بۇيۇمدەك تەڭ ئازاپنى يۈدۈپ
توۋلىساممۇ سىنى <<جېنىم!>> دەپ، ئاڭلانمايدۇ ساڭا ئاۋازىم، بەلكىم شۇنداق بوپ قالغاندىمەن، (ئۈنۈم چىقماس بوپ قالدىممۇ دەپ ، ئەنسىرەيتتىم تولا ئۆزۈمدىن،) گاھى يېرىلغۇدەك بۇلۇپ كەتسەممۇ، قاراپ قويماس يېنىمدىلا تۇرۇپ لاۋازىم. ھېس قىلدىمكى چىقماس بۇلۇپ قاپتۇ ئاۋازىم، بەلكىم ئاغىرغاندىمەن بۇيۇمدەك تەڭ ئازاپنى يۈدۈپ، مۆدۈرۈپ كەتمەي يۈرگۈنۈم بىلەن، روھىم ئۈلۈك ئاللىبۇرۇن ئۈلۈپ بولغان، قۇرۇپ قالغان جىسمىمدا كۈچ بار، روھىم ئۈلۈك. ئۈلۈۋاتىمەن ئاۋالقىدەك سايرىيالماس بوپقالدى، تۇرار مۇڭسىراپ ، مىنڭ ئەڭ ئامراق سازىم. دوختۇر كۆرۈپ دىگەندە ماڭا ، ساپ-ساق سەن ئۆزۈڭ، ۋارقىراپ ئاڭا دىدىم ياندۇرۇپ نىچۈن چىقماس! چىقماس ئاۋازىم! دىدى ئۇ مىنى ئالجىغان ساراڭ ئەنە شۇ چاغدا ساراڭ بولغان ئوخشايمەن دىدىم، سىزىپ قالدىم ساراڭلىقىمنى، كىملەر ئاڭلار مىنىڭ ئېچىنىشلىق نالە زارىمنى ئىلاجىسىز قايتتىم ئۆيۈمگە، ئۈلۈپ كەتكەن روھىمنى يۈدۈپ، سەھەر ۋاقتى ساقچى كەپتۇ ئۆيۈم ئالدىغا، <<بىراۋلارغا ۋارقىراپسەن>> دەپ، ئۈنۈم ئۆچتى شۇ كۈندىن بۇيان، گىپىم بولسا ئېيتىمەن قۇلاققا يېقىپ، ئاستا شىۋىرلاپ، گاھى دىيەلمىگەنلىرىمنى ، بىلدۈرۈمەن قىلىپ ئىشارە، چارىسىزمەن ياشىماقتىمەن شۇنداق بىچارە، ئەنە شۇ بىچارىلىكتىن، قەۋمىمگە ھەرچاغ بىرىپ بىشارە ئۆكسۈپ يىغلايمەن دەرتلىرىم تېشىپ بىراق ئاڭلىماس ھىچ كىم يىغلىغاندىكى مۇڭلۇق ئۈنۈمنى، ئاڭلىمىسىمۇ ئاڭلىماسقا سالسىمۇ مەيلى، يىغلاۋىرىمەن تاكى يېزىپ بولغۇچە، تاش پۈتۈكلەرگە ئۆلۈم كۈنۈمنى، يىغلاۋىرىمەن مەھشەر كۈنگىچە ئۇندا ئۈلۈك روھىمنى يۈدۈپ، ئەركىنلىكىم يۇقالغان ھالدا، قايتا تىرىلىپ سوۋغا قىلىمەن <<ئىبرەت>> ناملىق كونا كىتاپنى شۇندىلا سۈيۈملۈك قەۋمىم، بىلىپ قالار مىنىڭ دەردىمنى، ئۆگۈنۈدۈ ھەتتا ئاشۇ چاغ، ئۆزگىنى ھەم ئۆزنى سۈيۈشنى
2011-9-7 باي |