بۇ يازمىنى ئاخىرىدا marip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-24 22:27
23-ئۆكتەبىر ئاقتۇ ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە 2015-يىللىق كىتاب ئوقۇشتىن تەسىرات سۆزلەش پائالىيتى ئۆتكۈزلدى،پائالىيەتكە ئاقتۇدىكى يازغۇچى شائىرلار، جامائەت ئەربابلىرى،ئارتۇچ مۇئەللىم قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.پائالىيەت باشلىنىپ ئارتۇچ مۇئەللىم كىتاب ئوقۇش ،قانداق ئوقۇش ،كىتاب ئوقۇشنىڭ قەدەم باسقۇچىلىرى ھەققىدەقىسقا لىكسىيە سۆزلىدى،ئۇنىڭدىنكىيىن شائىر،ئاقتۇ 1-ئوتتۇرا ۋە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ پەخرىلىك رەھبىرى ئەنىۋەر ھاشىم،كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ، ئاقتۇ خەلىقىنىڭ پەخرلىك ئوغلى ئەنىۋەر سادىق كۆكنۇر ئەپەندىلەر تەبرىك سۆز قىلدى. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاربەس-بەستە ئوقۇغان كىتابلىرىدىن ئالغان تەسىراتلارنى سۆزلىدى ، تولۇق3-يىللىق1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئايشەمگۈل« ئانا يۇرت» رومانىدىن ئالغان تەسىراتنى سۆزلىگەندە مەيدان سۇكىناتقا چۆكتى.ئاندىن ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلىغان ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى ئىتوتتىن ھەممەيلەن قانغۇدەك كۈلۈشتى.ئاخىردا ھەر ساھە زاتلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كىتاب تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزلگەندە كىتابخۇمار ساۋاقداشلار كىتاب ھەدىيە قىلىغۇچىلارنى ئورىۋىلىشتى.مەيداندا ھاياجانلىق بىر كەيپىيات نامايەن بولدى.ئارتۇچ مۇئەللىم يىتىم بالىلار كىتاب فوندىدىن 1700 يۈەن قىمىتىدىكى كىتابنى سوۋغا قىلدى ھەمدە رەھبىەرلەر ۋە يازغۇچىلارغا «ئىزچىلار»قاتارلىق كىتاب ۋەئىزچىلار ئاۋازى رادىئوسىنىڭ «كىتاب ھەققىدە پاراڭ»قاتارلىق پىلاستىنىكىللىرىنى سوۋغا قىلدى.بۇ مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىللىرى ئارتۇچ مۇئەللىم قۇرغان يىتىم بالىلار كىتاب فوندىغا 50 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب سوۋغا قىلدى.پائالىيەت ئاخىرىداكىتاب ئالغان ئوقۇغۇچىلار ئارتۇچ مۇئەللىمنى ئىمىز قويۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىپ ئورىۋىلىشتى.سىنىپ مۇدىرىنىڭ جىددى ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئارتۇچ مۇئەللىم ۋە بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى تۇرسۇنگۈل خانىم تولۇق 3-يىللىق 1-سىنىپتا ئەۋلادلارنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە قىسقا لىكسيە سۆزلەپ بەردى ۋە ئوقۇغۇچىلار پىلاستىنكا سوۋغا قىلدى. بۇ قىتىمىقى پائالىيەتكە ئوقۇغۇچىلاردىن 4700 نەپەر ، ئوقۇتقۇچىلاردىن 100 نەپەردىن ئارتۇق ئىشتىراك قىلدى،ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 3-ھەپتىسى بۇ مەكتەپنىڭ كىتاب ئوقۇش ھەپتىلكى قىلىپ بىكىتىلدى.بىز شۇنچىلىك ھاياجان ئىلكىدە قويۇق بىر ئىلىم كەيپىياتنى كۆردۇق،قىرىنداشلىرىمىز مۇشۇنداقلا تىرشىدىكەن ،كەلگۈسىمىز ھەرگىز قاراڭغۇ بولمايدۇ!
|