىق ، سەمىمىي قەلىب، ئامىر ئاغىسىغا بولغان سادىق، دوستانە مۇئامىلىسى ناھايىتى تەسىر قىلدى ھەمدە ھەسەننىڭ تەقدىرى ئۈستىدى تەپەككۇرىمنى قاناتلاندۇرۇپ، خىيال دەرياسىغا غەرق بولدۇم.
ئەسەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: كىشىلەر ئارىسىدىكى مەسئۇلىيەت، ئىشەنچ، ساداقەت، مېھرىبانلىق، سەمىمىيەت، مىللىي غۇرۇر، مىللىي مەسئۇلىيەت، ۋەتەن سۆيگۈسى قاتارلىق ئەخلاق بابىدىكى بىر تىزىققا ئۆتكۈزۈلگەن گۈھەرلەر جۇغلانمىسى ئارقىلىق روياپقا چىققان، كىشىلەرگە بولغان تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى چوڭقۇر نادىر ئەسەر.
ئەسەردە ماڭا تەسىر قىلغان يەنە بىر تەرەپ، ساھىپ باينىڭ كۈچلۈك مىللىي غورۇرى، مەرىپەتپەرۋەر ساخۋەتچىلىكى، ۋەتىنىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى. ئامىرنىڭ يۈرۈكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى ئۆزىنى تونۇش تۇيغۇسى، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئىقرار قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىسىمۇ ئۆزىنى كەچۈرەلمىگەنلىكىدەك ئىنسانىي غورۇرى قاتارلىقلار.
ئاخىرىدا ئەسەرنىڭ ماڭا بەرگەن كىشىلىك ھايات: «ئادەمنىڭ ئۆز خاتالىقىنى تونۇشقا غايەت زور جۈرئەت كېتىدۇ، ئۆز خاتالىقىنى تونۇش گۈزەل پەزىلەت» دېگەن بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلايمەن.

كىتاب ئۇچۇرلىرى
كىتاپ ئىسمى: «لەگلەك قوغلىغۇچى بالا»
     نەشرى: 2010-يىلى11-ئاي 1-نەشىرى
     باسمىسى:2010 -يلى   11-ئاي 1-بېسىلىشى   
           ISBN978-7-228-13935-4    كىتاپ نومۇرى:
    باھاسى: 45 يۈەن

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئەخمەتجان قۇربان
يانفون:

0

تېما

7

دوست

3839

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   61.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1164
توردىكى ۋاقتى: 289
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-10 16:36:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە مۇبارەك بولسۇن.

پالىيەتنى ئويۇشتۇرغان ئورۇننىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ رۇناق تاپقاي!!!!!!!!

0

تېما

0

دوست

2108

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10547
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 628
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-12 10:35:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur05 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-12 10:36  

بىر مەزگىل توختاپ قالساڭلار مەن تېخى پائالىيەت توختىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن . ئىزدىنىش كىتاپخانىسىدىكىلەرگە پۈتۈن باغداش مۇنبىرىگە ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتىمەن . تەلىيىمگە مېنىڭمۇ ماقالەم تاللىنىپتۇ مەن ئۈنۈمدار كىشىلەرنىڭ يەتتە ئادىتى دىگەن كىتاپنى تاللاي . ئىسمىم مەھمۇتجان
uyghuray

14

تېما

1

دوست

6747

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   34.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 386
تۆھپە : 1873
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-12 12:25:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghur05 يوللىغان ۋاقتى  2015-10-12 10:35
بىر مەزگىل توختاپ قالساڭلار مەن تېخى پائالىيەت توختىغ ...

بولدۇ،سىز تاللىغان كىتابنى بىز يەتكۈزۈپ بىرىمىز.

0

تېما

0

دوست

989

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   97.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  939
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 328
توردىكى ۋاقتى: 220
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-12 21:55:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى .
ماڭا ‹‹ قەتىرگە يۇشۇرۇنغان دىڭىز ›› دىگەن كىتاب لازىم بولۇپ قالغاندى ، ئۇچۇر بەرسەڭلار ، رەھمەت !!!

0

تېما

1

دوست

608

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   21.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15167
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 182
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2015-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-16 20:45:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى قىتىم قەلەم تەۋرىتىشىم ئىدى،نەتىجىسىنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم،ئىزىدىنىش كىتابخانىسىنىڭ سوۋغىتىنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالدىم،رەھمەت سىلەرگە!

0

تېما

1

دوست

1754

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   75.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40552
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 562
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-19 22:21:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azhar36 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-19 22:25  

بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارئىزدىنىش كىتابخانىسى ئورۇنلاشتۇرغان مۇكاپاتلىق كىتاب ئوقۇش ، ئوقۇغان كىتابلاردىن تەسىرات يېزىش پائالىيىتىگە ئىزچىل تۈردە قاتنىشىۋاتىمىز . 8- 9 - ئايلىق كىتاب ئوقۇش ، تەسىرات يېزىش پائالىيىتىدە بىز يازغان كىتاب ئوقۇش تەسىراتى 8 پارچە بولۇپ ، بۇنىڭدىن 7 پارچىسى مۇكاپاتلاندى ، بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى بۇ خىل پائالىيەتكە سەپەرۋەر قىلىپ ، بىلىم ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەشنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ ، مىللىي مائارىپ سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىىرى كۆتۈرۈشكە تېرىشىمىز !
ئىزدىنىش كىتابخانىسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمىز !
تۆۋەندىكىسى 8-ئايدا مۇكاپاتلانغانلارنىڭ تىزىملىكى
1.كىتابنىڭ نامى: ئىز
ئاپتۇرى: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
نەشىر ۋاقتى: 1985-يىلى 1- ئاي تۇنجى نەشىرى
ئوقۇرمەن: ئەخمەتجان مەمتىمىن
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 70***137792
2.كىتابنىڭ نامى: بەخت يېنىڭىزدىلا ( روھىي ساغلاملىق ئۈگۈتلىرى)
ئاپتۇرى: ئوبۇلھەسەن داۋۇت ، ھەدىيۇللا ھەبىبۇللا ، ئەلىشىر ياسىن  
نەشىر ۋاقتى: 2008-يىل 8-ئاي
ئوقۇرمەن: گۈلزىرە ئەنۋەر (يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئەخمەتجان مەمتىمىن )
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 03****13239
3.كىتابنىڭ نامى: گۈلىستان
ئاپتۇرى: شەيخ سەئدى
نەشىر ۋاقتى: 2008-يىل 11-ئاي
ئوقۇرمەن: دىلبەر كېرەم ( يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ئەخمەتجان مەمتىمىن )
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 42****15299
4.كىتابنىڭ نامى: ئۆزىمىزنى ئېتراپ قىلايلى
ئاپتۇرى: ئەختەم ئۆمەر
نەشىر ۋاقتى: 2001-يىل 3-ئاي
ئوقۇرمەن: دىلمۇرات تاھىر ( يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ئەخمەتجان مەمتىمىن )
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 92***46-0996
تۆۋەندىكىسى 9-ئايدا مۇكاپاتلانغانلارنىڭ تىزىملىكى
1.كىتابنىڭ نامى: بىل.گەيتىسنىڭ پىرىنسىپى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇلئەھەت ئابدۇرەشىد بەرقى
نەشىر ۋاقتى: 2004-يىل 9- ئاي
ئوقۇرمەن: دىلمۇرات تاھىر ( يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ئەخمەتجان مەمتىمىن )
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 92**469-0996
2.كىتابنىڭ نامى: مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى
ئاپتۇرى: ناپولېئون خېئول
نەشىر ۋاقتى: 2001-يىل 10- ئاي
ئوقۇرمەن: ئەخمەتجان مەمتىمىن
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 70***137792
3.كىتابنىڭ نامى: ئۆي زىننەتلەش ۋە سالامەتلىك
ئاپتۇرى: مامۇت قۇربان
نەشىر ۋاقتى: 2013-يىل 4-ئاي
ئوقۇرمەن: ئارزۇگۈل ئابلىز
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 493***15309
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )