- تىزىملاتقان
- 2011-1-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3137
- نادىر
- 0
- يازما
- 101
ئۆسۈش
37.9%
|
قۇمۇل مۇھىم ئورۇن بولغاچقا ، جۇڭغارلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ناھايتى كۆپ ئۇچرايدۇ ، ئەبەيدۇللا جۇڭغارلارنىڭ قۇمۇل خەلقىگە چەكسىز زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنى دەھشەتلىك ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى ، جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭغا قارشى كەينى - كەينىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن ، كاڭشى خاننىڭ كەڭچىلىك قىلىدىغان رەھىمدىل سىياسىتىدىن ياخشى تەسىر ئالىدۇ . كاڭشىنىڭ 31 - يىلى ( 1692 - يىلى ) 8 - ئايدا ، چىڭ ھۆكۈمىتى ۋاسساللار مەھكىمىسىنىڭ غەيرىي رەسمىي ئەمەلدارى مادىنى جۇڭغارلارنىڭ يەنە بىر كاتتىبېشى سېۋىن ئارۇبداننى تەسلىم بولۇشقا ئۈندەش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ . مادى قۇمۇلغا يېتىپ كەلگەندە ، غالداننىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ . مادىنىڭ قول ئاستىدىكىلەر قۇمۇلدا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ . ئەبەيدۇللا ئۇلارغا ئوزۇق - تۈلۈك ۋە ئات - ئۇلاغ بېرىپ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ ھەمدە ئادەم قوشۇپ جىيايۈگۈەنگىچە ئاپىرىپ قويىدۇ . مادىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر بېيجىڭغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ، چىڭ ھۆكۈمىتىدىكى بەزى كىشىلەر غالداننى جازالاش بىلەن بىللە ، قۇمۇلغا ھۇجۇم قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ . كاڭشى خان ، جىنايەتنى غالدان ئۆتكۈزدى ، پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك ، دەپ قارىغان . ئۇ : << قۇمۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن غالدان قاتارلىق مۇڭغۇللارغا باج تۆلەپ كەلگەن ، بۇ ، بۈگۈنلا باشلانغان ئىش ئەمەس ، بەلكى تارىختىن كېلىۋاتقان ئىش . شۇ تەرىقىدە موڭغۇللارغا باج تۆلەپ كېلىۋاتقان ۋاسساللار ئاز ئەمەس ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنى غالدانغا باج تاپشۇردى دەپ ئەيىپلەپ ، ئەسكەر چىقىرىپ ، قىرغىن قىلساق ، پادىشاھنىڭ خۇداغا ئوخشاش ئەزەلدىن رەھىمدىل ئىكەنلىكىنى ئەمەلدە كۆرسىتەلمەي قالارمىزمىكىن >> دەيدۇ . چىڭ ھۆكۈمىتى ئەبەيدۇللانى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ، يەنە گەنجۇدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان قۇمۇللۇق سەككىز ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىدۇ .
كاڭشىنىڭ 35 - يىلى ( 1696 - يىلى ) چىڭ ھۆكۈمىتى غالداننى قاتتىق مەغلۇب قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، جۇڭغارلار يىمىرىلىشكە يۈزلىنىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ، جەنۇبىي شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئاپپاق خوجا ئۆلۈپ ئورنىغا ئوغلى مەخمۇت ئولتۇرغانىدى . ئۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جۇڭغارلاردىن قۇتۇلۇپ ، مۇستەقىل ئىسلام خانلىقىنى قۇرماقچى بولىدۇ . سېۋىن ئارۇبدان سېزىپ قالغاچقا بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشمايدۇ . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاق تاغلىقلار جۇڭغارلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم بولىدۇ . ئەبەيدۇللا گەرچە بۇ ئىشقا ئارىلاشمىغان بولسىمۇ ، ئوخشاشلا جۇڭغارلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالىدۇ . كاڭشىنىڭ 35 - يىلى ( 1696 - يىلى ) 9 - ئايدا ئەبەيدۇللا چىڭ ھۆكۈمىتىگە ئات - تۆگىلەرنى سوۋغا قىلىشقا نارىن بەگنى ئەۋەتىپ ، ئۆزىنىڭ ئەل بولۇش ئارزۇسىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ : << پېقىر ئاق تەقىيىلىكلەردىن بولۇپ ، جۇڭگوغا تارتۇق بېرىپ كېلىۋاتقىنىمىزغا ئۇزۇن بولدى . خان ئەلچىسى پېقىرنىڭ ماكانىغا كەلگەندە ، غالدان ئەسكەر چىقىرىپ ، ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتتى . ئۇنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزالمىغانلىقىم ئۈچۈن ، ئالىيلىرىنىڭ پېقىرنى ماڭا ئاسىيلىق قىلدى دەپ ئويلاپ قېلىشلىرىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن . تەڭرى تۇرۇپتۇ ، تەڭرى ئالدىدا يالغانچىلىق قىلغانلار جاجىسىنى يەيدۇ . ئۇيراتلاردىن بىرنەچچە توپى كۆچكەچ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ قېچىپ كەتتى . پېقىر شەھەردىن سىرتقا چىقمىغان تۇرسام ، قانداقمۇ ئاسىيلىق قىلاي >> . ئۇ 12 - ئايدا يەنە نارىن بەگنى ئەۋەتىپ ، خانغا : << ناۋادا غالدان كېلىپ قالسا ، پېقىر ئۇنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىك تۇتىمەن ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى چىڭ ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق يەتكۈزۈپ تۇرىمەن >> دەپ مەلۇم قىلغان . كاڭشى خان ئەبەيدۇللانىڭ ساداقەتمەنلىكىنى تەقدىرلەش يۈزىدىن ئۇنىڭغا ئەمەلدارلىق تونى ، بۇلغۇن تۇماق ، ئالتۇن كەمەر قاتارلىق بۇيۇملارنى ئىنئام قىلىدۇ . كاڭشىنىڭ 36 - يىلى ( 1697 - يىلى ) 1 - ئايدا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان غالدان ئاخىرلىشىۋاتقان ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ، ئوغلى سەپتىن بالجۇرنى غەللە - پاراق يىغىشقا بارىكۆلگە ئەۋەتىدۇ ، 2 - ئايدا ئەبەيدۇللا چوڭ ئوغلى گوپا بەگنى ئەۋەتىپ ، سەپتىن بالجۇرنى تۇتۇپ ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ . كاڭشى خان ئەبەيدۇللاغا پۇل ، تون ، ئاق ئالتۇن قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىنئام قىلىدۇ . سېۋىن ئارۇبدان نۇرغۇن قېتىم ئادەم ئەۋەتىپ سەپتىن بالجۇرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە ئەبەيدۇللادىن نېمە ئۈچۈن چىڭ ھۆكۈمىتىگە ئەل بولغانلىقىنى سورايدۇ . ئەبەيدۇللا : << مېنىڭ چىڭ ھۆكۈمىتىگە ساداقەت كۆرسىتىپ ئەل بولغانلىقىم مەجبۇرىي ئەمەس ، ئۆز ئىختىيارىم بىلەن بولغان >> دەپ جاۋاب بېرىدۇ . جۇڭغارلارنىڭ قۇمۇلغا پاراكەندىچىلىك سېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، چىڭ ھۆكۈمىتى ئەبەيدۇللانىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ، چىڭخەيدىكى ھەرقايسى تەيجىلەرگە ۋە سېۋىن ئارۇبدانغا : << قۇمۇلغا پاراكەندىچىلىك سېلىشقا بولمايدۇ >> دەپ يارلىق چۈشۈرىدۇ .
داۋامى بار
مەنبە : قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى |
|