- تىزىملاتقان
- 2011-1-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3137
- نادىر
- 0
- يازما
- 101
ئۆسۈش
37.9%
|
كاڭشىنىڭ36 - يىلى ( 1697 - يىلى ) 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى غالدان ئاچا ئامىتە دېگەن جايدا زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالىدۇ ، ئۇنىڭ جىيەنى دەنجىلا غالداننىڭ جەسىتىنى ۋە قىزى جۇڭچىخەينى ئېلىپ قېچىپ كېتىدۇ ، سەپەر ئۈستىدە قۇمۇل ئەتراپىدىن ئۆتكەندە ، ئوزۇق - تۈلۈكى ئۈزۈلۈپ قالغان دەنجىلا خەقلەرنىڭ مال - مۈلكىنى بۇلايدۇ . ئۇ جىمىسارغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ، ئەبەيدۇللا ئادەم ئەۋەتىپ ، ئۇنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندەيدۇ . 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى دەنجىلا ھەمراھلىرى بىلەن قۇمۇل بازىرىغا كېلىدۇ . ئەبەيدۇللا يەنە دەنجىلانىڭ كاڭشى خان بىلەن كۆرۈشۈش ئارزۇسىغا ئاساسەن ، چوڭ ئوغلى گوپا بەگنى قوشۇپ ئۇنى ئىچكىرىگە ناھايتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قوغداپ ئاپىرىپ قويىدۇ .
غالدان ئۆلگەندىن كېيىن كېيىن ، سېۋىن ئارۇبدان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، غالداننىڭ پۈتۈن زېمىنىنى بېسىۋالىدۇ . ئۇ ، قۇمۇلنىڭ جۇڭغارلاردىن يۈز ئۆرۈپ ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە ئەل بولغانلىقىغا كۆڭلىدە باشتىن - ئاخىر ئۆچمەنلىك ساقلاپ كەلگەنىدى . ئەبەيدۇللا بۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپ ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە : << كەمىنىلىرى سەپتىن بالجۇرنى ۋە غالداننىڭ قول ئاستىدىكى نۇرغۇن ئادىمىنى قولغا چۈشۈردۈم . ئۇيراتلارنىڭ پېقىردىن خاپا بولۇشى چوقۇم . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، قۇمۇل نئەزەلدىن ئاجىز بولغاچقا ، قورقۇنچ ئىچىدە ، تىنچراق ئۆتۈشنى تىلەۋاتىمەن . پېقىر سېۋىن ئارۇبداندىنمۇ قورقۇۋاتىمەن ، پېقىرغا زىيان يېتىپ قالمىسۇن ۋە زېمىنىمىزنى قوغداشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ، پاداشاھ ئالىيلىرىنىڭ بىرەر مۆھۈر بېرىشىنى ئىلتىجا قىلىمەن ، شۇنداق بولغاندا ، يەكەن ، تۇرپاندىكىلەرمۇ بۇنى ئاڭلاپ قىزىقسىنىپ ، ئالىيلىرىنىڭ تەۋەسىگە ئۆتۈش كويىدا بولۇشى مۈمكىن . بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنى سۇجۇغا كۆچۈرۈپ كېتىشلىرىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن . شۇنداق بولسا ، خان ئالىيلىرىنى يوقلاپ كېلىشتە سۇجۇ بىر ئۆتەڭگە ئايلىنىدۇ - دە ، پېقىر شۇ يەردىن ئۇچۇر ئۇقۇپ ، ئالىيلىرىنىڭ ھوزۇرىغا ھايالسىز يېتىپ بارالايمەن >> دەپ مەكتۇپ ئەۋەتىدۇ . كاڭشىنىڭ36 - يىلى ( 1697 - يىلى ) 10 - ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى ئەبەيدۇللانى خانغا چىن دىلىدىن ئىتائەت قىلىپتۇ ، ئالاھىدە ماختاشقا ئەرزىيدۇ ، ئۇنى تەرىپلەپ ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك دەپ ، موڭغۇللارنىڭ تۈزۈلمىسى بويىچە ، ئۇنىڭغا 1 - دەرىجىلىك جاساق مەنسىپىنى بېرىشنى ، << تارخان >> نامىنى يەنىلا ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، قۇمۇلدىكى ئۇيغۇرلار موڭغۇللارنىڭ قىزىل جىيەكلىك ئۇيغۇر خوشۇنى قىلىپ تۈزۈلىدۇ . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەبەيدۇللا قۇمۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي نام بېرىلگەن ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىدۇ .
داۋامى بار
مەنبە : قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى |
|