جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر تۈركۈم ئۈمۈتۋاركىشىلەرگە مۇھتاج
يۈ جيەنروڭ
ئىلاۋە: يۈ جيەنروڭ،ئەر ،خەنزۇ 1962-يىلى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خېڭياڭ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان.خۇنەن پېداگوكىكا ئۇنۋېرستىتىدائاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرۈپ،2003-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.ھازىر جۇڭگو ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيىسى يېزا تەرققياتنى تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ پىروفېسسورى،ئىجتىمائى مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. يۈ جيەنروڭ ئىلگىرى شياڭگاڭ جۇڭگو تىللىرى ئۇنۋېرستىتى،شياڭگاڭ جىنخۇي ئۇنۋېرستىتى،ئامېرىكا خارۋاد ئۇنۋېرستىتى قاتارلىق ئۇنۋېرستىىتلاردا ئىلىم ئالماشتۇرۇشتا بولغان.《جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئەھۋالى:ئەنيۈەن خاتىرىلىرى》،《قارشىلىق كۆرسىتىش خاراكتىرىدكى سىياسىي:جۇڭگونىڭ سىياسىي-ئىجتىمائى ئىلمىدىكى تۈپ مەسىلىلەر》قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.2010-يىلى12-ئايدا،300مىڭ نەپەر تور ئەھلىنىڭ كۆرسۈتىشى بىلەن لاڭ شيەنپىڭ.دەي شۈ،گوچىپىڭ،جاڭ خوڭلياڭ قاتارلىق كىشىلەر قاتارىدا “جۇڭگو ئېنتىرنىت ساھەسىدىكى 9 مەشھۇر شەخس” نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
يېقىندا مەن (يۈ جيەنروڭ) جۇڭگودىكى بىر تۈركۈم دەم ئېلىشقا چىققان بىر مۇنچە مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلارنى زىيارەت قىلدىم،ئۇلارنىڭ بىرى تېىخى مەركەزدىكى بىر يادرولۇق ئاقىللار ئورگىنىدىكى يادرولۇق شەخس ئىدى.ئۇ كىشى ماڭا “سىز جۇڭگو جەمئىيىتىدە داۋالغۇش بولمايدۇ دەپ قارامسىز،مەن چوقۇم داۋالغۇش بولىدۇ دەپ قارايمەن،ئۇنىڭ ۋاقتىغىمۇ ئانچە ئۇزاق قالمىدى ” دېگەن گەپلەرنى قىلدى.مەن يەنە ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر مۇنچە مۇھىم رەھبىرىي كادىرلارنىمۇ زىيارەت قىلدىم،ئۇلارمۇ شۇ يەكۈننى چقىرىپ،جۇڭگودىكى ئىجتىمائى داۋالغۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ دىيىشتى.ئۇنداقتا راستىنلا شۇنداق بولۇپ كېتەرمۇ؟ مەنمۇگاڭگىراپ قېلىۋاتىمەن.
مەن جۇڭگوجەمئىيىتىنى ھازىرچە مۇقىم دەپ بىلىمەن،بىراق بۇ مۇقىملىق قاتتىقلىق تىپتىكى مۇقىملىق بولۇپ،بۇنداق مۇقىملىق ئۇزاق مەزگىللىك بولالمايدۇ،بۇنداق مۇقىملىق غايەت زور ئىجتىمائى ئاپەت ئېلىپ كېلىشى مۈمكىن.
بىرىنچىدىن،ھەقىقى ئىجتىمائى مۇقىملىقتا جەمئىيەتنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى تەكىتلىنىدۇ،دۆلەت قانۇنلىرىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى تەكىتلىنىدۇ،لېكىن بىزدە ئۇنداق بولمايۋاتىدۇ.بىزدىكى بارلىق مۇقىملىقلار بىرلا نىشاننى،سىياسىي ھوقوقنىڭ مونوپوللۇقىنى چۆرىدىگەن بولىدۇ،كومپارتىيە ھوقۇقنى قانداق مونوپول قىلىدۇ دېگەننى مۇھىمنىڭ مۇھىمى دەپ قاراپ بۇنى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش دەپ ئاتايدۇ.تۆت ئاساسىي پىرىنسىپنىڭ باشقا تۈرلىرىنى لازىم ئەتمىسىمۇ بولىدۇ،بىراق پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش دېگىنى چوقۇم بولۇشى كېرەك.باشقا تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىشكە بولۇدىكى ،ئاشۇ تۈرنىلا ئۆزگەرتىشكەبولمايدۇ.بۇ نىمە ئۈچۈن؟ ھوقۇق مونوپوللۇقى بولسا بىزنىڭ بۇ ھاكىمىيىتىمىزنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ئالاھىدىلىكى.بۇ ھاكىمىيەت ھوقۇقنى مونوپول ۋە قامالقىلىۋالغاچقا،باشقىلارنىڭ ھاكىمىيەت دائىرسىگە كىرىشىگە ،ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق مونوپوللۇقىغا رىقابەت ئېلان قىلىدىغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەرگە يول قويمايدۇ.بۇنۇقتا كومپارتىينىڭ ئاخىرقى قىزىل سىزىقى.بۇ ئاخىرقى سىزىق بىزدىكى مۇقىملىق بىلەن غەرپ جەمئىيىتىدكى مۇقىملىقنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.غەرپ جەمئىيىتىدكى مۇقىملىق بولسا ئاساسي قانۇننىڭ ئىزچىللىقىنىڭ قوغدالغانلىقى،قانۇنلارنىڭ ئىزچىللىقىنىڭ قوغدالغانلىقى بولىدۇ،سېنىڭ ھۆكۈمىتىڭنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ،سەن بىر ئادەمنىڭ زوڭتوڭ بولۇش بولماسلىقىڭنىڭ كارايىتى چاغلىقكى ،لېكىن بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسي قانۇنلۇق سىىياسىي تۈزۈلمىسىنى خالىغانچەئۆزگەرتىۋىتىشكە بولمايدۇ دېگەن گەپ .بىزنىڭ بۇ يەردە،ئاساسىي تۈزۈمنىڭ قانداق بولۇشى بەرىبىر، لېكىن كومپارتىيىنىڭ ھوقوقنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.شۇڭا قاتتتىقلىق تىپىدىكى مۇقىملىقنىڭ بىرىنچى ئالاھىدىلىكى ھوقوقنىڭ مونوپوللىقى دەيمىز.
ئىككىنچىدىن، ئەسلىدە نورمال ئىجتىمائى ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئامىللىرى قىلىۋالىمىز.مەسىلەن:نامايىش قىلىپ كۈچ كۆرسۈتۈش،ئىش تاشلاش،توشۇشنى رەت قىلىش دېگەندەك ئىش-ھەرىكەتلەرنى مۇقىمسىزلىق دەپ قاريمىز،تېخى ھازىر يوقۇرغا ئەرىزئېيتىپ بېرىشمۇ مۇقىمسىزلىقنىڭ ئامىللىرى دەپ قارىلىدىغان بولدى.يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھۆججەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە يوقۇرغا ئەرىز ئېيىتپ بېرىشنى مۇقمسىزلىق دەپ ئاتايدۇ،ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مۇقىمسىزلىق ئامىلى شۇ بولسا كېرەك،كىشىلەر قانداق ئۇسۇلدا يوقۇرغا ئەرىز ئېيتىپ بارسا مۇقىمسىزلىق دەپ قارىلىۋىرىدۇ. ئەمەليەتتەئەرىز ئېيتىپ بېرىش دېگەنلىك ئاساسي قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىڭز،ئەرزىيەت نىزامىدا بەلگىلىگەنگەن ھوقۇقىڭىز تۇرساقانداقسىگە ئۇ مۇقىمسىزلىق بولۇپ قالىدۇ؟ مانا بۇ بەك مۇھىم مەسىلە.
ئۈچىنچىدىن،قاتتىقلىق تىپىدىكى مۇقىملىقنى ئىشقائاشۇرۇشتا،ئاساسلىقى ئەدىليىگە تايانمايدۇ،بەلكى ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ زورلۇق كۈچىگەتاينىدۇ.
مەنيېقىندىن بېرى داۋاملىق بىر ھىكايىنى سۆزلەۋاتىمەن.بۇ مەن تەيۋەندە زىيارەتتەبولغاندا بولغان ئىشلار.2004-يىلى تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومېتىتى مېنى زىيارەتكەتەكلىپ قىلدى،تەكلىپ بىلەن تەيۋەن سىياسىي ئۇنۋېرستىتىدا لېكسىيە سۆزلىدىم.،ئۇلار15 كۈنچە ئوبدان كۈتۈۋالدى.مەن لېكسىيە پائاليىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن،ئۇلار ماڭابىر ماشىنا ئاجىرتىپ بەردى،نەگە باراي دېسەم شۇ يەرگە ئېلىپ باردى.مەن ئۇچراتقان تەيۋەنلىكلەردىن ئوخشاشلا “يەرلىك ئەمەلدارلار سىزنىڭ ماقۇللۇقىڭىزنى ئالماي تۇرۇپ ئۆيۈڭىزنى چاقساقانداق قىلىسىز؟” دېگەن سوئالنى سورىدىم.99% تەيۋەنلىك “مۈمكىن ئەمەس” دەپ جاۋاپ بەردى.مەن بىلەن ئۇلار يەنە:
-- ئەمەلدارلار نىمىشقا بىزنىڭ ئۆيۈمىزنى چاقالايدىكەن،نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولسۇن ” دىيىشىپ كەتتى.مەن يەنە سورىدىم.
-- “ئەگەر ئۆيۈڭىزنى چاقسا قانداق قىلىسىلەر؟
--“سوتقا بېرىپ ئەرىز قىلىمىز،سوت ئۇنداق ئىگىسىدىن سورىماي ئۆي چاققان ئەمەلدارلارنى سوتلايدۇ. ئەگەر مەن 100مىڭ دىسەم 100مىڭ،مىليون دىسىم مىليون يۈەن تۆلەپ ئېلىپ بېرىدۇ.
--ئەگەر سوتچى،دەۋانى قوبۇل قىلمىساياكى قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارمىسا قانداق قىلىسىلەر؟
-- ھەددى ئەمەس.قوبۇل قىلاي تۇرالامدۇ (كۈلكە).مەندە ئۆي- مۈلۈك كىنىشكىسى بار،ئۇنىڭ قولىدا ئۆي چېقىش توختامى يوق تۇرسا چوقۇم ئۇيېڭىلىدۇ-دە،ماڭا تۆلەم بېرىدۇ.شۇڭا مۈمكىن ئەمەس دەيمىز.
--ئەگەر سوت قوبۇل قىلمىدى دېگەندە نىمە بولماقچى؟
--ئۇ چاغدابىز ئۆزىمىز سايلىغان پارلامېنت ئەزاسىنى ئىزدەپ تاپىمىز،پارلامېنت ئەزاسى كېلىپ تەكشۈرىدۇ،تەكشۈرۈپ بولۇپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ،يىغىندا بولغانئىشلارنى ئاشكارىلايدۇ،شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئەمەلدار بىلەن سوتچى پۈتۈنلەي تۈگىشىدۇ،ئىككىنچىلەپ باش كۆتۈرەلمەيدۇ.
--ئەگەرھېلىقى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بۇ ئىش بىلەن كارى بولمىسىچۇ؟.بۇ چاغدا ھېلىقى تەيۋەنلىك مەندىن زېرىكتى بولغاي:
--ھەي سىزچوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەن كىشى “ئەگەر” دىگەن گەپنى نىمانچە تولا دەيسىز؟ بۇنداق ئەگەرلەر قانداقمۇ يۈزبەرگەن بولسۇن(كۈلكە،چاۋاك).بۇ دىگەن بىزنىڭ پارلامېنت ئەزاسىغا قىلدۇرىدىغان ئىشىمىز ئەمەس،ئۇ ئۆزى خالاپ قىلىدىغان ئىش.ئۇ ھەر كۈنى كېچىسى ئاشۇنداق ئىشتىن بىرسى چىقسىكەن دەپ چۈش كۆرۈۋاتسا ،ئۆزى كېلىپ شۇ ئىشنى قىلماي قالاتتىمۇ؟ قىلماي مۈمكىن ئەمەستە.
مەن مۈمكىن دېدىم،ئۇ مۈمكىن ئەمەس دېدى،ئۇلار ھېلىقى پالامېنت ئەزاسىغا تېلىفۇن قىلىپ سىناپ بەرمەكچى بولۇشتى.تېلىاۇن قىلىۋىدى،ئۇ دەرھال تېلىفۇننى ئالدى،ئۇ مۇشۇ يېقىن ئەتىراپتا ئىكەن،ناھايتى ئاكتىپلىق بىلەن “نىمە ئىش بار ئىدى؟” دەپ سورىدى.چۈنكى پارلامېنت ئەزالىرى مۇشۇنداق ئىشلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ناھيىلىك پارلامېنت ئەزاسى ،يەنەدۆلەت مەجىلىسى ئەزاسى بولالايتتى.بىراق مەن تەن بەرمەي يەنە “ئەگەر ئۇنى كەلمدى دېسەك قانداق قىلىسىلەر؟ دەپ”سورىدۇم.كىشىلەر بىردەك “ئۇ بەك ئاددى ئىش،ئۇكەلمىسە،كېلەر قېتىملىق سايلامدا،ئۆيلۈرىمىزگە ئۆزى ئۈچۈن سايلام بېلىتى تاشلاتقۇزۇش ئۈچۈن يالۋۇرۇپ كېلىدۇ،شۇ چاغدا ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ تەرىگە يۈندەچاچىمىز،قېنى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ باقسۇن،ھەرگىز بولالمايدۇ” دەپ جاۋاپ بېرىشتى.
مەن تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھرىدىن تەينەن شەھرىگىچەزىيارەت قىلىپ شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىم.مەن بۈگۈن تەيۋىدە بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم.ئەمەليەتتە مەن بۇ سوئالنى ياپونىيىە،گېرمانىيە،فىرانسىيە،ئامېرىكادېگەندەك دۆلەت كىشىلىرىدىنمۇ سوراپ باققان.ئۇلارنىڭ جاۋابلىرىمۇ تەيۋەنلىكلەرنىڭ يوقۇرقى جاۋابلىرىدىن ئانچە پەرقىلەنمەيدۇ،ھەممىسىنىڭ ئاساسىي مەنتىقىسى ئوخشاش.ئۇنداقتا مەن نىمىشقا تەيۋەنلىكلەر توغرىسدا توختالدى.چۈنكى تەيۋەن بىلەن بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز بىر،بىز دائىم غەرپنىڭ تۈزۈملىرى بىزنىڭ جۇڭگوغا ماس كەلمەيدۇ دەيمىز،مەيلى دېسەك دەۋىرەيلى،سىز تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى دېگەن ئىكەنسىز،تەيۋەنمۇ جۇڭگو دېگەن گەپ،ئۇنداقتا نىمىشقا ئۇ يەردىكى كىشىلەر “مۈمكىن ئەمەس ” دىيەلەيدۇ؟.بىز مەركىزىي تېلىۋىزىيە ستانسىسىنىڭ تەيۋەن دىكىجىدەل-ماجرالار ۋە مايىڭجيۇنى قارىتىلغان تىللاشلار ھەققىدىكى خەۋىرىگىلائېسىلىۋالمايلى،دېمەك تەيۋەننىڭ ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتى بەكمۇ ئىناق ھەم مۇقىم.
مەن تەيۋەننىڭ تەيجوڭ شەھرىدە بىر گۈل تېرىيدىغان دېھقان بوۋاينىڭ ئۆيىگەباردىم. ئۇ بۇ چاققىچە ،چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەنلەرنى كۆرۈپ باقماپتىكەن،شۇڭا مېنى كۆرۈپ بۆلەكچەھاياجانلىنىپ كەتتى.ئۇ بۈگۈن مېنى ئاشپوزۇلغا ئاپىرىپ مېھمان قىلىدىغان بولۇپ ماشىنىسى بىلەن ئېلىپ ماڭدى،ئۇ ماشىنا ھەيدىسە كەينى ئورۇندۇققا گۈل قويۇپ قويىدىكەن،ئولتۇرىدىغانلار ئالدىدا ئولتۇرىدىكەن،بىز 200مېتىرچە ماڭا-ماڭمايلا ماشىنىنى توختىتۇڭ دېدىم،ئۇ سەۋەبىنى سورىدى.
--ئۆينىڭ ئىشىكلىرىنى تاقىماپتىمىز،تاقىۋەتمىسەك بولمايدۇ.
--نىمىشقا تاقىمىساق بولمايدۇ.
--مېنىڭ نەرسىلىرىم بار ئىدى.
-- ئۆيگە ئېلىكتىرونلۇق كۈزىتىش ئاپاراتى ئورنۇتۇلغان،ئۆيگەكىرگەنلەر لازىم نەرسىلىرىنى ئاپاراتقا سۈرەتكە ئالدۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كەتسە،كېيىن قايتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ ئەمەسمۇ.
ئويلاپ قالدىم، بىزنىڭ بۇ يەردە شۇنداق ئەھۋالدا ئۆيگەقايتىپ كەلسەك بەلكىم سىنئالغۇ ئاپارىتمۇ يۈتكەن بولۇشى مۈمكىن.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئىزچىل تۈردە شۇنداق بىر مەسىلىنى ئويلاپ كېلىۋاتىمەن،تەيۋەن بىلەن بىزنىڭ مەدەنيىتىمىز ئوخشاش تۇرۇپ نىمىشقا ئۇلاردا نىمىشقا ئاشۇ “مۈمكىن ئەمەس” لەر كۆپ بولىدۇ؟ مەن بۇ ھەقتە تولائويلاندىم،بىر جەمئىيەت نىمە ئۈچۈن شۇنداق ئىناق بولىدۇ دېگەن مەسىلىنى ئويلاندىم.بۇنداق بولۇشىدا، ئالدى بىلەن ئۇلاردا مۈلۈك ھوقۇقى دېگەن ئۇقۇم بەك ئېنىق بولىدۇ،بۇ نەرسە مېنىڭ بولسا چوقۇم مېنىڭ بولىدۇ،ھەرگىز سېنىڭ ھەم مېنىڭ بولمايدۇ.جۇڭگودا مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىقمۇ؟ ئېنىق ئەمەس. قېنى ھازىر بېرىپ سوراپ باقايلى،يەرلىك ئەمەلدارلار كېلىپ ئۆيۈڭىزنى چاقسا قانداق قىلىسىز؟ بىزنىڭ جۇڭگولۇق پۇقرالىرىمىز ئەلۋەتتە“مۈمكىن ئەمەس” دىيەلمەيدۇ. سىز بازاغا بېرىپ ھورنان ئەكىلىپ بولغۇچە ،ئۆيىڭىز غايىپ بولىدۇ.بۇلانىڭ ھەممىسى يۈز بەرگەن ئىشلار. ئۆيىڭىزنى چاقىمەن دېسەم،چېقىشقا قوشۇلمىسىڭىز،مەنبىر ئاماللارنىڭ قىلىپ،سىزنىڭ ئۆيىڭىزنى قانۇنسىز قۇرۇلۇش قىلغان دەپ چاقالايمەن.بىزدە ئېنىق بىر مۈلۈك ھوقۇقى بولمىغاچقا بار مۈلۈكلىرىمىزنىمۇئۆزىمىزنىڭ دىيەلمەيمىز.
ماجرالارنىڭ يۈز بېرىپ تۇرۇشى قورقۇنىچلىق ئەمەس،زامىنىۋىي جەمئىيەتتىمۇ نۇرغۇنلىغان ماجرالاربولۇپ تۇرىدۇ،بىراق جەمئىيەتنىڭ ئىناق بولۇش-بولماسلىقى نوپۇزلۇق بىر ئەدىليەئورگىنىغا مۇھتاج بولىدۇ.غەرپ دۆلەتلىرىنىمۇ،تەيۋەننىمۇ قويۇپ تۇرايلى ،ئەگەر سىزئاشۇنداق ماجرالارغا دۇچ كەلسىڭىز قانداق قىلىسىز؟،چەتئەللىكلەر سىزنى سوتقا بېرىپ ئەرىز قىلىڭ دەپ مەسلىھەت بېرىدۇ. بىزنىڭ پۇقرالىرىمىز ئۇ گەپنى دەمدۇ،بىزنىڭ پۇقرالىرىمىز دېمەيدۇ،بىزنىڭ پۇقرالىرىمىز بىردەكلا سوتقا قانداق ئىشىنىشكە بولىدۇ،ئىشىنىشكەبولمايدۇ دەپ جاۋاپ بېرىدۇ!ئۇنداقتا ئادۋۇكاتلىرىمىزغائىشەنسەك بولامدۇ دەپ سورىسىڭىز ،ئۇلار ئادۋۇكاتقىمۇ ئىشىنىشكە بولمايدۇ دەپ جاۋاپ بېرىشىدۇ.چۈنكى بىز قانۇننى ئەڭ تۆۋەن چەك قىلمايمىز،شۇنداق تۈزۈمىمىزمۇ يوق!شۇنداق بولغان ئىكەن پۇقرالىرىمىز سوتنىڭ قانداق ھۆكۈم چىقىرىشى بىلەن كارىمىزيوق،يوقۇرىغا بېرىپ ئەرىز قىلىمىز دەيدۇ.ئەرىز قىلىشمۇ ئىشەنچىلىك ئىشمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. جۇلىي دەيدىغان بىر ئامېرىكىلىق بولىدىغان،ئۇ بېيجىڭغا كېلىپ جۇڭگولۇق ئېرىنىڭ ئۈستىدىن ئەرىز قىپتۇ.ئۇ مېنى ئۆيۈمگە ئىزدەپ بېرىپتىكەن ،مەن ئۇنىڭغا يول كۆرسەتتىم.مەن ئۇنىڭدىن “ئەگەرئامېرىكىدا بولغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟” دەپ سورىسام ،ئۇ “ئەلۋەتتتە سوتقا بېرىپ ئەرىز قىلاتتىم” دەپ جاۋاپ بەردى.مەن يەنە ئۇنىڭدىن “نىمىشقا جۇڭگودا سوتقا ئەرىز قىلمىدىڭىز ؟”دەپ سورىۋىدىم ئۇ “جۇڭگونىڭ سوت مەھكىمىلىرى گەپ ئاڭلىمايدىكەن،مەركەزنىڭ گېپىنىمۇ ئاڭلىمايدىكەن،شۇڭا ئۇدۇل مەركەزگە كەلدىم ”دېدى.مەن يەنە “ئەرىز قىلىشىڭىزنىڭ پايدىسى بولدىمۇ ؟” دەپ سورىسام ئۇ“پايدىسى بولمىدى” دەپ جاۋاپ بەردى.،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،.
يەنە بىر مەسىلە، بىزدە ھەقىقى بىرخەلق قۇرۇلتىيى ياكى پارلامېنت تۈزۈمى بارمۇ؟ يوق.بۈگۈن مانا بۇ يەردە ئولتۇرغان ئادۋۇكاتلار ئارىسىدىن بېرىپ بېلەت تاشلاپ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاپ باققانلار بارمۇ؟ يوق.بىز ئۆزىمىزنىڭ ۋەكىللىرىمىزنىمۇ تونۇمايمىز،تونۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.چۈنكى بىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىمىز مۇكەممەل ئەمەس.
بىز داۋاملىق ھازىر ئېچىۋىتىش ئېلىپ بېرىۋاتمىز دەيمىز،بىزنىڭ بۇئېچىۋىتىشلىرىمىز پەقەت شۇ ئىلىم-پەنگە بولغان ئېھتىياج سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ، ئۇئېچىۋىتىش ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ماھىيىتىدىن بولغان ئېچىۋىتىش ئەمەس،ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتەئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن بولغان ئەمەس.بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەنقىتنى قوبۇل قىلىمىز دەيدۇ،بەزى ئەمەلدارلامۇ مېنى تەنقىت قىلساڭ بولىدۇ دەيدۇ،سەن ئۇلارنى راست تەنقىت قىلالامسەن؟ سەن شۇ ئەرزىمەس ئىشلارنى شىپى كەلتۈرۈپ ئېغىزىڭنىڭ ئۇچىدىلا تەنقىت قىلالايسەن،رەسمىي تەنقىت قىلىپ باققىنە قېنى،ئۇ چاغدا دەرھال ئىشئورنۇڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن ياكى دەرھال ئۆلكە ئاتلاپ يىراق جايلارغا پالىنىسەن!شۇڭا مەن شۇنداقئويلايمەنكى بىر ئىناق جەمئىيەتتە چوقۇم ئېنىق بولغان مۈلۈك ھوقۇقى،نوپۇزلۇق ئەدىليە ئورگىنى،ھەقىقى بىر خەلق قۇرۇلتىيتى(پارلامېنت) تۈزۈمى ۋە ئېچىۋىتىلگەن تاراتقۇلىرى بولۇشى كېرەك.
شۇڭا مەن جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرىگەقارىتا كۆپچىلىككە“بىزگە كېرىكى ئەقىل-ئىدراك ،ئۈمۈتسىزلىك كېرەك ئەمەس،ھەممە بىر قازاندا قايناپ بۇلغۇنۇش تېخىمۇ كېرەك ئەمەس.”
دېگەن ئۈچ جۈملە سۆز تەقدىم قىلىمەن.ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر ئەقىل-پاراسەتلىك بولۇشى كېرەك.ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى يېتەرلىك ئەمەس.ئۇلار بۇنداق بىر چوڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا نىمىنى قوغداش كېرەك؟ مېنىچەئۇلار ئەقىل-پاراسەتلىك بولسا ئاساسىي قانۇندىن ئىبارەت بۇ بايراقنى كۆتۈرۈپ چىقىشى،بارلىق سىياسىي پارتىيە ،بارلىق ئىجتىمائى تەشكىلات،بارلىق كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىلغاندا ،ئاندىن ئۇلار ئاساسىي قانۇننىڭ ئىجراچىلىرىغا ئايلانغاندىلا ئاندىن بۇ دۆلەتتىن ئۈمۈت كۈتكىلى بولىدۇ. بىزدەك تەتقىقاتچى ئاتالغانلار،سىلەردەك ئادۋۇكاتلار ھەممىمىز پەزىلەتلىك بولۇشىمىز،بىر قازاندا قايناپ بۇلغانماسلىقمىزلازىم. تولۇق ئۈمتۋار بولۇشىمىز، ئۆزىمىزدە قانچىلىك كەمچىلىكلەرنىڭ بولۇشىدىنقەتئىنەزەر،ئاساسىي قانۇننىڭ قوغداش،دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ تۆۋەن دېموكراتىيە چېكىنىقوغداش جەھەتتە مەردانە قىياپەتتە تۇرۇشىمىز لازىم.بىز قانداقلىكى بىر مەسىلىگەدۇچ كېلەيلى،ئومومەن ئۇ ئاساسىي قانۇنغا زىت كېلىدىغان مەسىلە بولسىلا دەرھال ھەرىكەت قوللۇنىشىمىز كېرەك!بىز ھرگىزمۇ ئۆزىمىز ئۈچۈن ،نام مەنپەئەت ئۈچۈن ھەرىكەتلەنمەي،بەلكى ھەممىمىزدۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىز ئۈچۈن بۇ مەسئۇليەتنى ئۆز ئۈستۈمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.
جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر تۈركۈم ئۈمۈتۋار كىشىلەرگە مۇھتاج.بۈگۈن بۇ يەردەئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئادۋۇكاتلار،دېمەك قانۇنچىلار.بىز تەلپۈنىدىغان ئۈمۈت يۇلتۇزلىرى دەل بىزنىڭ قانۇنلىرىمىز،يۇلتۇزلار ئىچىدىكى ئەڭ نۇرلۇق يۇلتۇزىمىزئاساسىي قانۇنىمىز.ئاساىي قانۇندا چىڭ تۇرغانلقمىز مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىسگەمەسئۇل بولغانلىقىمىزدۇر،شۇڭا بىزنىڭ ئاساسىي قانۇننى قوغداش مەسئۇليىتىمىز بار.
يۈ جيەنروڭنىڭ بېيجىڭ ئادۋۇكاتلار ئىلمىي جەمئىيىىتدە سۆزلىگەن《ئىجتىمائى مۇقىملىقنىڭ تۆۋەن چېكى》ناملىق نۇتۇقىدىن تاللاپ ئېلىندى.
http://www.21ccom.net/plus/view.php?aid=6390
于建嵘:守住社会稳定的底线——在北京律师协会的演讲
|