قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1094|ئىنكاس: 3

<ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامى>

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

251

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 8342
تۆھپە : 5069
توردىكى ۋاقتى: 1843
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-13 12:46:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى
152 - نومۇرلۇق

[align=justify]
  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامى> نى يولغا قويۇش چارىسى» 2008 - يىل 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلدىم، 2008 - يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.[align=justify]
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى  نۇر بەكرى
2008 - يىل 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى
ئاشكارىلاش نىزامى» نى يولغا قويۇش چارىسى
[align=justify]    1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ[align=justify]  1 - ماددا  بۇ چارە ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھۆكۈمەت ھەرىكىتىنى بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوغداپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە گوۋۇيۈەننىڭ «ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامى» ۋە ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.
  2 - ماددا  ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت تارماقلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشتە، مۇشۇ چارىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.
  3 - ماددا  ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدە پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئاشكارىلىقىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش تۈپ ۋەزىپە قىلىنىدۇ.
  4 - ماددا  ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، قانۇن - نىزام ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاش، ۋاقتىدا، توغرا بولۇش، ماسلاشتۇرۇش بىردەك بولۇش، ئادىل - باراۋەر بولۇش، خەلققە قۇلايلىق ۋە پايدىلىق بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشتا، دۆلەت بىخەتەرلىكى، جامائەت بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدە بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، پۇختا يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە دېموكراتىك قانۇن - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.
  5 - ماددا  ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، مەسئۇل تارماق مەسئۇل بولۇش، مەمۇرىي ئورگان يولغا قويۇش، جەمئىيەتتىكىلەر كەڭ قاتنىشىش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش خىزمەت مېخانىزمى يولغا قويۇلىدۇ.
مەمۇرىي ئورگانلار ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى خىراجەت، ئەسلىھە، ئادەم كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردە كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنى باشقا خىزمەتلەر بىلەن بىر تۇتاش مۇھاكىمە قىلىپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
  6 - ماددا  مەمۇرىي ئورگانلار كۆپ قاتلام ۋە كۆپ خىل شەكىلدە ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، تىپىك ئۈلگىلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىنى قوللاپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىغا ۋاقتىدا، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئېرىشىشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش لازىم.
  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا توھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.
[align=justify] 2 - باب ئاپپارات ۋە مەسئۇلىيەت[align=justify]  7 - ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە پىلانلاپ، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت تارماقلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يېتەكلەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.
ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەر ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمەت تارماقلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنىڭ مەزمۇنى، تەرتىپى، شەكلى ۋە نازارەت قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز جايى ۋە ئۆز تارمىقىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تۈزۈم ۋە تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى تەشكىللەيدۇ.
  8 - ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى (ئىشخانىلىرى) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق بولۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېتەكلەش، ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەمكارلىشىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، باشقا ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق قىلىپ بېكىتىپ، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلسا بولىدۇ.
  9 - ماددا  مەمۇرىي ئورگانلار بىر خىزمەت ئاپپاراتىنى بېكىتىپ، شۇ ئورگاننىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش كۈندىلىك خىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل قىلىپ، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى ھەمدە ئاپپارات نامى، ئىشخانا ئادرېسى، ئاساسلىق خىزمەتچىلىرى، ئىش بېجىرىش ۋاقتى، ئالاقىلىشىش تېلېفونى، ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى قاتارلىقلارنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.
  10 - ماددا  مەمۇرىي ئورگان بېكىتكەن ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى ئاپپاراتى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ:
1) شۇ ئورگاننىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ئىشلىرىنى كونكرېت ئۈستىگە ئالىدۇ؛
2) شۇ ئورگاننىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش قىبلىنەماسى، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش مۇندەرىجىسىنى تۈزىدۇ؛
3) شۇ ئورگان ئاشكارىلىغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا قوغدايدۇ ۋە يېڭىلايدۇ؛
4) شۇ ئورگاننىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ يىللىق دوكلاتىنى تەييارلايدۇ ۋە يوللايدۇ؛
5) ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە شۇ ئورگان ئاشكارىلىماقچى بولغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى مەخپىيەتلىك بويىچە تەكشۈرىدۇ؛
6) شۇ ئورگان بەلگىلىگەن باشقا خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.
  11 - ماددا  مەمۇرىي ئورگانلار ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشتىكى تەشۋىقات ۋە تەربىيىلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتتىكى ساھەلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى يارىتىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ئەمەلىي پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلىشى كېرەك.
[align=justify]   3 - باب تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاش[align=justify]  12 - ماددا  مەمۇرىي ئورگانلار ئىقتىسادنى تەڭشەش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ۋە جامائەتكە مۇلازىمەت قىلىش فۇنكسىيىسىنى يۈرگۈزىدۇ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە تەۋە بولغان ئىشلاردا، دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان ۋە قانۇن بويىچە قوغدىلىدىغان سودا مەخپىيىتى، شەخسىي مەخپىيەتتىن باشقا ئىشلارنى جەمئىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلىشى لازىم:
1) پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ئىشلار؛
2) جەمئىيەتتىكى ئاۋام كەڭ دائىرىدە بىلىش ياكى قاتنىشىش زۆرۈر بولغان ئىشلار؛
3) شۇ ئورگاننىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىشى، فۇنكسىيىسى، ئىش بېجىرىش تەرتىپى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىشلار؛
4) قانۇن - نىزام ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاشقا تېگىشلىك بولغان باشقا ئىشلار.
قانۇن بويىچە قوغدىلىدىغان سودا مەخپىيىتى، شەخسىي مەخپىيەتكە چېتىلىدىغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئاشكارىلاش ياكى مەمۇرىي ئورگان ئاشكارىلىمىسا جامائەتنىڭ مەنپەئىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىن دەپ قارىغانلىرىنى ئاشكارىلاش لازىم.
  13 - ماددا  جەمئىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلىنىدىغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى ئىشلىرىنى ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلار كونكرېت بېكىتىدۇ؛ ئەمما قانۇن - نىزام ۋە مۇشۇ چارىدە بەلگىلەنگەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاشقا تېگىشلىك بولغان ئىشلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاش لازىم.
  14 - ماددا  مەمۇرىي ئورگانلار قانۇندا بېكىتىلگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە، «كىم ئىشلىسە، شۇ ئاشكارىلاش؛ كىم ئېرىشسە ۋە ساقلىسا، شۇ ئاشكارىلاش» ھوقۇق چېكىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىشى لازىم.
مەمۇرىي ئورگانلار ئىشلىگەن ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى شۇ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئىشلىگەن ئورگان ئاشكارىلايدۇ؛ مەمۇرىي ئورگانلار پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلاردىن ئېرىشكەن ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى شۇ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ساقلىغان ئورگان ئاشكارىلايدۇ. قانۇن - نىزاملاردا ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ھوقۇقى ئايرىم بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە بويسۇنۇلىدۇ.
  15 - ماددا  تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاش ئىشلىرىغا تەۋە بولغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى شۇ ھۆكۈمەت ئۇچۇرى شەكىللەنگەن ياكى ئۆزگەرتىلگەن كۈندىن باشلاپ 20 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئاشكارىلاش كېرەك. قانۇن - نىزاملاردا ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ھوقۇقى ئايرىم بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە بويسۇنۇلىدۇ.
  16 - ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۆۋەندىكى ئىشلارنى نۇقتىلىق ئاشكارىلايدۇ:
1) ھۆكۈمەت نىزاملىرى ۋە قائىدىلەشكەن ھۆججەتلەر؛
2) خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، مەخسۇس يىرىك پىلان، رايون يىرىك پىلانى ۋە ئالاقىدار سىياسەتلەر؛
3) خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ستاتىستىكا ئۇچۇرى؛
4) مالىيە خام چوت، نەقچوت دوكلاتى؛
5) چوڭ - چوڭ مەبلەغ، قۇرۇلۇش تۈرىنى تەستىقلاش ۋە يولغا قويۇش ئەھۋالى؛
6) تاسادىپىي جامائەت ۋەقەلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھىسى، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى؛
7) باج ئېلىش ۋە كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى؛
8) مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرىنى تەسىس قىلىش، بېكىتىش، تەڭشەش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛
9) دۆلەت كارخانىلىرىنى قايتا تەشكىللەش، تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش، مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى ئەھۋالى؛
10) مەمۇرلارنى تاللاپ ئىشلىتىش، شۇنىڭدەك نامراتلارنى يۆلەش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتتىكى سىياسەتلەر، تەدبىرلەر ۋە يولغا قويۇش ئەھۋالى؛
11) مۇھىم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش.
  17 - ماددا  ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەر تۆۋەندىكى ئىشلارنى نۇقتىلىق ئاشكارىلىشى كېرەك:
1) ھۆكۈمەت نىزامى ۋە شۇ ئورگان تۈزگەن قائىدىلەشكەن ھۆججەتلەر؛
2) خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، مەخسۇس يىرىك پىلان ۋە ئالاقىدار سىياسەتلەر؛
3) خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ستاتىستىكا ئۇچۇرى؛
4) مالىيە خام چوت، نەقچوت دوكلاتى؛
5) چوڭ - چوڭ مەبلەغ، قۇرۇلۇش تۈرىنى تەستىقلاش ۋە يولغا قويۇش ئەھۋالى؛
6) ھۆكۈمەتنىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش ئەھۋالى؛
7) تىجارەت خاراكتېرلىك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىش ۋە قېزىلما بايلىق ئېچىش - ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەھۋالى؛
8) باج ئېلىش ۋە كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ ئىجراسى؛
9) تاسادىپىي جامائەت ۋەقەلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھىسى، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى؛
10) مەمۇرلارنى تاللاپ ئىشلىتىش، شۇنىڭدەك نامراتلارنى يۆلەش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتتىكى سىياسەتلەر، تەدبىرلەر ۋە يولغا قويۇش ئەھۋالى؛
11) مۇھىت ئاسراش، جامائەت تازىلىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك - دورا، مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش ئەھۋالى؛
12) دۆلەت كارخانىلىرىنى قايتا تەشكىللەش، تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش، مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى ئەھۋالى؛
13) مۇھىم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش.
[align=justify] 18 - ماددا  يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۆۋەندىكى ئىشلارنى نۇقتىلىق ئاشكارىلىشى لازىم:
1) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا خىزمىتىگە ئالاقىدار سىياسەت - تەدبىرلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى؛
2) مالىيە، مالىيە ئىشلىرى كىرىم - چىقىمى؛
3) مەخسۇس مەبلەغلەر، مالىيە يۆتكىمە چىقىمى مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىشى؛
4) يېزا (بازار) لارنىڭ يەر ئىشلىتىش ئومۇمىي پىلانى، ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىشنى تەكشۈرۈش؛
5) يېزا (بازار) لارنىڭ ھەقدارلىقى، قەرزدارلىقى، مەبلەغ - ئەمگەك كۈچى توپلىشى؛
6) يەر ئېلىش ياكى يەر ئىشلىتىش، ئۆي كۆچۈرۈش ۋە تۆلەم، ياردەم بېرىش؛
7) خەۋپ ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، نەپىقە بېرىش، قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي ئىئانە قاتارلىق پۇل - ماللارنى تەقسىملەش؛
8) يېزا - بازار كوللېكتىپ كارخانىلىرى ۋە باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى ھۆددىگە بېرىش، ئىجارىگە بېرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش؛
9) پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئىجراسى.
  19 - ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمەت تارماقلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكى ئىشلارنى نۇقتىلىق ئاشكارىلىشى كېرەك:
1) شۇ ئورگان تۈزگەن قېلىپلاشقان ھۆججەتلەر؛
2) تەبىئىي بايلىق ئېچىش - ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە نامراتلارنى يۆلەش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى؛
3) ئىجتىمائىي جامائەت بايلىقىنى تەقسىملەش، ئالاھىدە ساھەلەرنىڭ بازارغا كىرىش ئىجازىتى ۋە ئالاقىدار سالاھىيەت، ئىقتىدارىنى بېكىتىش، بېرىش، شۇنىڭدەك باشقا مەمۇرىي ئىجازەت ياكى مەمۇرىي ئىجازەتتىن باشقا ئىشلارنى تەستىقلاش ئىشلىرىنى يولغا قويۇش؛
4) مەمۇرىي جازا، مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى ۋە مەمۇرىي نىسپىي ئادەم، 3 - ئادەمنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتىگە چېتىلىدىغان باشقا ئىشلارنى يولغا قويۇش؛
5) مەمۇرىي كەسپىي ھەق ئېلىش تۈرى، ئاساسى، ئۆلچىمى؛
6) ھۆكۈمەتنىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش ئەھۋالى؛
7) مەمۇرلارنى تاللاپ ئىشلىتىش ئەھۋالى.
   20 - ماددا  رايون تەسىس قىلغان شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەت تارماقلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى يەنە تۆۋەندىكى ئىشلارنى نۇقتىلىق ئاشكارىلىشى كېرەك:
1) شەھەر يېزا قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشقا ئائىت چوڭ - چوڭ ئىشلار؛
2) ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى قۇرۇلۇشى؛
3) يەر ئېلىش ياكى يەر ئىشلىتىش، ئۆي كۆچۈرۈش ۋە تۆلەم، ياردەم بېرىش؛
4) خەۋپ ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، نەپىقە بېرىش، قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي ئىئانە قاتارلىق پۇل - ماللارنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ۋە تەقسىملەش.
  21 - ماددا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلىنىدىغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى ئىشلىرىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى تەڭ ئاشكارىلاش كېرەك:
1) تارماقلارنىڭ فۇنكسىيىسى، مەسئۇلىيىتى، ھوقۇق دائىرىسى، ئۈستىگە ئالغۇچىلار؛
2) ئىش بېجىرىش ئاساسى، پرىنسىپى، شەرتى، تەرتىپى، ئۆلچىمى، قەرەلى؛
3) ئىش بېجىرىش ۋەدىسى؛
4) ئىش بېجىرىش ئىنتىزامى ۋە ئىچكى - تاشقى نازارەت مېخانىزمى؛
5) ئىش بېجىرىش نەتىجىسى ۋە مەمۇرىي قارارغا قايىل بولمىغانلارغا قانۇن ياردىمى بېرىش يولى، ئۇسۇلى، قەرەلى؛
6) ئاۋامنىڭ ئاشكارىلانغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى ئىشلىرىنى ئىگىلىشىگە قۇلايلىق بولغان باشقا مەزمۇنلار.
  22 - ماددا  ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىدا تۆۋەندىكى بىر خىل ئۇسۇلنى يالغۇز تەدبىقلاپ ياكى بىر نەچچە خىل ئۇسۇلنى بىرلا ۋاقىتتا تەدبىقلاپ بېسىش - كۆچۈرۈش، تەمىنلەش، ئېلان قىلىشقا بولىدۇ:
1) ھۆكۈمەت ئاخباراتى ياكى ھۆكۈمەت ئاشكارا تارقاتقان باشقا ئۇچۇر مەخسۇس ژۇرناللىرى؛
2) ھۆكۈمەت تور بېكىتى (تور بېتى)؛
3) ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش قىزىق لىنىيىسى، مۇلازىمەت پونكىت - نۇقتىلىرى؛
4) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى؛
5) ئارخىپخانا، ئاممىۋى كۇتۇپخانا، ئاممىۋى قىرائەتخانا، ئېلېكترونلۇق ئېكران، ئېلان تاختىسى؛
6) گېزىت - ژۇرنال، رادىئو - تېلېۋىزىيە؛
7) ئاۋامنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىغا ۋاقتىدا، توغرا ئېرىشىشىگە قۇلايلىق بولغان باشقا ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار.
مەمۇرىي ئورگانلار ھۆكۈمەت ئۇچۇرى ماتېرىياللىرىنى ھەقسىز تارقىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى؛ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى، پىكىر ئېلىش يىغىنى، يىغىننى سىرتتىن ئاڭلاش قاتارلىق شەكىل ۋە دائىرىنى كېڭەيتىشى؛ گېزىت - ژۇرنال، رادىئو - تېلېۋىزىيە قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى قېلىپلاشتۇرۇشى؛ ئېلېكترونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت تور ئوبېكىتى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
  23 - ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى كۇتۇپخانا ۋە ئارخىپخانىلاردا ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈش سورۇنى تەسىس قىلىشى ھەمدە مۇناسىپ ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم.
  24 - ماددا  مەمۇرىي ئورگانلار ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش قىبلىنەماسى ۋە ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش مۇندەرىجىسىنى تۈزۈشى كېرەك. قىبلىنەما ۋە مۇندەرىجىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى ھەمدە شۇ ئورگاننىڭ ئاساسلىق ئىش بېجىرىش سورۇنىغا قويۇپ، ئاۋامنىڭ كۆرۈشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم.
ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش قىبلىنەماسى ۋە ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش مۇندەرىجىسىنىڭ ئەندىزىسى - قېلىپىنى تۈزىسە ياكى ئۈلگە نۇسخىسىنى تۈزىسە بولىدۇ. ئەندىزە - قېلىپ ۋە ئۈلگە نۇسخىسىنىڭ مەزمۇنى گوۋۇيۈەننىڭ «ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامى» ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
[align=justify] 4 - باب ئىلتىماسقا ئاساسەن ئاشكارىلاش[align=justify]  25 - ماددا  پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگانلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلىنىدىغان ئۇچۇرلاردىن باشقا ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
  26 - ماددا  پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئىلتىماس قىلىپ ئېرىشكەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلىنىدىغان ئۇچۇرلاردىن باشقا ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى مەمۇرىي ئورگانلارغا يېزىقچە ئىلتىماس (جۈملىدىن سانلىق مەلۇمات تېلېگرامما ھۆججىتى شەكلى) قىلىشى كېرەك. يازمىچە ئىلتىماس قىلىشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار پۇقرالار ئېغىزچە ئىلتىماس قوبۇل قىلسا بولىدۇ، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغۇچى مەمۇرىي ئورگانلار ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ئىلتىماسنى ۋاكالىتەن تولدۇرىدۇ.
ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ئىلتىماسىنىڭ مەزمۇنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ياكى نامى، ئالاقىلىشىش ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ئاشكارىلاشقا ئىلتىماس قىلىنغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنىڭ مەزمۇن تەسۋىرى، ئاشكارىلاشقا ئىلتىماس قىلىنغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنىڭ شەكىل تەلىپى ۋە ئىلتىماس قىلىنغان ۋاقىت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
  27 - ماددا  پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگانلارغا ئۆزى بىلەن ئالاقىدار بولغان باج ھەققى تاپشۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش - سەھىيە قاتارلىق ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئىلتىماس قىلسا، ئۈنۈملۈك كىملىكى ياكى باشقا ئىسپات - ھۆججەتلىرىنى كۆرسىتىشى كېرەك.
  28 - ماددا  پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى ئىلتىماس قىلسا، ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان مەمۇرىي ئورگان نەق مەيداندا جاۋاب بېرىش ئىمكانىيىتى بولسا، نەق مەيداندا جاۋاب بېرىشى؛ نەق مەيداندا جاۋاب بېرىشكە مۇمكىن بولمىسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك:
1) ئاشكارىلاش ئىلتىماس قىلىنغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلانغان بولسا ياكى بەلگىلىمە بويىچە باشقا تارماقلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولسا، ھۆكۈمەت ئۇچۇرىغا ئېرىشىش ئۇسۇلى ۋە يولى توغرىسىدا ئىلتىماس قىلغۇچىنى يازمىچە خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك؛
2) ئاشكارىلاش ئىلتىماس قىلىنغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى شۇ ئورگاننىڭ ئىشلىشى، ساقلىشى، ئىگىلىشىگە تەۋە بولمىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىنى يازمىچە خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك؛
3) ئىلتىماس قىلىنغان مەزمۇن توغرا بولمىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى تولۇقلاشقا بىر قېتىمدىلا يازمىچە خەۋەرلەندۈرۈشى، نەق مەيداندا ئۆزگەرتىش، تولۇقلاش ئىمكانىيىتى بولسا، رۇخسەت قىلىشى كېرەك؛
4) ئاشكارىلاشقا ئىلتىماس قىلىنغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى مەخپىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش ئىمكانىيىتى بولسا ئاشكارىلاشقا بولىدىغان قىسىمدىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى مەزمۇنىدىن يازمىچە خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك؛
5) ئاشكارىلاش ئىلتىماس قىلىنغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان دائىرىگە تەۋە بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىنى يازمىچە خەۋەرلەندۈرۈشى ھەمدە سەۋەبىنى ئەسكەرتىشى كېرەك؛
6) قانۇن - نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە تەدبىرلىرى.
  29 - ماددا  ئاشكارىلاشقا ئىلتىماس قىلىنغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى سودا مەخپىيىتى، شەخسىي مەخپىيەتكە چېتىلسا، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان مەمۇرىي ئورگان سودا مەخپىيىتى، شەخسىي مەخپىيەت ئىگىسىنىڭ پىكرىنى يازمىچە ئېلىشى ھەمدە ئىنكاس قايتۇرۇش پىكرىنىڭ سۈرۈكىدىن خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك؛ ھوقۇق ئىگىسى ئاشكارىلاشقا قوشۇلمىسا، ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ، ئەمما ھوقۇق ئىگىسى بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكى ئىچىدە ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن ئىنكاس قايتۇرمىسا، ئاشكارىلاشقا قوشۇلدى، دەپ قارىلىدۇ.
ئاشكارىلاشقا ئىلتىماس قىلىنغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى سودا مەخپىيىتى، شەخسىي مەخپىيەتكە چېتىلسا، مەمۇرىي ئورگانلار ئاشكارىلىمىسا جامائەت مەنپەئىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، دەپ قارىسا، ئاشكارىلاش ھەمدە ئاشكارىلاش ئاساسى ۋە سەۋەبىدىن سودا مەخپىيىتى، شەخسىي مەخپىيەت ئىگىسىنى يازمىچە شەكىلدە خەۋەرلەندۈرۈش لازىم.
  30 - ماددا  مەمۇرىي ئورگانلار ئاشكارىلاش ئىلتىماس قىلىنغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئىلتىماس قىلغۇچى شەكىل بويىچە تەمىنلىشى؛ ئىلتىماس قىلغۇچى تەلەپ قىلغان شەكىل بويىچە تەمىنلەشكە مۇمكىن بولمىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىنى ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇشى، كۆپەيتىلمە نۇسخا بىلەن تەمىنلىشى ياكى باشقا مۇۋاپىق شەكىل بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشقا ئىلتىماس قىلىنغان پۇقرالاردا كۆرۈش قىيىنچىلىقى ياكى كۆرۈش - ئاڭلاش توسالغۇسى بولسا، مەمۇرىي ئورگانلار ئۇلارنى زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلىشى لازىم.
  31 - ماددا  مەمۇرىي ئورگانلار ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ئىلتىماسىغا نەق مەيداندا جاۋاب بېرەلمىسە، ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ، 15 كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىشى؛ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ياكى باشقا ئورۇنلۇق سەۋەب تۈپەيلىدىن 15 كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرەلمىسە، شۇ ئورگاندىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن 15 كۈن ئۇزارتسا ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىنى يازمىچە خەۋەرلەندۈرسە بولىدۇ.
ئاشكارىلاشقا ئىلتىماس قىلىنغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرى سودا مەخپىيىتى، شەخسلەر مەخپىيىتىگە چېتىلسا، مەمۇرىي ئورگان سودا مەخپىيىتى، شەخسلەر مەخپىيىتى ئىگىسىنىڭ ۋاقىت ھەققىدىكى پىكرىنى ئېلىشى، بۇ ۋاقىتنى جاۋاب بېرىش مۇددىتى ئىچىدە ھېسابلىماسلىقى كېرەك.
  32 - ماددا  پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مەمۇرىي ئورگانلار تەمىنلىگەن، ئۆزى بىلەن ئالاقىدار بولغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى مەزمۇنىدا خاتالىق بارلىقى ياكى خاتالىقى ئۈستىدە پاكىتى ۋە ئىسپاتى بولسا، شۇ مەمۇرىي ئورگاندىن ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. شۇ مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئۆزگەرتىشكە ھوقۇقى بولمىسا، ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بولغان مەمۇرىي ئورگاننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىنى يازمىچە خەۋەرلەندۈرۈشى لازىم.
  33 - ماددا  مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئاشكارىلاش ئىلتىماس قىلىنغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىدا، ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ئۇچۇر ئىزدەش، بېسىپ چىقىرىش، كۆپەيتىش، پوچتىدىن ئەۋەتىش قاتارلىق تەننەرخ خىراجىتىنى ئالغاندىن سىرت، باشقا خىراجەتنى ئېلىشىغا بولمايدۇ. كونكرېت ھەق ئېلىش تۈرى ۋە ئۆلچىمى گوۋۇيۈەن باھا، مالىيە مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق باھا، مالىيە مەسئۇل تارمىقىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە تەرتىپى بويىچە بېجىرىلىدۇ.
تۇرمۇشىدا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار پۇقرالار ئۆزى ئىلتىماس قىلسا ھەمدە ئىسپات بىلەن تەمىنلىسە، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغۇچى مەمۇرىي ئورگاننىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى ئاپپاراتى تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار خىراجەتنى كېمەيتسە ياكى كەچۈرۈم قىلسا بولىدۇ.
[align=justify]   5 - باب كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش[align=justify]  34 - ماددا  قانۇن - نىزام، قائىدە - بەلگىلىمىلەردە ئاۋۋال ئاشكارىلىنىپ، ئاندىن قارار قىلىنىدىغان ئىشلار، شۇنىڭدەك پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ زور مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان باشقا ئىشلارنى مەمۇرىي ئورگان قارار چىقىرىش ياكى يولغا قويۇش، بېجىرىشتىن ئىلگىرى ئاۋۋال جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.
ئاشكارىلاش قەرەلىدە تاپشۇرۇۋېلىنغان ئىنكاس - پىكىرلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاش ۋە مۇھاكىمە قىلىش؛ تەكلىپ - تەنقىدلەر قانۇنلۇق، ئورۇنلۇق، ئىلمىي ياكى ئورۇنلۇق، پايدىلىق بولسا، تولۇق پايدىلىنىش كېرەك.
  35 - ماددا  مەمۇرىي ئورگانلار ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش مەخپىيىتىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش تەرتىپى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى لازىم.
ئاشكارىلىماقچى بولغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداش قانۇنى» ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش بويىچە تەكشۈرۈش؛ ئاشكارىلاشقا بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى بېكىتىشكە مۇمكىن بولمىسا، ئالاقىدار مەسئۇل تارماق ياكى مەخپىيەتلىك خىزمىتى ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىپ بېرىشىگە يوللاش لازىم.
  36 - ماددا  مەمۇرىي ئورگانلار ئېلان قىلماقچى بولغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى باشقا مەمۇرىي ئورگانلارغا چېتىلسا، ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگانلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە بېكىتىشى، ئېلان قىلىنغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنىڭ توغرا، بىردەك بولۇشى، قانۇنلۇق، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
  37 - ماددا  ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدە يىللىق دوكلات قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى يىللىق دوكلاتى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:
1) ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاش ئەھۋالى؛
2) تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلىنىدىغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى قوغداش، يېڭىلاش ئەھۋالى؛
3) ئاشكارىلاش ئىلتىماس قىلىنغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى، قىسمەن ئاشكارىلىنىدىغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى ۋە ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرى قاتارلىق كونكرېت ئەھۋاللار؛
4) ئاشكارىلاش ئىلتىماس قىلىنغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەققى ۋە ھەق كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش ئەھۋالى؛
5) ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش، مەمۇرىي دەۋا ۋە مەمۇرىي تۆلەم ئەھۋالى؛
6) ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالى؛
7) قانۇن - نىزاملاردا بەلگىلەنگەن دوكلات قىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار.
مەمۇرىي ئورگانلار ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى يىللىق پىلانىنى كېيىنكى يىلى 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقىغا يوللىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.
[align=justify]
  38 - ماددا مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ھەر قانداق يول ئارقىلىق، ھەر قانداق ئۇسۇلنى قوللىنىپ ھەقلىق تەمىنلىشىگە بولمايدۇ. مۇشۇ چارىنىڭ 33 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەننەرخ خىراجىتى ئېلىنىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىگە كېتىدىغان خىراجەت شۇ ئورگاننىڭ خام چوتىغا كىرگۈزۈلۈپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە تەرىپىدىن كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.
  39 - ماددا  مەمۇرىي ئورگانلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى قەرەللىك ئۆتكۈزۈشنى تەدرىجىي يولغا قويۇپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارا خەۋەر قىلىشقا بولىدىغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ، ئۇلارنى بىر باسقۇچلۇق ياكى بىر مەزگىللىك خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، قوللانماقچى بولغان مۇھىم تەدبىرىدىن خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.
چوڭ يۇقۇم ئەھۋالى، خېيىمخەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، تاسادىپىي ۋەقەلەر قاتارلىق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىش، ئىلگىرىلەش، بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىغا ئائىت ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە جەمئىيەتكە ۋاقتىدا توغرا ئېلان قىلىش كېرەك.
  40 - ماددا  مەمۇرىي ئورگانلار قاتلام ۋە دەرىجە بويىچە نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قارىمىقىدىكى تارماقلارنىڭ، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار تۆۋەن دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى، ئاساسلىق ئۇسۇلى ۋە ساقلانغان مەسىلىلىرى قاتارلىقلارنى قەرەللىك تەكشۈرۈشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن، ۋاقتىدا ئومۇميۈزلۈك دوكلات قىلىشى، ھوقۇقلۇق ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە يولغا قويۇشنى نازارەت قىلىشىنى قوبۇل قىلىشى؛ سىياسىي كېڭەش ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە بەرگەن پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، دېموكراتىك نازارەتنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىشى كېرەك.
  41 - ماددا  مەمۇرىي ئورگانلار تەنقىد - پىكىر، ئەرز قىلىش - پاش قىلىش ساندۇقى تەسىس قىلىش، مەخسۇس تېلېفون تەسىس قىلىش، ئىجتىمائىي باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگانلار ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىدى دەپ قارىسا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلار، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا ئەرز قىلىشقا ۋە پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئەرز ۋە پاش قىلىش ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغان مەمۇرىي ئورگان ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. چوڭ - چوڭ ئەرز ۋە پاش قىلىش ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.
  42 - ماددا  مەمۇرىي ئورگانلار ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى يىللىق خىزمەت نىشانىنى سىناش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، سىناش چارىسىنى تۈزۈپ، مەسئۇل ئاپپارات، مەسئۇل خادىمنىڭ كونكرېت جاۋابكارلىقى، شۇنىڭدەك جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشتىكى كونكرېت ئۇسۇل ۋە تەدبىرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك. سىناش نەتىجىسىنى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى يىللىق دوكلاتى بىلەن بىللە، جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.
  43 - ماددا  پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدىكى كونكرېت ھەرىكىتى قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىمگە دەخلى - تەرۇز قىلدى دەپ قارىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.
     6 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى
[align=justify]  44 - ماددا  مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە تەرتىپى بويىچە، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ياكى يۇقىرى بىر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان قەرەل ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە خەۋەرنامە ئارقىلىق تەنقىدلەيدۇ:
1) مۇشۇ چارىدە بەلگىلەنگەن مەزمۇن، تەرتىپ، ئۇسۇل، قەرەل بويىچە ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلغان قەرەل ئىچىدە ئۆزگەرتمىگەنلەر؛
2) ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلغانلار؛
3) خاتا، ساختا ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى بىلەن قەستەن تەمىنلىگەنلەر؛
4) ئەرز قىلغان ئورۇن ياكى شەخسلەرگە زەربە بەرگەن ۋە ئۇلاردىن ئۆچ ئالغانلار؛
5) ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدە ساختىلىق ئىشلىتىپ، شان - شەرەپكە ئالداپ ئېرىشىۋالغانلار.
قانۇن - نىزاملاردا ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا باشقا بەلگىلىمىلەر بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە بويسۇنۇلىدۇ.
  45 - ماددا  مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ھەقلىق ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ھەقلىق تەمىنلىگەن بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ھەق تاپشۇرغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قايتۇرۇپ بېرىشكە ئامال بولمىسا، قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.
  46 - ماددا  مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرى مەخپىيەتلىك تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىسا، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارلىسا، شۇ ئورگان ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇپ، ئالاقىدار جاۋابكارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ھوقۇقى ۋە ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىپ، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىغان بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
  47 - ماددا  مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرى ساختا ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى يالغان نام بىلەن ياكى قەستەن تەمىنلىگەن بولسا ياكى سودا مەخپىيىتى، شەخسىي مەخپىيەت ئۇچۇرلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ئاشكارىلاپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىپ، زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلىشى كېرەك.
مەمۇرىي ئورگانلار تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، بىۋاسىتە مەسئۇل بولغان ئاساسلىق مەسئۇل كىشى ۋە باشقا بىۋاسىتە مەسئۇل كىشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى ھەمدە ئۇلارنى قىسمەن ياكى بارلىق تۆلەم خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇشى لازىم.
  48 - ماددا  مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىنغان باشقا قىلمىشلاردا، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولسا، ئالاقىدار قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
[align=justify]   7 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ[align=justify]  49 - ماددا  مەمۇرىي ئورگانلار شۇ ئورگاننىڭ ئىچكى باشقۇرۇش ئىشلىرىدا ئىش بېجىرىش، تەدبىر بەلگىلەش ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىچكى باشقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئاشكارىلىق ۋە دېموكراتىيىلىشىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
  50 - ماددا  قانۇن - نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن، جامائەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش فۇنكسىيىسىگە ئىگە بولغان تەشكىلاتلار، شۇنىڭدەك تىك لىنىيىلىك رەھبەرلىك ياكى قوش رەھبەرلىكنى يولغا قويغان ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش پائالىيىتىدە مۇشۇ چارە تەدبىقلىنىدۇ.
  51 - ماددا  مائارىپ، داۋالاش - سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت، سۇ تەمىنلەش، گاز تەمىنلەش، توك تەمىنلەش، پار تەمىنلەش، مۇھىت، ئاممىۋى قاتناش قاتارلىق خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاممىۋى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش جەريانىدا ئىشلىگەن ۋە ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشتا، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەسئۇلىيەت ھوقۇقى بويىچە ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئاممىۋى كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ جامائەت باشقۇرۇش ئىشلىرى ۋە جامائەت مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، يېتەكلىشى، ماسلاشتۇرۇشى ۋە نازارەت قىلىشى لازىم.
  52 - ماددا  بۇ چارە 2008 - يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
[align=justify]新疆维吾尔自治区人民政府令第152号
مەنبە:
غۇلجا شەھەرلىك  ھۆكۈمەت ئۇيغۇرچە  تورى

22

تېما

0

دوست

3182

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   39.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1675
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 792
تۆھپە : 433
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-13 20:24:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نىزامنىڭ يۇلغا قۇيۇلىشى پۇقرالار ئۇچۇن بىر ياخشى ئىش ئىكەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

16

تېما

0

دوست

8126

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   62.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2335
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1665
تۆھپە : 1367
توردىكى ۋاقتى: 479
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-13 23:58:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ بىزنىڭ مەھەلىدە  بىرى سايلام مەزگىلىدىكى تەشۋىقات چاپلىمىلىرى يەنە بىرى پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقاتلىرىدىن باشقىلىرى ئاساسەن خەنزۇچە يېزىقتا يەتكۇزىلىدۇ  .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )