قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2543|ئىنكاس: 17
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىلىمخۇمار: نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (19)

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

220

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 1313
تۆھپە : 6229
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-23 09:13:53 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (19)

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى


مەن يېقىندا ئۆزۈمنىڭ «يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت» دېگەن يازمىسىدا ئامېرىكىدىكى «مايكۇل جوسېفسون» (Michael Josephson) ئىسىملىك بىر تونۇلغان ئەخلاق مۇتەخەسسىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان ئىدىم. ئۇ 2015-يىلى 17-سېنتەبىر كۈنى ئۆزىنىڭ تور بېتىدە «ياخشى قارار بىر قېتىملىق توختىۋېلىشتىن باشلىنىدۇ» [1] دېگەن تېمىدا بىر قىسقا يازما ئېلان قىلدى. ئۇ يازمىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:

ئۆزىمىز خالىمىساقمۇ، بىز نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ھاياتىمىزغا چوڭقۇر ۋە ئۇزۇن مۇددەت تەسىر كۆرسىتىدىغان قارارلارنى ئېلىش ئەھۋالىغا دۇچ كېلىمىز. بىز ئېقىمغا ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەكمۇ؟ بىز باشقىلارغا «خىزمىتىڭنى توختاتقىن» ياكى «مۇناسىۋەتنى ئۈزۈۋەتكىن» دەيمىزمۇ؟ مۇشۇنداق ئىشلار ئۈستىدە قارار ئالغاندا، بىرەر ئادەم يېنىمىزغا كېلىپ، بىزگە بۇ ئىشنىڭ بىرەر چوڭ مەنپەئەت بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ قويمايدۇ. ئۇنىڭدىنمۇ يامان يېرى، بىزنىڭ قانداق قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئويلىنىشقا يېتەرلىك ۋاقتىمىزمۇ بولمايدۇ.

بىز ئۆز ھاياتىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدىغان ئەسكى قارارلارنى ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالالمىغان ۋاقىتلاردا ياكى يېتەرلىك دەرىجىدە ئويلىنىپ باقمىغان ۋاقىتلاردا ئالىمىز.

ياخشى قارارلارنى ئېلىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئامىللاردىن ئاچچىقلىنىش ۋە ئالدىن پىلانلىماسلىقتىن ئىبارەت ئىككىسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قاتتىق چارچاپ كېتىش، ئەندىشە قىلىش، ئاچچىق يۇتۇش، بېسىم، تاقەتسىزلىك ۋە خۇيلىنىش قاتارلىقلارمۇ ئاقىلانە قارارلارنى ئېلىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

بىز بىر ئالدىراش چوڭ يولنى كېسىپ ئۆتكەندە، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ھەر ئىككى يۆنىلىشىگە قاراپ بېقىشنى ئۆگەندۇق. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ھەر قېتىم بىر مۇھىم قارارنى ئېلىشقا دۇچ كەلگەندە ئەھۋاللارنى ياخشى ئانالىز قىلىپ، ئۈنۈملۈك ۋە ئەخلاقلىق يەكۈنلەرنى چىقىرىشنىمۇ ئۆگىنەلەيمىز.

شۇڭلاشقا ھەر بىر قارار بىر «توختىۋېلىش» بىلەن باشلىنىشى، يەنى بىزنى ياخشى ئويلىنىشقا مەجبۇرلايدىغان بىر پەيتتىن كېيىن باشلىنىشى كېرەك. بىز ئاشۇنداق بىر ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنىڭ نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالىمىز، بىزدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تولۇق ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى، ۋە ئۇلارنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى باھالاپ چىقىمىز، ھەمدە زۆرۈر بولغاندا مۇمكىنچىلىكى بار بولغان ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن يەنە بىر قوشۇمچە ئىستراتېگىيىنى تۈزۈپ چىقىمىز. توختىۋېلىش بىزنى يەنە ئۆزىمىزدىكى ساغلام ئىرادىلەرنى بىر يەرگە توپلاپ، بىزنى ئالدىراڭغۇلۇقتا چىقىرىلغان قارار، ھاماقەتلىك بىلەن چىقىرىلغان قارار، ۋە خاتا ئويلار ئاساسىدا چىقىرىلغان قارارلارغا ئېلىپ بارىدىغان قايمۇقتۇرۇش ۋە ناچار كەيپىياتلار ئۈستىدىن غالىپ كېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

بىر مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىشقا بىر-ئىككى كۈن ياكى بىر قانچە سائەت ۋاقتىمىز بار بولسا تېخىمۇ ياخشى. ئۇنداق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىر قانچە سېكۇنت توختىۋېلىشمۇ بىزگە يېتەرلىك بولىدۇ.

مايكۇل جوسېفسوننىڭ سۆزلىرى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

دېمەك، ئېلىنغان بەزى ياخشى قارارلار بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېلىپ بارالايدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئېلىنغان بەزى ناچار قارارلار بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەن مەزكۇر يازمىدا «ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىشتە مەكتەپنى توغرا تاللاش مۇھىممۇ، ياكى كەسىپنى توغرا تاللاشمۇ؟» دېگەن مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە توغرا كەسىپ تاللاشنى مۇھىمراق ئورۇنغا قويغان، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ئالاھىدە ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتقان بىر ئۇكىمىزنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. بۇ ئۇكىمىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنىڭ بىرى شۇكى، ئۇ بىر مەزگىل ئامېرىكىدىكى دۇنياغا داڭلىق خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. بۇ قېتىمقىسى مەن ھازىرغىچە تونۇشتۇرغان 46-قېرىندىشىمىز بولۇپ، ئاشۇ قېرىندىشىمىزغا ئائىت مەزمۇننى ھازىر تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىنىمىز «ئۇيغۇرسۆيەر» تەييارلاپ بەردى (سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئۇكام!).

«ئالىي مەكتەپكە كىرىشتە، مەكتەپنى توغرا تاللاش مۇھىممۇ، ياكى كەسىپنى توغرا تاللاشمۇ؟» دېگەن سوئالغا نىسبەتەن مۇتلەقلەشتۈرۈلگەن جاۋابتىن بىرنى بېرىشنى مەن ھازىرچە مۇۋاپىق كۆرمەيمەن. يەنى، بىر قىسىم كىشىلەر مەكتەپنى توغرا تاللاپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر كەسىپنى توغرا تاللاپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغان بولۇپ، بۇ ئىككى خىل كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ نىسبىتى ھەققىدە مەندە بىر ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەمما، بۇ ئىشتا ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالى مۇنداق: سىز ئالىي مەكتەپنى، يەنى، باكلاۋۇرلۇق، ماگىستىرلىق ياكى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى يېڭىدىن تاماملاپ، دەسلەپكى خىزمەتنى تېپىشتا سىز ئوقۇغان مەكتەپنىڭ دەرىجىسى خېلى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمما سىز بىر ئورۇندا ئىشلەشنى باشلاپ، بىر-ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن خىزمەت ئالماشماقچى بولسىڭىز، يېڭى شىركەت سىز ئوقۇغان مەكتەپكە ئۇنچىۋالا ئېتىبار بەرمەي، سىز توپلىغان خىزمەت تەجرىبىلىرى ۋە سىزنىڭ ئىسپاتلانغان خىزمەت ئىقتىدارلىرىڭىزغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. سىز ھەر خىل شىركەت ياكى خىزمەت ئورۇنلىرىدا 5 يىلدەك ئىشلىگەندىن كېيىن بولسا، كىشىلەر سىز ئوقۇغان مەكتەپنى ئاساسەن ئۇنتۇپ كېتىدۇ. يۇقىرىدىكى ئەھۋاللار كەسىپكە ۋە خىزمەت ئورنىغا قاراپ ئوخشاش بولمىسىمۇ، تەبىئىي-پەن، يۇقىرى تېخنولوگىيە ۋە ئىنژېنېرلىق شىركەتلىرىدىكى ئەھۋاللار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئەنە شۇنداق بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپتە پروفېسسور بولۇشتىن باشقا كەسپىي ساھەلەردە مەكتەپنى توغرا تاللاشقا قارىغاندا كەسىپنى توغرا تاللاش بەكرەك مۇھىم بولۇشى مۇمكىن.

ئەمدى مەن رەسمىي مەزمۇننى باشلايمەن.

مەدەنىيەت ۋە ئىنسانشۇناسلىق دوكتورى مەتتۇرسۇن بەيدۇللا (تۈركىيە)

s01_mettursun1.jpg
1-رەسىم: مەتتۇرسۇن بەيدۇللا (ئوڭدىن 3-كىشى) فاتىھ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە.

مەتتۇرسۇن بەيدۇللا 1975-يىلى خوتەن كېرىيەدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى كېرىيەدە تاماملىغان. ئۇ كىچىكىدىنلا ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالانغان. ئۇ 1993-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ۋە ئىمتىھانىدىكى نەتىجىسى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە بىرىنچى بولۇپ، بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەييارلىق بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇ ئىككى يىل تەييارلىق ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، 1995-يىلى شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن باشلاپلا تارىخ دەرسلىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇغان مەتتۇرسۇن تولۇق كۇرستىمۇ بىر نەچچە قېتىم ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىغا ئېرىشىپ ئوقۇغان. شۇنداقلا ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن.

مەتتۇرسۇن بەيدۇللا 2000-يىلى 12-ئايدا تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن. تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن تۆمەر (TÖMER) دە تۈركچە ئۆگەنگەن. ئۇ ئەينى يىللىرىدىكى تىل ھازىرلىقلىرى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان TCS ئىمتىھانىدىن يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ، 2001-يىلى 9-ئايدا تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى ئون مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ «ئومۇمىي تۈرك تارىخى» كەسپىگە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. مەتتۇرسۇن ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇش مەزگىلىدە تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى بېرىدىغان ئاز مىقداردىكى پۇل بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ، ناھايىتى تېجەشلىك بىلەن باش چۆكۈرۈپ ئوقۇپ، بىر يېرىم يىلدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تۈگەتكەن. ئۇنىڭ «ئىدىقۇت-قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» ناملىق دىسسېرتاتسىيىسى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

مەتتۇرسۇن بەيدۇللا ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تۈگەتكەندىن كېيىن، شۇ يىلى، يەنى 2003-يىلى 9-ئايدا يەنە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتى مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىق بۆلۈمىگە «مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى» كەسپىدە دوكتور ئاسپىرانتلىققا ئوقۇشقا كىرگەن. 2005-يىلى 12-ئايدا دوكتور ئاسپىرانتلىقنى تاماملىغان. مەتتۇرسۇن بەيدۇللا دىسسېرتاتسىيە يېزىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى ۋە دىيارىمىزدىكى باشقا شەھەر ۋە رايونلاردا ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان، ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى توپلىغان. ئۇنىڭ بۇ تەكشۈرۈشلىرى ۋە تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە قۇرۇلمىسى: ئۇرۇق-تۇغقانلىق مۇناسىۋەت، توي، تۇغۇت، ئۆلۈم ۋە مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى» ناملىق دىسسېرتاتسىيە ماقالىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ۋە دىسسېرتاتسىيە باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى مەتتۇرسۇن بەيدۇللانىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى تۈركىيە SFN تېلېۋىزور Tanitim Yayinları نەشرىياتى تەرىپىدىن بىر كىتاب قىلىپ نەشر قىلىنغان.

دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ۋەتىنىگە ۋە خەلقىگە يەتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى، دەپ ھېسابلاپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. ئەمما ۋەتەندە خىزمەت تاپالمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 2006-يىلى ئۆزى ئالاقىلىشىپ، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىكى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (American University in Cairo) دا تەكلىپ بويىچە «ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى» كەسپى بويىچە دەرس بەرگەن، ۋە تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ بۇنىڭ بىلەنمۇ قانائەت قىلىپ قالماي، كەسپىي جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىش ۋە خەلقئارادىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە تېخىمۇ سىستېمىلىق ئىلىم تەھسىل قىلىش ئىستىكىدە ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا دوكتور ئاشتىلىققا ئىلتىماس قىلغان، ۋە 2007-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئانتروپولوگىيە ئىنستىتۇتىغا تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن قوبۇل قىلىنغان. بۇ جەرياندا «ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ تەرەققىياتى» تېمىسىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. دوكتور ئاشتىلىق تەتقىقاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەتتۇرسۇن بەيدۇللا 2008-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «شەرقىي ئاسىيا تىللىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى» ئىنستىتۇتى (Department of East Asian Languages and Civilizations, Harvard University) دا «ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى»، ۋە ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (Massachusetts Institute of Technology) دا مەشھۇر تىلشۇناس نوم چومىسكى پروفېسسورلۇق قىلىۋاتقان فاكۇلتېتتا «ئۇيغۇر تىلى» كەسپى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھەمدە «ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» توغرىسىدا تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ جەرياندا ئۇ مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنلاردا نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇغان، ۋە بۇ ماقالىلىرى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.

مەتتۇرسۇن بەيدۇللا ئائىلە ئەھۋالىنىڭ قىستىشى بىلەن 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەگە كېلىپ، تۈركىيەنىڭ فاتىھ ئۇنىۋېرسىتېتى (Fatih Üniversitesi) نىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ كىرىپ، ئىنسانشۇناسلىق، مەدەنىيەتشۇناسلىق، دىنشۇناسلىق، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا جەمئىيەتشۇناسلىقى دەرسلىرىنى بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.

مەتتۇرسۇن بەيدۇللا تىل ھازىرلىقى، ماگىستىر ئاسپىرانتلىق، دوكتور ئاسپىرانتلىق ئوقۇشلىرىنى 5 يىلدا تۈگەتكەن بولۇپ، قىسقا ۋاقىتتا بۇ نەتىجىلەرگە ئېرىشىش غايەت زور تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش. بىز ئۇنىڭدىن قانداق قىلىپ بۇنچىلىك قىسقا ۋاقىتتا شۇنچىلىك زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «مەن كەسپىمنى بەك ياخشى كۆرەتتىم. كەسىپكە بولغان ئىشتىياق، شۇنداقلا باش چۆكۈرۈپ ئۆگىنىش نەتىجە قازىنىشىمنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى بولسا كېرەك. بىر قىسىم ياشلار ئالىي مەكتەپكە كىرىشتە مەكتەپ تاللايدۇ. مەن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ۋاقتىمدا ياخشى مەكتەپكە ئۆتەلەيتتىم. ئەمما ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى بويىچە كەسىپ تاللىدىم. يەنە بىرى مەن ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا پۈتۈن زېھنىمنى ئوقۇشقا قاراتتىم. ئىشلەپ پۇل تاپىمەن، دەپ يۈرمىدىم. چۈنكى ھەر كۈنى ئىشلىسىمۇ جىق پۇل تاپقىلىمۇ بولمايتتى. ساقالغا ياماشقان چۆپكە قورساق تويمايدۇ. شۇڭا باش چۆكۈرۈپ ئوقۇشۇمنى ئوقۇدۇم. ھەمدە بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ تەجرىبىسىدىنمۇ پايدىلاندىم. بىرىنچى مەۋسۇمدا ئوقۇۋاتقان بولسام، بوش ۋاقىتلىرىمدا 2-مەۋسۇمنىڭ تەييارلىقىنى قولۇمدىن كەلگۈچە قىلىپ تۇردۇم. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئوقۇشنى تېزرەك پۈتتۈرەلىدىم، دەپ ئويلايمەن.»

«ۋەتەندىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدا كېتىپ بارغان قېرىنداشلىرىمىزغا دەيدىغان سۆزلىرىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «مېنىڭچە قىزىقىش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزدىكى مۇھىم ئامىل. قىزىقىشلا بولۇپ، ئىزچىللىق بولمىسا تېخىمۇ بولمايدۇ. ئوقۇش ياكى مەلۇم بىر ئىش (ھۈنەر) نى قىلىش بىر بۈگۈن-ئەتىلىك قىسقا ئىش ئەمەس. بىر ئاسان ئىشمۇ ئەمەس. نېمىلا ئىش قىلايلى، ئۇنى باش چۆكۈرۈپ، سەۋرى-تاقەت بىلەن قىلىشىمىز لازىم. بىزدىكى ‹ئىلىم ئىگىلەش يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغانغا ئوخشاش› دېگەن ھېكمەتلىك سۆز دەل بۇ ئىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. مەن نۇرغۇن دۆلەتلەرنى كۆردۈم. بولۇپمۇ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئادەملەر بىر ئىشقا ئۆمرىنى ئاتىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار نەتىجە قازىنالايدۇ. ئۇ دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ بىز ئۇيغۇرلاردىن ئەقلىي جەھەتتە پەرقلىنىدىغان ئالاھىدە بىر تەرىپىمۇ يوق. قېرىنداشلىرىمىزغا ھەممىمىز بىلىدىغان ‹توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ مۇسابىقىسى› دەيدىغان مەسەلنى دائىم ئويلاپ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇ مەسەلدە يۈگۈرۈش سۈرئىتى تېز بولغان توشقان تاشپاقىغا يېڭىلىپ قالىدۇ. تاشپاقا ئاستا ماڭسىمۇ ئاخىرغىچە داۋام قىلىدۇ. بىزدە مۇشۇنداق روھ بولغاندىلا، دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر قىلغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە بىزمۇ قىلالايمىز.»

دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا ھازىر ئايالى ۋە ئىككى ئوماق پەرزەنتى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتىدۇ.

يېقىندا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى كۈنلۈك ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىلمىي دوكلات يىغىنى جەريانىدا مەن «نەتىجىلىك ئۇيغۇلار (17)» دە تونۇشتۇرغان ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرى ئابدۇكېرىمجان توختى ئۇكىمىز، بۇ قېتىم تونۇشتۇرغان دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا ئۇكىمىز، ۋە مەتتۇرسۇن بەيدۇللا ئۇكىمىزنىڭ ماتېرىيالىنى تەييارلاپ بەرگەن ئىنىمىز «ئۇيغۇرسۆيەر» بىلەن بىللە بولۇپ، ناھايىتى خوشال بولدۇم.  ھەمدە ئۇلارنىڭ مىللەتنىڭ غېمىنى يەپ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، يىراق-يېقىنلاردىن كېلىپ، ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئاشۇ پائالىيەت ئۈچۈن سەرىپ قىلغانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم ھەم رازى بولدۇم.  ئەمما ئالدىراشچىلىق ئىچىدە بىرلىكتە بىرەر پارچە رەسىمگە چۈشۈپ، خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇش ھېچ قايسىمىزنىڭ ئېسىگە كەلمەپتۇ.  شۇڭلاشقا بۇ يازمىغا بىرەر پارچە ئوپچە چۈشكەن رەسىمنى قىستۇرۇپ قويالمىدىم.

s02_mettursun1.jpg
2-رەسىم: مەتتۇرسۇن بەيدۇللا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا.

s03_mettursun.jpg
3-رەسىم: مەتتۇرسۇن بەيدۇللا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر قىسىم پروفېسسور ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن تاماق ئۈستىلىدە.

s04_mettursun.jpg
4-رەسىم: مەتتۇرسۇن بەيدۇللا فاتىھ ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيەدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە


پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

[1] Good Decisions Start With a Stop
<http://whatwillmatter.com/2013/0 ... tart-with-stop/>


دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا ھازىرغىچە ئېلان قىلغان ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ تىزىملىكى:

JOURNAL ARTICLES

[1] “Access to Education in Xinjiang, China,” to be published.

[2] “Rabbit Carrots, Environment, Water and Economy in Xinjiang,” to be published.  

[3] “Sources and Perspectives on Late Nineteenth Century Uyghur History.”
Conference Proceedings of the XVIth Turkish Congress of History
(September 22-25, 2010: Ankara, Turkey) Velume 2. History of  
Central Asia and Caucasia. Turkish Historical Society. Ankara, 2015

[4] “Rural Economy, Environmental Degradation and Economic Disparity: A Case Study in Deryabuyi, Xinjiang, China.” Central Asian Survey  31:2 (2012).  

[5] “Islam and Identity among Uyghurs.” Sociology of Islam and Muslim  Society 6 (2011).  

[6] “Cultural Change in Deryabuyi” (in Turkish). Folklor/Edebiyat [Folklore  and Literature] 48 (2006).

[7] “The Influence of Uyghur Culture on the Turkic People” (in Uyghur).  Kökbulaq 3 (2005).


BOOK CHAPTERS

[8] “Economic and Gender Negotiations in Uyghur Marriage: Wedding feasts
in the Southern Oases of the Taklamakan Desert" In The Silk Road
Interwoven History: Vol. 3: Islamic Traditions in Central Asia.
Association for Central Asian Civilizations & Silk Road Studies
(ACANSRS) (forthcoming).

[9] “Uyghur Religious and Secular Education and its Interaction with Islam  (1878-2011).” In The Turks and Islam (proceedings of the eponymous 2010 conference at Indiana University) (forthcoming).


BOOKS

[10] “The Uyghur Village of Deryabuyi in the Center of the Takla Makan  Desert: Uyghur Tradition, Culture and Identity” (in Turkish). Ankara, Turkey: SFN Televizyon Tanıtım Tasırım Yayınçılık, Ltd. Şti., 2005  (extended and translated into English, 2008). ISBN: 9944-998-44-3.


TALKS, LECTURES AND CONFERENCE PRESENTATIONS

[11] ‘Uyghur Education’ Past and Present. 6th International Uyghur Academy Conference. Istanbul, Turkey, September 20-23, 2014

[12] “Islamophobia in Eastern Asia: An example from China”
The Fifth Annual Islamophobia Conference, Latent and Manifest Islamophobia: Multimodal Engagements with the Production of Knowledge at Boalt School of Law, University of California, Berkeley, April 14-19, 2014.

[13] "Access to Education in Xinjiang, China" INTCESS14- International Conference on Education and Social Sciences, Istanbul, Turkey, February 3-5, 2014.

[14] “Language, Identity, Islam, and Community among Uyghurs” (invited) Minorities in Islam/Muslims as Minorities
Wake Forest University: October 18-20, 2012

[15] “Uyghur Immigration to Turkey: History, Memory and Identity”
Historical Society Immigration Workshop
Bilkent University (Ankara, Turkey): April 26-27, 2012

[16] “History, Development and Future Prospects of Bilingual Education and  Uyghur Identity” 17th Annual Study of Nationalities World Convention Columbia University: April 19-21, 2012

[17] “Gender Roles as Seen Through Wedding Rituals in a Rural Uyghur Community”
The Power of Identity: Forces of Change in Inner Eurasia  Princeton University: March 31, 2012

[18] “'Bilingual Education', Language Policy and Identity among Uyghurs,  Xinjiang, China” The Twelfth Annual Central Eurasian Studies Society (CESS) Conference  Columbus, Ohio: September 15-18, 2011

[19] “Uyghur Relations and Roles in Connection with China’s Relationship to  the Central Asia Republics” (invited)
The Joint International Scientific Conference
Baku, Azerbaijan: May 23-24, 2011

[20] “Sources and Perspectives on Late Nineteenth Century Uyghur History”  Turkish Congress of History
Ankara, Turkey: September 20-24, 2010

[21] “Uyghur Religious and Secular Education and Its Interaction with Islam,”  The Turks and Islam (Indiana University Ottoman and Modern Turkish  Studies international conference) Indiana University: September 11, 2010

[22] “Deryabuyi: A Microcosm of Social Change in Xinjiang”
The Ninth Annual Central Eurasian Studies Society (CESS) Conference
Georgetown University: September 19, 2008

[23] “Cultural and Political Change in Deryabuyi: Exploding the Myths”  The Fifteenth Annual Association for Central Eurasian Students (ACES)  Central Eurasian Studies Conference Indiana University: March 22, 2008.


UNIVERSITY COLLOQUIA AND SPECIAL OUTREACH EVENTS

[24] Introductory talk and preface to showing of the Uyghur film “Sarang”
Central Asian Studies Week event (Davis Center for Russian and Eurasian Studies at Harvard University): October 24, 2011.

[25] “Social Change in ‘Xinjiang’ PRC”
Harvard University: April 30, 2008.

[26] “Demographic, Language and Educational Changes in Xinjiang PRC,” Harvard University: April 24, 2008.

[27] “Economic, Political and Social Change in Deryabuyi”
Before the Harvard University Central Asia and Caucasus Working  Group Harvard University: March 18, 2008

[28] “My Journey to the US”
Before Facing History and Ourselves
Boston, Massachusetts: November 28, 2007

[29] “My Personal Struggle for Higher Education, Freedom and Self Determination” Harvard University: November 25, 2007

[30] “The Influence of Uyghur Culture on the Turkic People”
Ankara University (Ankara, Turkey): June 13, 2004

[31] “The Relationship between the Saljuq, a Central Asian Empire, and the  Uyghur Qarakhanids Kingdom in the 10th-12th Centuries”
Ankara University (Ankara, Turkey): January 15, 2002


bagdax

0

تېما

0

دوست

2632

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35733
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 826
توردىكى ۋاقتى: 193
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-23 13:53:09 |ئايرىم كۆرۈش
ۋەتەندە خىزمەت تاپامماي خارۋارىدقا بېرىپ ئىشلەپتۇدە،بۇمۇ ياخشى بۇپتۇ، بىلىمنىڭ قەدرى نەدە بولسا شۇ يەردە ياشاشمۇ يامان ئىش ئەمەس.

2

تېما

0

دوست

989

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   97.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31959
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 298
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-20
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-23 14:19:50 |ئايرىم كۆرۈش
ئىنتايىن سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل بىر ئىنسان، ئىلىمگە يېقىن، پۈچەكلىكتىن يىراق. كەمتەرلىككە يېقىن، داۋراڭدىن يىراق، بىرسىگە ياردەم قىلىشنى شەرەپ بىلىدۇ، شۆھرەت، بايلىق دېگەنلەرگە ئانچە قىزىقمايدۇ. يىل ئاتلاپ ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇلغىنىنى بۈگۈن كۆرۈشۈم.  ئىلان تەشۋىقاتتىن خالىي مۇشۇنداق ئەھلى ئىلىملەرنى ئەركىنكام كۆپرەك تونۇشتۇرۇپ، ياشلارغا ئىلھام بەرسە ياخشى. كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر، ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولار، ئۇلارمۇ بەش ئەزايى ساق ئادەملەر، مەن نېمە بولغان ئادەم دەپ ئويلايدىغانلار چىقار، دۇنيا ئەلۋەتتە ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەدىن چوڭ، خەلقئارالىشىش ئاۋۋال چەت ئەلدە ئوقۇشتىن باشلىنىدۇ، ئىسپانىيە بىلەن ئىتالىيەمۇ ياخشى، پەرەڭ دۆلىتىدە ئۇيغۇرلار ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، ئائىلە ھەممىدىن مۇھىم، ئۇنىڭدىن ئېشىنغاندا ئاندىن مىللەت، دۆلەت دېگەنلەرنى ئويلىيالايسىز.  چوڭ چوڭ ئىشلارنى ئويلىيالىسىڭىز، ھېچ بولمىغاندا پۈچەك خىياللاردىن، ئاقماس ئىشلاردىن قۇتۇلالايسىز.  ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانمۇ تاپالايسىز.

0

تېما

5

دوست

5336

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33156
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1666
توردىكى ۋاقتى: 333
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-5
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-23 15:48:53 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇتۇقلار بولسۇن...
bagdax

0

تېما

0

دوست

1157

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   15.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  37896
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 370
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-16
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-23 16:13:29 |ئايرىم كۆرۈش
يەنە بىر ئوغلانىمىز بىلەن تونۇشۋالدۇق ،تولىمۇ سۆيۈندۈم.

0

تېما

4

دوست

6791

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   35.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 2068
توردىكى ۋاقتى: 297
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-5
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-23 17:40:37 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت ،ھارمىغايسىز !

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

14

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   40.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6457
توردىكى ۋاقتى: 1683
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-2
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-23 17:43:14 |ئايرىم كۆرۈش
راستىنلا تىرىشچان يېگىت ئىكەن.مۇشۇنداق ئىلىم سۆيەر ياشلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ چىقىشى بىزنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇردىدۇ .ھايات داۋاملىشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىزىغا قاراپ ،كېيىنكىلەر تېخىمۇ ئىلگىرلەيدۇ.

5

تېما

1

دوست

1580

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43825
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 480
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-22
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-23 21:42:08 |ئايرىم كۆرۈش
دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ۋەتىنىگە ۋە خەلقىگە يەتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى، دەپ ھېسابلاپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. ئەمما ۋەتەندە خىزمەت تاپالمىغان .  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )