- تىزىملاتقان
- 2012-10-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-12-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1202
- نادىر
- 0
- يازما
- 70
ئۆسۈش
20.2%
|
قەدىرلىك قېرىنداشلار ، قانداق ئەھۋالىڭلار ؟ مەن سىلەردىن بىر مەسىلە توغرىسىدا مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم .
مەن يېڭى ئۆي ئالغىلى 3 يىل بولدى . ئالغان ئۈيۈم 1- قەۋەتتە ، يەر ئاستىدىن ئىسىيدىغان پار ئورۇنلاشتۇرۇلغان . ئۈستىمىزدىكى 2- قەۋەتنى ئالغان خوشنامنىڭ خىزمىتى يېزىدا بولغاچمىكىن ، بۇ ئۈيىدە دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىلا ئانچە مۇنچە كىلىپ تۇرىدۇ . ئارىلىقتا شەھەرگە كىرىپ تۇرۇۋاتقان تۇغقانلىرىمىكىن ، شۇلار تۇرىدۇ . بەزى كۈنلىرى ئادەم بار ، بەزى كۈنلىرى ئادەم يوق ھالەتتە تۇرىدۇ . ئۆينى ئالغان 1- يىلى پارنى شىركەت ئارقىلىق توختىتىۋەتكەن ئىكەن .باشقا رايۇنلاردا قانداقكىن ،بىزنىڭ ناھىيىمىزدە 1- يىلى سېتىلغان ئۆي ئىگىسى ئۆي ساتقان شىركەت ئارقىلىق پار بىلەن تەمىنلەشنى ئاچتۇرىدۇ .شۇنىڭدىن باشلاپ 3 يىل بولدى . پارنى ئاچماي ، 3- قەۋەت ھەم 1- قەۋەتنىڭ پارىنىڭ ئىسسىقى ئارقىلىق تۇرۇۋاتىدۇ . مەن پار بىلەن تەمىنلەش شىركىتىدىكىلەرگە ئەھۋال ئىنكاس قىلسام ، ئۇلار 1- يىلى شىركەت ئارقىلىق ئىتىۋەتكەنكەن . بىز پەقەت ھەريىلقى ئىتىش ھەققى 300 نەچچە يۈەننى تاپشۇرغۇزىمىز . ئۇلارنى پارنى ئېچىڭلار دىيىش ھوقوقىمىز يوق . ئەگەر 1- يىلى ئاچتۇرغان بولسا ، كىيىن توختىتىمىز دىسە ،بىز 1- ۋە 3- قەۋەتتىكىلەرنىڭ قوشۇلغانلىق ئىمزاسىنى كۆرۈپ ئاندىن پارنى ئىتىۋاتىمىز ، دىدى . پار شىركىتىدىكىلەرنىڭ دىيىشىچە ، نىمىشقا پارنى ئاچتۇرمايسىز دەپ سورىسا ، بىز مۇقىم تۇرمايۋاتساق دەپ تۇرۇۋاپتۇ .شۇنىڭ بىلەن مەن قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم ، خوشنا بولغاچقا قانداق ئېغىز ئېچىشنى ئۇقمايۋاتىمەن . ئۆي ساتقان شىركەتتىكىلەرگە دىسەم ، ئۇلار ئەتكۈزۈۋەتكەن ، بىز ئاچتۇرۇشقا مەجبورىلىيالمايمىز دەيدۇ . ئاھالىلار كومىتىتىدىكى تۇنۇشلارغا دىسەم ، ئۇلارمۇ ئېنىق جاۋاپ بىرەلمىدى .
2- قەۋەتتىكى پارنى ئاچمىسىمۇ ئۆي بەك سوغاق ئەمەس ، شۇنداقتىمۇ ئۆتكەن يىلى قىشتا ئاپام ئاغرىپ قېلىپ ئۆيدە تۇرغۇزغىلى ئەكەلسەم ، سوغاقكەن دەپ ئۇزاق تۇرالمىدى . شۇڭلاشقا بەك جىددىيلىشىپ كىتىۋاتىمەن . زادى قانداق قىلسام بۇلار ، قەدىرلىك دوستلارنىڭ بىر ياخشىراق مەسلىھەت بېرىشىنى ، تەجرىبە ساۋاقلىرىنى سۆزلەپ بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن . قانداق قىلسام ياخشىراق ھەل قىلغىلى بۇلىدۇ ؟
مەنبە :ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرى
|
|