مۇشۇنداق بولسا ئادىل بولامدۇ؟
جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەيدىغان ساۋاقدىشىم xx 1991-يىلى شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتېتىغا ئۆتكەن،1996-يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ،ئۆز يۇرتىدىكى ئانا مەكتىپىگە خىزمەتكە چۈشكەن.ساۋاقدىشىم xx خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان،ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ،ئۆز بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ،ئىزچىل تۈردە ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان تەجرىبە سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قوش تىل بويىچە دەرس ئۆتۈپ كەلگەن ھەم كۆپ قېتىم مەكتەپ،يېزا،شەھەرھەتتا ئاپتونوم رايون بويىنچە ‹‹ قوش تىل ئوقۇتۇش ماھىرى››،‹‹مۈنەۋەرئوقۇتقۇچى››،‹‹مۈنەۋەر سىنىپ مۇدىرى››،‹‹ئىلغار مائارىپ خىزمەتچىسى››،‹‹ ئىلغارپەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى›› ....قاتارلىق تۈرلۈك شەرەپلەرگە نائىل بولغان.
ساۋاقدىشىمxx يەنەدەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ئىجادىيەت ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ،ھازىرغا كەلگىچە 800 پارچىدىن ئارتۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئائىت ماقالىلارنى يازغان،بۇنىڭ ئىچىدە ھازىرغىچە 500 پارچىدەك ماقالىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى نۇقتىلۇق گېزىت ژورناللاردا ھەتتا بىر قىسىم ئىلمىي ماقالىلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ژورناللىرىدا ئېلان قىلىنغان، ساۋاقدىشىم xx يەنە ساغلاملىق،مۇھىت ئاسراش ۋە پەننى ساۋاتلار توغرىسىدا ئۈچ پارچە كىتاپنى نەشىر قىلدۇرغان،يەنە ئۈچ پارچە كىتابى يېقىندا نەشىردىن چىقىش تۇرىۋاتىدۇ.گەرچە ساۋاقدىشىم xx ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ يۇقارقىدەك نەتىجەۋە شەرەپلەرنى قولغا كەلتۇرگەن بولسىمۇ،بىراق بۇ يىل ئوتتۇرا مەكتەپ ئالى دەرىجىلىك ئۇنۋان باھالاش ئىشلىرىدا ئوقۇتقۇچىلارنى نۇمۇر قويۇپ باھالاشتىكى مەكتەپ ئۆز ئالدىغا تۈزىۋالغان باھالاش تۈرىدە 500پارچىدەك ئېلان قىلدۇرغان ماقالىسى بىلەن ھازىرچە نەشىردىن چىققان ئۈچ پارچەكىتابى مەكتەپ ئاساسىي قاتلام ئۇنۋان باھالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن ھەتتا يۇقارقى نەتىجىلىرى بىر نۇمۇرغىمۇ يارىمىغان.بۇنىڭ بىلەن ساۋاقدىشىم xx مەكتەپنىڭ بىر تەرەپلىمە تۈزگەن ئۇنۋان باھالاش تۈزىمىنىڭ تەسىرىدە ئالى دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشەلمىگەن.
بىـــــــــر يېزا ئوقۇتقۇچىسى ئۆز تىرىشچانلىقىغاتايىنىپ يۇقۇرقىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرسە،بۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن،ئۇنى چەكلەش، نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرمەسلىكتەك بىر تـەرەپلىمە سىياسەت قوللىنىلسا تـــــــــوغـــــــــــــرا بـــــــــــولامـــــــــــــــــــــــــدۇ؟
كۆپچىلىكنىڭ بۇ جەھەتتە پىكىر تەلەپلىرى بولسا دادىل بايان قىلىپ ئوتتۇرىغا قويىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
|