- تىزىملاتقان
- 2011-1-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3462
- نادىر
- 11
- يازما
- 64
ئۆسۈش
48.73%
|
ئويلاپ بېقىڭ. مەلۇم بىر بانكا ھەركۈنى سەھەردە سىزنىڭ ئامانەت كارتىڭىزغا86مىڭ400دوللار سېلىپ قويدى دەيلى،ئەمما كەچ كىرگەندە سىز خەجلەپ بولالمىغان پۇللار ئۆزلىكىدىن يوقاپ كەتسە، سىز قانداق قىلىسىز؟سىز چوقۇم بىر ئامال قىلىپ پۇلنىڭ ھەممىسىنى خەجلەپ بولۇشنى ئويلايسىز، ئەلۋەتتە!
ھەربىر ئادەمدە مۇشۇنداق بىر بانكا بار، ئۇنىڭ ئىسمى<<ۋاقىت>>.
ئۇ ھەركۈنى سىزنىڭ ئامانەت كارتىڭىزغا 86مىڭ 400سىكۇنىتنى سېلىپ قويىدۇ، كەچ كىرگەندە ئۇنى بىراقلا يوق قىلىۋېتىدۇ.ئەگەر، مەبلەغ سالماي تۇرۇپ پايدىغا ئېرىشىمەن دېسىڭىز ئۇ چاغدا پۈتۈنلەي زىيان تارىتقان بولىسىز. ئارقىڭىزغا چېكىنىشكە يول يوق، ھەتتا ئەتىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىشكىمۇ ئامالىڭىزمۇ يوق. سىز پەقەت بۈگۈنكى ئامانەت پۇلىڭىزغا تايىنىپلا ياشىيالايسىز.
<<بىر يىل>>نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بىماردىن سوراڭ.
<<بىر ئاي>>نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، بالدۇر تۇغۇپ قويغان ئانىدىن سوراڭ.
بىر<<ھەپتە>>نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ھەپتىلىك گېزىت چىقىرىدىغان گېزىتخانىنىڭ مۇھەررىرىدىن سوراڭ.
<<بىر سائەت>>قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، مەشۇقىنى ساقلاۋاتقان يىگىتتىن سوراڭ.
<<بىر مىنۇت>>نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، پويىزغا ئۈلگۈرەلمىگەن يولۇچىدىن سوراڭ.
<<بىر دەقىقە>>نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىدىن سوراڭ.
يىغىپ ئېيىتقاندا، ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق بولغان ھەربىر مىنۇتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ۋاقىت ھەرگىز ساقلاپ تۇرمايدۇ.
<<تۈنۈگۈن>>-بىر تارىخ،<<ئەتە>>-بىر سىر،ئەمما بۈگۈننىڭ ئۆزىمۇ بىر سوۋغا.
تەرجىمە قىلغۇچى:پولات ئاماننىياز
(تەرجىمان:تېكەس ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن)
تور يۈزىگە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى باغداش تورى : ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىڭ |
|