- تىزىملاتقان
- 2015-10-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1064
- نادىر
- 0
- يازما
- 39
ئۆسۈش
6.4%
|
ئابدۇسالام ئابدۇۋەلى
مۇساپىر بولۇشۇمنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئوقۇش بولغاچقىمۇ ،ئوقۇش ئىچىدە ئويلىغانلىرىم بىرقەدەر كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەيتى. زىمىننى سەير قىلىپ ئاللاھنىڭ مۆجىزاتلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگىزىدىغان ، ساغلام رىزىقىلىق بولىدىغان ئىسىل پۇرسەتلەر ياراتقۇچىنىڭ ئىلتىپاتى ، ئوقۇشنى ۋاستە قىلىشى بىلەن مەندەك بىر غىرىپقا نىسىپ بولدى . ئوقۇش ياكى ئوقۇماسلىق ئىزتىراپلىرى ئىچىدە بىر مەزگىل تىڭىرقاپ يۇردۇم. ئوقۇي دېسەم ئۆتىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ مىنىڭ قىزىقىشىم ، ئىتىقاد خائىشىم بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق، بۇرۇقتۇرما كەيپىيات ، يالغۇزلۇق ، غىرىپلىق ، ئانا تىلىمدا تەپەككۇرنى تاماملاپ ، باشقا تىلغا تولۇق ئۆرۈپ بىرەلمەسلىكتەك چارىسىزلىك، يات تىلدىن قىسىلىشلار گەدىنىمگە غالىپلارچە دەسسەپ تۇرغىنى تۇرغان. ئوقۇماي دېسەم نۇرغان ئىشلارنى قىلالايدىغاندەك ئويلاپ كىتىمەن ، بىرەر تىلنى پۇختا ئىگەللىسەم ، نەتىجە قازىنالايتىمغۇ، مىليونىر ، مىليادىر بولالمىساممۇ ، ئەل ۋەتەن ئۈچۈن ئازغىنە بىر ئىش قىلىپ بىرەلەيتىمغۇ ، ئاللاھ بەرگەن قابىلىيەتنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئاخىرقى نوقتىغا بىرىشنى ئويلىسام ھازىرلا ئوقىمىسام دەيمەن. لىكىن ئارلىقتا يۈز بەرگەن بىر ئىش بۇ ئىزتىراپلارنى قاياقلارغىدۇر ئۇچۇرۇپ تاشلىدى.
قۇربان ھىيتتا ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن بىر قىرىندىشىم بىلەن دوستلاشتىم. دوسلىشىشىمىز ھەقىقەتەن ناھايىتى ئاددىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك بولدى . پەقەت ۋە پەقەت ئىككى جۈپ كۆزنىڭ بىر بىرىگە قارىشىدىن دەسلەپكى دوستلۇق ھاسىل بولدى. چوڭلار ئىمانلىق كىشىلەرنىڭ يۈزى نۇرلۇق بولىدۇ ، قاراشقىلا كىشىگە يىقىشلىق تۇيغۇ بىرىدۇ دەپ ئاڭلىغانىدىم، ھەپتە ئىلگىرى ئابدۇۋەلى ئاكىمىز بۇ نۇرغا ئىزاھات بەرگەنىدى. كۆزلەرنىڭ ئۇچرىشىشى پەقەت بىر ۋاستە خالاس ، موھىمى بۇ يەردىكى نۇرلۇق يۈز ئىدى . ئاللاھغا شۈكرى ، بىر كۈن ئىچىدىلا ئىچەركىشىپ كەتتۇق ، كۆزدىن ئايرىسىمۇ ھاسىدىن ئايرىمىغان ئاللاھغا شۈكۈرلەرنى يوللايمەن. بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ باشتا ئويلىغانلىرىمنى بۇ دوستۇمغا ئىيتتىم، دوستۇم بىردەم تۇرۇپ كىتىپ دېدىكى ”سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ئىلىم يىراق چىندا بولسىمۇ ئىزدەڭلار “ دىگەن ، شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى 1400يىل ئىلگىرى ئىسلامنىڭ بۆشۈكى ئەرەبىستاندا ئىدى، دىمەك بۇ يەردىكى ئىلىم پەقەت دىنىي ئىلىمنىلا ئەمەس بەلكى نۇرغۇن ساھەلەرگە چىتىلىدىغانلىقىنى چۇشەندۇردى. ھەي خۇدا ! نىمە دىگەن ئەقىلسىزلىق بۇ ، مەن ئۇلۇغ كىتابلىرىمىزدا بۇ ئۇلۇغ سۆزنى ئوقۇدۇم، ئەتەباتۇل ھەقايىقنىڭ ئەدەبىيات كىتابدا بىرىلگەن پارچىسىدا بۇ ئۇلۇغ سۆزنى ھەم ئوقۇدۇم، لىكىن نىمىشقا بۇ يەردىكى ئىلىمنىڭ قايسى جەھەتتىكى بىلىملەرنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى ئويلىمىدىم؟ نىمە ئۈچۈن ئوبدانراق تەپەككۇر قىلمىدىم ؟ پەيغەمبىرىم ئىزدە دىسە مەن ئىزدەشتىن ۋاز كەچمەكچى بوپتىمەنغۇ ؟ رەببىم تەپەككۇر قىلىڭلار ، ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىڭلار دىسە مەن زادى نىمىش قىلدىم؟ مەندىكى تەپەككۇر زەبۇنلىقىنىڭ ئاشكارلىنىشى بولدىغۇ بۇ!؟ پەيغەمبىرىمنى سۆيىمەن دەپ يۈرۇپ ، ئۇ قىل دىگەن ئىشتىن باش تارتىشنى خىيال قىلغىنىمدىن خىجىل بولدۇم. گۇمراھلىقنىڭ پاتقىقى ئالدىغا بىرىپ قالغان مەندەك بىر ئەقىلسىزنى ياراتقۇچىنىڭ مەرھەمەت قىلىپ قايتۇرۇپ كەلگىنىگە رەھمەتلەرنى ئىيتىپ تۇگىتەلمەيتىم. ئىسىمغا تۇيۇقسىز بىر يىل ئالدىدىكى بىر ئىش كەلدى. قوشنىمىز غەيراتكامنىڭ كىتابخانىسىدىن (قەشقەر كۆكنۈر كىتابخانىسى) كىتاب ئىلىپ چىقىشىمدا ئۇ ”ھەييە بىننى يەقزان ھەققىدە قىسسە“ دىگەن كىتابنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ ماڭا مۇنۇلارنى دىگەنىدى:”ئون ئەسىر ئىلگىرى ئۇيغۇر دۇنيانى سورىغىنىدا خالىقنى يەنى ياراتقۇچىنى تەپەككۇر ئارقىلىق تۇنۇغان ، يەنى ئۆزى ئىزدىنىپ ، ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا چىنپۇتكەن، سوپىلار زامانىدا بولسا ھىسسىيات ئارقىلىق ، ئەمدى بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە بىز گەپ بىلەن تونىغانىكەنمىز، بۇ كىتاب دەل ئەجدادلار تەپەككۇر شەكلىنى ئاساس قىلىپ يىزىلغانىكەن، غەيراتكام ماڭا بۇ كىتابنى ھەدىيە قىلىدىغانلىقىنى ئىيتتى. “ بۇ كىتابنى مۇساپىرەتتىمۇ يىنىمدىن ئايرىمىدىم. ئەسلى مۇدداغا كەلسەك مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئوقۇشۇم كىرەككەن ، ئوقۇغاندىمۇ باشقىلاردىن پەرقلىنىپ ئوقۇشۇم كىرەككەن، چۇنكى رەسۇلۇم مۇسۇلمان بىر ئىشنى مۇكەممەل قىلىشى كىرەك دىگەنىدى ، ياراتقۇچىمىز بىز ئىنساننى مۇكەممەل ياراتتۇق دىگەنىدى، مۇكەممەل يارىلىپ ، ھەربىر ئىشنى مۇكەممەل قىلىشقا بۇيرۇلۇپ خىلاپلىق قىلىشقا ئەلۋەتتە پىتىنالمايمەن. مەن تىخى ياش ، رەسۇلىمىز ياش ساھابىلەرگە قوشۇننىڭ بايرىقىنى تاپشۇرغانىدى ، دەۋرىمىزدىكى داڭلىق ئىسلام ئالىمى نوئمان ئەلىخان ئۇممەتنىڭ كىلەچىكى ياشلارغا باغلىق دىگەنىدى ، مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام ياش ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ يازغان شىئىرىنى ئاڭلاپ سۆيۈنگەنىدى ۋە ئۇنىڭغا ئۇمۇد باغلىغانىدى ، مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئويغانغان زىمىننىڭ 3—قىسمىنى كىيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرغانىدى ،. دىمەك ياش ، قىران ۋاقتىمدا ئوقۇماسلىققا ،ئاتا ئىزىنى باسماسلىققا ، ئانامنىڭ مىللەت ئۈچۈن ۋەتەن ئۈچۈن تىرىشىپ ئوقۇ دىگەن ئومۇدىنى ئاقلىماسلىققا ، ھىچ بىر ئۆزرەم يوق ، ئوقۇماسلىققا تىخىمۇ يوق ، ئوقۇش ئەلمىساقتىن ئاسان پۇتىدىغان جەريان ياكى باسقۇچ ئەمەس ، بۇ بىر پۈتىۋىتىلگەن ھەقىقەت ، ئوقۇي تاكى قەبرەمگە كىرگىچە ، ئىنشائاللاھ مەنمۇ كىيىنكىلەرگە ئەجدادلىرىم ماڭا قالدۇرغان تاپشۇرۇقلاردەك تاپشۇرۇقلارنى تاپشۇرۇارمەن .
ئوقۇتماي بالىلارنى ئوينىتىپ خوپ ياخشى چوك قىلدۇق،
ئىسىت! بۇ بالىلار ئاخىر يىرىم ناننى تاپالىغايمۇ؟
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
|
|