- تىزىملاتقان
- 2011-1-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3462
- نادىر
- 11
- يازما
- 64
ئۆسۈش
48.73%
|
مەن3000يىلدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ يەنىلا مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشىدىن گۇمان قىلىمەن. ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى قىياس قىلىنغان مۇنداق بىر جۈملە ئوبرازلىق سۆز بار:<<ئىنسانلار ئاخىرى يەر شارىدىكى سۇن خورىتىپ تۈگىتىدۇ، قېپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە سۇ ئۇلارنىڭ كۆزيېشى بوۇپ قالىدۇ خالاس،!>>
شۇنداق، ھازىرقى تەبىئەتكە ئاچكۆزلۈك بىلەن يۈرگۈزۈلىۋاتقان تالان-تاراجلار، ئەسەبىلەرچە بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۈرئىتى ۋە<<يادرو قوراللىرىغا ئىنتىلىۋاتقان، ئىگە بولۇۋاتقان دۆلەت ۋە تەشكىلات>>لار سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ بېرىشىدەك ئەھۋاللارغا قاراپ ئۈمىدسىزلىك بىلەن شۇنداق ھۆكۈم چىقىرىشقا ماجبۇرمىزكى، ئىنسانىيەتنىڭ ھالاكىتى ئۇزاققا بارمايدۇ.
ئەمما،ھەرقانداق مۆجىزە يۈز بېرىش ئېھتىمالىغا يېقىن. ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ قەيسىرانە ياشاش ئىرادىسىگە تايىنىپ، 3000يىلدىن كېيىنمۇ مەجۈت بولۇپ تۇرالىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا 3000يىل مۇقەددەم يەرشارىدا ياشاپ ئۆتكەن ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرگە نېمىلەرنى دېيشىم كېرەك؟ئالدى بىلەن، ئۆزۈم ياشىغان دەۋىردىكى ئىنسانلارغا ۋاكالىتەن، سىلەرگە گۇناھىمىزنى ئىقرار قىلماقچىمەن.ئىشىنىمەنكى، سىلەر بىزنى توختىماي تىللاۋاتىسىلەر، قاغاۋاتىسىلەر بىزگە ئاھانەت قىلىۋاتىسىلەر.
بىز بۇ دەۋىر ئىنسانلىرى ئەجداتلارغا نىسبەتەن <<ۋاپاسىز ئەۋلاد>>، سىلەرگە نىسبەتەن <<ۋاپاسىز ئەجداد>>لارمىز. سىلەر بىزگە قانچە لەنەت-نەپرەت ئوقۇساڭلارمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. بىز يەر شارىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى كەڭ كۆلەمدە بۇزۇۋەتتۇق؛ بۈك-باراقسان چوققىلارنى ۋاقىتسىز تاقىر تاغلارغا ئايلاندۇرۇۋەتتۇق؛ھاۋاغا زەھەرلىك ماددىلارنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ، كۆپكۆك ئاسماننى ئىس-تۈتەكلەر بىلەن قاپلىۋەتتۇق؛ سۈپسۈزۈك دەريا ئېقىنلارنىڭ سۇلىرىنى گويا يارا ئېغىزىدىن ئېقىۋاتقان يىرىڭلارغا ئوخشىتىپ قويدۇق؛ يەر شارىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى نېفىت، كۆمۈرۋەبارلىق ئېنىرگىيە زاپىسىنى قىلچە تىزگىنسىز قىدىرىپ قىرىپ تۈگەتتۇق؛ ئەۋلادلارغا تەئەللۇق بولغان بارلىق بايلىقلارنى ئىشلىتىۋالدۇق ۋەبۇزۇپ چاچتۇق ؛بىز ۋەھشىلەرچە قىرغىنچىلىق قىلىپ، ھەمراھىمىز بولغان ھايۋانلارنى يوقىلىش گىردابىغا ئېلىپ باردۇق،ئۇلارنى داسىتخىنىمىزدىكى مەززىلىك تائامغا ئايلاندۇرۇپ يەپ تۈگەتتۇق. بىز ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يوقىتىش بىلەن بىرگە، ئادەملەر ئارىسىغىمۇ ھەرخىل ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئۆزىمىزگە يات ئىرىق، يات دىن، تۆۋەن تەبىقىلەردىكىنى قىردۇق، ھەتتا، ئوخشاشمىغان كۆز قاراشتىكىلەرنىمۇ بوش قويمىدۇق، كاللىلار يەردە دومىلاپ قانلار دەريا بولۇپ ئاقتى، ئەگەر سىلىر ئىنسانىيەت تارىخىدىكىلەردىن ھېساب ئالماقچى بولساڭلار، بىز تارىخ جىنايىتى سەھنىسىدىكى باش جنايەتچىلەردۇرمىز.
بىز گۇناھىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلىمىز، شۇڭا ئۆزىمىزنى ئەيىبلەش،تۆۋە قىلىشتىن باشقا نېمە قىلالايىتتۇق؟!قوي يۈتكەندىن كېيىن قوتاننى ئوڭشىغاننىڭ پايدىسى يوق، ئەلۋەتتە. ئەگەر بىزنى سىلەرگە كېرەكلىك دەپ قارىغاندىمۇ بىز سىلەرگە پەقەت سەلبى دەرىسلىكلا بولالايمىز ، خالاس! مەن سىلەرنىڭ قانداق ئىجتىمائى فورماتسىيەدە ياشاۋاتقانلىقىڭلارنى بىلمەيمەن، ئەگەر سىلەر دىمكۇراتىىيىلىك، مەدەنىيەتلىك دۇنيادا ئەركىن ھاۋادا نەپەسلىنىپ، مېھىر-شەپقەت نۇرىغا چۆمۈلۈپ ياشاۋاتقان بولساڭلار، ئەجدادىڭلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ ئۇلارنى ئەسلەپ تۇرغايسىلەر، سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. ئەجدادەڭلار مۇستەبىت كۈچلاربىلەن ئېلىشىش جەريابىدا ئالدىنقىسى يېقىلسا، كېيىنكىسى ئىز بېسىپ ھاياتنى بەدەل قىلغان، .ۇلارنىڭ قېنى شەپەقنى قىزارىتقان. ئەگەر سىلەر چېقىمچىلار، مەخپى تىڭشىغۇچ ئەۋىج ئالغان دەۋىردە ياشاۋاتقان بولساڭلار، سىلەرنىڭ بوشىشىپ كەتمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ھوقۇق-مەنپەئەتىڭلارنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا زوراۋانلىق بىلەن باتۇرلارچە ئاداققىچە كۈرەش قىلغايسىلەر. سىلەر بىزنىڭ دەۋردە ياڭرىغان<<بارلىق ئەكسىيەتچىلەرنىڭ ھەممىسى قەغەز يولۋاس>> دېگەن شۇئارنى ئېسىڭلاردامەھكەم تۇتۇڭلار. سىلەر مېنىڭ بۇخېتىمنى كۆرگەندە، مەن ئاللىبۇرۇن پاسىق سۆڭەككە ئايلىنىپ بولغان بولىمەن، شۇنداقتىمۇ، سىلەرنىڭ بەخىتلىك، سالامەت بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن.
(<<فىليەتونلار ئايلىق ژۇرنىلى>>نىڭ 2005-يىل7-سابىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇ كېرىم تەرجىمىسى)
جۇڭگۇ مىللەتلىرى 2005يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى
باغداش تورى كۆچۈرۈپ تور يۈزىگە يوللىدى ، ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىڭ
|
|