- تىزىملاتقان
- 2013-9-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 20467
- نادىر
- 0
- يازما
- 2044
ئۆسۈش
26.17%
|
يىقىنقى 20 يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىز ئىقتىسادى تىز تەرەققى قىلىپ رايونىمىزدىمۇ مىليونىرلارمۇ خېلى كۈپىيىپ قالدى. دەسلەپ ئامىنە ھەدىنىڭ تۆھپىسىدە قۇۋۋەت تالقىنى بازارغا چىقىپ بۈگۈنكى چوڭ يىمەك-ئىچمەك سانائەت شىركەتلېرىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە تۈرتكە بولدى. ماشنىسازلىق-ئىلىكتىرون سانائىتىدە بولسا نۇرغۇنلېرىمىز شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسىفورماتورىدىن باشلاپ تۇنۇشتۇقمىكىن. ئىش قىلىپ كارخانا قۇرۇپ رۇناق تاپقىنىمۇ، ۋەيران بولغىنىمۇ كۆپ. ئا جىڭلى دەپ چاقىرىشنى مەقسەت قىلىپلا ئالدىراپ بازارغا سەكرەشنىڭ ئاقىۋىتى ھەممىمىزگە ئايان.
ئەسلى گەپكە كەلسەك بىر تۈردە كارخانا قۇرۇش ئۈچۈن شۇ ساھەدە ھىچ بولمىسا بازار ئەھۋالىدىن ئاز-تۇلا خەۋەردار بۇلۇش بەك مۇھىم. ھازىر ئەڭ يىڭى مەھسۇلاتلار ئاساسەن توردا تۇنۇشتۇلىدۇ، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى ياكى مۇناسىۋەتلىك خەتنى توردىن ئىزدەپ كۆرۈشنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭ. بەلكىم سىزگە يىڭى كەشپىيات تۇيۇلغان تۈر ئاللىبۇرۇن بازاردا تۇيۇنغان ياكى تۈكمە بۇپ بولغان بۇلىشىمۇ مومكىن. ئاندىن كىيىن پايدىسى كۆپ، يىڭى تۈرنى تاللاپ شۇ تۈر ئىگىسى تەمىنلىگەن تۈر دوكلاتىنى شۇ ساھەگە يىقىن كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ مەبلەغ سىلىش كېرەك. دەسلەپتە تەلەپ قىلىدىغان دەسمايىسى ئازراق، پايدىسى كۆپ تۈرنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن بىر قۇر ئىزدەپ تۈرنى تاللايسىز، تۈر تاللىغاندا تۈرنىڭ كىمنىڭ بۇلىشى مىللىتىنىڭ قايسى بۇلىشى مۇھىم ئەمەس، چۇنكى سىز نىشانىڭىز ئىنىق پۇل تىپىشنى مەقسەت قىلىسىز، تېخنىكىسى مول، تەجىربىلىك بولسىلا بولدى. ئامال بار بازاردا يوق ئەمما ئېھتىياج بار بولغان يىڭى تىپتىكى تېخنىكا ياكى كەشپىياتلارغا مەبلەغ سالسىڭىز پايدىسىمۇ كۆپ بۇلىدۇ. ھازىر دۆلىتىمىز خېلى تەرەققى قىلىپ قالغاچقا يىڭى تۈر تاللىغاندا كەلگۈسى بازىرىنى مۆلچەرلەشتە ئۆز دائىرىمىز بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ئەتراپىمىزدىكى چىگرىداش دۆلەت بازارلېرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلساق بولمايدۇ.
تۈرنى تاللىغاندىن كىيىن ئۇنى ئىشلەپچىقىرىشتا نۇرغۇن تېخنىك ئىشچى ۋە قۇراشتۇرۇش ئىشچىلېرىغا مۇھتاج بۇلىمىز. تېخنىك ئىشچىلارنىڭ تەجىربىسى مول، مەسلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغۇدەك ئىقتىدارى بۇلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ساھەدە ئىشلەپ باققانلار بولسا قۇراشتۇرۇش ئىشچىلېرىنى تەربىيلەۋاتقان مەزگىلدە شۇ تۈرنى ئەڭ ناچار مۇھىتتا ئىشلىتىپ سىناق قىلىش(ئاپتۇموبىل ماتورىغا يىقىن تۇرىدىغان ئىلىكتىر ئۈسكىنىلېرى بولسا تىمپىراتورىسى كونتۇرول قىلىنىدىغان تەجىربە ئۈيى ھازىرلاپ 80 گىرادوستىن يۇقىرى مۇھىتتا يۇقىرى ئايلىنىشلىق سۇقۇلما تەۋرەتكۈچ ئۈستىگە ئورنىتىپ مەلوم ۋاقىت سىناق قىلىمىز.) ئىشلېرىنى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ شۇ مەھسۇلاتقا بولغان تۇنۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا مەھسۇلات سۈپىتىنى ئەڭ ياخشى قىلىپ چىقىشتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالىمىز.
مەن 2000- يىللاردا ئالغان پاتىنتلىق تۈرۈمنى يېزىمىزدا يولغا قۇيۇش ئۈچۈن بىر مىليونغا ساتماي زىيان تارتقان ئىدىم. ئۇ چاغدا پەيلاسوپلارنىڭ سۆزلېرىگە مەپتون بۇلۇپ رىئاللىقنى چۈشەنمىگەچكە شۇنداق قىلغاندىمەن.
مەن تۈۋەندە ئۆزەمنىڭ 2006-يىللاردىكى پاتىنىت ئىلتىماس قىلمىغان بىر تۈرۈمنىڭ 2009-يىللاردا موتوغا بىر يىل ئورنىتىپ سىنىغاندىن كىيىن تەييارلىغان تۈر دوكلاتىنى قالدۇرماقچى، (مەلوم سەۋەپلەر بىلەن بۇرۇن ئېلان قىلمىغانتىم.) بۇنى كۆرۈپ بەلكىم بىز تۇرمۇشتا كۆرۈپ تۇرغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارنى قۇرۇشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنى يۈزەكى بولسىمۇ چۈشىنۋالغىلى بۇپ قالار.
تەبئى ماگىنىتلىق گىنراتور توك تەڭشىگۈچى (رېگولياتور) 开关试永磁发电机调压器
ئادەتتىكى سۈپەكنىڭكىدەك ئاستا ئايلىنىدىغان (ئۇچقۇر چاق ئىچىدىكى 6 قۇتۇپلۇق تەبئى ماگىنىتلىق گىنراتور ) ماتورلارغا نىسبەتەن توك بىسىم ئۆزگىرىشى يۈكسىز ھالەتتىمۇ بەك چوڭ بولمايدۇ، ئەمما سىرتتىن كۆپ قۇتۇپلۇق چوڭ قۇۋۋەتلىك گىنراتور سەپلىگەندە ماتور يۇقىرى ئايلانغاندا ئايلىنىش يۇقىرلاش بىلەن بىرگە گىنراتورنىڭ كۆپ قۇتۇپى ئايلىنىش تىزلىكىنى يەنە ھەسسىلەپ ئارتىۋىتىدۇ، ھاسىل بۇلىدىغان توكنىڭ چاستوتىسىمۇ 40مىڭ گىرتىستىن ئىشىپ كىتىدۇ. بۇ چاغدا يۈكسىز ھالەتتىكى ھاسىل بۇلىدىغان توك بىسىمىمۇ كېرەكلىك 14 ۋولىتتىن ئىشىپ 200ۋولىقتا يىتىدۇ. يۇقىرى ئايلىنىشتا 14 ۋولىت توك ھاسىل قىلىدىغان قىلىپ لاھىيلىگەندە بولسا ماتور ئايلىنىشى تۈۋەنلىگەندە توك بىسىمىمۇ ھەسسىلەپ چۈشۈپ كىتىپ لازىملىق توكنىڭ مۇقىم بۇلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا رېگولياتور ئىشلىتىش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ.
ئادەتتىكى تەبئى مەگىنىتلىق گىنراتور رېگولياتورلېرىدا شامال ئىلىكتىر گىنراتورى ياكى ماشىنا-موتو گىنراتورلېرى ھاسىل قىلغان توك بىسىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا يۈكسىز ھالىتىدە ياكى يىنىك يۈكتە خىزمەت قىلىۋاتقاندا زىيادە توكنى قىسقا يول قىلىش ئارقىلىق توك بىسىمىنىڭ 14 ياكى 28 ۋولىتتا تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. دىمەك بىز توكنى ئىشلەتسەكمۇ ياكى ئىشلەتمىسەكمۇ ماتورنىڭ ھەركەت ئىنىرگىيسىنىڭ بىر قىسمى ئۈزلۈكسىز گىنراتور تەرپىدىن ئىلىكتىر ئىنىرگىيسىگە ئايلىنىپ تۇرىدۇ. گىنراتورلارنىڭ ھەركەت ئىنىرگىيسىنى ئىلىكتىر ئىنىرگىيسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى ئادەتتە %80 دەپ ئىلىنسىمۇ ماشىنا-موتولارنىڭ گىنراتورلېرىنىڭ ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى ئۇ ئۆلچەمدىن خېلى يىراق بۇلۇپ، ئادەتتە 500 ۋات توك ھاسىل قىلىش ئۈچۈن كەم دىگەندىمۇ ئىككى كىلوۋات ھەركەت ئىنىرگىيسى تەلەپ قىلىدۇ. يەنە ماتور ئايلىنىشى ئۇتتۇرا ھال ئايلىنىشتىن يۇقىرلىغنچە ئۈنۈمى تۈۋەن بۇلىدىغان ئىش بار. سەۋەبى يۇقىرى ئايلىنىشتا توك بىسىمى كېرەكلىك بىسىمدىن ھەسسىلەپ ئىشىپ كىتىدۇ، يەنى ھاسىل بۇلىدىغان بىسىم 100 ۋولىت دىسەك رېگولياتور قىسقا يول قىلىپ مەجبورى 14 ۋولىتقا چۈشۈرسە ئۇ چاغدا يەتتە ھەسسىگە يىقىن ئىسراپچىلىق دىگەن گەپ. مۇشۇ تەرپى تەبئى ماگىنىتلىق گىنراتورنىڭ ماشنىلاردا كۆپ ئىشلىتىلمەسلىكىدىكى تۈپ سەۋەپ.
توك مەنبەنىڭ مۇسبەت قۇتۇبىدىن ئۈزۈپ-ئۇلاش شەكلىدىكى رېگولياتوردا بولسا گىنراتوردىن چىققان توك بىسىمىنىڭ يۇقىرى بۇلىشى كىيىنكى بۇغۇمغا بەك تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، يەنى ئىقىم چەكلەش تىپىدىكى بىسىم مۇقىملاش توك يۇلىغا ئوخشاش ئۈزۈلۈش ۋە ئۇلىنىشنى تىز سۈرئەتتە كونتۇروللاش ئارقىلىق چىقىش بىسىمىنى بەلگىلەنگەن بىسىمدا مۇقىم كونتۇرول قىلىدۇ. يۈكسىز ھەلەتتە بولسا ماتورغا بولغان قارشىلىق كۈچى ئىنتايىن ئاجىز بۇلىدۇ، يىقىنقى ماتىرياللاردا بۇ خىل رېگولياتورنىڭ موتولاردا %15 يىقىلغۇ تىجەيدىغانلىقىنى ئۇتتۇرغا قۇيۇپتۇ. مەن بىر يىل ئىشلەتكەن بولساممۇ ئۇزۇن يولغا مىڭىپ سىناق قىلمىغاچقا ئىنىق سانلىق مەلۇمات ھىساپلاپ چىقارمىدىم. لېكىن گىنراتوردىن چىققان توك ئۇچىنى ئۈزىۋىتىپ يول يۈرگەندە ئوخشاش يولدا ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى سەل يۇقىرلاپ قالغىنىنى كۆرگىلى بۇلىدىكەن. يەنى بىر قىسىم گىنراتورغا سەرىپ قىلىنىدىغان ھەركەت ئىنىرگىيسى( ئادەتتە گىنراتورقۇرۇق ئايلىنىش يىنىك، يۈكلۈك ئايلىنىش بولسا خېلى ئېغىر بۇلىدۇ) تىجىلىپ قالغانلىقتىن شۇنداق بولسا كېرەك.
رايونىمىزدا ئىشلەپچىقارماقچى بولغاندا قۇراشتۇرۇش ئىشچىسى تەربىيلەش دىگەندەك ئىشلاردا بىر قىسىم ئەمىلى مەشىقلەردە ئورۇنسىز ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن پايدىسى كۆپ بولمىسىمۇ كۆپرەك قول تۇتىدىغان مەھسۇلاتتىن بىرەنى قۇشۇپ ئىشلەش كېرەك، يەنى شۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەش جەريانىدا قول ئىششى قىلىدىغانلار كەسىپنى پۇختىلاپ ئۈگىنىدۇ. مەسلەن چىغ قالپاقلىق led草帽子 يورۇتۇش چىراقلېرى دىگەندەك.
يەنە قۇياش ئىنىرگىيلىك يول چىراقلېرى ۋە توك مەنبە سودىسىنىمۇ قۇشۇمچە قىلغاندا مەبلەغ ۋە خادىملاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بۇلىدۇ. تېخنىكىسى ئۇخشاش بولغاچقا قۇياش ئىنىرگىيلىك زەرەتلەش كونتۇروللىغۇچلېرىنىمۇ ئىشلەپ چىقارسا بۇلىدۇ.
رېگولياتورنىڭ يېرىم ئۈتكۈزگۈچ، تاشقى قاپ، توك يۇلى تاختىسى، مۇقىملاشتۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان يىلىملېرى بىلەن قۇشۇلۇپ تەننەرخى 10 يۈەن ئەتراپىدا بۇلىدۇ. يىڭى مەھسۇلاتنىڭ بازاردىكى باھاسى دەسلەپتە 70-80 يۈەنگىچە پارچە سىتىلىدۇ. توپ تەمىنلەشتە 40 يۈەندىن تەمىنلەيمىز.
چىغ قالپاقلىق led草帽子 يورۇتۇش چىراقلېرى يېرىم ئۈتكۈزگۈچ، توك يۇلى تاختىسى، تاشقى قاپ بۇلۇپ تەننەرخى 10 يۈەندىن 15 يۈەنگىچە بۇلىدۇ. ئىشچىلارنى تەربىيلەش ئاساسى مەقسەت بولغاچقا تەننەرىخكە 5 يۈەندىن قۇشۇپلا سىتىپ چىقىرۋىتىمىز.
زاۋۇت ئورنى ئىجارە ھەققى 100000 يۈەن ئايرىم قۇرلۇش تەننەرخى 50000 يۈەن
قۇرلۇش چىقىمى تەجىربە ئۈيى، ئىشخانا،ئەۋرىشكە ئۈيى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش ئورنى شەھەرگە كىرىش قۇلايراق يېزىلاردا بولسىمۇ بۇلىدۇ، ئاھالىلەرگە يىقىنراق يەردىن بولسا تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەن قىزلاردىن قۇراشتۇرۇش ئىشچىلېرى زاۋۇتتا ئىشلىسە ياتاق-تاماق ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىملېرى تىجىلىپ قالىدۇ. ئىسسىق-سۇغۇقتىن پانالىنالايدىغان تەخمىنەن 1000 كۇۋادىراتمىتىر ئورۇننى ئىجارە ئالىمىز، 400كۇۋادىراتمىتىر كەلگۈدەك چوڭ زال بۇلىشى كېرەك، ئۇ يەرگە ئاقما ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
تەشكىلى قۇرۇلما
شىرىكلەشكەن كارخانا بولسىمۇ شەخىس ئۆز ئالدىغا مەبلەغ چىقىرىپ قۇرسىمۇ بۇلىدۇ. تېخنىكىمۇ پۇلمۇ تەييار ئىش ئاز ئۇچرايدىغان بولغاچقا كۈپىنچە شىرىك كارخانا بۇلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ۋە مەھسۇلات ئۆلچىمىنى بىكىتىپ لاياقەتلىك كىنىشكىسى ئۈچۈن كۆپ بولسا 50000 يۈەن كىتىشى مومكىن، تىجارەت كىنىشكىسى بىقىرىشتە بانكىغا قويغان پۇلنى يەنىلا شىركەتكە ئىشلىتىمىز.
سايمان-ئۈسكىنىلەر
ئادەم ئىشلىتىش ئىشلىتىدىغان غوللۇق خادىملار يۇقىرى سەۋىيلىك تەجىربىلىك بۇلىشى كېرەك
بۇغالتىر ئايلىق مۇئاشى 8000 يۈەن
كاسىر ئايلىق مۇئاشى 8000 يۈەن
ئامبار باشقۇرغۇچى ئايلىق مۇئاشى 8000 يۈەن
بازار بۈلۈم مەسئولى ئايلىق مۇئاشى 8000 يۈەن
بازار بۈلۈم خادىملېرى ئايلىق مۇئاشى 2000 يۈەن 4 ئادەم جەمئى 8000 يۈەن
ماتىريال كىرگۈزۈش خادىمى ئايلىق مۇئاشى 4000 يۈەن
تېخنىكلار ئايلىق مۇئاشى 4000 يۈەن 2 ئادەم جەمئى 8000 يۈەن
قۇراشتۇرۇش ئىشچىلېرى 1500 يۈەن 60 ئادەم جەمئى 90000 يۈەن
تۈرتكىلىك سىتىش
چەت ئەللىكلەر توپلاشقان جايلار، ئايرىم گىزىت-ژۇرناللار ۋە توپ سىتىش بازارلېرىدا تەشۋىقات ئۈچۈن 50000 يۈەن سەرىپ قىلىمىز.
مۇقىم مۈلۈك
قۇراشتۇرۇش ئاقما لىنىيەسى 25 مىتىرى ئىككى يۈرۈش 60000 يۈەنگىچە كىلىدۇ. زالغا ئىككىسىنى قاتلاپ ئۇزۇنسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىككى تەرپىدە ئىشچىلار خام ماتىرياللارنى قۇراشتۇرىدۇ.
ئىشچىلار ئىشلىتىدىغان قۇراشتۇرۇش سايمانلېرى ۋە تېخنىكلار ئۆلچەش ئەسۋاپلېرى بۇلۇپ 400000يۈەن ئەتراپىدا بۇلىدۇ.
قاتناش قۇرالى ئەھۋالغا قاراپ 400000 يۈەنگە ئىككىنى ئېپ قويسا بۇلىدۇ. ماشنىدىن كۆپرەك بولسا ياخشى ، بولمىسا ئەرزانراقىنى ئىشلىتىپ تۇرغۇلۇق.
ئىشخانا سەرەمجانلېرى كومپىوتىر، ئۈستەل-ئورۇندۇق،ئىسسىق-سۇغۇق سۇ ماشنىسى ھاۋا تەڭشىگۈچ دىگەندەك لازىمەتلىكلەر ئۈچۈن 100000 يۈەن سەرىپ قىلساق بۇپ قالار.
مۇقىم مۈلۈك رىمونتى بىزەكلەر رىمونتىغا يىللىق چىقىمنى 100000 يۈەن كىتىشى مومكىن.
تۇراقسىز مەبلەغ(ئايلانما مەبلەغ)
مەھسۇلات تەننەرخىنى ھىساپلىغاندا خام ئەششىيانىڭ مىقتارى كۆپ بولغانچە ئەرزان بۇلىدۇ. دەسلەپكى ئايدا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ۋە ئىشچىلارنىڭ تەربىيلىنىش باسقۇچىدىن ئىلگىرىلا 10000يۈرۈش يورۇتۇش چىرىقى خام(15 يۈەندىن ھىساپلىساق 150000 يۈەن) ماتىريالى كىرگۈزۈپ بۇلىمىز. 30000 يۈرۈش رىگولياتور خام ماتىريالى ئىش باشلىغان تۇنجى ئايدا كىرسە جەمئى 450000 يۈەن سەرىپ قىلىمىز. %100 سىتىلدى دىسەك ئۇمۇمى سىتىش كىرىمى بىر مىليون 400مىڭ يۈەن بۇلىدۇ. كىيىنكى ئايلاردا بارا بارا ئىشلەپچىقىرىش مىقتارىمىز كۈپىيىپ مىڭىپ كۈندە 8 سائەتتىن ئىشلىگەندە يەنە بىر قىسىم ئادەم كۈپەيتىپ ئېيىغا 72000دانە رېگولياتور ئىشلەپچىقىرالايمىز. نەگە ساتىمىز دەپ قالماڭ. شۇنچىلىك سۈرئەتتە ئىشلەپچىقارسىڭىزمۇ دۆلىتىمىزئىشلەپچىقىرىدىغان مۇشۇ خىل مەھسۇلاتىنىڭ %30 گە يەتكۈزەلمەيسىز...
باشقا تىجارەت خىراجەتلېرى
ئادەم كۈپەيتىش(ئادەم سانى 100گىچە بولغاندا) ئىش ھەققى، ئىجارە ھەققى، ئېلان،جامائەت ئىشلېرى، سۇغۇرتا،ياتاق-تاماق مەسلىلېرى بۇلۇپ بارلىق چىقىملار يىللىقى 3 مىليونغا يىقىنلىشىپ قالىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم چىقىملار كىيىنكى يىللاردا قايتا چىقىم قىلىنمايدۇ.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يىڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلات ئىشلىگەندە بىرىنچى يىلىدىلا بارلىق چىقىملارنى چىقىرۋىتىپ 10 مىليوندىن ئارتۇق پايدا ئالىدىغان ئىشلار كۆپ، شۇڭا دىڭىز ياقىسىدىكى سانائەت شەھەرلېرى كۇچىلارغا بىز ئۆيلېرىمىزگە ياتقۇزالمايدىغان ئىسىل تاشلارنى ياتقۇزىدۇ.
شۇ چاغدا بۇ ھىساپلارنى قىلىپ بۇلۇپ خوشلۇقتا يانچۇققا قول سالسام بىرەر يۈز يۈەنلىك چىقماي پارچە پۇل چىققانتى...
ئائىلىدە ئىناقلىق بولمىسا ئىش ئىلگىرى باسمىغاندەك شىركەت خادىملېرىمۇ ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ بىرلىكتە كۈچ چىقارمىسا ياخشى تۈردىمۇ زىيان تارتىدىغان گەپ، بۇ تەرپى بەك مۇھىم، دىمەك دىرىكتور بولغان سىز باشقۇرۇش قابىليىتىڭىزنى ئۈزلۈكسىز ئۈستۈرۈپ مىڭىشىڭىز كېرەك. كەڭ قۇرساق بۇلۇش تىخىمۇ مۇھىم، خادىملارنىڭ ئالىدىغان پايدىسىغا بەك كۆز قىزارتىپ كەتمەڭ، كەلمىگەن پايدىنى تالىشىپ جىدەللىشىدىغان ئىشنى تىخىمۇ قىلماڭ. چۇنكى پايدا شۇ خادىملار بولغاچقا بۇلىدۇ.
بۇ يولنى باسمىغىلى ئۇزۇن بولدى بەزى سان سىپىرلاردا مەسلە باردۇ، يەنە بەزى مۇھىم ئىشلار چۈشۈپ قالغاندۇ. خەۋىرى بار تورداشلار تۇلۇقلاپ قۇيار دىگەن ئۈمىتتىمەن.
|
|