قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1557|ئىنكاس: 9

تاشپولات: پەرزەنت تەربىيىلەشنىڭ ئۇلى - مېھرىبانلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

226

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 25
مۇنبەر پۇلى: 562
تۆھپە : 4236
توردىكى ۋاقتى: 293
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-25 11:55:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-25 12:08  

پەرزەنت تەربىيىلەشنىڭ ئۇلى - مېھرىبانلىق

تاشپولات روزى

163333-425x283-teacher-and-children.jpg


ئوقۇتقۇچى دېگەن نېمە؟

    مەكتەپ مائارىپىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى بەك كۆپ بولغاچقا، ئوقۇتقۇچىغا ئېنىق قىلىپ ئېنىقلىما بېرىش مۇرەككەپ بولسىمۇ، بىراق بىر ئېغىز گەپكە يىغىنچاقلىساق، ئوقۇتقۇچى دېگىنىمىز ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى، ئۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئەقىل ۋە  ئىلھام بەرگۈچىنى كۆرسىتىدۇ. ئوقۇتقۇچىدا ناھايىتى كۈچلۈك ئاكتىپ خاراكتېر بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، سەۋرچان، مېھرىبان، كۆيۈمچان، سەمىمىي، ھەقىقىي، دوستانە، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئېھتىياتچان، چېچەن قاتارلىقلار.

     مەن بۇ يىل ئۈندىداردا سىنىپ ئىچىدە يۈز بەرگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىسىنى ئۇرۇۋاتقانلىقى قىلمىشى توغرىلىق تارتىلغان سىننى كۆرگەن ئىدىم. بىر كۆرۈنۈشتە ياش ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇزۇن سۈپۈرگىنى تۇتۇۋېلىپ قاتتىق ۋارقىراپ ئوقۇغۇچى بالىنى ئۇرۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. يەنە بىرى بولسا مەلۇم ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بېشىگە نوقۇپ بالىنى دۆت دەپ تۇرغان كۆرۈنۈشى. بۇ ئىككى سىننى كۆرۈپ مېنىڭ يۈرىكىم قاتتىق ئېچىشتى ۋە غەزىپىم قاتتىق قوزغالدى. يېقىندا بىرىنىڭ دېيىشىچە قوشنىسى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىكەن بىراق مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ بالىسىنى قاتتىق ئۇرىدىكەن. بۇ ئېغىر قىلمىشقا نىسبەتەن قولۇمغا قەلەم ئېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ بىراق مەكتەپتىكى ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىمنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرالماي كەلگەنىدىم. بىراق بۇ ئوقۇغۇچى ئۇرۇشتەك ئېغىر قىلمىش ھەر قېتىم كۆز ئالدىمغا كەلگەندە، بۇ ئەخلاقسىز ئوقۇتقۇچىلارغا نەپرىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى. مەن ھازىرغىچە بۇ ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆز قىلمىشىنى ئۈستىگە ئېلىپ بىرەر بايانات ئېلان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلاردىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن، جەمئىيەتتىن ئەپۇ سورىغانلىق توغرىسىدا بىر ئېغىز گەپ ئاڭلاپ باقمىدىم. ئەسلىدە قىلغان خاتا قىلمىشلارنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۆزرىخاھلىق ئېيتىشمۇ ئىنساننىڭ ياخشى ئەخلاقى ئىدى. مېنىڭ بۇ يەردە بۇنداق ئەخلاقسىز ئوقۇتقۇچىلارنى تەنقىدلىشىم ھەرگىزمۇ بىزنىڭ بارلىق ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ياخشى ئەمەس دېگەنلىك ئەمەس. ئەلۋەتتە بىزنىڭ كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئەخلاقلىق، مەكتەپنى، جەمئىيەتنى، ئوقۇغۇچىلارنى سۆيىدۇ. ئۇلار جاپالىق رايونلاردا ھارغان چارچىغىنىغا قارىماي بىر ئۆمرىنى ئوقۇغۇچى تەربىيىلەشكە بېغىشلاۋاتقان نامسىز قەھرىمانلاردۇر. مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق ئالىيجاناب روھىغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن. ئۇلارغا چەكسىز ھۆرمىتىم بار!  مىللەتنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز تىرىشىۋاتقان بۇ ئۇلۇغ ئوقۇتقۇچىلارغا مەندىن ئوتلۇق سالاملار بولسۇن!

   مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا 30 يىلدىن ئاشتى ھازىرغىچە بىرەر ئوقۇغۇچىغا قاتتىق ۋارقىرىغان ۋە ياكى ئۇلار بىلەن گەپ تالىشىپ باققان ۋاقتىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. مەن كىچىكىمدىن تارتىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا ئۇرۇپ تەربىيىلىشىگە قاتتىق قارشى بولغانلىقىم سەۋەبىدىنمۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ بالا ئۇرۇپتۇ دېگەن گەپنى ئاڭلىسام بەدەنلىرىمنى تىترەك باسىدۇ. مەن ياپوندا ئوقۇدۇم ھەم ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە كىرىشتىم. ھازىر ئامېرىكىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ماتېماتىكا پروفېسسورى بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. بۇ ئىككى دۆلەتتە تۇرغىنىمدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىنى ئۇرغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىدىم. ياپوندىكى ۋاقتىمدا ئوقۇتقۇچىنىڭ بالا ئۇرۇشى ئەمەس ئىككى ياپونلۇقنىڭ گەپ تالىشىپ ۋاقىراشقىنىنى ياكى مۇشتلاشقىنىنى تېخىمۇ كۆرۈپ باقمىدىم. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونلۇقلار ئىنسان قىلمىشىدىن چىقىپ ئادەم ئۆلتۈرگەن ۋە ئادەم سويغان ئىدى. ياپونلۇقلارنىڭ بۇنداق ئەخلاقلىق بولۇشى ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇلار «ھازىرقى زامان ئەخلاق تەربىيىسى»نى مەكتەپلەردە ئۆگىنىپ نېمىنىڭ خاتا نېمىنىڭ توغرىلىقىنى چوڭقۇر تەنقىدىي ئويلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ بۇنداق ئۇلارنىڭ ئېسىل ئەخلاق پەزىلىتى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيىسىنى، ئائىلە تەربىيىسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇتۇپ، بالا تەربىيىلەپ كەلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

   ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىنىمغا 14 يىل بولغان بولسىمۇ، سىنىپ ئىچىدە ئوقۇغۇچى بالىلار بىلەن گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالىدىغان بىرەر ئىش يۈز بەرمىدى. ھەم مەن دەرس ئۆتكەن مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىنىڭ بالا ئۇرۇپتۇ دېگەندەك سۆزلەرنىمۇ ئاڭلاپمۇ باقمىدىم. ئامېرىكا تېلېۋىزور ۋە رادىئو خەۋەرلىرىدىن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇپ قويغانلىق ياكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانلىق خەۋىرىنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان. ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىشى قاتتىق چەكلەنگەن. يۇقىرىقىدەك  دىيارىمىزدا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچى ئۇرۇش مەسىلىسى ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە يۈز بەرسە، ئوقۇتقۇچى مەكتەپتىن دەررۇ چېكىندۈرۈلىدۇ ياكى بۇ ئىشنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىدۇ. قىلمىشى ئېغىرلارغا جىنايەت ئارتىپ مەسىلىنىڭ سوت ئىچىدە بىرتەرەپ قىلىنىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ. بۇ يەردىكى بىر ياخشى ئەھۋال ۋەقە سادىر قىلغان ئوقۇتقۇچى ئۆز خاتالىقىنى دەرھال ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، جامائەتتىن، ئوقۇغۇچىدىن ۋە ئوقۇغۇچى ئائىلىسىدىن دەررۇ ئەپۇ سورايدۇ. بۇنداق ئوقۇغۇچى ئۇرۇشتەك ئېغىر ئەخلاق مەسىلىسىدە ئامېرىكا خەلقى ھەرگىزمۇ ئوقۇتقۇچىغا ئىچ ئاغرىتىپ يان باسىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ. چۈنكى بۇلاردا نېمىنىڭ خاتا قىلمىش ئىكەنلىكى كىچىكىدىن باشلاپ كاللىسىدا ئېنىق بولغاچقا خاتا ئىشقا سەۋەب ئىزدەپ ئۇنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنمايدۇ. بىزدە يامان ئىش كۆزىمىزنىڭ ئالدىدا كۆرۈلۈپ تۇرسىمۇ ئۇنى يامان دېيەلمەيدىغان ساپا خېلى يۇقىرى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئەگەردە ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچىنى كەمسىتىش ياكى ئۇرۇپ قويۇش ئىشلىرى يۈز بېرىپ، مەكتەپ تەرەپ مەسىلىنى دەررۇ ھەل قىلماي بىپەرۋالىق قىلسا، ئاشۇ مەكتەپ ئەتراپىدىكى جامائەت ياكى ناھەقچىلىككە چىداپ تۇرالمايدىغان بەزى بىر ئورگانلار ۋە شەخسىيلەر مەكتەپ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، مەكتەپنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەپ ھەتتا سوت ئورۇنلىرىغا ئەرز قىلىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم مەكتەپتە يۈز بەرگەن ناچار قىلمىشلار ئامېرىكا جەمئىيىتىدە يوشۇرۇنۇپ قالىدىغان ئىش ئەسلى مەۋجۇت ئەمەستۇر. ئامېرىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتىلا ئەمەس، ئائىلىسىدىمۇ تەن جازالىرىغا ئۇچرىشىغا ۋە ياكى ۋارقىراپ قورقۇتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئېغىر دەرىجىدىكى قىلمىشلار كۆرۈلسە قانۇن جەھەتتىن جازالىنىپ تۈرمىگە قامىلىدۇ. ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچىلارغا ئائىلىسىدە ئاتا-ئانىنىڭ ناھەق ئۇرۇشىغا يول قويماسلىق ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ دەردىنى دېيەلەيدىغان تېلېفون مۇلازىمىتى نومۇرى تارقىتىپ بېرىلگەن. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا سىنىپ ئىچىدە يۇقىرىقىدەك قىلمىشلارنىڭ بار يوقلۇقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. مەن تۇرۇۋاتقان مۇشۇ لوس ئانجېلېستا تۇرىدىغان بىر قېرىندىشىمىزنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇ ۋەتەندىن يېڭى كەلگەن مەزگىللىرىدە، بىر كۈنى ئەتىگىنى ئوغلى مەكتەپكە مېڭىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا بىر ئىش بىلەن قاتتىق خاپا بولۇپ ۋارقىراپ مەكتەپكە يولغا ساپتۇ. ئوغلى مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن روھىي جەھەتتىن ئۇچرىغان ناھەقچىلىككە چىدىماي سىنىپتا گەپ قىلماي خاپا چىراي ئولتۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئوقۇتقۇچىسى بۇ بالىنىڭ ئادەتتە بەك خۇشخۇي يۈرىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، بالىدىن زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ. ئۇ بالا ھېچ ئىش بولمىدى دەپلا قويۇپتۇ. بىراق ئوقۇتقۇچى بۇ بالا چوقۇم بىر ئىشقا ئۇچرىدى دەپ ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ سوراپتۇ، بالا ئاخىرى يىغلاپ كېتىپ ئەھۋالنى ئوقۇتقۇچىسىغا دەپ بېرىپتۇ. بۇنى بىلگەن ئوقۇتقۇچى ئەھۋالنى مەكتەپكە مەلۇم قىپتۇ. مەكتەپ بۇ بالىنىڭ دادىسىنى مەكتەپكە چاقىرىپ، بۇنداق قىلىشنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىش ئىكەنلىكىنى، قىلغان قىلمىشىنى توۋا قىلىپ بالىسىدىن ئەپۇ سورىشىنى، بۇندىن كېيىن بالىغا قارىتا بۇنداق ناچار ئىشنى قىلسا، ساقچى ئورۇنلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇ قېرىندىشىمىز شۇ يەردە مەكتەپتىن ۋە بالىسىدىن قىلغان ئىشى توغرىلىق ئەپۇ سوراپتۇ. بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ دېيىشىچە شۇ كۈندىن باشلاپ بالىنى قانداق تەربىيىلەشنى ئۆگەندىم، ھازىرغىچە بالامغا بىرەر قېتىم ۋارقىراپ باقمىدىم، ھازىر ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىنىمدە قولىمىزنى بىر بىرىگە ئۇرۇشۇپ كۆرۈشىدىغان يېقىن دوستلاردىن بولدۇق دېدى. ئۇ بىزگە يەنە ئاتا-بالا مۇناسىۋىتىمىزمۇ شۇنىڭدىن باشلاپ تېخىمۇ ياخشى بولدى، بالىنى ئۇرماي تەربىيىلىسىمۇ بالا ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىدىكەن دەپ بىزگە تەربىيە بەردى. تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا بالىنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ۋارقىراپ ئۇرۇپ تەربىيىلىسىڭىز، بالا سىزگە كۆرۈنۈشتە قورقۇپ سىزنىڭ گېپىڭىزگە كىرگەندەك، سىزنى ھۆرمەتلىگەندەك قىلغان بىلەن يۈرىكىدىن سىز قىلغان قىلمىشلارنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدىكەن. شۇڭا بالا ئۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارقىراش بالا تەربىيىلەشتىكى ئەڭ ناچار قىلمىش بولۇپ ئۇنى ھەرگىز يېنىكلىك بىلەن كەچۈرۈشكە بولمايدۇ. شۇڭا بالىڭىزنى ياراملىق تەربىيىلەيمەن دېسىڭىز، ئۇنىڭغا مۇھەببىتىڭىزنى يەتكۈزۈڭ، ئۇنىڭ ئويلاۋاتقانلىرىنى ۋاقىت چىقىرىپ ئاڭلاڭ، ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈڭ ھەم ماختاڭ.

ئىنسان مائارىپ تەربىيىسىنى ئالغاندىلا ئاندىن ئادەمدەك بولالايدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ بىلىشى، ئەخلاقى، ئەقلى تەربىيىلەنمىسە ئۇنىڭ ھايۋاندىن ئانچە چوڭ پەرقى بولمايدۇ. تەربىيە ئىچىدە ئەخلاق تەربىيىسىلا ئىنساننىڭ «ئادىمىيلىكى بولغان ئادەمدەك» بولۇپ تەربىيىلىشىدە ئاساسلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى دۇنياغا نەزەر سالساقلا بىلىپ ئېلىش تەس ئەمەس. بۇنىڭ تىپىك مىسالى ياپونىيە.  ھازىرقى زامان ئەخلاق مائارىپى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانلىرىدا مەكتەپلەردە تەكىتلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئەخلاق تەربىيىسىدە مەكتەپلەرگىلا قاراپ قالماي، ئائىلەردىمۇ ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم.  ئائىلىلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەخلاق تەربىيىسى ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا ئېلىپ بارغان ئەخلاق تەربىيىسى بولۇپ، بالىنىڭ بىر ياخشى ئەخلاق تەربىيىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىنىڭ مائارىپ ساپاسى ۋە ئەخلاقىنىڭ قانداق بولۇشى بەك چوڭ تەسىر قىلىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىنىڭ ئەخلاقىدا مەسىلە بولسا، تەبىئىيلا ئۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ۋە ئەخلاقىدا مەسىلە پەيدا بولۇپ چىقىدۇ. بىر بالىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇمىغانلىقى ئۇنىڭ جەمئىيەتتە تەلەپ قىلىنغان ئەخلاقتىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ جەمئىيەتتە ياخشى ئادەم بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەكتەپلەردە ئوقۇغان ياكى ئوقۇمىغانلىقى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا بىز مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇۋاتقان بالىلىرىمىزنى قەدىرلىشىمىز، ھۆرمەتلىشىمىز، ئۇرماسلىقىمىز لازىم. سىنىپ ئىچىدە ئوقۇغۇچى تەرىپىدىن ھەرقانداق مەسىلە پەيدا بولسا، ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىپ ناھايىتى سوغۇققانلىق بىلەن بولغان ئىشقا مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم. سىنىپ ئىچىدە مەسىلە ئېغىر بولسا، باللىرىمىزنى ئىشخانىلىرىمىزغا چاقىرىپ ئەكېلىپ مەسىلە ھەل قىلغىنىمىز ئاقىلانە ئىش. سىنىپ ئىچىدە بالا ئۇرۇپ تەربىيىلەش، بۇرۇنقى زامانلاردا ئۆتكەن ئىنتايىن يامان قىلمىشلاردۇر. بىر بالىنى سىنىپ ئىچىدە شۇنچە كۆپ دوستلىرىنىڭ ئىچىدە خالىغانچە دۆشكەللەش، خالىغانچە ئۇرۇش، خالىغانچە دۆت دەپ تىللاش، ئاشۇ بالىنىڭ ۋىجدانىنى ۋە غورۇرىنى يەرگە ئۇرغانلىق! بۇنداق نومۇس ئىشنى بىز ئوقۇتقۇچىلار ھەرگىز قىلمايلى. ئەگەردە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى سىزگە ئېغىر كەلسە ئىككىلەنمەي ئورنىڭىزنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىڭ. چۈنكى سىز بىر بالىغا تەربىيە بېرىۋاتمايسىز، سىز ئاز دېگەندە 30-40 بالىغا تەربىيە بېرىۋاتىسىز. سىز بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان غۇنچىلارنى تەربىيىلەۋاتىسىز. سىزنىڭ خىزمىتىڭىز مۇئاش ئۈچۈنلا بولۇپ قالمىسۇن. ئۆگىنىڭ،  تىرىشىڭ يېڭى ئوقۇتۇش مېتودلىرىنى ئىگەللەڭ. مېنىڭچە ئوقۇتقۇچى تىرىشسا ئۆزىدە ئەڭ ياخشى مىنۇتنى بەرپا قىلالايدۇ. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم زالىملىق ئارقىلىق ئالىم تەربىيىلەيدىغان كونا، ۋاقتى ئۆتكەن كارغا كەلمەيدىغان ئۇسۇللىرىمىزنى چۆرۈپ تاشلاپ، مېھرىبانلىق ۋە ياخشى ئەخلاق تەربىيىسى ئارقىلىق بالىلىرىمىزنى تەربىيىلەيلى! «سىلىق سۆز تاشنى يارار» دېگەن ئېسىل ئەنئەنىمىزنى جارى قىلدۇرايلى!

2015-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا كالىفورنىيە لوس ئانجېلېستا يېزىلدى.
uyghuray

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   38.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1956
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6147
توردىكى ۋاقتى: 1636
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-25 12:21:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللاشنى بېسىپ ،بۇ يازمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم. ئۇستازنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

7

دوست

3827

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   60.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1160
توردىكى ۋاقتى: 289
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-25 13:04:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئالدىقى كۈنى كىچىك ئوغلۇمنىڭ سىنىپ مۇدىرى بىر قىزنى ئۇرغانلىقتىن، ئاتا-ئانىسى باشقا سىنىپقا يۆتكەم ئەچىكەتكىننى ئاڭلاپ بەك ئەپسۇسلانغان ئېدىم.


  
uyghuray

0

تېما

0

دوست

901

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   80.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23072
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 298
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-25 13:12:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن توغرا گەپلەر.يازمىڭىزغا رەخمەت.
بالىنى تەنقىدلەش ئىشلىرى قىسمەن ھالدا ساقلىنىپ قىلىۋاتىدۇ.ئەمما ھازىر بىز  تىرىشىپ يىڭى تەربىيە بۇيىچە مەكتەپلىرىمىزدە بالا ئۇرمايدىغان ،سىلىق تەربىيە قىلىدىغان ،بولمىسا ئاتا-ئانىسىنى چاقىرىپ كىلىپ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ئوڭشايدىغان بولدۇق.
بىز قاچان نەتىجىنى ئاساس قىلىشتىن ۋاز كىچىپ  ئەخلاقلىق بالا تەربىيلەپ چىقىشقا يۈزلەنسەك بۇ مەسىلە ئوڭشۇلاتتى.،ئەمما چوڭ جەھەتتىن مەكتەپلەرنى ،ئوقۇتقۇچىلارنى نەتىجىسى ئارقىلىق باھالاش بولىۋاتقاچقا بالىغا ئاچچىقلىنىش ھادىسلىرى قىسمەن يۈز بىرىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن،شەخسەن ئۆزەم.

0

تېما

6

دوست

3761

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   58.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34035
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1184
توردىكى ۋاقتى: 357
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-26 11:18:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      مىھىرلىك بولسا كىشى
بەركەت تاپار قىلغان ئىشى
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

2

دوست

4331

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35417
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1312
توردىكى ۋاقتى: 412
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-26 17:41:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تاس قاپتىمەن ئوقۇماي ئۆتۈپ كەتكىلى...
  مائارىپنىڭ مۇكەممەللىكى ئالدى بىلەن سىياسى تۈزۈلمىنىڭ مۇكەممەللىكىدە ئوخشايدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )