قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1272|ئىنكاس: 8

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا«ئاسپىرانتلار مۇنبىرى» ئۆتكۈزۈلدى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

3

دوست

1478

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31176
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 460
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-20 10:49:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى فىلولوگىيە ئىنسىتىتۇتى «ئاسپىرانتلار مۇنبىرى» ئۆتكۈزۈلدى!


شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغاندىن بۇيان تۈركۈملىگەن ياراملىق كىشىلەرنى تەربىيلەپ يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىدىئولوگيەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن بولۇپ،ئىنىستىتۇتتىكى بۇ خىل گۈللىنىشنى مەكتەپتە دائىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان مۇنازىرەپائالىيەتلىرى، لېكسىيە ۋە تۈرلۈك كۇرژۇكلاردىن شۇنداقلا مۇشۇ پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشكە كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان پىداكار باغۋەنلەرنىڭ ئەجىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

يېقىندا مەكتىپىمىزنىڭ فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدايەنە،  ئاسپىرانىتلار ئارىسىدىكى ئۆز-ئارائالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «ئاسپىرانتلارمۇنبىرى»دىن ئىبارەت بىر ئەھمىيەتلىك پائالىيەت پىروفېسسور، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى ئوسمان ئىسمايىل تارىم مۇئەللىمنىڭ تەشەببۇسى، ئىنىستىتۇت رەھبەرلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر موللەك قاتارلىقلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ۋۇجۇتقا چىقتى.

«ئاسپىرانىتلار مۇنبىرى» دىن ئىبارەت بۇ ئۆزگىچەئىلىم سورۇنى مەكتىپىمىزنىڭ فىلولوگيە ئىنىستىتۇتىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاسپىرانىتلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئايدا بىر سان ئۆتكۈزلدىغان بولۇپ، 20گەيېقىن ئاسپىرانىت يېتەكچىسى ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقاتىدىكى ئەڭ يېڭى نەتىجلىىرىنى ئاسپىرانىتلارغا تۇنۇشتۇرۇپ، ئۆز تەتقىقاتنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى يۇقىرى كۆتىرىش بىلەن بىرگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتە يەنىمۇ چوڭقۇر تۇنۇشقائىگە بولىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە،  ئايدا بىر سان مەخسۇس ئاسپىرانىتلار كىتاب ئوقۇشپائالىيتى ئۆتكۈزۈلدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە كىشلىك ھاياتىغانىسبەتەن مەلۇم ئەھمىيەتكەت، نەزەرىيۋى چوڭقۇرلۇققا ئىگە كىتابلار ئوقۇپ كېلىشكەئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن ئۈچتىن تۆتكىچە نامزات تاللىنىپ ئۆز تەسىراتنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ. تەسىرات سۆزلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن، تىل-ئەدەبىيات، فولىكلور ۋە تارىخىمىزغائائىت سوئاللار ئوتتورىغا قويۇلىدۇ ۋە كىتابخانىلار تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن تۈرلۈك كىتابلار بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

«ئاسپىرانىتلار مۇنبىرى» باشلانغاندىن بۇيان، ئىككىقېتىملىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي دوكىلاتى ۋە بىر قېتىملىق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى بولۇپ جەمئىي  ئۈچ سان ئۆتكۈزۈلدى.



شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇت ...

شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇت ...


«ئاسپىرانىتلارمۇنبىرى» نىڭ 1-سانىدا:

ئامېرىكا ھاۋاي ئونىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «تەڭرىتاغ ئىلىمدارى» زۇلپىقار بارات ئۆزباش «ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە تەتقىقات سەنئىتى» تېمىسىدا دوكىلات بەردى. دوكتۇرزۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ دوكىلاتى سىستېمىلىق ئۆگىنىش قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى،ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىشنىڭ مۇھىم بىرقانچە تۈرى، شۇنداقلا  نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي پەنلەردىكى تەتقىقات مىتۇدلىرىنى تونۇشتۇرۇش، تەتقىقاتتا ئەھمىيەتبېرىشكە تېگىشلىك تەرەپلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئومۇمەن، مول بولغان ئۆگىنىش،تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالدى. دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتلىرىدىكى دەلىل كەلتۈرۈش، ئىسپاتلاش، ماتىرىيال مەنبەسى تولۇق ۋە سىستېمىلىق بولۇش قاتارلىق تەرەپلەردەقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنبەرگە قاتناشقۇچىلارنىڭ بۇ تەرەپلەردە يەنىمۇئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇر ۋە بىلىمگە ئىگە بولىشىنى ئىلگىرى سۈردى. دوكىلاتئاخىرىدا قاتناشقۇچىلار تەتقىقات جەھەتتە ئىلگىرى ئۆزلىرى ئۇچىرىغان ، دوكىلاتنى ئاڭلىغاندىن  كېيىن  پەيدا بولغان مەسىلىلەر ۋە تەجىرىبە، ساۋاقلارئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ باردى. مۇنبەرگە قاتناشقان ئىنىستىتۇت رەھبەرلىرى،ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار مۇنبەرنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، شۇنداقلا«ئاسپىرانىتلار مۇنبىرى»نىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا يېقىندىن كۆڭۈلبۈلىدىغانلىقى بىلدۈردى.



新建文件夹mmexport1445221390161.jpg


新建文件夹mmexport1445221390136.jpg




«ئاسپىرانىتلارمۇنبىرى»نىڭ 2-سانىدا:

فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور، ماگىستىر ئاسپىرانىتلار يېتەكچىسى غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇرمۇئەللىم «كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىكى بىر قانچە مەسىلە ھەققىدە» دېگەن تېمىدا ئەتىراپلىق ئىلمىي دوكىلات بەردى.  غەيرەتجان مۇئەللىم دوكىلاتقا تەييارلىغان مول مەزمۇندىكى ماتېرىياللار ئاساسىدا ئۇيغۇر كىلاسىسىك ئەدەبىياتىغا ئائىت چىققان تۈرلۈك كىتاب-ماتېرىياللارنى پىرويىكسىيە ئاپپاراتى ئارقىلىق لىكسىيەگەكەلگەنلەرگە بىرمۇ بىر تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە ئۇ ھەقتىكى ئۆزگىچە قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئىلمىي دوكىلات بىر يېرىم سائەت ئەتىراپىداداۋاملاشقان بولۇپ، دوكلاتتىن كېيىن غەيرەتجان مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار ۋە بىر قىسىم دوكىلاتقا قاتناشقىلى كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن چۈشكەن سوئاللارغا ئەتىراپلىق جاۋاب بېرىپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.



2504845817765090059.jpg


新建文件夹mmexport1445221390183.jpg


«ئاسپىرانىتلارمۇنبىرى» نىڭ 3-سانىدا:

مۇنبەرنىڭ 3-سانىدا ،فىلولوگيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەينى چاغدىكى باغۋىنى، ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمن ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرلەش، ئۇنىڭ سەمەرىلىك ئەمگەكلىرىنى قايتىدىن ئەسلەپ چىقىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ«يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكىمەت» ناملىق كىتابىنى ئوقۇش ۋە تەسىرات سۆزلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.بۇ پائالىيەتتە ئاسپىرانىتلاردىن مېھرىبان نىياز چوغلۇق ،ئاينۇر روزى ۋەئابدۇنىياز ئىمىن قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا كىتاب ھەققىدىكى تەسىراتلىرى ۋەئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۈرلۈك كۆز-قاراشلىرىنىڭ بۈگۈنكى رېئال ئەھمىيتى ھەققىدە سۆزلەپ ئۇ ھەقتە چۈشكەن بىر قىسىم سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ ئۆتتى. ئارقىدىن تىل-ئەدەبىيات، تارىخ، فولىكلورغا بويىچەسوئاللار سورىلىپ، ئىختىيارى جاۋاب بەرگۈچىلەرگە ئۈرۈمچى «ئىزچىلار كىتابخانىسى»تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن كىتابلار سوۋغا قىلىندى.


新建文件夹mmexport1445221389980.jpg


BD5BBA9278B2797B57F6136013EE4FD3.png

mmexport1445221389776.jpg


新建文件夹mmexport1445221390039.jpg


新建文件夹mmexport1445221390092.jpg



«ئاسپىرانىتلارمۇنبىرى» بۇ يېڭى مەۋسۈمدىن باشلاپ يەنە داۋاملىق ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ،ئىنىستىتۇتتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاسپىرانىتلار ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاسپىرانىتلار ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۆزئارا تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا يۇقىرىقى كەپيىاتتا ئىلىم ئېلىش ، مۇلاھىزە قىلىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. يۇقىرقى مەزمۇنلار «ئاسپىرانىتلار مۇنبىرى»نىڭ ھازىرغىچە بولغان سانلىرىنىڭ قىسقىچەتونۇشتۇرۇشلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

新建文件夹mmexport1445221390039.jpg
uyghuray

0

تېما

0

دوست

1167

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36843
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-20 17:55:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ داشۈ تېمىدا تېيىلگەندەك دىيارىمىزدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك، چوڭ مەكتەپ. ئۇ يەردە ئوقۇۋاتقان باللانىڭمۇ ساپاسى يۇقىرقى دەپ ئويلايمەن. بوپمۇ مۇشۇ ئاسپىراتلا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ قايىللىقىنى قوزغىغىدەك ئوقىۋاتىدۇ. مۇمكىن بولسا مۇشۇنىڭىغا ئوخشاش ئالىيەتلەردە تېخى ياخشى كۈچىنى كۆرسەتسە ، بىز ئۇلاردىن كۆپ ئۈمىدلەرنى كۈتىمىز. ئاسپىراتلا مۇنبىرىنىڭ كېيىنكى سانلىرىنمۇ كۆرۈشنى ىسىپ قىلسۇن.
تېىما يوللىغۇچى جاپا تاتتىڭىز رەخمەت

0

تېما

0

دوست

153

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45314
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-20 18:09:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوگون تىخى تىزملىتىپلا كوگەن خەۋرىم موشو بوپتۇ. مەن بەك خوش بولدىم. نېم دىگگەن ياخشى، مىنىڭمو قاتناشقۇم كىلىۋاتىدۇ.
ئاسپىرات دىسە بەك خەيۋەت ئاڭلىنىدۇ زادى

7

تېما

5

دوست

7834

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   56.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 597
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 2283
توردىكى ۋاقتى: 555
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-20 20:29:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش بولۇپتۇ،زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ ئاسپىرانتىلارغا كۆپرەك يېتەكلىك قىلىپ ئۆگىنش ئۇسۇلى توغرسىدا كۆپلەپ بىلىم تەجرىبە سۆزلەپ بېرشنى ئۈمىد قىلمەن.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

1163

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33930
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 356
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-21 10:20:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بۇلۇپتۇ، ئەپسۇس مەن بولماي قاپتىمەن، ئاللا خالىسا كىلەر يىلى مەنمۇ مۇشۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ قالۇرمەن، ئىنشائاللا، شۇ كۈنلەرگە نىسىپ بولسىكەن.

0

تېما

1

دوست

69

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45442
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-21 14:15:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تەڭرىتاغ ئالىمى» بىر ئۆرۈلۈپلا «تەڭرىتاغ ئىلىمدارى» غا ئۆزگۈرۈپ قاپتىغۇ، چاپان يەڭگۈشلەش بەك تېز بولۇپ كېتىپتۇ، بۇ قانداق گەپ بوپ كەتتى ئەمدى، ئارىمىزدىن بىر ئالىم يوقالغاندەكلا تويۇلۇۋاتىدۇ ماڭا، يەنىلا «تەڭرىتاغ ئالىمى» دېگەن تۈزۈكمىكى دەيمەن، تورداشلار سىلەرچە قانداق؟؟؟

0

تېما

2

دوست

6368

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 437
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1936
توردىكى ۋاقتى: 281
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-21 20:03:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tewelgha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-21 20:06  
tastikqi يوللىغان ۋاقتى  2015-10-21 14:15
«تەڭرىتاغ ئالىمى» بىر ئۆرۈلۈپلا «تەڭرىتاغ ئىلىمدارى»  ...


توغرا دەيسىز ،ماڭىمۇ سەل بىرقىسمىلا تۇيۇلدى ، ئىلىمدار بىلەن ئالىم سۆزىنىڭ ۋەزنى ئوخشاش  ،ئۇنىڭدىن كۆرە ئالىم دەپ ئېلىۋەرسەك بولىدۇ .ماڭا سەل غەلىتە تۇيۇلغىنى «تەڭرىتاغ » ئىنىقلىغۇچىسى .ھەممىمىزگە مەلۇم تەڭرى تېغى يۇرتىمىزغا ۋەكىل بولالايدىغان ئەڭ ئېگىز بىرلا تاغ ،ئۇنىڭدىن ئىككىسى يوق .ئەگەر ،دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىلىم -تەھسىل قىلىپ ،پەن-تېخنىكىنىڭ يوقۇرى پەللىلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان ياشلىرىمىز ،ئۇتۇق قازىنىپ يېنىپ كەلسە ،ئۇلارغا قايسى تاغنى بېرەمىز ؟؟؟ زۇلپىقار ئەپەندىمدىن تەڭرى تېغىنى تارتىۋالامىزمۇ ؟؟؟؟
دېمەكچى بولغىنىم ،نېمە قىلىمىز ئىشنى مۇرەككەپلەشتۇرۇپ ،ھەر بىر ئۇلۇغلارنى ئۆز كەسپىي كەينىگە ئالىم ، تەتقىقاتچى ،ئەدىپ ،يازغۇچى دېگەندەك ناملاربى قوشۇپ  ئاتىساقلا بولمىدۇمۇ ؟؟؟؟

68

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3477
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 20
مۇنبەر پۇلى: 2180
تۆھپە : 3168
توردىكى ۋاقتى: 820
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-22 00:31:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا ھاۋاي ئونىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «تەڭرىتاغ ئىلىمدارى» زۇلپىقار بارات ئۆزباش
مەن كۆپچىلىكنىڭ ئالىمنىڭ مۇشۇ نامى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىشىپ كۆرىشىنى، ئامېرىكا ھاۋاي ئونىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى دېگەن ئېنىقلىمىنى شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ جەمىئىيەتشۇناسلىق دوكتۇرى دەپ ېئلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بولمىسا ئادەمگە زۇلپىقار ئەپەندى ھاۋاي ئۇنۋېرستېتىدا ئىشلەيدىغان كىشىدەك تۇيغۇ بېرىپ، قۇرۇق باراڭ كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدىكەن. مەنچە شەخسلەرگە باھا بەرگەندە قۇرۇق ھاياجان بىلەن ئەمەس ئەمىلىي باھا بەرسەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )