- تىزىملاتقان
- 2014-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8291
- نادىر
- 0
- يازما
- 840
ئۆسۈش
65.82%
|
كىتاپخاناڭلار قەشقەر ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، كەڭ خەلقىمىزنىڭ كىتاپخۇمار ستۇدېنت ياشلىرىنىڭ ئىلىم تەشنالىقىغا مەلھەم بولۇپ كېلىۋېتىپسىلەر، كەمىنە بۇ ئىشلىرىڭلارغا چىن دىلىمدىن ئۆز تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن ۋە سىلەرگە قەلبىمدىكى ئالىي ئېھتىرامىمنى مۇشۇ مەۋھۈم دۇنيا يۈزىدە يەتكۈزمەكچىمەن.
ئەمدى مەخسىتكە كەلسەك: ستۇدېنتلار خەلقىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى بىر مەنىۋىي تۈۋرۈگى، بىز كەلگۈسىمىزنى ئۇلارنىڭ قولىغا ئاستا – ئاستا تاپشۇرىمىز. دەرۋەقە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ خۇددى ئاددىي جەمىيەت ئەزالىرىدىكىدەكلا بارلىغىنى بىلمگە بېغىشلاپ، كۈن-تۈنى ھارماي-تالماي ئۆزىنىڭ بىلىم تەشنالىغىنى قاندۇرۇشقا قان-تەرىنى سەرىپلەپ كېلىۋاتقانلىرى ، ئاتا-ئانىسىنىڭ شۇنداقلا جەمىيەت ۋە قەۋىمنىڭ ئالدىدىكى يۈكىنى تونۇپ يېتەلمەستىن، ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك بال ئېلىش پۇرسىتىنى قانداقتۇر مەنىسىز ئىشلارغا سەرىپلەپ كېلىۋاتقانلىرىمۇ بار. ئەلۋەتتە ئالدىنقىلىرى يەنىلا كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ كەينىدىكى .
ئوقۇش ۋە تۇرمۇشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئىقتىسادىي تايانچلىرىنىڭ قۇۋۋىتى ھەر قايسىسىنىڭ بىردەك ئەمەس. بۇ قېتىم بىرقانچە قىز ئوقۇغۇچى شاھانە ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» سېتىۋېلىش جەريانىدا مەن مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ئۇلار بىلەن مۇلاقەتتە بولۇپ قالدىن. ئەسلىدە ئۈچەيلەن ئۈچ پارچە سېتىۋالىدىغان بولۇشۇپ، كىتاپ باھاسىنىڭ ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا نىسبەتەن خېلىلا ئېغىر كېلىدىغانلىغىنى نەزەردە تۇتۇپ، بىرى سېتىۋاپتۇ، ئۇ كىتاپتىن سىلەرمۇ خېلى دەرىجە پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپسىلەر. بۇ روھىڭلارغا رەھمەت. ئەمما سىلەر باھانى چۈشۈرسەڭلار ئوخشاش كەسىپتىكىلەر مەلۇم سەلبىي قاراشتا بولۇشى مۈمكىن. چۈنكى ھازىر رىقابەت دەۋرى. سىلەرگە ئاساسلىق تەكلىۋىم شۇكى ئەنە شۇ ستۇدېنتلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا مۈمكىن بولسا ئەسلىدىنلا قىممىتى ئۆلچىگۈسىز بولغان شۇ شاھانە ئەسەرنىڭ ھەمدە باشقا كىتاپلارنىڭ باھاسىنى يەنىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ مۇلازىمەت قىلغان بولساڭلار. ئىشلىرىڭلارنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى چىن قەلبىمدىن ئارزۇ قىلىمەن. بۇ ئەسەر ۋە ئۇنىڭ يانداشما جۈپتى بولغان شاھانە ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ كىتاپ ئىشكاۋىنىڭ تۆرىدىن كەپ دائىرىلىك ئومۇملاشقان ئاساستا ئورۇن ئېلىشى كېرەك ئىدى، ئەمما يەنىلا تۇرمۇش ھەلەكچىلىگىدە ئالغۇسى بولسىمۇ چىقىنالمايۋاتقان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز مەۋجۇت. شۇڭا ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارىلىشىپ ئاق ساقاللىق قىلىپ سالدىم، چىن دىلىمدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن.
2015-يىلى17-ئۆكتەبىر
|
|