مۇساپىرلىقتىكى مۇسىبەتنىڭ باشلىنىشى
ئابدۇسالام ئابدۇۋەلى
مۇسىبەتنىڭ شەكىللىرىمۇ ھەرخىل بولىدىكەن تاغدەك ئاتىمىزدىن ، باغدەك ئانىمىزدىن ، ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىمىزدىن ، يىقىن ئۇرۇق تۇققان ،دوست بۇرادەرلىرىمىزدىن ئايرىلغىنىمىز بىزنىڭ مۇسىبىتىمىز ئىكەن؛ قىرىندىشىمىزنىڭ كۆزىدىن ياش ئاققىنىدا ، غىرىپ بوۋا مومىلىرىمىزنى كۆرگىنىمىزدە ، چارىسىز قالغان يىگىتلىرىمىزنى، ھايا بۇلغىنىۋاتقان ھاۋادىن نەپەسلىنىشتىن قورقۇپ دىمى سىقىلىۋاتقان قىز قىرىنداشلىرىمىزنى كۆرگىنىمىز بىزنىڭ مۇسىبىتىمىز ئىكەن ؛ ئالىمغا ،ئۇستازغا تەشنا بولغان قىرىنداشلىرىمىز ئالىملىرىدىن ، ئۇستازلىرىدىن ئايرىلغىنىدا ، غايىۋانە تەلپۇنگەن تەپەككۇر ، پىكىر ئىگىلىرىنى ئىزدەپ ئىچى تىت-تىت بولغىنىنى كۆرگىنىمىز بىزنىڭ ئەڭ چوڭ مۇسىبىتىمىز ئىكەن.
سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ۋاپات بولغاندا ھەزىتى ئوسماننىڭ گەپ سۆزدىن قالغىنىنى ، ھەزىرتى ئۆمەرنىڭ قىلچىنى پۇلاڭلىتىپ بۇ مۇسىبەتنى قوبۇل قىلالمىغىنىنى ئوقۇغىنىمدا قەلبىم ئاچچىق بولۇپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم ، پەيغەمبىرىمىزنى بىز كۆرۈپ باقمىغان ، لىكىن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ قەلبىدە پەيغەمبەرگە بولغان يۈكسەك مۇھەببەت ، ئوتلۇق سىغىنىش بولىدۇ. بىر كىشىنى كۆرمەي تۇرۇپ سۆيۈشنى بىلمىگەنلەر بۇخىل تۇيغىدا بولماسلىقى ئىنىق .
بۈگۇن مەن مۇسىبەتتە، غايىۋانە تەلپۇنگەن كىشىمدىن ئايرىلغاندەك . ھەركۈنى زارىقىپ كۈتكەن تەپەككۇر ئۈزۇندىلىرىدىن ئەمدى ۋاقىتلىق ئايرىلىدىغىنىمغا ئىشەنگىم كەلمەيتى ، كۈندە روھىي ئۆزۇقۇم بولىدىغان ، ئىتىقاد تۈۋرۈكۇم ئۇلىنى پۇختىلايدىغان پىكىرلەر ،تەپەككۇرلار مەندىن قانچىلىك ئايرىلار؟ روھىم قانچە ئۇزۇن ئاچ زارلىقتا ئاچچىق سۆرەن سالار ؟ بۇلار ماڭا قاراڭغۇ.
كونا كەچمىشلەر خىيال ئىكرانىمدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى ، ئۇستاز بىلەن 2012 - يىلىنىڭ باشلىرى قەشقەر پەن تىخنىكا سارىيىدا نۇرخان تىل تەربىيىلەش مەركىزىدە كۆرۈشكەنىدىم ، شۇ چاغدا ئۇستاز قانداق بولغاندا دوستلۇق شەكىللىنىدۇ دىگەن تىما توغرىسىدا سۆزلىگەنلىكى ھىلىمۇ ئىسىمدە ، ئۇ ئاخىرىدا دوسلۇقنىڭ شەكىللىنىشى ئورتاق قىزىقىش بولۇشقا باغلىق دەپ يەكۇنلىگەنىدى . ئاخىرىدا قانچە تىل بۇلىدىغانلىقىنى سورىسام ، ئۇستاز قىسقىلا قىلىپ بۇنى ئىيتىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ، لىكىن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىنڭ ئۇيغۇرتىلى ئىكەنلىكىنى دىگەنىدى ، ئىچىمدە ھاماقەتلەرچە دەپ بەرسە نىم بولىدۇ ، ئاغزى ئۇپراپ كىتەرمىدى دەپ ئويلاشقىمۇ ئۈلگۇرگەنىدىم. مانا ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۈستازنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنداق دىگەنلىكىنى ئويلاپ ئوتۇرۇپتىمەن . شۇ قىتىمقى ئۇچۇرشىشتىن كىيىن قايتا ئۇچۇرشىش نىسىپ بولمىدى ، لىكىن بۈگۈن غايىۋانە پىكىرلىشىشمۇ بولمايدىغاندەك بىلىنىپ كەتتى ، ۋاقىتلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . لىكىن بۇ ۋاقىتلىق گەرچە بىر نەچچە كۈن ، بىر نەچچە ھەپتە بولغان تەقدىردىمۇ مەن ئۇچۈن نەچچە ئاي ، نەچچە يىل بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكى ئىنىق . ۋاقىتلىق دىگەن بۇ ئاتالغۇ قانچىلىك ئۇزۇن؟ يەنە قانچىلىك تەشنا بولىمەن ؟
قەلبىم ماتەم ئىچىدە يىغا زارە ، جىسمىم مۇسىبەت ئىچىدە ئاۋارە!
|