- تىزىملاتقان
- 2015-10-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6058
- نادىر
- 0
- يازما
- 348
ئۆسۈش
21.16%
|
تۇرمۇشقا نەزەر
كۇنلىرىم بىر خىل رىتىمدا رەتلىك ئۆتمەكتە ! تۇرمۇشـا ئادەم دىققەت قىلىپ زەن سالساق ھىچنىمىدىن غەم قىلماي بىغۇبار ياشايدىغان ۋاقىتلىرىمىزدا بوۋا مومىلىرىمىزمۇ تىمەن ھامما تاغىلىرىمىزمۇ شۇنداق قەددى قامەتلىك بىز ھەۋەس قىلغۇدەك نەۋرە -چەۋرىلەرمۇ شۇنداق ئىناق ئىتتىپاق ئۆتىدىغان ھىيىت ئايەم بولدىغان بولسا خۇددىي بىر يۇتنىڭ ئادەملىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ بايرام تەنتەنىسى قىلىۋاتقان مەنزىرە ھاسىل بولاتتى ! ھەممە بىزگە ھەۋەس قىلاتتى ! نى كۇن بۇۋا مومىلار تۇگىدى نەۋرە چەۋرىلەر تۇگۇل تاغا ھاممىلارمۇ تۇزغىغان تۇزغاقتەكلا 2 3 كۇندە بىر جەم بولدىغاندىن ھەپتىدە ياكى 2 ھەپتىدە بىر جەم بولدىغان نەۋرە چەۋرىلەرنى ئۇچرىتىش مۇمكىن بولمايدىغان تۇي تۇكۇنلەردىلا شەكىل ئۇچۇن كىلىپ رەسمىيەتنى ئۆتىۋىتىپلا تۇگۇمەس باناھ سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ۋاقىت چىقىرالمايدىغان ۋاقىت ئۇزارغانسىرى نەپسانىيەتچىلىك مىھرى شەپقەت دىگەندىن ئەسەرمۇ قالمايدىغان قۇلاق قۇلاقتىن كىيىن قالسا قۇلاقنى كەس دىگەندەك قىسقىسى پايدا مەنپەئەت ئۇچۇنلا ۋاي دەيدىغان مىھرى ۋاپا دىگەنلەردىن ئەسەرمۇ قالمايدىغان ھالەتكە چۇشۇپ قالدىكەن بۇ ئۇرۇق تۇققاندارچىلىق ! يىللار نىمە دىگەن تىز ئۆتكەن ھە ! ئەنە كىچىك ھۇي باللار كۆزنى ئىچىپ يۇمغىچە ئۇغۇللار دادا قىزلار ئاپا بولدى قىران ئانىلار بولسا موما دادىلار بولسا بوۋا بولدى ! ۋاقىت نىمە دىگەن تىز ئۆتكەن ھە ! كونىلار ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ ۋاقىت ئاتقان ئوق دىسە نىمىشقا مۇشۇنداق دەيدىغاندۇ دەپ تىگىگە يەتمەپتىكەنمەن ! بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئاتا -ئانىمىزغا ئەركىلەپ تەييار ئالدىمىزغا ئىتىپ ئەكىلىپ بەرگەن تاماقلارنى يىگىلى خوش ياقماي ئوقۇساق خۇددى ئاتا ئانىمىزغا ئوقۇپ بىردىغاندەك تاماق يىسەك ئاتا -ئانىمىزغا يەپ بىردىغاندەك بىز تاماق يىسەك چوڭلارنىڭ قوسقى تۇيدىغاندەك قىلىق قىلىپ خىلى چوڭ بولغىچە ئاتا -ئانىمىزنىڭ قەدرىگە يەتمەپتىكەنمەن ! چوڭ بولۇپ بالىلىق بولۇپ چوڭلارنىڭ كىچىكلىكتە لاتا خالىقى چوڭ بولغاندا ئاتا خالىقى دىگەن گەپنىڭ تىگىگە ئەمدى يەتتىم !
چوڭ بولدۇم مەنمۇ بىر ئاپا بولدۇم ! ئاپا بولغاندىمۇ ناھايتى ۋايىغا يەتكۇزۇپ بولدۇم دەيمەن ! ھەممە ھەۋەس قىلغۇدەك مەسلىگى كەلگۇدەك بىر ئاپا بولدۇم ! مەن كەسپىمنى ، ئائىلەمنى پەرزەنىتلىرىمنى ئنتايىن سۆيىمەن ھەم قەدىرلەيمەن ! ھەممە مەندەك بەخىتلىك بولسا ماڭغان يولىغا گۇل چىچەكلەرنى پۇركىسە دەيمەن ! يەنە شۇنداقلا ئەتراپىمىزدا ئىنتايىن ساغلام قەيسەر ئىرادىلىك دوسلىرىمىزمۇ كۇنلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۇزۇشنى بىلىدىغان ئائىلىسى ئۇچۇن نىمىلەرنى قىلىشنى بىلىدىغان كەسپى ئۇچۇن قانداق ئىرادە باغلاش كىرەكلىكىنى بىلىدىغانلارمۇ ئىنتايىن كۆپ ! بىراق ئۆزىنى رەڭدار جەمىيەتكە ئاتىۋاتكەنلەرمۇ مەنپەئەت ئۇچۇن ئۆز قىرىندىشىنى پۇلغا ساتىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس مەن يۇقۇردىكى تىمامدا سۆزلەپ ئۆتكۇنىمدەك پايدا مەنپەئەت ئۇچۇن قولىدىن ھەر بالا كىلدىغان مەددە قۇرۇتلارمۇ ئاز ئەمەس ! ئۆز ئارا زىتتىيەتكە تۇلغان بۇگۇنكىدەك كۇندە ئادەم ئەركىن تىنىشى ئۇچۇن گەپ قىلساڭ قۇلاقنى قۇلاققا ياق تامنىڭمۇ قۇلقى بار دەيدىغان ھالەتكە كىلىپ قالدۇق !
ئەترىپىمدا تاملار يىڭىلاندى مىللىيچە پۇراق !
يانچۇقلاردا پۇللار يوق چىرايلار سولغۇن ،
بازارلاردا ئادەم يوق جىمجىت كوچىلار !
ئىختىزاتتا قىينىلار ھەممە قەرىز ئۇستىدە ،
داچىلاردا ئولتۇرار ئىدى بۇرۇن پۇلى بارلار !
داچىلاردا ئولتۇرار ھازىر دىھقانلارقەرىزنى قىلىپ ،
ئولتۇرمىسا داچىدا ئۆيى ئۆلچەمسىز ،
شۇ سەۋەپتىن قەرىزلەرگە بوغۇلدى دىھقان تاغىمىز !
ھەممىلەر بۇغۇلدى ساناقسىز قەرىزگە
بانكىلاردا خادىملار قاترايدۇ يىغىدۇ قەرىزنى
چىرايىدا سۇلغۇنلۇق غەمگە چۇمىدۇ !
نە قىلاي ئامالسىز بۇيۇن قىسىدۇ ،
تىجارەتتە ھەممىگە كاساتتۇر بۇ يىل !
خىزمەتچىگە جاپادۇر ۋەزىپە ئىغىر ،
كۇن ئۆتكۇزمەك شۇنچە تەس ھەجەپمۇ بۇ يىل !
نەگە بارساڭ پىشكەللىك تۇرمۇش سەۋەبى ،
|
|