- تىزىملاتقان
- 2014-4-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3495
- نادىر
- 0
- يازما
- 102
ئۆسۈش
49.83%
|
لەڭمەن ھەققىدە رىۋايەت
مۇبارەك ھاسان
كىچىك ۋاقتلىرىمدا رەھمەتلىك مومامدىن دائىم ھىكايە چۆچەكلەرنى ئاڭلايتىم ،ئۇ ۋاقىتلاردا گۈدەكلىكىم ،ئانچە ئىش ئۇقۇپ كەتمىگەچكە مومامدىن سوراپ بىلىۋېلىشقا نەرسىلەرنى سوراپ بىلىۋالماپتىكەنمەن مومام ئۇقۇشۇملۇق دىننىي ساۋات ئايال بولۇپ بوۋاملارمۇ جەمەتى نەچچە ئەۋلات تونۇلغان موللا ئۇقۇشۇملۇق دىننى زاتلار ئىكەن شۇ يىللاردا مومام يېشى توقسەندە بولسىمۇ قازان بېشىدىن قالمىغان ئىدىتلىق ئىدى.مومام دائىم بىر ئىشنى دىمەكچى بولسا بىر رىۋايەتنى سۆزلەپ مىسال قىلاتتى بولۇپمۇ قازان بېشىغا دائىر ئىشلارغا قارىتا شۇنداق ئوبىرازلىق سۆزلەپ بېرەتتى.بىر كۈنى ئاچام قازاندا سۇ قايناتماقچى بولۇپ چۆمۈچنى قازاندا قويۇپ تۇۋاقنى ياپماپتىكەن مومام قىزىقارلىق قىلىپ قازان بىلەن چۆمۈچ يېقىن دوسلارمىش شۇڭا ئۇلار بىرگە بولسا قىزغىن مۇڭدىشىپ قازان قاينىمايدۇ،شەيتان سۆھبەت قىزىغان جايغا بېرىپ گەپ تىڭشايدىكەن ،شەيتان راستنى يالغان،ھالالنى ھارام قىلىشقا ماھىرمىش شۇڭا تۇۋاقنى ياپمىسا قازانغا شەك چۈشۈپ قالىدۇھىكايەت قىلىپ بەرگەنتى.
مومام يەنە ئىنسانلار تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن رېستىپلارنى تەبىئەتتىن بايقىغان مەسىلەن چارۋا ماللار باش ئەتىيازدا يۇمران ئوت چۆپ يەپ ئىشتىيى تۇتۇلۇپ قالسا يامغۇر ئاپتاپتا قالغان شورشۇلتا يالىشىدىن تاماق سىڭمىگەندە ئىشقارلىق شۇلتىلىق سۇ ئىچىشنى،قىشتا قاتتىق يىرىك يەم خەشەك يىگەندە تۇزغا ئامراقلىقىدىن تۇزنىڭ چىشنى مەزمۇت قىلىدىغانلىقىنى ،چارۋىلار ئۇسىغاندا توغراق زەخمىسىدىن چىققان سېرىق سۇ قاتمىلىرىنى يالاپ قويسا قوساق كۆپۈشىدن توغراقتىن چىقىدىغان توغرانغۇ دىيىلىدىغان نەرسە ئارقىلىق خېمىر تۇرۇچ كۆپتۈرگۈچنى ،بۇغداي غول تېلىنى قاينىتىپ سۈيىدە خېمىر تۇرۇچلۇق تائام قىلسا مەزىلىك بولىدىغانلىقى مەيلى قانداقلا نەرسە بولسۇن بارلىققا كېلىشىدە بىر سەۋەپنىڭ بولىدىغانلىقىنى دەپ بېرەتتى.
كىچىكىمدە پەرمەن سۇيۇقئاش (ھازىر دىيىلىۋاتقان خۇيمەن )قا ئامىراق ئىدىم بىر كۈنى مومامدىن پەرمەن دىگەن نىمە گەپ سورىغان ئىدىم .مومام مەنمۇ بوۋاڭلاردىن بىلىشىمچە (بوۋىمىز كۆپ تىللىق موللا) پەرمەن،لەگمەن دىگەن سۆزلەر ئەجداتلىرىمىز تىلى بولۇپ پەرمەن خېمىر يىغىپ بېسىلغان ئاش مەنىسىدە ئىكەن ئاققوناق ئۇنىدا خېمىر يۇغۇرسا خېمىر ياخشى ئۆزلەشمىگەچكە خېمىرنى يىغىپ چىڭ بېسىپ ئېتىلگەن تاماق ئىكەن .لەڭ ،لەگ سۆزلىرى ئاسمان،ئىگىز ،يىراقتىن كەلگەن مەنىدە مىش،مەن سۆزىگە قارىتا توپنىڭ ئىچىدە كۈچلۈك،ئۈستىگە ئالغۇچى ،ھەقىقى ،نوچى مەنىلىرىدە ئىكەن مومام شۇلارنى دەپ بېرىپ ئەجداتلاردا «ئۇن سۇدا ئەرگە كۈچ بولماس،ئەت(گۆش)ئوتتائەرگە جان بولماس» دىيىلىپ شورپا نانلارنى قۇۋەت بولىدۇ دەپ ئەزىزلەيدىكەن بۇرۇنقىلاردىن قالغان لەگمەن(توقسۇن شىۋىسى) توغرىسىدا رىۋايەتنى سۆزلەپ بەرگەن .
بۇرۇنقى زامانلاردا ھازىرقى توقسۇن ئەتىراپىدىكى تاغلاردىن يىل بويى ئېقىپ كېلىدىغان ئېقىن سۇلاردىن ھاسىل بولغان ساسلىق، چاتقاللىقلار بولۇپ ئايىقى ئايدىڭ كۆلگە تۇتىشىدىكەن تۈرلۈك ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ماكانى ئىكەن بۇرۇن ئەتىراپىدىكى ئەل ،يۇرىتلار قاتنىشىدا كارۋانلار بۇ يەرنىڭ ئەتىراپىنى ئايلىنىپ ماڭاتتىكەن ،بۇ يەرگە كەلگەندە ئەتىراپتىكى مەنزىلگە يېتىش ئۈچۈن ئۇلاقلىرىنى توخ بولسۇن دەپ ئارام ئالغۇزىدىكەن كېيىن ئۇزاق زامانلاردا توخسۇن بولۇپ ئۆزگەرگەنكەن بۇرۇن بۇ يەردە بىر ئائىلىلىك ئولتۇراقلىشىپ يەر تېرىپ ،چارۋا بېقىپ كۈن كەچۈرۈپتۇ ،ئېتىزدىن چىققان بۇغداي،قوناقلارنى ئۇن قىلىشتا ئۇ زامانلاردا رەخىت يوقمىش شۇڭا تېرە ئۈستىگە تاشنى قويۇپ تاش ئارقىلىق بۇغداي،قوناقلارنى ئېزىپ ئۇن قىلاتتىكەن،تېرە يۇڭ ئارىسىدىكى ئۇننى ئىگىز كۆتۈرۈپ قېقىپ چۈشۈرۈپ تاماق ئېتىدىكەن شۇڭا دان .ئۇنلارنى ئاسماندىن چۈشتى ،ئىگىزدە بولۇدۇ دەپ لەڭ ئاتاپتىكەن.كېيىن كېلىپ كېتىغانلار كۆپىيىپ بۇ يەرنى لەڭگەر (كېلىپ كېتىغانلار ئوزۇقلىنىدىغان جاي ) دەپ ئاتاپتۇ.ئۇلار خېمىرنى قولدا چىڭ سىقىپ بارماق ئارىسىدىن چىققان خېمىردا سىقماق سۇيۇق ئاش ئېتىدىكەن ،بۇغداي ئۇنىدا ئەتكەن سىقماق ئاش خېمىر ئاسان ئۈزۈلمەي سوزۇلۇپ ئۇزۇن چىقىپ خېمىر پىشسىمۇ قازان تەكتىدە تۇرىدىكەن ،سەي كۆكتاتلىرى ئۈستىدە تۇرىدىكەن شۇنىڭ بىلەن بۇغداي ئۇنىدا ئېتىلگەن سىقماق ئاشنى خېمىرى چىڭ سىقىلىدىغان كۆتتاتلىرى ئۈستىدە تۇرىدىغان ئاش بولغاچقا لەگمەن دەپ ئاتىلىپتىكەن .ئاخىرى لەڭگەر ئاۋاتلىشىپ ئۆتەڭلەر پەيدا بولۇپ يۇرۇتلار چوڭلاپ خەلقلەر ئېھتىياج سەۋەپلەردىن بۇ تاماق ئېتىش ئۇسۇللىرىنى بېيىتىپ بۇغداي ئۇن خېمىرى قولدا سىقىشتىن پىلتە قىلىشقا ،سەي كۆكتاتلار سۇغا سېلىشتىن مايدا پۇشۇرۇپ ئۈستىگە ئېلىشقا قاراپ تەرەققى قىلىپ بۈگۈنكى لەگمەن بارلىققا كېلىپتىكەن دەپ رىۋايەت قىلىپ بەرگەن.گەرچە بۇ ئىلمى ئاساسى ئىسپاتلانغان رىۋايەت بولمىسىمۇ تارىخى خاتىرلەر ۋە تېپىلىلاردىن بايقىلىشىچە ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ تىل شىۋىسى ئوخشىماسلىقىدىن مەيلى لەگمەن ، لەڭمەن ياكى لەغمەن دەيلى بۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخ، تۇرمۇش ئەمىلىيىتىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكى ھەقىقەت.
كىچىك ۋاقتلىرىمدا رەھمەتلىك مومامدىن دائىم ھىكايە چۆچەكلەرنى ئاڭلايتىم ،ئۇ ۋاقىتلاردا گۈدەكلىكىم ،ئانچە ئىش ئۇقۇپ كەتمىگەچكە مومامدىن سوراپ بىلىۋېلىشقا نەرسىلەرنى سوراپ بىلىۋالماپتىكەنمەن مومام ئۇقۇشۇملۇق دىننىي ساۋات ئايال بولۇپ بوۋاملارمۇ جەمەتى نەچچە ئەۋلات تونۇلغان موللا ئۇقۇشۇملۇق دىننى زاتلار ئىكەن شۇ يىللاردا مومام يېشى توقسەندە بولسىمۇ قازان بېشىدىن قالمىغان ئىدىتلىق ئىدى.مومام دائىم بىر ئىشنى دىمەكچى بولسا بىر رىۋايەتنى سۆزلەپ مىسال قىلاتتى بولۇپمۇ قازان بېشىغا دائىر ئىشلارغا قارىتا شۇنداق ئوبىرازلىق سۆزلەپ بېرەتتى.
بىر كۈنى ئاچام قازاندا سۇ قايناتماقچى بولۇپ چۆمۈچنى قازاندا قويۇپ تۇۋاقنى ياپماپتىكەن مومام قىزىقارلىق قىلىپ قازان بىلەن چۆمۈچ يېقىن دوسلارمىش شۇڭا ئۇلار بىرگە بولسا قىزغىن مۇڭدىشىپ قازان قاينىمايدۇ،شەيتان سۆھبەت قىزىغان جايغا بېرىپ گەپ تىڭشايدىكەن ،شەيتان راستنى يالغان،ھالالنى ھارام قىلىشقا ماھىرمىش شۇڭا تۇۋاقنى ياپمىسا قازانغا شەك چۈشۈپ قالىدۇھىكايەت قىلىپ بەرگەنتى.مومام يەنە ئىنسانلار تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن رېستىپلارنى تەبىئەتتىن بايقىغان مەسىلەن چارۋا ماللار باش ئەتىيازدا يۇمران ئوت چۆپ يەپ ئىشتىيى تۇتۇلۇپ قالسا يامغۇر ئاپتاپتا قالغان شورشۇلتا يالىشىدىن تاماق سىڭمىگەندە ئىشقارلىق شۇلتىلىق سۇ ئىچىشنى،قىشتا قاتتىق يىرىك يەم خەشەك يىگەندە تۇزغا ئامراقلىقىدىن تۇزنىڭ چىشنى مەزمۇت قىلىدىغانلىقىنى ،چارۋىلار ئۇسىغاندا توغراق زەخمىسىدىن چىققان سېرىق سۇ قاتمىلىرىنى يالاپ قويسا قوساق كۆپۈشىدن توغراقتىن چىقىدىغان توغرانغۇ دىيىلىدىغان نەرسە ئارقىلىق خېمىر تۇرۇچ كۆپتۈرگۈچنى ،بۇغداي غول تېلىنى قاينىتىپ سۈيىدە خېمىر تۇرۇچلۇق تائام قىلسا مەزىلىك بولىدىغانلىقى مەيلى قانداقلا نەرسە بولسۇن بارلىققا كېلىشىدە بىر سەۋەپنىڭ بولىدىغانلىقىنى دەپ بېرەتتى.كىچىكىمدە پەرمەن سۇيۇقئاش (ھازىر دىيىلىۋاتقان خۇيمەن )قا ئامىراق ئىدىم بىر كۈنى مومامدىن پەرمەن دىگەن نىمە گەپ سورىغان ئىدىم .مومام مەنمۇ بوۋاڭلاردىن بىلىشىمچە (بوۋىمىز كۆپ تىللىق موللا) پەرمەن،لەگمەن دىگەن سۆزلەر ئەجداتلىرىمىز تىلى بولۇپ پەرمەن خېمىر يىغىپ بېسىلغان ئاش مەنىسىدە ئىكەن ئاققوناق ئۇنىدا خېمىر يۇغۇرسا خېمىر ياخشى ئۆزلەشمىگەچكە خېمىرنى يىغىپ چىڭ بېسىپ ئېتىلگەن تاماق ئىكەن .لەڭ ،لەگ سۆزلىرى ئاسمان،ئىگىز ،يىراقتىن كەلگەن مەنىدە مىش،مەن سۆزىگە قارىتا توپنىڭ ئىچىدە كۈچلۈك،ئۈستىگە ئالغۇچى ،ھەقىقى ،نوچى مەنىلىرىدە ئىكەن مومام شۇلارنى دەپ بېرىپ ئەجداتلاردا «ئۇن سۇدا ئەرگە كۈچ بولماس،ئەت(گۆش)ئوتتائەرگە جان بولماس» دىيىلىپ شورپا نانلارنى قۇۋەت بولىدۇ دەپ ئەزىزلەيدىكەن بۇرۇنقىلاردىن قالغان لەگمەن(توقسۇن شىۋىسى) توغرىسىدا رىۋايەتنى سۆزلەپ بەرگەن .