قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3880|ئىنكاس: 14

قۇمۇلدىكى بىرقىسىم رىۋايەتلىك يەر ناملىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

71

تېما

0

دوست

4756

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 1175
تۆھپە : 627
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-28 16:06:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسلام دىنىنىڭ قۇمۇلغا كېيىنرەك كىرىشى سەۋەبلىك بۇ يەرگە ئەرەب - پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى سۇسراق بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىىگە قۇمۇلنىڭ شەرق - غەرب ۋە جەنۇبىي تەرەپلىرىدىكى پايانسىز چۆل - جەزىرىلەر قۇمۇلنى ئەتراپتىكى مەدەنىيەتتىن ئايرىپ تۇرغاچقا، تاشقى مەدەنىيەت بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىمۇ ئازراق بولغان. شۇڭا قۇمۇلدا ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە مەنسۇب نۇرغۇن تارىخىي يەر ناملىرى بار. بۇلارنىڭ بىر قىسمى بىر ئاڭلاشقىلا مەنىسىنى بىلگىلى بولىدىغان ناملار بولسىمۇ لېكىن نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغانلىقىغا دائىر ئېنىق مەلۇمات يوق. يەنە بىر تۈركۈم يەر ناملىرىنىڭ تىل تەۋەلىكىنى ئايرىشمۇ تېخى چوڭ بىر مەسىلە. تۆۋەندە مەن مەنىسى بىر قەدەر ئوچۇق بولغان بىر قىسىم يەر ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا دائىر بىر نەچچە رىۋايەتنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
  بۇ رىۋايەتلەر شۇ يەر ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا نەق جاۋاب بولالمىسىمۇ لېكىن يەر ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە قۇمۇل تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا خام ماتېرىيال بولۇپقالسا ئەجەب ئەمەس.
بوغاز
قۇمۇل شەھىرىنىڭ 28 كىلومېتىر جەنۇبىدا " بوغاز " دېگەن بىر يېزا بار. بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە خەلق ئارىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت تارقالغان. ئىسلام دىنى قۇمۇلغا تارقىلىۋاتقان مەزگىلدە 20 -30 دەك دىن تارقاتقۇچى قۇمۇلغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاش - تاماقلىرىنى ئېتىش، كىر - قاتلىرىنى يۇيۇش ئىشلىرىنى قىلىشقا بىر ئايال كىشىنىمۇ بىللە ئېلىۋالغانىكەن. سەپەر ئۈستىدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى:
 ئارىمىزدا بىرلا ئايال بار، ئايال كىشى دېگەن ئاجىز، ناۋادا بىرەرسىمىزنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپ، ئۇنىڭغا چېقىلىپ قويساق، ھامىلدار بولۇپ قالسا، سەپىرىمىزگە تەسىر يەتسە قانداق قىلارمىز، دەپ ئويلاپتۇ.
شۇ كۈنى ئاخشىمى ئۇلار بىر قونالغۇدا چۈشكۈن قىلىپ سەھەردە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ قارىسا، ھېلىقى خىيالنى قىلغان كىشىنىڭ قورسىقى يوغىناپ قالغانىكەن، بۇنىڭدىن ھەيران قالغان ھېلىقى كىشى باشلىقىغا ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان باشلىق غەزەپلىنىپ " ھەممىگە قادىر ئاللا شۇ ئاجىز بەندىنى بىزدىن ساقلىيالمامدىكەن، نىيىتىڭ يامان بولغاچقا، ئاللا سېنى جازالاپتۇ، بۇنى ئۆزۈڭدىن كۆر، بىزنىڭ ئامالىمىز يوق دەپتۇ " . بۇ ئاجايىب ۋەقە ناھايىتى تېزلا بۇ قونالغۇغا پۇر كېتىپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر بۇ قونالغۇنى " بوغاز " دېيىشىدىغان بوپتۇ
.
ئەمەلىيەتتە بوغاز يېزىسى قۇمۇل دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىككى تەرىپى قۇرۇقلۇق بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ. شەكلى بەئەينى بوغۇزغا ئوخشايدۇ. شۇڭا بۇ يەر ئۆزىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يەرلىك خەلق تەرىپىدىن " بوغاز " دەپ ئاتالغان بولسا كېرەك. ئەگەر بۇ تەخمىن توغرا دەپ قارالسا، " بوغۇز " نىڭ " بوغاز " غا ئۆزگىرىپ قېلىش سەۋەبىنى تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ.
قوۋۇق ئېغىزى 
 قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلارغا كىرىشتىكى تاغ ئېغىزى ھېسابلانغان كۆشۆتىدىن ئىچكىرىلەپ، يۇقىرىغا ئۆرلىسە بىر داۋانغا چىققىلى بولىدۇ. بۇ داۋاندىن يىلاندەك تولغىنىپ ياتقان 36 ئايلانمىلىق يولبىلەن پەسكە چۈشسە، قوۋۇق ئېغىزىغا يېتىپ كەلگىلى بولىدۇ. بۇ جاي داۋاندىن ئۆتكەندىكى باركۆل، ئاراتۈركلەرگە ئايرىلىدىغان يول ئېغىزى بولغاچقا كىشىلەر بۇ يەرنى قوۋۇق ئېغىزى دەپ ئاتاشقان.
 بۇ جاي ھەققىدە ئەل ئارىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت بار.ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ شىمالىدا چەكسىز كەتكەن بىر دېڭىز بولغانىكەن. بۇ دېڭىز ياقىسىدا بىر قەبىلە بولۇپ، بۇ جايدا بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇق ياشايدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە دېڭىزدىن بىر دېۋە چىقىپ، قىزنى ئېلىپ قېچىپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يىگىت دېۋە بىلەن ئۈچ - كېچە كۈندۈز ئېلىشىپ، ئاخىرى دېۋىنى يېڭىپ قىزنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپتۇ، ئۇلار مېڭىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا دېۋە يەنە دېڭىزدىن چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا غايەت زور بىر تاغنى پەيدا قىلىپ ئۇلارنىڭ يولىنى ئېتىپ قويۇپتۇ. قاتتىق غەزەپلەنگەن يىگىت قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، قاتتىق قەھرى بىلەن تاغنى چاپقانىكەن، غايەت زور گۈلدۈرلىگەن سادا بىلەن تەڭ تاغ ئىككىگە ئايرىلىپتۇ. دېمەك قۇمۇل بىلەن تاغنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا ئۆتۈشتىكى بۇ تاغ يولى ئاشۇ يىگىتنىڭ چېپىشى بىلەن ئېچىلغانىكەن.
 
ئاقتاش
ئاقتاش تەڭرىتاغنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، شىنجاڭدا كەم ئۇچرايدىغان مەنزىرىلىك رايونلارنىڭ بىرى، كىشىلەرنىڭ يازلىق ئارامگاھى. بۇ نام شۇ جايدا چوقچىيىپ تۇرغان
 يىگانە ئاقتاشنىڭ نامىدىن كەلگەن. بۇ تاش ھەققىدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار:
بۇرۇن بۇ يۇرتتا چارۋىچىلىق قىلىدىغان بىر قەبىلە ياشىغانىكەن. قەبىلە باشلىقىنىڭ بەختىگۈل ئىسىملىك بىر گۈزەل قىزى بولۇپ، ئۇ چىنار ئىسىملىك بىر نامرات يىگىتكە ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. ئۇلار دائىم ئورمان ئىچىدە ئۇچرىشىپ تۇرىدىكەن. بەختىگۈل يېشىللىققا ئىنتايىن ئامراق بولغاچقا، چىنار ئۇنىڭغا ھەر قېتىم قايتىشىدا بىر تال قارىغاي شېخىنى سوۋغا قىلىپ ماڭىدىكەن. بەختىگۈل ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدىكەن. يىللار، ئايلار ئۆتۈپ، بۇ يۇرتتا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ، يايلاقلار قۇرۇپ، قارىغايلار سارغىيىشقا باشلاپتۇ. ئۆز يۇرتىنىڭ قاقاسلىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرگەن بەختىگۈلنىڭ كۆڭلى بەكمۇ بىئارام بولۇپ، قاتتىق ھەسرەت چېكىپ كۆزىنىمۇ ئاچماي يېتىپ قاپتۇ. بۇنىڭدىن چىنارنىڭ يۈرەك - باغرى ئېزىلىپ، كۈندە ئورمانلىققا قاراپ قايغۇلۇق ناخشىلارنى ئېيتىدىغان بولۇۋاپتۇ. سۆيگىنى بەختىگۈلنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن قارىغايلارنى بىر بىردىن قۇچاقلاپ، توختىماي سىلكىپ چىقىپتۇ. كۆز ياشلىرى دەريا بولۇپ ئېقىپتۇ، قارىغايلارنى تىنىمسىز ئىرغىتىۋەرگەچكە، بارماقلىرى ئارىسىدىن چىققان قانلار ئورمانلىققا سىڭىپتۇ. چىنار ھالسىز لىنىپتۇ، لېكىن قارىغايلار كۆكىرىشكە باشلاپتۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ھەممە جاينى يېشىللىق قاپلاپتۇ. قايتا يېشىللىقنى كۆرگەن بەختىگۈل شادلىققا چۆمۈپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپتۇ، لېكىن چىنارنىڭ كۆز ياشلىرى ۋە يۈرەك قېنى دەريادەك ئېقىپ ، قاتتىق ھالسىزلانغاچقا يىقىلىپ چۈشۈپ بەختىگۈلنىڭ قۇچىقىدا جان ئۈزۈپتۇ. بۇ ھىجران ئازابىغا چىدىمىغان بەختىگۈلمۇ چىنارنى قۇچاقلىغىنىچە جان ئۈزۈپتۇ.
كىشىلەر ئۇلارنىڭ چىن ئەقىدە، پاك مۇھەببىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇلارنى ياپيېشىل ئوتلاق ئىچىگە دەپنەقىپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلارنىڭ قەبرىسىدىن بىر يوغان ئاق تاش ئۈنۈپ چىقىپتۇ. بۇ ئاقتاش ئاشۇ بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇقنىڭ پاك مۇھەببىتىنىڭ سىمۋولى ئىكەن.
شامالچىباغ
3 - ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئىمىن ( 1171 – 1740 ) ئوقيا ئېتىشتىكى ماھىرلىقى بىلەن بېيجىڭدا خاننى ھەيران قالدۇرغاندىن كېيىن، خان مەشقاۋۇللىرىنىڭ ھەسەت ئوتى كۈچىيىپ، خانغا ئىمىن ۋاڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇپ :" ئىمىن ۋاڭ دېگەن خاننىڭ قول ئاستىدىكى كىچىككىنە بىر يۇرتنىڭ بېگى تۇرۇقلۇق خاننى كۆزگە ئىلمىدى، ئوقيا ئېتىش مەيدانىغا كىرىشتىن بۇرۇن خانغا تازىم قىلىشى كېرەك ئىدى. مەشقاۋۇللارنىڭ قائىدە - تۈزۈمىگە رىئايە قىلماي مەنمەنچىلىك قىلدى، خان بۇنىڭغا چارە كۆرۈشى كېرەك " دەپ تۇرۇۋالىدۇ.
 خان مەشقاۋۇللارنىڭ دەۋاسىنى توغرا تېپىپ، ئىمىن ۋاڭنى ئىلىنىڭ شامالچىباغ دېگەن يېرىگە 15 يىللىق سۈرگۈن قىلىدۇ. 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئىمىن ۋاڭنىڭ بالا - چاقىلىرى قۇمۇل شەھىرىنىڭ يەتتە كىلومېتىر جەنۇبىغا بىر قورغان ياساپ ئۇنى شامالچىباغ دەپ ئاتايدۇ. ھەمدە ئاتىسىنى شۇ قورغانغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن خانغا ئىلتىماس سۇنىدۇ. خان ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئىمىن ۋاڭ يېڭى ياسالغان شامالچىباغقا قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ. ھازىرقى شامالچىباغ دېگەن كەنت نامىنىڭ پەيدا بولۇشى شۇنىڭدىن قالغانىكەن
قايناقسۇ تۇر
   بۇ قۇمۇل شەھىرى راھەتباغ يېزىسىغا قاراشلىق بىر مەھەللىنىڭ نامى بولۇپ، بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە مۇنداق بىر قىزىقارلىق رىۋايەت تارقالغان قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇت دەۋرىدە ئىلىدا ياڭ زېڭشىنغا قارشى ئىنقىلاب پارتلايدۇ. ئۇلار تېز ئىلگىرىلەپ جىڭ ناھىيىسى تەۋەسىگە بېسىپ كېلىدۇ. بۇ جىددىي پەيتتە ياڭ زېڭشىن ئىنقىلابنى باستۇرۇش ئۈچۈن ھەرقايسى يۇرتلاردىن ئەسكەر ئالىدۇ. جۈملىدىن شاھ مەخسۇتمۇ ياڭ زېڭشىننىڭ تەلىپى بويىچە 200 دېھقاننى ئەسكەرلىككە ئېلىپ ئۈرۈمچىگە ماڭدۇرىدۇ. ئۇلار جىڭدا ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ، ئىككى تەرەپ ئۇرۇشتا قاتتىق تىركىشىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا قۇمۇلدىن بارغان قوشۇننىڭ تۇغبېگى ئۇسساپ كېتىپ، يېنىدىكى ئەسكەردىن سۇ سورايدۇ. ئەسكەر جىددىيچىلىكتە يېڭىلا قايناقسۇ قاچىلانغان قاپاقنى تۇغبېگىگە بېرىدۇ. تازا ئۇسساپ كەتكەن تۇغبېگى قاپاقنى قولىغا ئېلىپلا سۇنى ئىچىدۇ، قايناقسۇدا تۇغبېگىنىڭ ئاغزى كۆيۈپ كېتىدۇ، ئاغرىق ئازابىغا چىدىمىغان تۇغبېگىنىڭ قولىدىكى قاپاق ئاتنىڭ ئىگىرىگە تېگىپ چېقىلىپ، قايناقسۇ ئاتقا تۆكۈلىدۇ. ئىسسىققا چىدىمىغان ئات چاپچىپ ئالدىغا ئۇچقانداق چاپىدۇ، تۇغبېگىنىڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن قوشۇن بىراقلا جەڭگە ئاتلىنىدۇ. ئۇرۇش غەلىبىلىك ئاياغلىشىدۇ. لەشكەر بېشى تۇغبېگىگە غەزەپلىنىپ سەن نېمىشقا بۇيرۇق بېرىلمەيلا ھۇجۇمغا ئۆتىسەن، دەپ كايىيدۇ.
قايناقسۇدا تىلى كۆيگەن تۇغبېگى " قايناقسۇ، قايناقسۇ " دېيىشتىن باشقا گەپ قىلالمايدۇ. گەپنى ئاڭقىرالمىغان لەشكەر بېشى نېمە ئۇ قايناقسۇ، قايناقسۇ دېگەن، دەپ تىللاپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ كىشىگە " قايناقسۇ " دېگەن سۆز لەقەم بولۇپ قالىدۇ. ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قۇمۇل ۋاڭى ھېلىقى كىشىنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى بەدىلىگە بىر پارچە يەرنى ھەدىيە قىلىپ بەرگەن. شۇندىن كېيىن بۇ يەر شۇ كىشىنىڭ لەقىمى بىلەن " قايناقسۇتۇر " دەپ ئاتالغانىكەن.
كانايچىتۇر 
بۇ راھەتباغ يېزىسىغا قاراشلىق بىر مەھەللە بولۇپ، بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇنداق بولغانىكەن قۇمۇل ۋاڭلىقى دەۋرىدە ۋاڭ ئوردىسىدا چوڭ ئىككى كاناي بار بولۇپ، ئوردىدا ئۇنى چالىدىغان مەخسۇس كىشىلەر بولغانىكەن. ئۇلار ئوردىدا توي - تۆكۈن بولغاندا ۋە ھېيىت - بايرام كۈنلىرى بۇ كانايلارنى چېلىپ، ۋاڭنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ تۇرىدىكەن. كاناي چالىدىغان بۇ كىشىلەر ئۆز كەسپى بىلەن ئەل ئارىسىدا " كانايچى " دەپ ئاتىلىدىكەن.
قايسىدۇر بىر قۇمۇل ۋاڭى بۇلارنىڭ خىزمىتى بەدىلىگە ھازىرقى كانايچىتۇرنى ھەدىيە قىلىپ بەرگەنىكەن. ئەسلىدە باشقا نام بىلەن ئاتىلىدىغان بۇ يۇرت ئاشۇ كىشىلەرنىڭ لەقىمى بىلەن كانايچىتۇر دەپ ئاتىلىپ قالغانىكەن. ھازىرقى كانايچىتۇر مەھەللىسىدە ئاشۇ كانايچىلارنىڭ كانايچى دەپ ئاتىلىدىغان ئەۋلادلىرى بار

8

تېما

0

دوست

1130

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 259
تۆھپە : 159
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 17:09:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
{بوغاز =بوغۇز} ئەزەربەيجان تۈركلىرى «بوغاز »دېيەركەن...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

0

دوست

2840

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 644
تۆھپە : 435
توردىكى ۋاقتى: 467
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 21:50:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق يەر ناملىرى چۈشەنچىلىرىگە كۆپرەك ئىگە بولساق،داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز.

2

تېما

0

دوست

5854

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   17.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1296
تۆھپە : 916
توردىكى ۋاقتى: 270
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 21:54:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايناقسۇ تۇر بىلەن كانەيچىتۇر دېگەن ئاتالغۇلارنى ئەمدى ئاڭلىشىمكەن، توۋۋا...

2

تېما

0

دوست

2651

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  80
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 637
تۆھپە : 377
توردىكى ۋاقتى: 323
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 18:07:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قومۇلدا 72 تۇر بار دەپ ئاڭلىغان ،بىراق بىر قانچىسىنىلا بىلىدىكەنمەن.[قايناقسۇ تۇر بىلەن كانەيچىتۇر  ] ئېنىق ئورنى قەيەردە ؟
قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن.

خوراز چېغىدا بىر

4

تېما

0

دوست

5709

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1166
تۆھپە : 954
توردىكى ۋاقتى: 704
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 18:36:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى guzaldunyaدە2011-01-09 18:07يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
قومۇلدا 72 تۇر بار دەپ ئاڭلىغان ،بىراق بىر قانچىسىنىلا بىلىدىكەنمەن.[قايناقسۇ تۇر بىلەن كانەيچىتۇر  ] ئېنىق ئورنى قەيەردە ؟  



   بۇرۇنقى مۇنبەردە 72 تۇرنى تېپىپ باقامدۇق دەپ يوللىغان بىر  تېمام  باتتى ، ئاشۇنۇڭدا كېيىن يىغىپ كەلسەك 69 تۇر بولغانىدى .ئەمما 72سى تولۇق  چىقمىدى~!

1

تېما

0

دوست

164

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   54.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 23
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 19:44:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىىزگە،بىلۋالدۇق
داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ

0

تېما

0

دوست

45

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  192
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 25
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 00:11:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
12تاغنىڭ ئىسملىرنىڭ  مەنىسڭچۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )