قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1778|ئىنكاس: 25

ياۋرۇپا ئەدەبىياتىغا نەزەر - مۇھەممەد قۇتۇپ مىسىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوق

14

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27688
يازما سانى: 1457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3472
توردىكى ۋاقتى: 903
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-1 02:31:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات دېمەك روھىيەتنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىنى ، ئەقىلنىڭ ئوي - خىيالنىڭ ۋە پىكىرنىڭ - مولاھىزىلىرىنى ، ئىنساننىڭ ھاياتىدىكى تەجىربىلىرىنى ئىپادىلەش دىمەكتۇر . بۇلارنىڭ ھەممىسى باياۋانغا مەنسۇپ بولغان چاغدا ، ئۇلارنى ئەدەبىيات ياكى سەنئەت شەكلىدە ئىپادىلەش باياۋان ئەدەبىياتى ۋە ھالاكەت سەنئىتىدىن باشقا نىمىنى شەكىللەندۇرىدۇ ؟ ئەدەبىياتتىكى تۇنجى باياۋان شۇكى ، بىز پۇتكۇل ئەرەپ ئەدەبىياتىمىزنى غەرىبنىڭ تارازىسىدا قويۇپ ئۆلچىدۇق . ئەپسۇسكى ، غەرىبنىڭ ئۆلچىمىدە بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزنىڭ يوقلىقى  ( يەنى دۇنياۋى ئەدەبىيات سەۋىيسىگە يىتەلمىگەنلىكى ) ئايان بولدى . چۈنكى پۇتكۇل شئېرىيەت ئىپادىلەش سەنئېتى ، پىكىر قىلىش سەنئېتى ۋە تۇرمۇش سەنئېىتىنىڭ تۇپ ئاساسى دەپ قارالغان گرېك شىېئىرىتىنىڭ بىر تارمىقىنى ئۆزگە مەنبە قىلىدۇ . بۇ  << تارماق >> << لىرىك شىېئىر >> بولۇپ ، پادىچىلار يايلاقتا قويلىرىنى باققاچ ئاشۇ خىل شىېئىرلىرى بىلەن كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرغان . ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ۋە غەم - قايغۇلىرىنى ئىپادىلىگەن . ئەسلىمەلىرىنى ۋە ئىچكى ئازاپلىرىنى ئەكىس ئەتتۇرگەن . نەتىجىدە << لىرىك شىئېىر >> مەيدانغا كەلگەن ... بىراق ، بىزدە ئېپوس يوق ، ئوپېرا يوق ، شىئىېرى تىياتىر يوق ، بىزدە ھېىچ نىمە يوق ... تىخمۇ ئىچىنىشلىق بولغىنى بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا << تراگېدىيە >> نىڭ بولمىغانلىقىدۇر . يۇنان تراگېدىيسى دۇنيا ۋە دىننىڭ ئەدەبىياتىدۇر . ئۇ ئىنسانى تەجىربىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ، ئىنسان روھىنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىنى ۋە زېمىندا ئىنسان ھاياتىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان << قانۇنىيەت >> لەرنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىنى ئەكىس ئەتتۇردۇ ... بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئۇخىل خۇسىسىيەتتىن خالى بولىشى بىز ئۇچۇن نۇمۇس ! . يۇنان تراگېيديېسى ئۆزىنىڭ كۆپ قاتلاملىقى ، نازۇكلىقى ، ۋە سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى تەڭداشسىزلىقى بىلەن ماھىيەتتە ئىنساننىڭ ئىلاھلار بىلەن بولغان تىركىشىشدۇر . يۇنان تراگېديسىدە : ئىنسان ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىماقچى ، ئۆزىنى گەۋد لەندۇرمەكچى ، ئۆزىنىڭ رول ئوينغۇچى ۋە تەسىركۆرسەتكۈچى ئىكەنلىگىنى ئىپادىلىمەكچى ، قەھرىمانلارنى ۋە بۇيۈك مۆجىزىلەرنى مەيدانغا كەلتۇرمەكچى ، ( ماھىيەتتە ئىلاھقا ئايلانماقچى ) بولىدۇ . ئەمما ، ئىلاھلار ئىنساندىن قىزغىنىپ ئۇنىڭ يولىغا داۋانلارنى پەيدا قىلىدۇ . ئاخىرقى ھىساپتا ئىنسان ئۆز ئىرادىسىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ ، ئىلاھلارغا بويسۇنۇشنى رەت قىلىپ ، ئۇلارنىڭ سۇيقەستىنى بىتچىت قىلىپ تاشلايدۇ ....ئەنە شۇ چاغدا تراگىېدىيە يۈز بىرىدۇ ! . قىېنى ئىيتىڭچۇ ؟! بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا تراگىېدىيە بارمۇ ؟ ... ياق! بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا تراگېدىيە يوق !...چۇنكى ، بىز ئىچكى قاتلاملارغا يىتىپ بارالىغۇدەك ئېنېرگىيە ھاسىل قىلمىغان ، ھاياتنىڭ گىرۋىكىدە ياشاپ ، ئۇنىڭ ئىچكى قاتلىمىغا چۆكەلمىگەن مەنىۋى كۇچى ئاجىز مىللەت . مەن ئۇنۋېرىستېتىتا ئىنگىلىز تىلى ئەدەبىياتىدا ئوقۇغان ئىدىم . بىزگە گرېك ئەدەبىياتى-ياۋرۇپا ئەدەبىياتى ئۇزاق مەزگىل ئۇنىڭدىن قىنىپ سۇ ئىچكەن << بۇلاق >> ( تۈپ مەنبە ) ئوبزورچىلار ئەدەبىيات ھەققىدىكى چۇشەنچە ، باھا ۋە تەنقىدى كۆز-قاراشلىرىنى ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلغان ئاساسلىق << ئۆلچەم >>دەپ ئۇگۇتىلگەن ئىدى . مەن بىزنىڭ << ئوبزورچىلىرىمز >> نىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئاشۇلارنى دوراپ ئىتىۋاتقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق ئىلىكىدە ئۆز-ئۆزۇمگە : << ئادەملەرقانداق بولۇپ بۇنداق ئۆزگۇرۇپ كەتكەندۇ ؟ >> دىگەن سۇئاللارنى تاشلايتتىم . مەن ئەرەپ ئەدەبىياتىدا بار بولغان يوق بولغان ئالاھىدىلىكلەرنى تۇتقا قىلىپ ، ئەرەپ ئەدەبىياتىنى مۇداپىيە قىلماقچى ئەمەسمەن . چۇنكى ، ھەقىقى ، مەسىلە بۇ ئەمەس بەلكى ، << بىزنىڭ شەخسىتىمىز قانداق قىلىپ بۇقەدەر ئۆزگىرىپ كەتتى ؟، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىزنىڭ كۆزى بىلەن قارىماي ، نىمىشقا ياتلارنىڭ كۆزىنى ئارىيەت ئىلىپ قارايمىز ؟ >> دىگەن مەسىلىدۇر . مەن ئەدىب ياكى ئوبزورچى ئەمەس !...  بىراق ، مەن بىرخەلق بىلەن يەنە بىرخەلق ، بىرئەدىب بىلەن يەنە بىر ئەدىب ئوتتۇرسىدا مەۋجۇت بولغان مۇئەييەن ئىچكى پەرقلەرنى ھىساپقا ئالمىغاندا پۇتكۇل ياۋرۇپا ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىسى دەپ قارلىدىغان ئىنگلىز تىلى ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىش جەريانىمدا شۇنى ئېنىق بايقىدىمكى ، ئىنسانلاربىلەن ئىلاھ ئوتتۇرسىدىكى -ياكى يۇنان بۇددىزىمى تەسەۋۇرقىلغاندەك ئىنسانلار بىلەن ئىلاھلارئوتتۇرسىدىكى -تىركىشىش ئىدىيىسى غەرىب ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا چۇڭقۇر سىڭىپ كەتكەن . بۇخىل ئەھۋال يۇنان ئەپسانىلىرىدە ، بولۇپمۇ ، مۇقەددەس ئوت ئوغرسى  << پرومېتي ئەپسانىسى >> دە ناھايىتى ئىنىق كۆرلىدۇ . ئىېتىشلارغا قارغاندا قەدىمقى يۇنان ئەپسانىسىدىكى ئەڭ ئالى ئاسمان خۇداسى ئىلاھ زېۋس تۇپراقتىن ئىنساننى يارىتىپ ، ئۇنى مۇقەددەس ئوت بىلەن تاۋلىغانمىش ( مۇقەددەس ئوت مەرىپەتكە سىمۋول قىلىنغان ) . ئاندىن كىېيىن ئۇنى زېمىنغا چۇشۇرۇپ ، يالغۇز ھالەتتە قاراڭغۇلۇق ئىچىگە بەنىت قىلغانمىش ( قاراڭغۇلۇق نادانلىققا سىمۋول قىلىنغان ) . ئەپسانىۋى شەخىس پرومىېتي ( پرومىېتي شەيتانغا سمۋول قىلىنغان ) ئىنسانغا ھېسداشلىق قىلىپ ، ئىلاھدىن مۇقەددەس ئوتنى ئوغۇرلاپ ، ئۇنىڭغا ئەكىلىپ بەرگەنمىش ( بۇ ئىنساننىڭ بىلىملىك بولىشىغا باشلىغانلىقىغا سمۋول قىلىنغان ) . شۇنىڭ بىلەن ئىلاھ مۇقەددەس ئوت ئوغرسى پرومىېتي بىلەن تۇپراقتىن يارتىلغان ئىنسان ئىېبسموسىقا بىردەك غەزەپلىنىپ ، ئىنسانغا ئوت ئوغۇرلاپ بەرگەن پرومىېتېنى كاپكاز تاغلىرىغا بەنىت قىلىۋەتكەنمىش . ھەمدە ئۇنىڭغا بىر قۇشنى مۇھەككەل قىلغانمىش ، قۇش كۇن بويى ئۇنىڭ جىگىرىنى چوقۇلاپ ئۇنى ئازاپلارمىش ، كىچىسى ئۇنۇڭغا يىڭىدىن جىگەرئۇنۇپ چىقارمىش ، قۇش ئەتىسى ئەتتىكەندە ئۇنىڭ جىگىرىنى چوقۇش ئۇچۇن يەنە كىلەرمىش . ئۇ مانا مۇشۇنداق مەڭگۇ ئازاپقا دۇچار قىلىنغانمىش ... ئەمما ، ئىلاھنىڭ مۇقەددەس ئوتنى قايتۇرۋىلىشقا كۇچى - قۇربىتى يەتمىگەنمىش ، ( بۇ ئىنسان بىلىملىك بولۇپ بولغاندىن كىيىن ، ئۇنۇڭدىن بىلىمنى قايتۇرۋالغىلى بولمايدىغانلىقىغا سىمۋۇل قىلىنغان ) شۇنىڭ بىلەن ئىلاھ ئىنسانغا باندۇرا ئىسىملىك بىر ئايال ( ھاۋا ئانىغا سىمۋۇل قىلىنغان ) نى ھەمرا بولۇشقا ئەۋەتكەنمىش ، بىراق بۇ ئايال بىلەن بىردانە ساندۇق بىللە ئەۋەتىلگەن بولۇپ ، بۇ ساندۇققا لىققىدەك يامانلىق قاچىلانغانمىش . ئايال ساندۇقنى ئاچقاندىن كىيىن يامانلىق ساندۇقتىن ئۇچۇپ چىقىپ پۇتۇن يەرشارىغا تارقالغانمىش ۋە زىمىن يامانلىققا تولغانمىش!.... يۇنان ئەپسانىلىرى ئىنسان بىلەن پەرۋەردىگار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتى ئەنە شۇنداق قورقۇنۇشلۇق تەسەۋۇرقىلدى . ئىلىمنى پەرۋەردىگار ئۆز پەزلىدىن ئىنسانغا ئاتاقىلغان ئىلاھى ئىلھام دەپ قارمىدى . << ئاللاھ پۇتۇن شەيئىلەرنىڭ نامىلىرىنى ئادەمگە ئۇگەتتى >> سۈرە بەقەر 31 - ئايەت << ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۇردى >> سۈرە ئەلەق 5 -ئايەت  << ئاللاھ ئىنساننى ياراتتى . ئۇنىڭغا (مەقسىتىنى ئوقتۇرۇش ئۈچۇن ) سۆزلەشنى ئۇگەتتى >> سۈرە رەھمان 3-4 ئايەت . بەلكى ، ئىنسان ئىلىمنى ئىلاھتىن مەجبۇرى تارتىۋالىدۇ ، ئىلاھ بولسا چىدىماسلىق قىلىپ ( ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلەيمىز ) ، ئىنساننىڭ بىلىملىك بولىشىنى ، ئۆزئىلمى بىلەن مەنپەئەتلىنىشىنى خالىمايدۇ ئەكسىچە ئىنساندىن ئەنە شۇنداق قەبىھلىك بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ . مانا بۇ يۇنان ئەپسانىلىرى تەسەۋۇرقىلغاندەك ئىنسان ھاياتىدىكى << تراگىېيىدىيە >> نىڭ كېلىش مەنبەسى . ئەرەپ ئەدەبىياتىدا ۋە ئەرەپ مىللىتىدە كەم بولاۋاتقان تەرەپ دەل شۇ . ياۋرۇپا چىركاۋ ھۆكۇمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كىيىن ، ياۋرۇپا ئەدەبىياتى يۇنان ئەپسانىلىرىنىڭ ئىزىغا ئەگەشتى ھەمدە گۇللىنىش دەۋرىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ھايات چۇشەنچىلىرىدە گرېك ئەدەبىياتىغا قايتىپ ئۇنى ئاساسى مەنبە قىلىپ كەلدى . ياۋرۇپا رۇمانتىك مەزگىلىدە - ئەدەبىياتتا- گرېك بۇددىزىمغا قايىتتى ، ئاندىن ئۆز نامى بىلەن كىشىلەرنى قۇل قىلغان چىركاۋ ئىلاھنىڭ ئورنىغا << تەبىئەت >> ئاتلىق يىڭى ئىلاھقا چوقۇندى .... ئاندىن ياۋرۇپالىقلارنىڭ روھى دۇنياسىدا ئىنسان بىلەن ئاشۇ يىڭى ئىلاھ ئوتتۇرسىدا تىركىشىش پەيدا بولدى ئۇلار ئۆزىنىڭ كىتاپلىرىدا : << ئىنسان تەبىئەت بىلەن كۆرەش قىلىدۇ >> . << ئىنسان تەبىئەتنى بويسۇندۇرىدۇ >> دەپ يىزىشتى . ئاندىن كىيىن ياۋرۇپا پەرۋەردىگارنىڭ ئورنىغا ئىنساننى ئىلاھلاشتۇردى ، شۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ يىڭى ئىلاھ بىلەن بولغان كۆرشى باشلاندى . يەنى ئىنسان ئىچكى دۇنياسىدا پىسخكا جەھەتتە ئۆزى بىلەن كۆرەش قىلدى . ياكى بىر قىسىم كىشىلەر ئىجتىمائى جەھەتتە يەنە بىرقىسىم كىشىلەر بىلەن كۆرەش قىلدى . توغرا كۆرەش بولىشى كىرەك ! ، كۆرەش بولمسا تىنىچلىقنى قولغا كەلتۇرگىلى بولمايدۇ . بىراق پەرۋەردىگار رۇخسەت قىلغان ۋە بەركەتلىك قىلغان كۆرەش ياخشىلىقنىڭ يامانلىققا قارشى قىلىنغان كۆرشى ئەمەسمۇ ؟ << ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا ( يەنى كۈچلۈك تاجاۋۇزچىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈشلۈك بولغان بىرسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا ) ئىدى يەر يۇزى ئەلۋەتتە پاساتقا ئايلىناتتى ( يەنى خارابلىققا يۇزلىنەتتى ) >> سۈرە بەقەر 251- ئايەت << ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر بىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكۇزمىگەن بولسا ، راھىبلارنىڭ ئىبادەت خانىلىرى ، چېركاۋلار يەۋۇدىلارنىڭ ئىبادەت خانىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسجدلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى ، كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بىرىدىكەن ، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنۇڭغا ياردەم بىرىدۇ ، ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر غالىبتۇر >> سۈرە ھەج 40 - ئايەت . ئەمما ياۋرۇپانىڭ كۆرشى ئىنسان بىلەن پەرۋاردىگار ئوتتۇرسىدا بولدى . ئەرەپ ئەدەبىياتىدا ئاللاھ بىلەن ئىنساننىڭ كۆرۇشى ئىپادىلەنمىگەچكە ئۇ كۆپ قاتلاملىق دۇنيا ئەدەبىيات بولۇش تەلىبىگە يىتەلمىدى . ( بۇنداق بولۇشتىن ئاللاھ پانايىدا ساقلىسۇن ) شۇنىڭدىن كىيىن ياۋرۇپا ئەدەبىياتى تۇيۇق يولغا قاراپ ماڭدى . بىزمۇ ياۋرۇپا كىرگەن تۇيۇق يولغا كىرىش ئۇچۇن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئىزىدىن ماڭدۇق . فروئىدنىڭ  << يۇشۇرۇن ئاڭ >> ۋە << ئاڭسىزلىق >> نەزىريەسى پەيدا بولغاندىن كىيىن سۇررېيالىزىم مەيدانغا كەلدى . شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ : << بىزدىمۇ سۇررېيالىزىم بولىشى كىرەك ، بىزنىڭ ياۋرۇپالىقلارغا ئوخشاش سوررېيالىزىم بولماسلىقى بىز ئۇچۇن نۇمۇس ئەمەسمۇ ؟ >> دىيىشتۇق << بىمەنىلىك >> پەيدا بولدى شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ : << بىزدىمۇ < بىمەنەئەدەبىيات > بولىشى كىرەك >> دىيىشتۇق . << كاتتا >> ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرى << دەرەخكە ياماشقۇچى >> ناملىق << بىمەنە تىياتىر >> دىن  بىرنى يىزىپ چىقتى . ۋە ئۇنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنىلارنى يازدى : << مەن باشقىلارنىڭ بىزدە < بىمەنە ئەدەبىيات > يۇق دىمەسلىگى ئۇچۇن بۇ تىياتىرنى < بىمەنە ئۇسلۇب > بىلەن يىزىپ چىقتىم >> ھەيران مەن ! ياۋرۇپا ئۆزىنىڭ << گۈللىنىش >> ىدە تۇيۇق يولغا قاراپ ماڭدى ھەمدە 10 ئەسىر ئەقىلگە بىسىم ئىشلىتىپ ، ئۇنىڭ رولىنى بىكارقىلغان چېركاۋلاردىن ئىنتىقام ئېلىش ئۇچۇن چەكتىن ئاشقان << ئەقىلىچىلىك >> كە مەجبۇر بولدى . شۇنىڭ بىلەن ئەقىلنى كۇچى يىتىدىغان ۋە كۇچى يەتمەيدىغان باھارلىق ھەممە ساھالەرگە كىرگۇزۇپ قويدى ... بىراق ، ياۋرۇپا ئەقىل كۇچى يەتمەيدىغان ساھالەرگە كىرگۇزۇپ قويۇلغان چاغدا ، ئەقىلنىڭ ياۋرۇپانىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن ، بەلكى ، يىڭى قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلغانلىقىنى كۆرۇپ ، چەكتىن ئاشقان << ئەقىلچىلىك >> تىن قىچىش ئۇچۇن << ئەقىلسىزلىك >> ( بىمەنىلىك )  كە مەجبۇرى بولدى ... ئەمما . بىزچۇ ؟ بىزنىمىشقا ئۇلاربىلەن بىللە بىمەنىلىككە مەجبۇرى بولىمىز ؟ ئۇنىڭدىن كىيىن زامانىۋىلىق پەيدا بولدى ... شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ : << بىزدىمۇ < زامانىۋى ئەدەبىيات > بولىشى كىرەك !. ئەدەبىياتىمىزنىڭ زامانىۋىلىقتىن خالى بولىشى قالاق بولىشى بىز ئۇچۇن نۇمۇس ئەمەسمۇ ؟ >> دىيىشتۇق . زامانىۋىلىقنىڭ ھەقىقى جەۋھىرى << مىراس >> لارنى پاچاقلاپ تاشلاپ ئونىڭدىن قىچىشتۇر . مۇيىمى ، بىز زەنجىر -كېشەن پەيدا قىلغان مىراسلارنى پاچاقلاپ تاشلاپ ، ھۆرلۇك ۋە ئەركىنلىككە چىقىشىمىزلازىم . ياۋرۇپالىقلار شۇنداق قىلىۋىدى كۆڭلى تارىتقان ئەركىنلىككە ئىرىشتى . توغرا ياۋرۇپالىقلارنىڭ مىراسلارنى پاچاقلاپ تاشلىشىشىدا ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەبى بار . يەنى ياۋرۇپالىقلاردىكى مىراس چىېركاۋ ، چىېركاۋنىڭ خۇراپاتلىرى ، زوراۋانلىقلىرى ، ۋە ئىنساننىڭ ئەقلى كۇچىنى زىمىندا نەتىجە بىرىدىغان ئىجابى خىزمەتلەرگە سەرىپ قىلىشتىن چەكلەيدىغان ھاكىمي مۇتلەقلىق ئىدى . شۇڭا ئاشۇ << مىراس >> نى پاچاقلاپ تاشلاش ۋە ئۇنىڭدىن قىچىش  << ئەقىلگە ئۇيغۇن >>  ئىش بولغان . بىراق ، مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئىلاھى مىراسلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغان چاغدا ئۇنىڭغا باياۋاندا تىڭىرقاپ يۇرۇشتىن باشقا نىمە قالىدۇ ؟! . مۇنبەرگە يوللىغۇچى : ئەل ئوغلى تۇران
bagdax

يوق

14

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27688
يازما سانى: 1457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3472
توردىكى ۋاقتى: 903
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-1 14:39:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aloglituran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-1 18:28  

.

يوق

14

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27688
يازما سانى: 1457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3472
توردىكى ۋاقتى: 903
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-1 15:53:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aloglituran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-1 17:10  
aloglituran يوللىغان ۋاقتى  2015-11-1 14:39
ئەسسالامۇئەلەيكۇم  باشقۇرغۇچى باغداش 1 ياخشىمۇ سىز

.

0

تېما

0

دوست

1762

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   76.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34315
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 570
توردىكى ۋاقتى: 129
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-1 20:52:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇر نىمە دېمەكچىدۇ؟  ئابزاس ۋە قاتلاملارغا بۆلمەستىن يېزىپ قويسا ئوقۇپ  چۈشىنىش  سەل مۇشەققەت كېلىدىكەن.
bagdax

يوق

14

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27688
يازما سانى: 1457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3472
توردىكى ۋاقتى: 903
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-1 21:20:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aloglituran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-1 21:29  
BOGHDAY يوللىغان ۋاقتى  2015-11-1 20:52
ئاپتۇر نىمە دېمەكچىدۇ؟  ئابزاس ۋە قاتلاملارغا بۆلمەست ...


ئەسلى ئايرىم ماقالە قىلىپ يىزىلغان تىما ياكى مەخسۇس ماقالە ئەمەس . مۇسۇلمانلارنىڭ ئەدەبىياتتىكى ئەھۋالىنى ياۋرۇپا ئەدەبىياتى بىلەن سىلىش تۇرۇش جەريانىدا . ياۋرۇپا ئەدەبىياتى بىلەن ئەرەپ ئەدەبىياتىېى سىلىشتۇرۇلغان بىر ئابزاس سىلىشتۇرما قىسمنى ، قىسقارىتلىمىسى . قىسقارتىپ يوللانغان تىما . مۇنبەرگە يولاشتىكى مەخسەت ئويغۇر ئەدەبىيات شۇناسلىرىنىڭ ياكى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياۋرۇپا ئەدەبىياتىغا نىسپەتەن چۇشەنچە ھاسىل قىلىپ ئويغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان چۇشەنچىلىرىنى ئوزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە يوللاندى . سەبىرچانلىق بىلەن ھەزىم قىلىپ ئوقۇپ بىقىڭ بەلكىم ئاپتۇرنىڭ مەخسىتىنى چۇشۇنۇپ قالارسىز .
6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

bugun saga ,ata maga...

0

تېما

0

دوست

1399

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12785
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 84
تۆھپە : 401
توردىكى ۋاقتى: 207
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-1 22:17:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورنىڭ مەخسىتى شۇنداق ئوچۇققۇ...........

10

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 1097
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 3674
توردىكى ۋاقتى: 950
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-2 00:17:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kokboraa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-2 00:19  

رەھمەتلىك ئىسىل ئالىم ئىدى . ئاللا ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇن.
‹زۇلمەت باياۋانلىرىغا كىرىپ قىلىش› تىن باشلاپ ئوقۇسا ئاندىن بۇ ماقالىدىن ئاجايىپ بىر مەنا چىقىدۇ .
ئەھمىيەتلىك ماقالىدىن بىرنى يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت ،داۋاملىق يوللاپ تۇرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )