- تىزىملاتقان
- 2012-6-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 15679
- نادىر
- 65
- يازما
- 185
ئۆسۈش
14.2%
|
ئىنگلىزچىدىن قەيسەر مىجىت تەرجىمىسى
مەزكۈر ماقالە، 2015 - "نېۋ يورك ۋاقتى" گىزىتىنىڭ 23-سىنتەبىر سانىدا ئىلان قىلىنغان بولۇپ يازغۇچىسى تۈركىيەلىك مۇسۇلمان- مۇستافا ئاقيول ئەپەندى.
مەن ئوقۇرمەنلىرىمىز ئوقۇپ باقسۇن ئۈچۈن بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنى ئېنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئوقۇپ كۆرگەيسىزلەر، ئويلىنىپ باققايسىزلەر...
***********************************************
مۇشۇ ئاينىڭ بىشىدا، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇقەددەس كۈن بولغان جۈمە كۈنىدە، مەككىدىكى ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇقەددەس جايى بولغان كەبىگە يىقىن يەردە بىر پاجىئەلىك تىراگىدىيە يۈز بەردى.كۇپ شەكىللىك مۇقەددەس يەرنى قورشاپ تۇرغان مەسجىدكە بىر غايەت زور كىران چۈشۈپ كىتىپ ھەج قىلغۇچىلاردىن 118 نەپەرنى ئۆلتۈرۈپ 400 نەپىرىنى يارىدار قىلدى.
بۇ تىراگىدىيە- ھازىرقى زامان تارىخىدىكى كران چۈشۈپ كىتىش تۈپەيلى كىلىپ چىققان ئۆلۈم يىتىم ۋەقەلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئەجەللىكى.لىكىن يۈكسەك دەرىجىدىكى روھانى بۇ دۆلەتتە، بۇ كراننىڭ مەشغۇلاتىنى ئىلىپ بارغان سەئۇدى بىنلادىن شىركەت گۇرۇھى ئۈچۈن ۋەقەنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قۇتۇلۇش ئىنتايىن ئاسان بولدى.ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن بۇ شىركەتنىڭ باياناتچىسىدىن بىرى ئاخبارات ساھەسىگە مۇنداق دەپ ئاددىلا جاۋاپ بەردى:
بۇ ئىش- ئاللاھدىن كەلدى، ۋەقەنىڭ يۈز بىرىشىنى توسۇشقا ئىنسانلارنىڭ قۇدرىتى يەتمەيدۇ.
سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەگە ياندۇرغان ئىنكاسىنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ. سەئۇدى دائىرلىرى بۇ خىل چۈشەندۈرۈشنى قوبۇل قىلمىدى. پادىشاھ سالمان بىن ئابدۇلازىز ئال سائۇد دەرھاللا بۇ شىركەتنى ئىشتىن توختاتتى ھەمدە ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئىنىقلاشقا بۇيرۇدى. بالا-قازاغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابتلىرىغا تۆلەم تۆلەپ بىرىدىغانلىغىنى جاكالىدى.
ۋەقەنى تەكشۈرگۈچىلەر ئىنتايىن تىزلا "شىركەت بۇ قىتىمقى ۋەقەنىڭ كىلىپ چىقىشىغا مەسئۇل" دىگەن يەكۇننى چىقاردى. چۈنكى ئۇلار بىخەتەرلىك قائىدىلىرىگە رىئايە قىلماي، كىراننىڭ مەشغۇلاتىنى ئىلىپ بىرىشتا كراننى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىشقان ئىدى.بۇ قىتىمقى تەكشۇشۇرۇشتە پاكىتنىڭ ئاساس قىلىنغانلىغى بىر قەدەم ئىلگىرلەش بولسىمۇ ئەمما بىز چوقۇم بۇ شىركەتنىڭ ۋە تېخنىكلارنىڭ نىمىشقا پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزىدە ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ خىيالىدىمۇ "تەقدىر" نى شىپى كەلتۇرۇش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلماقچى بولىدىغانلىغىنى سۈرۈشتە قىلىشىمىز كىرەك.
بۇ خىلدىكى مېتافىزىكىلىق بانا-سەۋەپلەرنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا ئوتتۇرىغا چىقىشى تۇنجى قىتىملىق ئىش ئەمەس.كەبىگە يىقىن يەردە بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ قىستا-قىستاڭچىلىققا تولغان ھەج قىلىش پائائىلىيىتىدە ئىنتايىن يامان بولغان ۋەقەلەر يۈز بەرگەن، ھەمدە بۇنىڭ سەۋەبى ئىستىخىيىلىك ھالدا ئىلاھى كۈچكە باغلاپ قويۇلغان.
1990-يىلىمۇ ھاۋا ئۆتۈشۈشنىڭ راۋان بولماسلىغى سەۋەبىدىن دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بىرىپ ھەج قىلغۇچىلاردىن 1426 ئادەم قازا قىلغان ئىدى، لىكىن شۇ ۋاقىتتىكى پادىشاھ، فاھد بىن ئابدۇلازىز ئال سائۇد، ئۆز ۋاقتىدا چۈشەندۈرۈپ: " بۇ ئىش ھەممىگە قادىر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولدى" دىگەن ھەمدە "بۇ دىگەن تەقدىر" دەپ قوشۇپ قويغان ئىدى،
بۇ ئىش - سەئۇدىنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس، يەر يۈزىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسى.
"تەقدىر" سەۋەبى دائىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنىڭ بىپەرۋالىغى ۋە خاتالىغى ئۇچۇن توختىماي بىر قولايلىق بانا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ كەلدى. ھەتتا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارىغاندا كۆپ زامانىۋى ۋە ماددىۋى بولغان تۈركىيەدىمۇ "تەقدىر' ئۇقۇمى ھەر قاتلام رەھبەرلەر جۇملىدىن پرەزىدنت رەجەپ تاييىپ ئەردوگان تەرىپىدىنمۇ تۆمۈريول، كان ۋە قۇرۇلۇش ۋەقەلىرىدىكى ئۆلۈم يىتىم ھادىسىلىرىنى چۈشەندۈرۈشتە دائىملىق ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ قالدى. لىكىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلى سەۋەبىنى تەكشۈرگەندە، ئەمىليەت بۇ ۋەقەلەرنىڭ يۇز بىرىش سەۋەبىنىڭ تۈركىيەنىڭ ناچار ئەمگەك بىخەتەرلىك ئۆلچىمى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى ئوڭشاشتىكى مىس-مىسلىغىدىن ئىكەنلىگىنى كۆرسەتتى. پەقەت بۇ يىل فېۋرالدىلا، يەنى 12 يىل ئىچىدە نەچچە يۈزلىگەن پاجىئەلىك ۋەقەلەر يۈز بىرىپ 13000 دىن ئارتۇق ئىشچى قازا قىلغاندىن كىيىنلا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى، بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىل بۇرۇن تۈزۈلگەن ھەمدە نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت بىخەتەرلىگىنى قوغداش ئەھدىنامىسىگە قول قويدى.
ۋەقەلەر، ئەلۋەتتە ھەممە يەردە يۈز بىرىپ تۇرىدۇ. ئەمما مۇسۇلمان دۇنياسىدا "تەقدىر سەۋەبى" بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ناچار بولغان ۋە بۇلارنى ياخشىلاشنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرۈشكە چىدىمايدىغان ئاچكوز خوجايىنلارنىڭ گۇناھىنى يىپىشتا خىزمەت قىلىدۇ.
مانا مۇشۇ سەۋەپتىن تۈركىيەنىڭ باش مۇفتىسى، ئىلمى زىيادە بولغان روھانى ئالىم مەھمەت گۆرمەز،2014- يىلى دىككەنسىئان كۆمۈرلىگىدىكى ئوت ئاپىتىدە 301 ئىشچى قازا قىلغاندا، تۈرك قىرىنداشلىرىمىزغا ئاگاھلاندۇرۇش بىرىشنىڭ زۆرۈرلىگىنى تونۇپ يىتىپ "ئىنسانلارنىڭ گۇناھى ۋە مەسئۇلىيىتى ئۇچۇن ئىلاھى كۈچنى دەستەك قىلىپ كۆرسۈتۈش خاتا" دەپ كۆرسەتتى. "تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرى - ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىدۇر. ئاللاھ بىزگە بۇ قانۇنىيەتلەرنى چۈشۈنىدىغان قابىليەتنى بەرگەن ۋە بىزدىن شۇ بويىچە ئىش كۆرۈشنى سورىغان، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق كىلىدىغىنى ئەمىليەتتە ئاپەت يۇز بىرىشنىڭ سەۋەپلىرىگە قارىتا زۆرۈر ئىھتىيات تەدبىرىلىرىنى قوللۇنۇشتۇر" دەپ جاكالىدى ئۇ يەنە.
بۇ بايانلارنىڭ ئۇرۇغى ئوتتۇرا ئەسىردىكى بەزى ئىسلام ئىدىيە ئىقىملىرى مەسىلەن ماتۇرىدى/"ئەقىدە" ۋە "مۇتازىلىتىس/كالام" غا ئوخشاش "ئىنسانلار ئەركىن ئىرادىگە ئىگە، ئۆز قىلمىشىلىرىنى ئۆزى پەيدا قىلىدۇ" دەپ قارايدىغان ئىقىملاردا بىخ تارتقان.ئۇلار يەنە ئىنسانلار لوگىكىغا تايىنىپ مۇقەددەس كىتاۋىمىزنى چۈشەندۈرۈلەيدۇ، ھەقىقى مەنىدىكى ئەخلاقى ھەقىقەتنى تۇرغۇزالايدۇ دەپ ئىشىنىشكەن. ئەمما زامانىسىدا مۇشۇنداق ئىدراكلىق پىكىر قىلغان ئىدىيىلەرگە قارىتادۇشمەنى قاراشتا بولغان كۈچلۈك ئىقىملاردىن ئاشارىتىس ۋە ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۆتە دوگما بولغان بۈگۈنكى سالافىلارنىڭ ئاساسىنى سالغان خانبالىسلار بولغان.
بۇ دوگمىچىلار ئىنسانلارنىڭ روھىيىتىدىكى ئەركىن ئىرادىنى چەتكە قىقىپ ئىلاھى تەقدىرچىلىكىنى تەكىتلەپ كىشىلەردىكى لوگىكىنى كەم سۇندۇرۇشقان. ئۇلار يەنە سەۋەپ-نەتىجىلىك مۇناسىۋەتنى تەكىتلەشنىڭ، ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىگىگە بولغان تاجاۋۇزچىلىق دەپ قاراپ تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلىغىنى ئىنكار قىلىشقان.بۇگۇنكى دۇنيادا نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ كونا مۇنازىرىلەردىن خەۋىرى يوق، لىكىن ئۇلار ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئىدىيە توقۇنىشىدا ئۈستۈنلۇكنى ئىگەللىگەن دوگماتىزىمچىلار بەلگىلەپ بەرگەن مەدىنىيەت قائىدىلىرىنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ.
بۇ قائىدىلەر بويىچە بولغاندا ، ئىنساندىكى ئەركىن ئىرادە ئاسانلا تەقدىرچىلىككە بويسۇنىدۇ، پەن ۋە لوگىكا كىچىكلىتىلىدۇ، پەلسەپە چەتكە قىقىلىدۇ. نەتىجىدە "ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىن بولدى" دىگەن بۇ تەقدىرچىلىك قارىشى مۇسۇلمانلاردىكى " ئەقلى ھورۇنلۇق، تەرتىپسىزلىك ۋە مەسۇلىيەتسىزلىكنى ياپىدىغان قولاي ياپقۇچقا ئايلىنىپ قالىدۇ.ھوقۇقلۇق ئورۇندا تۇرۇۋاتقان مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى چۈشەندۈرۇشكەندە "تەقدىر" نى قوللىنىشقا ئامراق بولغىنى بىلەن، مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى سۆزلەشكەندە ئۆزلىرىدىن پەخىرلىنىشتە، ئۆزلىرىنىڭ تېرىشچانلىقلىرىنى سۆزلەشتىن قىلچە ئىككىلەنمەيدۇ.
مەككىدە ۋە باشقا يەردە يۈز بەرگەن بۇ تىراگىدىيىلەر مۇسۇلمانلارغا بۇ خىل نىمىلا بولسا تەقدىرگە دۆڭگەيدىغان ساغلام بولمىغان قاراشنى جەمىيىتىمىزدىن سۈپۈرۈپ تاشلاپ، تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن بىر بۈيۈك ئەقلى ئويغىنىش دەۋرىنى يارىتىشىمىزنىڭ لازىملىغىدىن سىگنال بىرىدۇ.نېفىتتىن كىرگەن پۇل بىلەن غەرپنىڭ ياكى يىراق شەرقنىڭ تېخنىكىسىنى ئىمپورت قىلىش مەسىلىنى ھەل قىلمايدۇ، قىلالمايدۇ. بىزگە ھەقىقەتەن مۇھىم بولغىنى ئاشۇ تېخنىكىلارنى ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئۈنۈملۇك ئىشلىتەلەيدىغان ماھارەتلا بولۇپلا قالماستىن يەنە بىر كۈنلەردە ئاشۇنداق تېخنىكىلارنى ئۆزىمىزنىڭ ئىدرىگىگە تايىنىپ كەشپ قىلىشىمىزدۇر.
مەسخىرىلىك يېرى شۇكى، زامانىسىدا بىز مۇسۇلمانلار بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىياتچىلاردىن ئىدۇقئال خاۋارىزىمىغا ئوخشاش (ماتىماتىكدىكى ئالگورىزىم شۇ زاتنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن) گىگانت ماتىماكلىرىمىز، ئىبن سىناغا ئوخشاش ئالەملىك تىۋىپلىرىمىز (زامانىۋى مىدىتسىنانىڭ ئاتىسى) ھەمدە ئىبن راشىدقا (ياۋروپانى ئارىستوتىلغا ۋە ئىدرەكچىلىك نەزىرىيىسىگە تونۇشتۇرغان) ئوخشاش بۇيۇك پەيلاسوپلىرىمىز بولغان ئىدىخۇددى بىز، بەزىدە ئۇلاردىن پەخىرلىنىدىغىنىمزغا ئوخشاش بىزنىڭ بۇگۇنمۇ ئۇلار بىلەن پەخىرلىنىشىمىز بىر ياخشى باشلىنىش!
لىكىن ھەقىقى سوئال مانا بۇ:
نىمىشقا بۇ بۈيۈكلىرىمىزنىڭ ئىدىيەسى - ئىسلام ئىدىيەسىگە قارىغاندا غەرپ مەدىنىيىتىگە زور تەسر كۆرسەتتى؟ نىمىشقا بۈيۈكلىرىمىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئىدىيەلىرى ئۆزى ئاپىرىدە بولغان زىمىنلاردا يەكلەندى ۋە ھەتتا قالپاق كىيگۇزۇلدى؟
تارىختا ئۆتكەن بۇيۇكلىرىمىزنىڭ ئاشۇ ئىدىيەلىرىگە ۋارسلىق قىلىشنى باشلاش- مانا بىز بۈگۈن تەخرسىزلىك بىلەن باشلايدىغان ھەركەتتۇر!
|
|