شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى «ئاسپىرانتلار مۇنبىرى»
4- سانى ئۆتكۈزۈلدى!
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى «ئاسپىرانتلار مۇنبىرى»باشلانغاندىن بۇيان جەمئىي ئۈچ سان ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇقېتىمقىسى شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى 2015-2016 ئوقۇش يىلى 1- مەۋسۈملۈك تۇنجى سانى (ئومۇمي 4-سان) ھېسابلىنىدۇ. «ئاسپىرانتلار مۇنبىرى»نىڭ بۇ قېتىمقى سانى 2015-يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى(يامغۇرلۇق چارشەنبە چۈشتىن كېيىن) ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ساندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى تارىخ فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى ، ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، تارىخ پەنلىرى تەتقىقاتچىسى پىروفېسسور ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق مۇئەللىم «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ شەكىللىنىشى» دېگەن تېمىدا ئەڭ يېڭى قاراشلار بىلەن دوكلات بەردى.
دوكلاتتا ئەڭ ئاۋال شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، «ئاسپىرانتلار مۇنبىرى» نىڭ تەشەببۇسچىسى ئوسمان ئىسمايىل تارىم مۇئەللىم يېڭىدىن ئوقۇشقا كىرگەن ئاسپىرانىتلارنى مۇنبەر ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە «ئاسپىرنتلار مۇنبىرى»نىڭ ئېلىپ بېرىلىشىدىكى نىشان، پىرىنسىپلارنى ئەسلەپ ئۆتتى .ئۇنىڭىدىن كېيىن پىروفېسسور ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق مۇئەللىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى تونۇشتۇردى. پىروفېسسور ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق مۇئەللىم تولىمۇ جانلىق چۈشەندۈرۈشلەر ئارقىلىق ئىلمىي بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ «مەڭگۈ تاشلار» ۋە «دىۋانۇ لۇغاتت تۈرك» قاتارلىق بىر قىسىم يازما يادىكارلىقلا، دۆلىتىمىز ۋە دۆلەت سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىللىرى ئاساسىدا «ئۇيغۇر» نامىنىڭ پەيدا بولۇشى، ئۇنىڭ ئوخىشىمىغان تارىخي جەريانلاردىكى ئۆزگىرىشى، «ئۇيغۇر» نامىنىڭ كېلىش-چىقىش جەريانى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ھەققىدىكى تۈرلۈك قاراشلارنى ۋە بۇ ھەقتە تېخى ھەل بولمىغان مەسىلىلەرنى دەلىل ئىسپاتلار ئارقىلىق بايان قىلدى. ھازىرقى «ئۇيغۇر» مىللەت نامىنىڭ قانداق قىلىپ ئورتاق تىل، ئورتاق رايۇن، ئورتاق بولغان پىسخىكىلىق مەدەنىيەت، پىسخك ساپا ئامىللىرى، تارىخ مەنبە ئاساسىدا بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلىشىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلى توختالدى. شۇنداقلا تارىم ۋادىسى ۋە غەربى يۇرت دەپ ئاتىلىۋاتقان جايلاردا ئىلگىرى زادى قانداق بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۈت بولۇپ ئۆتكەنلىكىگە قارىتا ئىلمىي پىكىرلەردە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مۇلاھىزە نوقتىسىدا تۇرۋاتقان ئىزدىنىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. دوكلات ئاخىرىدا مۇنبەرگە قاتناشقان دوكتۇر ۋە ماگىستېرلارنىڭ تارىخ ، مىللەت تەتقىقاتى ۋە تارىخى نەزەرىيە ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرپ ئۆتتى. دوكلات ئاخىرىدا شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئوسمان ئىسمايىل تارىم بۇ قېتىمقى ئاسپىرانىتلار مۇنبىرىگە قارىتا خۇلاسىلەش ئېلىپ باردى.
بۇ قېتىمقى ئىلمىي دوكلات «ئاسپىرانىتلار مۇنبىرى»دە بېرىلگەن، ئىستۇدىنىتلارنىڭ مىللىتىمىزنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئەگرى-توقاي تارىخي مۇساپىسىنى تۇنۇش، ئۆز تارىخى ھەققىدىكى زۆرۈرىي چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇش، شۇنداقلا مىللەت ، تارىخ ۋە ئېتنىك مەنبە ھەققىدىكى قاراشلىرىنى يېڭىلىغان بىر قېتىملىق سانى بولدى. پىروفېسسور ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق مۇئەللمىنىڭ ھازىرغىچە نەشىرىياتلاردا «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»،«يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇرلار» قاتارلىق كىتابلىرى نەشىردىن چىققان بولۇپ، شۇ كىتابلاردىكى ئىلمىي بايانلار بۈگۈنكى ئىلىمىي دوكلاتتا يېڭى قىستۇرۇلمىلارمۇ كىرگۈزۈلگەن ئاساستا قايتا ئەسلەپ ئۆتۈلدى.
فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى«ئاسپىرانىتلار مۇنبىرى»نىڭ كېينكى سانلىرى يەنە داۋاملىق ئۆتكۈزىلىدۇ.
|