- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4637
- نادىر
- 2
- يازما
- 202
ئۆسۈش
87.9%
|
ئۆلچەم ۋە كەڭلىك ئۇمۇن
ئىنسان باھا بېرىش بىلەن مەسىلە ۋە ئىنسانلارنى كاللىسىدا كاتوگورىيىلەرگە ئايرىيدۇ.باھا بېرىش ئۈچۈن باھانى مەنبە قىلىدىغان ئۆلچەم بولىشى كېرەك .ئۆلچەمنىڭ زىيادە كىڭىيىپ كېتىشى ياكى زىيادا تارىيىپ كېتىشى ئىنسانلارنىڭ رىئال ۋە ئەقلى باھا بېرىش سۈپىتىنى تارايتىۋىتىشى مومكىن .
بىر مىللەتنىڭ ئەنئەنىسىدە شۇ مىللەت توپىغا خاس ۋە شۇ مىللەت توپىنىڭ بېۋاستە تۇيغۇلىرغا ھامىلدار ئۆلچەملەر بولىدۇ .كېشىلەر شۇ ئۆلچەملىرى بىلەن يەككە شەخىسلەرنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي ۋەزىيىتىگە باھا بېرىدۇ.بەزىدە دەل مۇشۇ ئۆلچەملەرنىڭ غەلىتىلىكى ۋە ئېراتسىئوناللىقى تۈپەيلى باھا خاتا بېرىلىشى ۋە بېرىلگەن خاتا باھانىڭ تەسىرىدە ناچار ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى مومكىن.ئۆلچەمنىڭ تار بولىشى يارتىلغان ئۆلچەمنىڭ تار نەزەر دائىرە ۋە چەكلىك تەجىربىنى چىقىش قىلغانلىقتىن بولىدۇ .ئۆلچەم تارايدىغانسىرى باھا رادىكاللىشىدۇ،رادىكال باھالار ئەركىنلىكنى چەكلەيدۇ .
تېخىمۇ رېئال مىساللار بىلەن دىمەكچى بولغىنىمىزنى يورۇتۇشقا كۈچىمەكچىمەن.
ئۇيغۇرنىڭ زىيالىيسى بولىشى ئۈچۈن مۇسۇلـمان بولۇش كېرەك، دېگەن كەسكىن ھۆكۈملۈككە ئىلىم ـ پەندىن ساۋادى يوق كېشىلەر توغرا ئېشارىتىنى قويىشى مومكىن .رېئال مەسىلىلەرگە رېئال پوزىتسىيە بىلەن قارىغىنمىزدا بىر مىللەتنىڭ زىيالىيسى بولىشى ئۈچۈن زىيالىي پەقەت ئۆزىنىڭ شۇ مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قېلىشلا يىتەرلىك .ئۇنۇڭ دىنى ئىتىقادى ،مىللى ئەنئەنىگە بولغان ئىجابىي ياكى سەلبىي پوزىتسىيەسى ئۇنۇڭ زىيالىي بولۇش ئەركىنلىكىگە توسالغۇ بولالـمايدۇ .
ئۇچۇرنىڭ كېڭىيىشى ۋە تارقىلىشى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە تېزلەشكەن،يۈكسەك سەۋىيەدە يەرشارىلاشقان دەۋىردە مىللى ۋە دىنى ئۆلچەم بىلىم ئادىمى بولۇشقا تەسىر كۆرسىتەلـمەيدۇ.
يۇقارقى نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا ئۆلچەمنىڭ تارىيىشى يەرشارىلاشقان جەمىيەتكە نىسبەتەن سەلبىيلىكى كۈچلۈك چەكلەشچانلىققا ئېگە .
ئەتراپىمىزدىكىلەرنى دېنى ئۆلچەملەر بىلەن ئۆلچەش باشقىلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە بولغان دىكتاتۇرلۇقتۇر.مەدەنىيەتلەر زىچ گىرەلىشىۋاتقان ۋە مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى بوشلۇق تارىيىۋاتقان موھىتتا ،ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەل قىلىش ،ئوخشىمىغان مەدەنىيەت چەمبىركىدىكى يەككە شەخىسلەرنىڭ ۋە يەككە شەخىسلەر بىلەن گۇرۇپلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىش ئىنتايىن موھىم.
ئوخشىمىغان دىن ۋە ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئۆزـئارا ئارلىشىپ ياشايدىغان جەمىيەتتە ئەركىنلىكنىڭ تەبىرىنى يېشىش تېخىمۇ موھىم .ئۆلچەمنىڭ تارلىقى ۋە دوگمىلىقى دەل بىزنىڭ بۇ مۇناسىۋەتلەرنى توغرا ھەل قىلىشىمىزغا توسالغۇ بولىۋاتقان ئامىلدۇر.
بىر ئۇزۇن چاچ ئوغۇلنىڭ ئۇزۇن چېچى تۈپەيلى باشقىلارنىڭ سۆزـچۆچىكىگە ۋە چاچنى كەستۇرۇش ھەققىدىكى نەسىھەتلىرىگە ئۇچۇرشى ،بىر قىزنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىيىملەرنى كېيىپ كوچىدا يۈرەلـمەسلىكى ،يۈرگەن تەغدىردىمۇ باشقىلارنىڭ ناچار باھالىرىغا ئۇچۇرشى،كېچىلىك كۇلۇپلاردىكى كېشىلەرنىڭ يامان ئاتاققا قىلىشى ،تاماكا ياكى ھاراق ئىستىمالچىللىرىنىڭ بىر تاياقتا ھاقارەتلىنىشى ئۆلچىمىمىزنىڭ تارلىقىدىن بىشارەتتۇر.ئارىمىزدىن دىنسىزنىڭ چىقىشى،كومىنىستنىڭ ياكى ئىنتايى لىبرال بىرنىڭ چىقىشى بىزنى قورقىتىدىغان بىر ئىش بولـماسلىقى كېرەك .قارشىمىزدىكى كېشىنىڭ خۇداغا ئىشەنمەيدىغان بېرى بولىشى بىزنى قورقىتىدىغان مەسىلە ئەمەس .
پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ كاللىسى قاچىلىك ئوخشاش بولسا بۇ شۇنچىلىك زىيانلىقتۇر .ئىدىيىدە بىرلىككە كېلىش ياكى ئوخشاش پىكىر يولىغا ئىگە بولۇش ئىجابىي يۆنىلىش ئەمەس .كۆپ قۇتۇپلۇش ۋە قۇتۇپلارنىڭ بىر بىرى بىلەن بولغان سۈركىلىشى تەرەققىياتنىڭ ئاساسىدۇر .
ئۆلچەم كېڭەيمىگەندە مۇناسىۋەتلەر تەڭشەلـمەيدۇ،سۈركۈلۈش كەسكىنلىشىدۇ.بەزى نەرسىنىڭ مىللى ياكى دىنى ئۆلچىمى بولـمايدۇ.ھۇمانىزىم دىيىلسە بۇ غەرىپنىڭ بىزگە ماس كەلـمەيدۇ ،لىبرالىزىم دىسە بۇ غەرىپنىڭ بىزگە ماس كەلـمەيدۇ دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىسام ئىختىيارسىز كۈلۇپ كېتىمەن.تۆۋەن دەرىجىلىك كاللىلارنى مەسخىرە قىلـمايمەن دەپ ئۆزۈمگە قانچىلىك ۋەدە بەرسەممۇ لىكىن ئۆزۈمنى تۇتىۋالالـمايمەن .بۇ خاتالقىمنى تونۇش بىلەن بىرگە ئۇلارنى مەسخىرە قىلىشىمنىڭ سەۋەبىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتەي .
لىبرالىزىم،ھۇمانىزىم،فېمىنىزىم دىگەندەك ئىقىملار بىر جەمىيەتكە ياكى بىر مىللەتكىلا خاس نەرسە ئەمەس .ئۇ پۈتۈن دۇنياغا ئورتاق نەرسە .بىزدە ئۆزىنىڭ ھۇمانىسىت ئىكەنلىكىنى بىلـمەيدىغان ھۇمانىستلار ،ئۆزىنىڭ لىبرال ئىكەنلىكىنى بىلـمەيدىغان لىبراللار ۋە ئۆزىنىڭ فەمىنىست ئىكەنلىكىنى بىلـمەيدىغان فەمىنىستلەر نۇرغۇن .لىكىن بەزىللىرى فەمىنىسىت ،ھۇمانىسىت ياكى لىبرال دىگەن غەرىپچە تىرمىنلارنى ئاڭلىغىنىدا ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ قايسىسىغا چۈشىدىغانلىقىنى بىلـمىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇ نەرسىلەر ئۇيغۇرلار ماس كەلـمەيدۇ دىگەندەك قىززىقارلىق پەتىۋانى پىچىدۇ .ئەمەلىيەتتە بۇ تېرمىنلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ مەلۇم ئىدىيلىرىنى كاتوگورىيىلەشتۇرگەنلىكىدىن ئىبارەت .بۇلارغا پەقەت غەرىپچە ئىسىم قويغانلىقى ئۈچۈنلا كىشىلەر بۇ ئىقىملارنى غەرىپكە خاس نەرسە دەپ ئويلىۋالىدۇ .
بېرى ئەنئەنىگە ئىنتايىن سادىق بىرى بولسا ئۇنۇڭغا بەك كونسىرۋاتىپ ئىكەنسەن دىسەك ئۇ ئۆزىنىڭ غەرىپچە تىرمىن بىلەن كاتوگورىيەلەشكىنىنى ئاڭقىرالـماي ئۇيغۇرلارغا ماس كەلـمەيدىغانلىقى ئىيتسا بۇنۇڭغا قاقاقلاش بىلەن جاۋاپ بىرىشتىن باشقا ئامالىمىز يوق .
پۈتۈن ئىنسانلارغا ئورتاق پىسخولوگىيلىك ۋە فىزولوگىيىلىك ئوخشاشلىقلار مەۋجۇت .بەزى نەرسىلەر مۇشۇ ئوخشاشلىقنى تۇتقا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار مىللى،دىنى ۋە مەدەنىيەت چەمبىركىدىن ھالقىغان بولىدۇ .ئۇ خىلدىكى نەرسىلەرگە مىللى دىنى ياكى ئەنئەنىۋىي ئۆلچەملەرنى بىكىتىۋىلىش ئۆلچەمنىڭ تارىيىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .يىڭىلىق ئۆلچەمنىڭ تارلىقىدا تۇنجىقىدۇ .
بەزىلەر چىچىنى ئۇزۇن قويغان بىر ئەركەككە چىچىنى ئۇزۇن قويۇش ئۇيغۇرلارغا ماس كەلـمەيدۇ دىيىشى مومكىن .غەرىپلىكلەرگە ماس كەلگەن چاچنى ئۇزۇن قويۇش،ئۇيغۇرلارغا نىمىشقا ماس كەلـمەيدۇ ؟؟ بۇ ماس كەلـمەسلىكنىڭ ھېچقانداق رىئال ئاساسى يوق .پەقەت كىشىلەر چېچىنى ئۇزۇن قويغان ئۇيغۇرلارنى ئاز كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا چېچىنى ئۇزۇن قويۇشنى ئۇيغۇر مىللى كىملىكىگە زىتلاشتۇرىۋالىدۇ.غەرىپلىكتىمۇ باش ۋە چاچ بار،ئۇيغۇردىمۇ باش ۋە چاچ بار ئوخشاش فىزولوگىيىلىك ئورتاقلىققا ئىگە ئىككى ئوبكىتنىڭ بىرىگە ماس كەلگەن نەرسە يەنە بىرىگە ماس كەلـمەسلىكى تەبىي نۇقتىدىن بىمەنىلىك .
ئىجدىمائىي نۇقتىدىن غەرىپلىكتىن پەرقىمىزنىڭ بولىشى،ياكى بولىشى كېرەكلىكى بىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسلە .يۈرۈش تۇرۇش جەھەتتە چوقۇم ئۇيغۇرلار بىرلىكنى ساقلىشى كېرەك دىگەن ھۆكۈملۈكنى چىقىرىش زىيادا ھاياجانلىق قاراردىن باشقا نەرسە ئەمەس .ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە تۈرلۈك ئىدىيىلەردىكى ،تۈرلۈك مودا ئىقىملىرىدىكى كېشىلەر مەۋجۇت ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز بەدىنىگە ئارتىدىغان رەخنى ۋە پاسۇننى تاللاش ھوقۇقى بار .بۇنۇڭغا بىز غەرىپلىككە ئوخشاپ قالـماسلىقىڭ كېرەك دىگەندەك تىتىقسىز باھانە بىلەن قارشى تۇرالـمايمىز .
غەرىپلىكلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي كىيىملىرى بىلەن مودا ئىقىمىدىكىلەرنى پەرىقلەندۇرۇشنى بىلـمىگەنلەر يىرتىق ئىشتان بىلەن ئۇزۇن چاچنى غەرىپ مەدەنىيىتى دەپ چۈشىنىۋالىدۇ .ئەمەلىيەتتە غەرىپ مەدەنىيىتى بىلەن غەرىپتە بارلىققا كەلگەن ۋە كۈچىلىنىۋاتقان زامانىۋىي مەدەنىيەت پەرىقلىق.پۈتۈن مىللەتلەر زامانىۋىي مەدەنىيەتكە مىللى مەدەنىيەت ئالاھىلىكلىرىنى قوشۇش ھوقۇقىغا ئىگە .
كىشىلەر پۇتنىڭ ئارلىقىغا كىرگۈزىۋالىدىغان ساپما كەشنى كۆرگىنىدە ياپۇنلۇقلاردىن پەرقىمىز بولىشى كېرەك،ساپما كەشنى سېلىۋەت دىمەيدۇ .كاستۇيۇم بۇرۇلكىنى كۆرگىنىدە كاستۇيۇمنى سېلىۋەت غەرىپلىكتىن پەرقىمىز بولىشى كېرەكمۇ دىمەيدۇ .لىكىن باشقىلار كۆرۇپ باقمىغان بىر مودا شەكلىدە كىيىنگەن بىرىنى كۆرگەن ھامان غەرىپلىكلەرنى دورىمايلى دىيىشىدۇ .بۇ خىلدىكى مەنتىقسىزلىقلار تار ئۆلچىمىمىزنىڭ غەلىتە نەتىجىللىرىدىن ئىبارەت.
كاستۇيۇم غەرىپنىڭ بىراق تاقىغان ئەتلەس گالىيستۇك ئۇيغۇرنىڭ، بۇ يەردە زامانىۋىي مەدەنىيەت بىلەن مىللى مەدەنىيەت كىسىشكەن بولىدۇ .مانا بۇ مىللى ئەنئەنىنىڭ تەرەققىياتقا ماسلىشىشى.
مەكتەپتىكى تۈزۈملەرنىڭ زىيادا چىڭلىقى ۋە ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رادىكال مېتودقا ئىگە مائارىپتا قېلىۋاتقىنى مەنچە رىئال مەسىلە .ئون سائەتتىن ئاشقان دەرىس،ئەتتىگەنلىك تەكرار ۋە يۈگرەش،كەچلىك تەكرارغا ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈن بىر كۈنىنى ئىشلەش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سېستىما بالىلارغا چارچاشتىن باشقا نەرسە بەرمەيدۇ .بالىلارغا ئەركىن تەپەككۈر ۋە ئىجاتچانلىق روھى يىتىلدۇرىدىغان مائارىپ سېستىمى شەكىللەنمىگۈچە بالىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇش داۋاملىشىدۇ .ئۆلچەمنىڭ مائارىپتىكى تارلىقى ئەڭ تىراگىدىيىلىك مەسىلە .ئوخشاش چاچ پاسۇنى،ئىنتايىن سەت مەكتەپ فورمىسى بالىلارغا چۈشكۈنلۈكتىن باشقا نەرسە سوۋغا قىلالـمايدۇ.ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى بولغان ئائىلىلەر بالىلىرىنى تىخىمۇ ياخشى مائارىپ سىستىمىللىرىدا تەربىيلەش پۇرسىتىگە ئىگە .بۇ پۇرسەت ئىقتىسادىي ئىمكاننى شەرىت قىلسا ئاتا ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بالىلىرىغا ياخشى مائارىپ سىستىمىدا بىلىم ئالىدىغان ئىمكاننى يارىتىپ بېرىش.
بېلىم پەقەت سېنىپتىلا تار ۋە قىلىپلاشقان ئاتالغۇلار بىلەن سۆزلىنىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇ ھەممە يەردە سۆزلىنىشى كېرەك .ئائىلىلەردە،تاماق ئۈستىلىدە ،دوسلار يىغىلىشىدا ئىدىيىلەر،فورمىلالار ،پەلسەپەۋىي مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىش كېرەك .بۇنداق مۇھاكىمە ۋە ئانالىزغا تويۇنغا موھىتتا يىتىشكەن بالىلار كۈندە سىنىپتا ئولتۇرغان بالىلاردىن كۆپ نەرسە بىلىدۇ .
تاماق ئۈستىلىدە ئوخشىغان قوي گۆشى شورپىسى ئىچىۋاتقان بولسىڭىز بالىڭىز بىلەن قوي توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ بېقىڭ. ئوخشاش نەرسىنى بىر بالىڭىز ياخشى كۆردى بېرى ياخشى كۆرمىدى.سىز نىمىشقا بېرى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى بىرى ياخشى كۆرمەيدۇ.ئىنسانلارنىڭ بىر نەرسىنى ياخشى كۆرىشىدىكى ياكى كۆرمەسلىكىدىكى سەۋەپ نىمە دىگەندەك سوئاللارنى سوراپ بىقىڭ .بالىڭىزدىن توغرا جاۋاپنى كۈتمەي ئۇلاردىن چىققان غەلىتە جاۋاپ ۋە بۇ جاۋاپلارغا ئىرىشكەن جەريانلارغا قاراڭ .بالىلار توغرا جاۋاپ بېرەلـمىسىمۇ مەسىلىلەرنى ئويلىنىشنى ئۈگىنىدۇ .تەپەككۇرى غىدىغلىنىدۇ .
مەكتەپ مائارىپىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئائىلە مائارىپى بىلەن تولۇقلاش مومكىن .ئەلۋەتتە بۇ بىزنىڭ قارغۇلارچە تىكلەنگەن رادىكال ئۆلچەملەرنى ئۆزگەرتىشىمىز بىلەن باشلىنىدۇ .
قەھۋە مەدىنىيىتى دىيىلگەن ھامان كىشىلەر غەرىپ مەدەنىيىتى دەپ خاتا چۈشىنىۋالىدۇ.ئۇيغۇرلاردا قەھۋەنىڭ ئومۇملىشىشى ئىجابىي ئەھۋال .خۇددى بىز ئانتىبىئوتىك دورىلارنى غەرىپتىن كەلگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇلارنى غەرىپ مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى دەپ قارىمىغىنىمىزغا ئوخشاش قەھۋەنىمۇ پەقەت غەرىپلىكلەرگىلا خاس نەرسە دەپ قارىۋالـماسلىقىمىز كېرەك .ئۆلچەم كېڭەيسە يىڭىلىقنى قۇبۇل قىلىش ئاسانلىشىدۇ .قەھۋەنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىسى بار .بۇنۇڭ ئومۇملىشىشى سەلبىي ھادىسە ئەمەس.ئىجابىي بىر يىڭىلىق غەرىپنىڭ بولسا ياكى بولـمىسا بۇ موھىم ئەمەس ،موھىمى ئۇنۇڭ ئىجابىيلىقى .
ئىجابىي ئەمگەكلەر قايسى مەدەنىيەت ۋە قايسى مىللەتتە بولسا بولسۇن ئۇنى قۇبۇل قىلىش كېرەك.غەرىپ مەدەنىيىتى ياكى خەنزۇ مەدەنىيىتى دەپ تامغىلاپ قارشى تۇرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق .
ئۆلچەمنى تارلاشتۇرۋىتىش ئارقىلىق ئەنئەنىنى ۋە مىللى مەۋجۇتلۇقنى قوغدىغىلى بولـمايدۇ .مىللى مەۋجۇتلۇق ۋە مىللى ئەئەنىلەرنى قوغداش ئۈچۈن ئەنئەنە ۋە مىللى ئۆلچەملەر زامانغا لايىقلىشىشى كېرەك .زامانغا ماس كەلـمىگەن ئۆلچەم ۋە ئەنئەنىلەر سۈپۇرۇپ تاشلىنىدۇ.ئەنئەنە ۋە مىللى مەدەنىيەتنىڭ ھاياتى كۈچىنى ساقلاش ئۈچۈن زامانىۋىي مەدەنىيەت بىلەن يۇغرىشىمىز لازىم .ئۆلچەمنى تارايتىپ ،ئىشىكنى مەھكەم قۇلۇپلاپ ئەنئەنىگە قارا قويۇق ئەگىشىش مىللى مەۋجۇتلۇقنىڭ چۆكىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.
رادىكال مىللى ۋە دىنى ئۆلچەملەرنىڭ بىر جەمىيەتتە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىشى مەدەنىيەتنىڭ قۇرىشىدىن ئىبارەت .مەدەنىيەتنىڭ ھاياتى كۈچىنى يوقىتىشى مىللى مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاجىزلىشىدىن دىرەك بىرىدۇ .
زامانىۋىي مەدەنىيەتكە ،ئوخشىمىغان مەدەنىيەت چەمبىركىدىكى جەمىيەت ۋە شەخىسلەرگە كەڭ قورساق ۋە ئىنسانىي مۇئامىلىدە بولۇش ھۆرمەت ۋە شەخسى ئەركىنلىككە بوي سۇنۇش يەرشارىلىشىۋاتقان جەمىيەتتە كەم بولسا بولـمايدىغان ساپادۇر .رىئال مەسىلىلەرگە رىئال پوزىتسىيەدە بولۇش ،تار دائىرىلىك مىللى ۋە دىنى ئۆلچەملەردىن قۇتۇلش مىللى مەۋجۇتلۇق ۋە جەمىيەتنىڭ ئىلگىرلىشىگە ئىچىلغان يولدۇر .
|
|