يۈرۈكۈمنىڭ پارىسى قېنى؟ كامىل توختى(چىۋىق) (يارمۇھەممەتجاننىڭ ئانىسى تىلىدىن)
(ھۆرمەتلىك تورداشلار، يارمۇھەممەتجان ئەبەي 2008-يىل 9-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەندىن بېرى تا ھازىرغىچە خەۋىرى يوق. كىچىككىنە بولسىمۇ ئۈمىد پەيدا بۇلۇپ قالارمىكىن دەپ بۇ ئەسەرنى يازدىم. ئاپتۇرنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا تورلارغا يوللىساڭلار بولىدۇ. ك.ت.چىۋىق)
بۇ كۈن بىزدەك بارچە دېھقانلار يەرلىرىدىكى نىممەتلىرىدىن مول-ھوسۇل ئالىدىغان ئالتۇن كۈزنىڭ بىر كۈنى ئىدى. ھەممە يەردىن مەي باغلاپ پىشقان مېۋىلەرنىڭ پۇراقلىرى دىماققا ئورۇلۇپ تۇراتتى، باغ-باغلاردىن دېھقانلارنىڭ خوشال كۈلكىللىرى، قىيا-چىيالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھەممە ھەم ئالدىراش، ھەم خوشال ئىدى.
ئۇ شەنبە كۈنى بولۇپ، كەچقۇرۇن ئوغلۇم يارمۇھەممەتجان تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن، نەشپۈتلۈك باغقا دادىسىنىڭ يېنىغا ياردەملەشكىلى ماڭدى، ئۇ يەنە دادىسى سېتىپ پۇلىنى خەجلىۋېلىشقا بەرگەن 2-دەرىجىلىك نەچچە يەشىك نەشپۇتنى سېتىپ، پۇلىغا بالىلار ئارىسىدا مودا بولىۋاتقان، ئۆزىدە بولىشىنى چۈشىدىمۇ ئارزو قىلىۋاتقان MP3 نى سېتىۋالماقچى ئىدى. ئەتىسى دوستلىرى بىلەن شەھەرگە كىرىشكە دادىسىنىڭ ماقۇللىقىنىمۇ ئالغان ئىدى. شۇ يىلى ئوغلۇم 13 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تۇلۇقسىز 3-يىللىقتا ئوقۇيتتى. ئۇ سەبىي، نازۇك، جىق ئىشلاردا يۇرەكسىز، ئادەتتە مەن ۋە دادىسىدىن ئايرىلمايدىغان بالا ئىدى. بىرەرسىنىڭ ئۆيىدىمۇ بىز بولمىساق قونۇپ قالمايتتى. ئۇ كۈنى دادىسى باغدا قونۇپ، كۈندۇزدىن ئۈزۈپ يەشىكلەرگە قاچىلاپ تەييار قىلغان نەشپۈتلەرنى باقماقچى ئىدى. مانا بۇ ۋەقە بىر كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان ئەشۇ ئۆي بىلەن باغدىن ئىبارەت ئىنتايىن يېقىن ئىككى ئارىلىقتا يۈزبەردى. ئادەمنى غەپلەت باسسا شۇنداق باسار! شۇ كۈنى كەچ ئوغلۇم ئۆيگە كىرمىدى، مەن ئۇنى دادىسىنىڭ يېنىدا قۇنۇپ قالدى، دەپ ئويلىدىم. دادىسى بولسا مېنىڭ يېنىمدا دەپ ئويلاپتۇ. ئۇ چاغلاردا بىزدە يان تېلىفۇنمۇ يوق ئىدى. ئەتىسى چۇش بولغىچە ئەر-ئايال ئىككىمىز ئېتىز-باغنىڭ تۈگىمەس ئىشلىرى سەۋەبىدىن كۆرۇشەلمىدۇق. مەن بالامنى بازارغا كەتتى، دەپ، دادىسىمۇ ئۇنى MP3 ئالغىلى كەتتى، دەپ بىخارامان يۆرۇپتىمىز. بالا چۇشتىن كېيىنلىكىمۇ كەلمىدى. مەن سەل ئەنسىرەپ، دادىسىنىڭ يېنىغا بارسام ئۇمۇ بالىنى مېنىڭ يېنىمدا دەپ ئويلاپتىكەن. شۇنىڭ بىلەن جىددىيلەشتۇق. دوستلىرىنى سۇرۇشتە قىلدۇق، ئۇلار مەھەللىدىكەن، شەھەرگە كىرمەپتۇ، ئۇلار ئوغلۇمنى تۈنۈگۈندىن بىرى كۆرمەپتۇ. مەھەللىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلەر، تونۇش-بىلىشلەردىن سۇرۇشتۇردۇق. يوق! مۇئەللىم، ساۋاقداشلىرىدىن سۇرۇشتە قىلدۇق، يوق! شەھەر-يېزىلاردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلاردىن سۇرۇشتە قىلدۇق، يوق!
دادىسى تونۇشلار بىلەن ئالاقىلاشتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئۇرۇق-تۇغقانلار، دوست-بۇرادەرلەر تەرەپ-تەرەپنى ئىزدەشكە كەتتى. ئۇ كۈنى مېنىڭ يۈرۈكۈم سۇ، ئىشىككىلا تەلمۈرىمەن. ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆپچىلىكى بەك كەچ قايتىپ كەلدى. «بەك كەچ كەلدىڭلار، بالامچۇ؟ مېنىڭ ئوغلۇمچۇ؟ گەپ قىلىڭلارچۇ ئوغلۇمچۇ؟» دەپ قايتا-قايتا ۋاقىراپ سورىدىم، جاۋاپسىز. «بىرەرمۇ خەۋەر يوقمۇ؟» جاۋاپسىز. يەنە نەچچە گۇرۇپپا ئىزدىگۈچىلەر قايتىپ كەلدى. سۇرىغان سۇئاللىرىم جاۋاپسىز. نەچچە قېتىملاپ ھوشۇمنى يوقاتقىنىمنى بىلمەيمەن . بىز ئاياللار شۇ يىغلاشتىن باشقا نىمىمۇ قىلالايمىز؟ مەن خۇددى ئابدۇراھمان خان غوجا شىھىت بولغاندا قېرىنداشلىرى ئانىسىغا:
ئۇنچە-مارجان چېچىلدى،
تىرىپ بولالماي كەچ قالدۇق،
سەگە تېرەك يىقىلدى،
يۆلەپ بولالماي كەچ قالدۇق.
دەپ يالغان ئېيتماقچى بولغاندەك، مەنمۇ بۇ يوق دىگەن خەۋەرنىڭ يالغان بولۇپ قېلىشىنى بەك، بەك ئۈمىد قىلدىم. كېچىچە خەۋەر يوق، ھەممە جاۋاپسىز. ئەتىسى كەچلىگىمۇ، ئۈگۈنى كەچلىگىمۇ جاۋاپسىز. مانا 2500 كېچىمۇ جاۋاپسىز قالدىم. جاۋاپ كېلىدىغان كېچە ماڭا بۇ ھاياتىمدا كېلەرمۇ دىگەن ئۇمىد بىلەن ئۈنسىز يىغلاۋاتىمەن!
قانۇنىمىزدا 24 سائەت ئىچىدە ۋەقەنى مەلۇم قىلىشقا بولمىغاچقا، داۋاملىق ئىزدىدۇق، بىزنىڭ كۈچىمىز يەتمەيدىغان ئىشلار نۇرغۇن ئىكەن. پۈتۈن ئۈمۈدىمىز جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدە قالدى. 24 سائەتتىن كىيىن ج خ ئىدارىسىگە مەلۇم قىلدۇق. «بالاڭلارنىڭ يېشى بىزنىڭ ئىزدەش دائىرىمىزدىكى بالىلارنىڭ يېشىدىن ئېشىپ كېتىپتۇ. بىز پەقەت دىلو تۇرغۇزۇپ، ئەنگە ئېلىپ، تورلارغا چىقىرىپ بېرەلەيمىز» دىيىشتى. يالۋۇردۇق، يىغلىدۇق، قاخشىدۇق! ئۇلارمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى ئېيتىپ بالىنىڭ سۆرىتىنى ئېلىپ قالدى. ئەمدى بىزگە بۇنىڭدىن كىيىن ئۆزىمىزگە تايانماقتىن، ئۆزىمىز ئىزدىمەكتىن باشقا چارە قالمىغان ئىدى. ئۇ چاغلار بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئەمدىلا تۇگەپ، مېيىپلارنىڭ ئولىمپىكى باشلانغان، مۇقىملىقنى قوغداش توساقلىرى چىكىندۇرۇلمىگەن، پۇتۇن مەملىكەت غەلىبە خوشاللىقىغا چۇمگەن ۋاقىتلار ئىدى.
شۇنىڭدىن كىيىنكى كۈنلىرىمىز موشۇ بۆگۈنگىچە ئىزدەش ئىچىدىلا ئۆتتى. پۇتۇن كورلىنى، پۇتۇن بايىنغۇلىننى، پۈتۈن شىنجاڭنى ئىزدىدۇق. ئەشۇ غايەت چوڭ ئىچكىرىگىمۇ 10 نەچچە رەت باردۇق. ئۇ ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ قايسىبىرىگە بېرىپ بولغىلى بولسۇن!...بىز يۇغۇزغان، باستۇرغان سۆرەتلەر نەچچە مىڭ پارچە، ياساتقان ئېلانلار نەچچە تۈمەن پارچىدىن ئاشتى. ئىزدىشىپ بەرگەنلەر نەچچە يۈز ئادەمگە، ماشىنا بىرەر يۇزگە يەتتى، ئىقتىسادمۇ مەيلى، ئۆزىمىز ئىشلەپ تاپقان بولسۇن، مەيلى قەرز بولسۇن نەچچە يۈز مىڭ يۇەندىن ئاشتى. ھەممەيلەن خۇددى كېسەل تەككەندەك ئىزەيدىغانلا بۇلۇپ قالدۇق. بالامنى ئىزدىشىپ بەرگەنلەرنى ئاللاھ سالامەت قىلسۇن، مەڭگۇ خاتىرجەم قىلسۇن، بىزدەك كۈنگە قويمىسۇن. بىزدىن يانمىسا خۇدادىن يانار! ھەممە شۇنداق ئىزدىشىپ بەردى، ھەم ئىزدىشىپ بېرىۋاتىدۇ. ھەتتا بىرى ئىچكىرىگە بارىدىكەن دىگەننى ئاڭلىغان ھامان مەيلى يىغىن سەۋەبىدىن بارسۇن، مەيلى سەيلى-ساياھەتكە بارسۇن، ۋە ياكى سودا قىلغىلى بارسۇن يۈزىمىزنى قېلىن قىلىپ ئوغلىمىزنىڭ سۆرىتىنى، ئىزدەش ئېلانىنى قۇلىغا تۇتقۇزۇپ، ئىزدەپ قۇيۇشىنى، دىققەت قىلىپ قۇيۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنۈپ يالۋۇرىمىز... لىكىن ھازىرغىچە...
يوق! يوق!! يەنىلا يوق!!!
تېپىلمىغانچە نۇرغۇن سەۋەپلەرنى قىلىپ باقتۇق. «پالغا ئىشەنمە پالسىزمۇ يۈرمە» دىگەندەك شىنجاڭ تەۋەسىدىكى داڭلىق، داڭسىز پالچىلارنى ئىزدەپ پال سالغۇزدۇق، تۈرلۈك سەۋەپلەرنى يەنى ھالال-ھارام سەۋەپلەرنىمۇ قىلغۇزدۇق. ئۇلارنىڭ پالىمۇ باشتا توغرىدەك قىلدى، كىيىن بارغانسىرى كۆڭلىمىزدىكىدەك چىقمىدى. قانداق قىلىمىز، كۆڭلىمىزگە تەسەللى بولغىدەك ئىزدەش يوللىرى بولسا ھەممىنى قىلىپ باقتۇق. لىكىن ھازىرغىچە...
يوق! يوق!! يەنىلا يوق!!!
مانا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم، خەلق ھۆكۇمىتىنىڭ ئىچكىرىدىكى ئالداپ كېتىلگەن، سېتىۋېتىلگەن، بۇلاپ كېتىلگەن بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەركىتى باشلانغىلىمۇ ئۈچ يىل بولاي دىدى. كۆزىمىز تېلىۋېزۇر ئىكرانىدا، قۇلىقىمىز رادىئۇ سىگنالىدا. ھەر بىر تۇركۇم بالىلار ئېلىپ كېلىنگەندە ئۆرۇمچىگە بارىمىز، پەقەت يوق دىگەن جاۋاپنىلا ئاڭلايمىز. ئېلىپ كېلىنىۋاتقانلار يەنە 15 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئىكەن. مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ يېشى يەنە ئىزدەش يېشىدىن ئۆتۇپ كەتكەنمىدۇ؟ مانا ھازىرغىچە بىرەر خەۋەر ....
يوق! يوق!! يەنىلا يوق!!!
مەن نېرۋامدىن ئادىشاي دىدىم، دادىسى يۈرەك كېسىلى بولدى، تىنىچلاندۇرۇش دورىسى يانچۇقىدا. قالغان ئىككى قىزىم قورقۇنچ ئىچىدە. بىزنىڭ جەمەتىمىز چەكسىز ئازاپ ئىچىدە. ھەممە تۇغقانلىرىمىزنىڭ بالىلىرى سىرتقا چىقىپ ئويناشتىن قورقىدۇ، بىر خىل قورقۇنچ پۈتۈن جەمەتىمىزگە قارا سايىسىنى تاشلاپ تۇرىدۇ.
كۈندە بالامنىڭ ئىشلەتكەن نەرسىللىرىگە قاراپ يىغلايمەن. ئوقۇش قوراللىرى، ئويۇنچۇقلىرى، كىيىملىرى...بىزگە ياردەملىشىمەن دەپ ياساتقان كىچىك كەتمەن-گۈرجەكلىرى...ھەممە نەرسىللىرى ماڭا سۆزلەيدۇ. پۇرايمەن، پۇرايمەن، بالامنىڭ ھىدىنى ئىزدەيمەن. باشقىلار ھەر قېتىم «بالام، ئوغلۇم» دەپ گەپ قىلسا يۈرۈكۈم ئېغىيدۇ، بىللە چوڭ بولغان دوستلىرىنى كۆرسەم قوچاقلاپ سۆيگۈم كېلىدۇ. ئۇلار ھازىر ئەر بۇلۇپ كەتتى. بەزىللىرى ئۆي-ئوچاقلىق بولدى، بەزىللىرى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتىدۇ. ئەگەر بالام بولغان بولسا ئالىي مەكتەپلەردە ئوقار بولغىيتتى. ياكى بولمىسا مەنمۇ باشقا ئاتا-ئانىلاردەك ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلىپ، ئوماق نەۋرەمنى قۇچاغلاپ سۈيۈپ ئولتۇرار ئىدىم ۋە ياكى قۇلىمىزغا قول، پۇتىمىزغا پۇت بۇلۇپ، ئەجدادىمىزنىڭ ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، سىڭىللىرىنى ياتتىن قوغداپ، بىزگە تۇۋرۇك بولار ئىدى.
نەشپۈت، ئالما ئۈزۈلدى،
ئەمدى قۇرۇق باغ قالدى.
جېنىم ئوغلۇم نەدە سەن؟
يۈرۈكۈمدە داغ قالدى.
ئوڭ يېنىمدا سۆرەتتە،
كۈلۈپ تۇرغان قامىتىڭ
سول يېنىمدا مىياڭلار،
مۆشۈك بولغان ئاسلىنىڭ.
جېنىم ئوغلۇم ئەگەر ھايات بولساڭ نەلەردە، كىملەرنىڭ قۇلىدا خار بۇلۇپ يۇرىيدىغانسەن؟ ئىسسىق ئاش يوق قاتتىق نان غاجىلاپ يۇرەمدىغانسەن؟ سۇغۇق قىشتا نەلەردە توڭلاپ يۇرىدىغانسەن؟ قىشلىق كىيىم كىيەلىگەنسەنمۇ؟ قارا جەمئىيەت ئىبلىسلىرى ئېلىپ كەتكەن بولسا نازۇك بەدەنلىرىڭگە ئۇردىمۇ؟ قايناقسۇلارغا قوللىرىڭنى تىققۇزۇپ، كۆيدۈرۈپ، ئوغرىلىق قىلىشقا زورلاپ قىينىدىمۇ؟ قىينالغاندا «دادا، ئانا سىلەر نەدە؟» دەپ يىغلىدىڭمۇ؟ باشقىلار ئاپئاق قوللىرىڭغا، بەدەنلىرىڭگە تاماكا ياققاندا، تاسما-قامچىلار بىلەن ئۇرغاندا، ئاش-تاماقسىز، ئاچ-زىرىن قويغاندا «ئانا، ئانا» دەپ توۋلىدىڭمۇ؟...بىزگە ھىچ بولىسا پەقەت “مەن ھايات، مەن بۇ دۇنيادا ياشاۋاتىمەن” دىگەن بىز ئېغىز گەپنى دەپ قۇيۇپ ئۇزاقتا كەلمىسەڭمۇ، بىز شۇنىڭغىمۇ رازى ئىدۇققۇ بالام؟
ئاسمان خىرە بىزلەرگە،
قۇشلار مۇڭلۇق سايرايدۇ.
غەمگە پاتقان ھەمشىرەڭ،
جان ئاكام دەپ يىغلايدۇ.
سەندىن قالغان پاقلىنىڭ،
ئوت سېپ بەرسەم يېمەيدۇ.
قوتاندىكى موزايمۇ،
سېنى ئىزدەپ مۆرەيدۇ.
ئەشۇ ئىپلاس بالا ئوغرىللىرىغا شۇنى دىگۈم كېلىدۇ: سىلەرمۇ ئاللاھنىڭ بەندىللىرىغۇ؟ سىلەرمۇ ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ پۇشتىغۇ؟ سىلەرنىڭمۇ ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىڭلار بارغۇ؟ پەرزەنتلىرىڭلار بارغۇ؟ سىلەرنىڭ باللىرىڭلارنى باشقىلار ئوغرىلاپ كەتسە، ئوغرىلىققا سالسا، ئۇرسا، ئەڭ رەزىل ۋاستىلەر بىلەن قىينىسا سىلەر چىدامسىلەر؟ ئەگەر سىلەردە زەرىچىلىك ۋىجدان بولسا بالىلارنى خار، ئاتىلارنى ئامالسىز، ئانىلارنى خانىۋەيران قىلىشقا يۈرۇكۇڭلار قانداق چىدايدۇ؟ بالا ئوغرىلاش بىلەن پۇل تاپماقچى بولساڭلار پۇلۇڭلارنى بىز بەرسەك بولمامدۇ، بىرەلمىسەك بىر ئۆمۇر ئىشلەپ تېپىپ بەرسەكمۇ مەيلى ئىدىغۇ! ئەگەر پۇشايمان قىلىپ، ئاشكارا بۇلۇپ قېلىشتىن قورقساڭلار ئىشىكمىز ئالدىغا ئاپىرىپ تاشلاپ قويۇڭلار، ئەگەر بېكارغا بېرىمىزمۇ، زىيان تارتىمىز دەپ قالساڭلار پۇتىنى سۇندۇرۇپ تاشلاپ قۇيۇڭلار، مەن بىر ئۆمۇر بېقىۋالاي، شۇ بالامغا قېنىۋالاي، كەم قالغان ئانىلىق مىھرىمنى بىرىۋالاي! سىلەرگە جان لازىم بولسا جېنىمنى بېرەي، قان لازىم بولسا قېنىمنى بېرەي، ئايىغىڭلارغا يۈكۈنەي، ئايىغىڭلاردا ئۆمۇلەي، ئوغلۇمنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭلار! سىلەرگە ئاللاھ نامى بىلەن يالۋۇراي، سىلەرگە پەرىشتىلەر نامى بىلەن يالۋۇراي، سىلەرگە پەيغەمبەرلەر نامى بىلەن يالۋۇراي، سىلەرگە ئاسمان، يەر-زىمىن، تاغ-دەريا نامى بىلەن يالۋۇراي، بىچارە ئوغلۇمنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار!!!
دەتتىكامغا پۇل قالمىسا، پۇل تېپىپ بېرەي،
دىدەك لازىم بۇلۇپ قالسا، قۇل بۇلۇپ بېرەي،
چاي ئورنىدا قان ئىچسەڭلەر، قېنىمنى بېرەي،
ئويناشقىلى جان قالمىسا، جېنىمنى بېرەي،
مەن تىزلىناي، ئوغلۇمنى ماڭا بىرىڭلار.
سېزىپ تۇرىمىز، ئەتراپىمىزدىكى ئورۇق-تۇغقانلار، دوست-يارەنلەر بىزگە « ئۆلۈپ كەتكەنمىدۇيا؟ » دىگەن بىر گەپنى دېگۈسى بولسىمۇ بىزنى ئاياپ دىيەلمەيدۇ. مەنمۇ بۇ ئېھتىماللىقنى كۆپ ئويلىدىم. ئاھ بالام، ئەگەر ئۆلۇپ كەتكەن بولساڭ قانداق ئۆلۇپ كەتتىڭ؟ كىممۇ سەندەك گۇناھسىز نارسىدەگە رەزىل قۇلىنى سۇنغاندۇ؟ شۇ سەبىيلىكىڭ بىلەن باشقىلار ئۆلتۇرىۋەتكىدەك قانداق سەۋەنلىك ئۆتكۇزەلەرسەن؟ كىملەر سېنىڭ نازۇك تېنىڭگە زەرەر يەتكۈزۈپ، چىرايلىق بويۇڭنى قايسى ئورىغا، قايسى ئازگالغا كۆمۇۋەتتى؟ ئىتلارغا تاشلاپ بەردىمۇ ياكى پارچىلاپ مانتا تۈگۈپ ساتتىمۇ؟ ۋە ياكى ئىچكى ئەزالىرىڭنى ئېلىۋېلىپ ئاللىكىملەرگە ساتتىمۇ؟ جان ئۈزۈش ئالدىدا ماڭا، داداڭغا قىيالىدىڭمۇ؟ قېرىنداشلىرىڭغا قىيالىدىڭمۇ؟ دوست-بۇرادەرلىرىڭگە قىيالىدىڭمۇ؟ بۇ دۇنياغا قىيالىدىڭمۇ؟...ئەگەر ئۆلۇپ كەتكەن بولساڭ، ھىچبولمىسا مېيتىڭنى قائىدىمىز بۇيىچە يۈيۈپ-تاراپ، جىنازىغا سېلىپ، ئۆز يۇلىدا ئۇزاتساق بولماسمىتى؟ يا بارىڭنى، يا يوقۇڭنى بىلمىسەك، بىز ئەمدى قانداقمۇ ياشايمىز جېنىم بالام...
ھاياتمۇ سەن بىلمىدۇق بالام،
شېھىتمۇ سەن بىلمىدۇق بالام،
قىلچە خەۋەر بەرمىسەڭ ئەگەر،
تىرىك تۇرۇپ ئۆلمەمدۇق، بالام.
بىزگە ھەممە نەرسە ماتەم، ئايەممۇ ماتەم، توي-تۆكۈن، مەشرەپلەر ماتەم، خوشاللىقلارمۇ ماتەم، ھەتتا ماتەممۇ ئېغىر ماتەم! بىز تاماق يېمىدۇق تاماق بىزنى يەۋەتىدۇ. بىزسۇ ئىچمىدۇق، سۇ بىزنى ئىچىۋاتىدۇ. بىز كىيىم كەيمىدۇق، كىيىم بىزنى كىيىۋاتىدۇ، بىزياشىمىدۇق، ھايات بىزدە ياشاۋاتىدۇ. بىزنىڭ نىمە گۇناھلىرىمىزغا مۇشۇنداق جازا كېلىدۇ؟ دەپ ئۇلۇغ ئاللاھقا سېغىنىپ يىغلايمىز.
بالىلار يۈتىۋاتىدۇ. بالامنىڭ يۈتكىنىگە ئوخشاشلا ئاتا-ئانىسىنىڭ باغرىنى قان قىلىپ ئوماق قىزچاق سۈرىيە يۈتتى، ئوماق بالا بابۇرجان يۈتتى....نۇرغۇنلىغان گۈللەر، ئايلا، خانلار يۈتتى، نۇرغۇنلىغان جانلار، گاڭلار، قارىلار يۈتتى. چىقمىدى، مۇشۇنداق كېتىۋەتسەك يەنە يۈتىدۇ، يەنە يوقايدۇ، مەڭگۈ چىقمايدۇ!
چۈنكى بىز بالىلىرىمىزغا ئۆزىنى قوغداش تەربىيىسى بېرەلمىدۇق، خاتىرجەم مۇھىت ھازىرلاپ بېرەلمىدۇق. چۈنكى بىز ئىناق-ئىتتىپاق بولالمىدۇق، ئۆزئارا بالىللىرىمىزغا كۆز-قۇلاق بولالمىدۇق. چۈنكى بىز ئۇمۇمخەلق ھەرىكەتكە كېلەلمىدۇق، بىر-بىرىمىزگە يۆلەك بولالمىدۇق، كۆرۇپ تۇرساقمۇ كۆرمىگەنگە سالدۇق. چۈنكى بىز قورقتۇق، ھەممىمىزنىڭ بالىلىرىنىڭ مۇشۇنداق كۈنگە قېلىشىدىن، بىزگە يەنە باشقىچە بالا-قازا، پىشكەللىك، كېلىشمەسلىكلەرنى ئېلىپ كېلىشىدىن قورقتۇق. بىز مۇقىملىقنى ساقلىيالمىدۇق، قانۇننى كۈچلۇك ئىجرا قىلالمىدۇق، چۈنكى بىز بالا ئۈغرىللىرىغا كۈچلۇك زەربە بېرەلمىدۇق، ئۆلۇم جازاسى بېرەلمىدۇق، ئۇلارغا قاخشاتقۇچ زەربە بېرەلمىدۇق!
ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار، ئاكا-ئوكىلار، ئاچا-سىڭىللار، سىلەردىن ئۆتۇنەي، سىلەرگە يالۋۇراي، سىلەرگە تىزلىناي، ئوغلۇمنى تېپىشىپ بېرىڭلار!!!
ئاھ بالام، سەن زادى قەيەردە!!!...
|