ئىلمى مۇنازىرە تەكلىپنامىسى
弧线球_百度百科
شىنجاڭ ئونېۋېرستېتىنىڭ بىر غوللۇق فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بۆگۈن ئەلدۇسىت شىركىتى پائاليەت زالىدا ئۆتكۆزۆلگەن بىر ئىلمى يىغىلىشتا،شۇنچە كۆپ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئالدىدا بالىلارچە ئۈچ خاتالىققا يول قويدى.
1.يۇقۇرقى يايسىمان توپنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ يۆنىلىش كۆرسەتكۈچىنى توپنىڭ سىزىقلىق ئىلگىرلەش يۆنىلىشى.توپ تۆۋەنگە قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ،دەپ ئۆز سۆزىدە چىڭ توردى.شۇنداقلا بەيدۇ تورى رەسىمنى خاتا سىزىپتۇ،دېدى.
2.نەق مەيداندا ئېلىپ بېرىلغان ماياتنىك تەجىربىسىدىكى ئېغىشنى كورىئولىس كۈچى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئېغىش دېيىش ئارقىلىق ئەسلى بىر يۆنىلىشلىك بولغان كورىئولىس كۈچىنى ئىككى يۆنىلىشلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ قويدى.ماياتنىك بېشى قىلىنغان ئىلىكتىر ماتۇر ئوڭ ۋە سول ئىككى يۆنىلىشتە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئايلاندۇرۇلغان ۋە ماياتنىك ماتۇرنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئىككى خىل يۆنىلىشتە ئاغقان بولۇپ ،كورىئولىس كۈچى بۇ ئېغىشلارنىڭ بەك ئاشۇرۇپ ئېيىتقاندىمۇ پەقەت بىرىگىلا ئورۇنلۇق بولاتتى.ھەرگىز بىرلا ئورۇندا ئىشلەنگەن تەجىربىدە كۆزىتىلگەن ھەم ئوڭ ھەم تەتۆر ئېغىشنىڭ سەۋەبى بولالمايتى.
3.مەن نىيوتۇننىڭ 1-قانۇنىنىڭ بايانىنىڭ 2-ئابزاسى ئەگرى سىزىقلىق ھەركەتكىمۇ يول قويىدىغانلىغىنى نەق نىيوتۇن ئۆزىنىڭ كىتاۋىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسەتسەم،بۇ ئوقۇتقۇچى ئىككىنجى ئابزاس ھەققىدە بىر ئېغىز توختالماي،يەنىلا بىرىنجى ئابزاستىكى ھەممەيلەنگە ئايان بولغان مەزمۇنلارنى تەكرارلىدى.ئەسلى تېمىدىن ئۆزىنى قاچۇردى.نەتىجىدە بىر مۇنچە ۋاقىت بېھۇدە ئىسراپ بولدى.
يۇقۇرقىدەك كۆلكىلىك خاتالىقلارنى رايونىمىزدا ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان شىنجاڭ ئونۋېرىستېتىدەك بىر ئالى مەكتەپنىڭ غوللۇق ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سادىر قىلغانلىغىغا ھەقىقەتەن ئىشەنمەك قىيىن.كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدىغىنى بۇ ئوقۇتقۇچى ئاگاھلاندۇرۇلغان بولسىمۇ ئۆز خاتالىغىدا يەنىلا چىڭ تۇردى.
مەن بۇ تېما ئارقىلىق بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ خاتالىقلىرىنى تۆزىتىۋىلىشىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىمەن.يىغىن ۋاقتى توشۇپ كېتىپ،مەن مۇنازىرىلىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىگەچكە بۇ تېمىنى يازدىم.مىنىڭ مەقسىتىم ئىلمى ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ئادىل ۋە توغرا بولغان مۇنازىرە كەيپىياتى يارىتىپ،ئىلىم-پەن قىزغىنلىغى قوزغاش.تور دۇنياسىنىڭ بۇ تېمىنىڭ رىۋاجىغا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.تېمىغا ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى ئىنكا س قەۋەتلىرىدە داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇمەن.مەن بۇ ئوقۇتقۇچى بىلەن ھەرقانداق يەردە يۇقۇرقى ئۈچ نۇقتىدا مۇنازىرىلىشىشقا ھەرقاچان تەييارمەن.شۇنداقلا بۇ ئوقۇتقۇچىنى مۇشۇ تېما ئاستىدا مۇنازىرىلىشىقا تەكلىپ قىلىمەن.
بىز ئۇزۇن يىللىق تونۇشلاردىن بولۇپ،ھېچقانداق ئۆچ-ئاداۋىتىمىز يوق.پەقەت ئىلمى قاراشلاردا كېلىشەلمەيۋاتقان يېرىمىز بار.
بەلكىم تورداشلار بۆ زادى كىمدۇر؟ دەپ بىلىشكە تەقەززا بولۇۋاتقاندۇ.بۇ ئوقۇتقۇچى....
بۇ ئوقۇتقۇچى ....،قېنى،ئىنىم بۇرھان سەلەي،تەكلىۋىمنى قوبۇل قىلىڭ!
ھۆرمەت بىلەن: قاسىم سىدىق
2015.10،18
|