ئەسىرلىك توغراقلارنىڭ پىچىرلىشى
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
پۈتۈن يەرشارىدا پەقەتلا ئۈچ يەردە كۆلىمى چوڭ ئۈچ پارچ توغراقلىق ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭ بىرى دەل قومۇل ۋىلايىتى ئاراتۈرك ناھىيسى نوم بازىرىنىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلاشقان نوم توغراقلىقىدۇ. نوم توغراقلىقى جۇڭگودىكى ئىككى چوڭ توغراقلىقىنىڭ بىرى. دۇنيادىكى شەھەرگە (نوم بازىرىغا) يېقىن ھەمدە سانائەت رايونىغا ئەڭ يېقىن بولغان تەبىئىي توغراقلىق. كۆلىمى 47.6 تۈمەن كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان بۇ توغراقلىققا يىراق يېقىندىن كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ. پايانسىز چۆللۈكنىڭ بىر چېتىدە مۆجىزىلەردەك ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ، مەردانە ياشاۋاتقان بۇ توغراقلىقنىڭ باشقا توغراقلىقلار بىلەن يەنە بىر ئوخشىمايدىغان تەرپى شۇكى، بۇ يەردە دەريا يوق، نوم توغراقلىقى يەر ئاستى سۈيىنىڭ ياردىمىدە كۆكىرىپ كەلمەكتە. ئەڭ ياشلىرى تېخى بۇ يىل يازدا بىخلىغان، ئەڭ قېرىلىرى تۈمەن يىللاردىن ئاشقان توغراقلارنىڭ شەكلى بەتبەشرە ئالۋاستى، ئاجايىپ-غارايىپ مەخلوقلارغا ئوخشىسا، توساتتىنلا ئەتىراپىڭىزدا غۇلاچ كېرىپ ساماغا چۈشكەن بەردەم قىز-يىگىتلەرنىڭ سىماسىنى كۆرىسىز، ھەتتا بەزى توغراق كۆرۈنىشلىرى ئاسماندىن لەرزان ئۇچۇپ چۈشكەن ھۈر پەرىلەردەك كۆرۈنسە، بەزىلىرى ھۇررا توۋلاپ جەڭگە ئاتلانغان باتۇر جەڭچىلەرنى ئەسلىتىدۇ...بۇ يەر خۇددى بىر جەڭگاھقا ئوخشايدۇ. بۇ يەردە سىز ھاياتلىقنىڭ يارقىن جىلۋىسى ھەم ماماتلىقنىڭ سوغوق تەبەسسۇمىنى كۆرۈپ ھېس قىلالايسىز. سىز بۇ يەردە ئۈمىد ۋە ئىشەنىچنىڭ، چىدام ۋە جاسارەتنىڭ قۇچىقىدا ئەللەيىلىنىسىز، ئۇشبۇ ئەسىرلەر مابەينىدە قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قالغان گاھى توغراقلارنىڭ يەنىلا كۆكلەپ تۇرغان ياپراقلىرى سىزگە ھاياتنى قانداق سۆيۈشنى، مۇشكۈللەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئۈن-تىسىز پىچىرلاپ بېرىدۇ...قېنى سىز توغراقلارنىڭ پىچىرلىشىنى ئاڭلىيالامسىزكىن؟!
ئۇيغۇرغول سۈرەتچلىرى-مۇجىبۇل راخمان ئەركىم فوتوسۈرەتلىرى
توغراقلىقتىكى مالچىنى ئۆيى
يىللار ئىزى
ئەسىرلىك چىدام
ئۈمىدنىڭ پايانى
قەد كۆتۈرۈش
كۈتۈش
ئىنتىلىش
بەسلىشىش
چىدام
مېنىڭ باغرىم
يىللار ئارلىقى
ئۈمىد يۇلتۇزلىرى
قاچان كېلىسەن...
توغراق بۇغا
2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى قومۇل
|