قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2735|ئىنكاس: 86

ئەركىنلىكنىڭ رىئاكسىيىسى(ئۇمۇن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

28

تېما

28

دوست

4637

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21614
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 71
تۆھپە : 1478
توردىكى ۋاقتى: 351
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-13 00:42:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىنلىكنىڭ رىئاكسىيىسى

Noto

ئۇمۇن


فىلياتۇن



(مەن مەڭگۈ سىزنىڭ خىزمەتكارىڭىز)دىگەندەك بايانلار بەزى فىلىملەردە ئۇچراپ قالىدۇ.دەسلەپتە كىشىگە مىھىر-مۇھاببەتكە  تويۇنغان كۆرۈنۈشتەك تەسىر بىرىدۇ.سۇس قىزىللىق،بىر-ئىككى تامچە ياش ۋە قۇلدارنىڭ ئالدىنقى سەھنىلەردىكى خىزمەتكارىنى   قوغدىشى بۇ خىلدىكى فىلىملەردە بىر ئاز ئىنسانىي مۇھاببەتنى ئەكىس ئەتتۈرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ.ئويلاپ باقسام مەن مەڭگۈ سىزنىڭ خىزمەتكارىڭىز دىگەندەك جۈملىلەر مەن سىزنىڭ قۇلىڭىز دىگەن ئىپادىنىڭ ئازراق سىلىقلىتىپ ئىيتىلغان شەكلى ئىكەن.قۇلدار بىلەن بىر قۇلنىڭ،ياكى مۇستەقىل ئىنسان بىلەن بىر ئىتائەت قىلغۇچىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇھاببەتنى ئىسپاتلاش تىرىشچانلىقى مىنى گاڭگىرتىپ قويدى.ئەلۋەتتە يۇقارقىدەك فىلىملەردىن قۇل ۋە قۇلدارلار ئوتتۇرسىدىمۇ قايىل قىلىش ۋە مۇھاببەت مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايمىز.تىخىمۇ چوڭقۇر ئانالىز قىلغاندا قۇل ئۆزىنىڭ قۇللىقىدىن قانائەت ھاسىل قىلىپ قۇللىقىدىن  ھوزور ئالىدىغان،قۇلدارنىڭ مۇتلەق نوپوزىدىن شۈبھە قىلمايدىغان نۇقتىغا يەتكەندە ئاندىن بۇ خىل قايىل قىلىش ۋە مۇھاببەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىلىدۇ.
بۇ نۇقتىدا قۇللارنى ئىككىگە بۆلۈش كىرەكلىكىنى ئويلاپ قالدىم.بىرى نورمال قۇللار يەنى بىرى بىنورمال قۇللار. قۇل قۇلدارغا شەكسىز ئىتائەت قىلغۇچىنى كۆرسىتىدۇ،قۇلدارمۇ شەكسىز ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىغا تەمسىل قىلىنىدۇ.
نورمال قۇللار بىز ئەدەبىي ئەسەرلەردە تەسۋىرلىگىنىمىزگە ئوخشاش ھۆرلۈككە ئىنتىلگۈچى، بىراق چارىسىزلىك بىلەن قۇللۇق ۋەزىيىتىگە چۈشۈپ قالغانلارنى كۆرسىتىدۇ.بىنۇرمال قۇللار بولسا ھەرقانداق شەكىلدىكى قۇلدارغا نىسبەتەن مۇھاببىتى ۋە قايىللىقى بار،قۇل بولۇشنى شەرەپ ھىس قىلىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ قۇللىقىدىن لەززەتلىنىدىغان توپنى كۆرسىتىدۇ.
قۇللۇقتىن لەززەتلىنىش قۇلنىڭ پىسخىكىسىغا ئۆزىنىڭ قۇل بولۇپ يارالغانلىقى ۋە مەڭگۈ قۇل بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىدەك جاسارەتنىڭ ئورناپ كەتكەنلىكىدىن بولغان بولىشى مومكىن.
ئەركىنلىك دىگەن ئاتالغۇغا نەپرەت بىلەن قاراش بىنۇرمال قۇللارنىڭ پىسخىكىسىدىكى ئاساسى ئالامەتنىڭ  بىرى.ئەركىنلىك دىيىلگەن ھامان كاللىسىغا پاھىشە،ھەمجىنىس ۋە يىرىم يالاڭاش ئاياللار كىلىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن قۇللۇق پاھىشىلىك،ھەمجىنىسلىق ۋە يىرىم يالاڭاش يۈرۈشكە قارشى چىقىشتىكى بىردىنبىر قۇرال.
پۈتۈن دۇنيا ئەركىنلىك ئۈچۈن قان تۆكۈشتىن يانمىغان ئەھۋالدىمۇ بىنۇرمال قۇللار ئەركىنلىكنىڭ مىللەتنى،جەمىيەتنى بۇزىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدۇ.بىنۇرمال قۇللارغا ئەركىنلىك دىگەن ئاتالغۇ ئەركىن كىشىلەرگە قۇللۇق دىگەن ئاتالغۇنىڭ بەرگەن قورقۇنۇشلۇق،قاراڭغۇ،بۇزۇق تەسىرىنى بىرىدۇ.ئۇلار ئەركىنلىكنىڭ ھەممە نەرسىنى پاچاقلاپ تاشلايدىغانلىقىغا،قۇللۇق ياراتقان قىلىپلارنى، قائىدە تۈزۈملەرنى كۇمپەيكۇم قىلىۋىتىدىغانلىقىغا،قۇلدارغا بولغان مۇھاببەتنى نەپرەتكە ئايلاندۇردىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن ئەركىنلىككە قارشى تۇرىدۇ.ئەركىنلىك دىگەن ئىسىمنى ئاڭلىغان ھامان كاللىسىغا يالاڭاچ ئايال بىلەن پاھىشە  كىلىدۇ.پاھىشە بىلەن يالاڭاچ ئايالغا بولغان چەكسىز نەپرەتتە بۇ بىنۇرمال قۇللارنىڭ جىنسىيەتكە بولغان قاتتىق چۆچۈش ۋە قورقۇش ھىسى يوشۇرنۇپ ياتقان بولىدۇ.ئەمەلىيەتتە بىنۇرمال قۇللارغا نىسبەتەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ئەركىنلىكى بولمايدۇ.ئۇلار قۇلدار قاچان خالىسا شۇ چاغدا جىنسى مۇناسىۋەتكە كىرىدۇ.جىنسى مۇناسىۋەت شەكلى ۋە رولى پۈتۈنلەي قۇلدارنىڭ بەلگىلىشى بىلەن بولىدۇ.قۇلدار خالىسا ئۇلارنى ئايال ھالىتىدە،خالىسا ئەر ھالىتىدە،خالىسا ھەمجىنىس ھالىتىدە جىنسى مۇناسىۋەتكە ئەكىرىدۇ.قۇلدار بەلكى ئۇلارنى تۆمۈر كارۋاتقا باغلاپ خۇرۇم قامچا بىلەن ئۇرۇپ تۇرۇپ جىنسى ئىستىكىنى قاندۇرىشى بەلكى ئۇلارنىڭ جىنسىنى ئۆزگەرتىپ جىنسىنى ئۆزگەرتكەن ھالىتىدە باسقۇنچىلىق قىلىشى مومكىن.ئەلۋەتتە قايسى شەكىلدە جىنسى ئىستىكىنى قاندۇرۇش قۇلدارنىڭ پۇتۈنلەي شەخسى تاللىشىدىكى مەسىلە.بۇنۇڭغا قۇللارنىڭ يەنە كىلىپ بىنۇرمال قۇللارنىڭ ئارلىشىش ھوقۇقى،قارشى چىقىش قىسقىسى تەكلىپ بىرىش ھوقۇقىمۇ بولمايدۇ.لىكىن كىشىنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان يىرى بىنۇرمال قۇللار ئۆزىنىڭ بۇ ھالىتىدىن ئىنتايىن مەمنۇن .ئۇلار يالاڭاچ ئاياللارنىڭ ئۆزى خالاپ ئوچۇق كىيىم كىيىشىگە،پاھىشە ئاياللارنىڭ ئۆزى خالاپ بەدىنىنى سىتىشىگە نەپرەت قىلىدۇ.بۇلارغا نىسبەتەن ئوچۇق كىيىم كىيىش ئۈچۈن قۇلدار زورلاپ كىيگۈزگەن بولشى،پاھىشە بولىشى ئۈچۈن قۇلدار دوسلىرى بىلەن باسقۇنچىلق قىلغان بولىشى كىرەك.
ئۇلار ئۆزىنىڭ قۇل ھالىتىنى ھۆكۈمدار سىنىپ ۋە قۇلدارلارنى ئىلاھلاشتۇرۇش ئارقىلىق قانۇنلاشتۇرىدۇ.ئۆزىنىڭ قۇل ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قۇل يارىتىلغانلىقىغا ئىشىنىشنى تاللايدۇ.قۇل يارىتىلغانلىقىغا ۋە ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر قۇلدەك ياشايدىغانلىقىغا،قۇل ھالىتىدىن ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكىگە ئىشەنىچ ھاسىل قىلغان  قۇللار ئەركىنلىكنى ھەقىقى دۈشمەن دەپ تونىيدۇ.ئۇلار ئۆزىنىڭ تەبىي ۋە ناتۇرال قۇل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قۇللۇقنى ئىلاھلاشتۇرۇپ، قۇل ھالىتىدە يارىتىلغانلىقىغا ئەپسانىلەر تۈزىدۇ.چۈنكى ئەركىنلىك ئىنساننىڭ تەبىي تۇيغۇلىرىنى راسچىللىق بىلەن ئىپادىلەيدۇ.لىكىن قۇللار پۈتۈنلەي قۇلدارنىڭ ئىردىسىگە بىقىنىدۇ.ئۇلار ئۆزىنىڭ تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشنىلا ئەمەس ئۆزىدە تەبىئىي تۇيغۇنىڭ بارلىقىنى ئىپادە قىلىشنىڭ ئۆزىنىمۇ جىنايەت دەپ قارايدۇ.
سۆيۈشۈش ۋە جىنسى تەسۋىرلەر،پاھىشىلەر، ھەمجىنىسلار ئۇلارغا نىسبەتەن ئەركىنلىكنىڭ سىمۇۋلى ۋە قارشى چىقىشتىكى دەسمىسى.ئۇلار قۇللاردا پاھىشىلەر،ھەمجىنىسلارنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ.تارىختىن بۈگۈنگە قەدەر پاھىشىلىك،ھەمجىنىسلىقنىڭ مەۋجۇت نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.بىراق بۇلار ئەركىنلىككە بۇرۇندىن بار نەرسىلەرنى ۋەكىل قىلىش ئارقىلىق ئەركىنلىككە قارشى چىقىدۇ.خۇددى قۇل ھالىتىدە ياشىسا پاھىشىلەر،ھەمجىنىسلار بولمايدىغاندەك تەسەۋۇۇر قىلىدۇ.قۇللۇق زاماندىكى پادىشاھلارنىڭ يۈزدىن ئاشقان خوتۇنلىرىنى،ئوغۇللارنى ئايالچە ياساپ باسقۇنچىلىق قىلغان ئەرلەرنى قۇلدارلارنىڭ مۇقەددەسلىكى ئالدىدا تىلغا ئىلىشتىن قورقىدۇ.
ئۇلار باشقىلارنىڭ تاللاش ئەركىنلىكى بارلىقىدىن غەزەپلىنىدۇ.ھەممىسنىڭ ئوخشاش لىمۇن تەملىك كەمپۈت يىمەي بىرىنىڭ ئالما بىرىنىڭ بۆلجۈرگەن تەملىك كەمپۈت يىگىنىدىن قاتتىق بىئارام بولىدۇ.ئۇلار ئەركىن ئويلاشنى ئىتىقادىمىزغا ۋە ئەنئەنىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق دەپ قارايدۇ.بىنۇرمال قۇللار ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكتىن قوقايدىغانلىقىنى ئىتراپ قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنى تۇنجۇقتۇرۇشنىڭ پىلانىنى تۈزىدۇ.ئۇلار ئەركىنلىكنى ئىتىقادىمىزغا ۋە ئەنئەنىمىزگە قارشى نەرسە دەپ خىيال قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قۇللۇق نەزىريىلىرىنى تالاش تارتىش قىلسا بولمايدىغان مۇقەددەسلىككە كۆتۈرۈشنى خىيال قىلىدۇ.
بىنۇرمال قۇللار كونا نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.قانچە قىلىپلاشقان،قانچە ئادەتلەشكەن ۋە قانچىلىك ئەركىنلىكنى بوغىدىغان نەرسە بولسا ئۇلار شۇنچە سۆيىدۇ.چۈنكى ئۇلار ھەربىيچە تۈزۈم ۋە قاتتىق قائىدە بىلەن كونتۇرۇل قىلىپ تۇرۇشنى مەۋجۇت بولۇشنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ.يىڭىلىققا نەپرەت  ئوقۇيدۇ.چۈنكى ئەركىنلىك يىڭىلىقنى تۇغىدۇ.ئەركىنلىك بولمىسا يىڭىلىق بولمايدۇ.يىڭىلىق بولغان ئىكەن ئەركىنلىك بولىدۇ.بىنۇرمال قۇللار يىڭىلىقنىڭ تۇرمۇشىغا،قۇلدار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويىشىدىن قورقىدۇ.ھەرقانداق يىڭى نەرسىگە نىمە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر قارشى تۇرىدۇ.بىر خىل قىلىپتا، ھەرقانداق نەرسە ئوخشاش تەكشىلىكتە بولىشىنى،قۇلدارغا بولغان ساداقەت ۋە مۇھاببەتنى بىرىنجى ئورۇنغا قويىدۇ.
ئەركىنلىكنىڭ رىئاكسىيىسى بىنۇرمال قۇللۇق سۆيگۈچى قۇللارغا نىسبەتەن ساقايماس كىسەل.ئۇ پىسخىك بىنۇرماللىقنىڭ ئەركىنلىككە ئىسيان قىلغان ھالىتى.
قۇلدارلار بەلكى بىر ئادەم ياكى ئەپسانە ۋە ياكى بىر ئىدىيە بەلكى بىر سىستىما بولىشى مومكىن. موھىمى بىنۇرمال قۇللارنىڭ قۇللۇققا بولغان چەكسىز مۇھاببىتى.ئۇلار ئۆز كاللىسىغا قۇل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزى بوينىنى باغلىغان ئىشەكتىن ئۆزىنىڭ بوينىنى باغلىغان سىستىمىلارغىچە قۇلدۇر.

uyghuray

1

تېما

0

دوست

3672

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41175
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1098
توردىكى ۋاقتى: 144
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-13 10:24:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركنلىكنىڭمۇ چېكى بار. ئۇمۇن ەېگەن ئېھتىمال ھەمجىنىسلار قۇرۇلتىيىنىڭ پەخرىي رەئىسى ئوخشايدۇ. بۇ چۈپرەندە نەدىكى ئەخلەت، پىچەك بىر نېمىلەرنى يازىدىكەن. بۇ سولتەك ھەرقانچە ۋالاقشىسىمىۇ بىز ھەمجىنىسلارغا مەڭگۈ قارشى تۇرىمىز. ئۇمۇن ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلماقچى ئىكەن. لېكىن دۇنيادىكى ھېچقانداق يەردە مۇتلەق ئەركىنلىك يوق. ئەركىنلىكنىڭ دورىسى قانۇندۇر، ھەرقانداق ئەركىنلىك قانۇننىڭ ئىچىدە بولىدۇ.

0

تېما

0

دوست

1879

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   87.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10547
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 554
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-13 10:54:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئومۇننىڭ كاللىسىدىكى «ئەركىنلىك» دىگەن سۆزنىڭ ئېنىقلىمىسىنى بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ .

0

تېما

0

دوست

1764

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   76.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43892
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 518
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-13 11:05:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghur05 يوللىغان ۋاقتى  2015-11-13 10:54
ئومۇننىڭ كاللىسىدىكى «ئەركىنلىك» دىگەن سۆزنىڭ ئېنىقل ...

بىلمەيلا قويغىنىمىز ياخشى، بولمىسا بىر ئۆمۈر ئەركىنلىك دېگەن ئۇقۇمغا نەپرەتلىنىپ ئۆتۈپ كەتكۈدەكمىز
uyghuray

0

تېما

0

دوست

1501

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   50.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35824
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 456
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-13 11:05:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىنىڭ قۇسقىسىنى كەلتۈرىدىغان يەنە بىر ئەخلەت!

4

تېما

43

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3646
توردىكى ۋاقتى: 1085
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-13 11:16:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
''قۇللۇقتىن لەززەتلىنىش قۇلنىڭ پىسخىكىسىغا ئۆزىنىڭ قۇل بولۇپ يارالغانلىقى ۋە مەڭگۈ قۇل بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىدەك جاسارەتنىڭ ئورناپ كەتكەنلىكىدىن بولغان بولىشى مومكىن.''
ئىنتايىن كۈچلۈك تەپەككۈرلۇق ئىيتىلىپتۇ .ئۇمۇن ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تېلەيمەن .
   ئۇيغۇر جەمىئىتىدىكى ئىككى قۇللۇق مەۋجۇت :
1.ئىتىقاد قۇلچىلىقى .
2.شۆھرەت قۇلچىلىقى .

0

تېما

2

دوست

1460

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  39901
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 438
توردىكى ۋاقتى: 148
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-13 11:29:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇمون، بۇرۇنقى بەزى تاقا تۇققۇ يازماڭنى ئوقاپ تازا بىر نىمىكەن دەيتىم.  ما پىكىرلىرىڭ پەچەت جۇما. ئاپرىن!!!

4

تېما

10

دوست

8398

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35433
يازما سانى: 779
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2522
توردىكى ۋاقتى: 646
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-13 11:33:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىنلىكنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈپ،ئالىجوقا سۆزلىگىلى تۇرۇپتۇغۇ ماۋۇ ساراڭقېتىش.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )