«ئىلى دىيار كىتابخۇمارلىرى» گۇرپىسىنىڭ 6-قېتىملىق ئىلىم چېيى 25. ئۆكتەبىر ئەتىگەندە‹‹زوردۇن سابىر خاتېرە ئۆيى››نى زىيارەت قىلىش بىلەن باشلاندى . ئىلى ئوبلاستلىق تارىخ ماتېرياللار ئىدارىسىدىن شائىر ۋە ئوبزورچى دولقۇن روزى ئەپەندى تەكلىپ بىلەن پائالىيەتكە قاتناشتى ۋە ئىلىمخۇمارلارغا زوردۇن سابىر خاتېرە سارىيىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىدىن ئەتراپلىق چۈشەنچە بەردى . زوردۇن سابىر خاتېرە ئۆيىدىكى زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پائاليەت ئىشتىراكچىلىرى نوۋىگوردتىكى ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلاۋىنىڭ رەھبىرى ئەخمەت ئەپەندىنىڭ تۇرالغۇسىنى زىيارەت قىلدى . سۆھبەت جەريانىدا دولقۇن روزى ئەپەندى غۇلجىدىكى بىر قىسىم كوچا ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىۋە غۇلجىدا ئۆتكەن مەرىپەتپەرۋەر شەخسلەرنىڭ تارىخى ھەققىدە سۆزلەپ ھەممەيلەننى ئويلاندۇردى . دولقۇن روزى ئەپەندى ئىلى تارىخىغا دائىر مول بىلىمى بىلەن ئىلىمخۇمارلارتەرىپىدىن سورالغان ئىلى تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر، چىگىش مەسىلىلەرگەئالاقىدار سۇئاللارغا تولىمۇ ئەستايىدىلجاۋاب بەردى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەجدادلارنىڭ ئىلىم مەرىپەتنى قەدىرلەش، تەرەققىياتقائىنتىلىشتەك ئېسىل ئەنەئەنىسى ۋە يېڭىلىق، گۈزەل تۇرمۇشقا، ئىناقلىققا ئەھمىيەت بېرىشتەك پەزىلىتىگە ۋارسلىق قىلىش ھەققىدىكىقىسقا ئەمما مەزمۇندار قاراشلىرى پائالىيەت قاتناشچىلىرىدا ئۇنتۇلماس ئەستىلەك ۋەئىجابىي تەسىرات قالدۇردى . پائاليەتكە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلاردىن پىشقەدەم ئەدىپ ئابلەت ئابدۇللا ئەپەندى ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن نوۋىگورت مەھەللىسىدە كۆرگەن بىلگەنلىرىۋە بۇ يەردىن يېتىشىپ چىققان ئاتاقلىق شەخسلەر ھەققىدە مول مەزمۇنلۇق بىلىم بەردى. ئاندىن پائاليەتكە تەكلىپ قىلىنغان سۇپتايلىق يازغۇچى مېركايىل نۇرالىم ئەپەندى ئۆزىنىڭ يېقىندا نەشىر قىلىنىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن ‹‹ئابرال ئۇنتۇمايدۇ ›› ناملىق رومانىنىڭ يېزىلىش جەريانى ۋە نەشىر قىلىنغۇچە يولۇققان مەسىلىلەر ھەققىدەئەتراپلىق چۈشەنچە بەردى . بۇقېتىملىق ئېلىم چېيى مول مەزمۇنلۇق ھەمدە ئەھمىيەتلىك بىر قېتىملىق يىغىلىش بولدى. ئاخىرىدا پائالىيەت ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى ئۇستازلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۇلارنىڭ تەلىمىنى ئالدى . دولقۇن روزى ئەپەندى قەلەمكەشلەر دېكلاماتسىيەقىلغان ئەسەرلەرگە نەق مەيداندا ئىلمىي، ئەتراپلىق، قايىل قىلارلىق باھا بەردى . ئۇنىڭ مۇلاھىزە كۈچى كۈچلۈك باھالىرى ۋە ئۇستازلارچە سەمىمىي تىلەكلىرى قەلەمكەشلەرنى بىر قېتىملىق ئەمەلىي يېزىقچىلىق دەرسى ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈردى . پائالىيەت چۈشتىن كېيىن سائەت 4 ئەتراپىدا ئاخىرلاشتى. 2015.يىل26.ئۆكتەبىر غۇلجىدا يېزىلدى
زوردۇن سابىر ئۆيىدىكى بىر قىسىم سۈرەتلەر :
ئەخمەت ئەپەندىم تۇرالغۇسىدىكى سۈرەتلەر :
|