- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4637
- نادىر
- 2
- يازما
- 202
ئۆسۈش
87.9%
|
نوتونىڭ ھۇمانىزملىق ئالاھىدىلىكى ھەققىدە
ئۇمۇن
noto
مۇقەددىمە
نوتو بىر ئەدەبىيات سەنئەت ھەركىتى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن. ئۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. ئۈنۋېرسىتىت پىراففىسۇرلىرى، سىتودىتلار، ۋەتەن ئىچى- سىرتىدىكى زىيالىيلار، سەنئەتكارلار نوتو ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نوتو ھەققىدە توربىكەتلەردە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارغا، خاتا چۈشەنچىلەرگە، رادىكال ئەنئەنىچىلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغىمۇ ئۇچرىغان بولدى. دەسلەپتە، نوتو ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر، نوتو ھەققىدىكى چۈشەندۇرۇشلەر ئوتتۇرىغا تاشلانغان بىلەن نوتو ھەققىدىكى نەزەرىيۋى ئاساسلار ۋە پىرىنسىپال مەسىلىلەر ئۈستىدىكى سىستېمىلىق ئانالىز ماقالىللىرى تېخى ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى قېرىنداشلار نوتو ھەققىدە خاتا چۈشەنچىلەرگە كىلىپ قالغان بولىشى مومكىن. ئەلۋەتتە، نوتو ھەققىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سىستىمىلىق نەزەرىيۋى ماقالىلەر چىقىدۇ.
نوتو ئۇيغۇر لاتىن ئىلىپبەسىدىكى ئۈچ ھەرىپتىن تەركىپ تاپقان تۆت خەت – noto- نوتو نەزىرىيىسىنىڭ مەنىسىگە ۋەكىللىك قىلدىغان كەلىمە. ئۇنىڭ مۇستەقىل بىر مەنىسى يوق. نوتو ئۆزى ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى بىكىنمىچىلىك ۋە نەزەرىيۋى قاتماللىققا قارىتا ئوتتۇرىغا چىققان يىڭى ئەدەبىيات-سەنئەت ھادىسىسى.
ئۇنىڭ تەشەببۇس قىلىدىغىنى ئەدەبىيات-سەنئەتتىكى رەڭگارەڭلىكنى، ئەركىنلىكنى ۋە چەكلىمىسىزلىكنى مۇھاسىرە ئىچىگە ئالىدىغان، ئىجادىيەتچىنىڭ كىشىلىكىنى ئەدەبىي ئەسىرى ئارقىلىق باھالايدىغان قاتمال نەزەرىيىلەر ۋە كۆز قاراشلارغا خاتىمە بىرىپ، ئىجادىيەتكارلارغا ئەركىن بىر ئىجادىيەت ئاتمۇسفوراسى ھازىرلاشتىن ئىبارەت.
نوتو- بۈگۈنكى زامان پەلسەپەسى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە. نوتۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئوتتۇرىغا چىققان يىڭى بىر ئىجادىيەت ۋە مېتود ئېقىمىدۇر. ئۇنۇڭ ھۇمانىزم، پوسىت مودىېرنىزىم پەلسەپەسى بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈچلۈك. تۆۋەندە مەن نوتونىڭ ھۇمانىزملىق ئالاھىدىلىكى توغۇرسىدا توختىلىمەن.
ھۇمانىزمغا كىرىش
ھۇمانىزمنى تىرمىن تىلى بويىچە تەرجىمە قىلغاندا ئۇيغۇرچىدىكى ئىنساننى مەركەز قىلىش ياكى ئىنسانچىلىق دىگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەش مومكىن. ھۇمانىزمنىڭ ئىدىيىۋىي ئاساسلىرى ئىتالىيىدىن باشلانغان ياۋرۇپا ئۇيغۇنۇش ھەركەتلىرى، ئىسلامىيەتنىڭ ئالتۇن دەۋرىدىكى بىلىم ۋە پەلسەپە تارتىشمىللىرى ۋە ئانتىك يۇنان پەلسەپەلىرىنى مەنبە قىلىدۇ. ھۇمانىزم ئىدىيىسنى ھەتتا بۇددا دىنى ۋە كوڭزىچىلىق ئىدىيىلىرىدىنمۇ تاپقىنى بولىدۇ. ئىنساننى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت ئىنساننىڭ روھى ۋە ماددى مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنلاشقان بۇ چۈشەنچە مۇئەييەن جۇغراپىيە، مۇئەييەن دىن ۋە مۇئەييەن مەدەنىيەت چەمبىركىدىن ھالقىغان دۇنياۋىي ئورتاقلىققا ئىگە ئىدىيە سىستېمىسىدۇر.
ھۇمانىزمنىڭ ئىنساننى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت چاقىرىقى مىتافېزىكىلىق مەركەزچىلىكنى ئىنكار قىلىپ، ئىنساننىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي ئىھتىياجىنى، ھۆرلىكىنى رېئال نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئويلايدۇ. ئۇ ھەرقانداق شەكىلدىن پايدىلىنىپ، ئىنساننىڭ ئىززەت-نەپسىنى دەپسەندە قىلىدىغان، ئىنساننىڭ شەخسى ھاياتىغا دەخلى قىلىدىغان نەزەرىيىلەرنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇ ئىنسان بىلەن ئىنسان، ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى سۆيگۈ ۋە مۇھەببەتتىن باشقا ئىتائەت قىلغۇچى ۋە ئىتائەت قىلدۇرغۇچى تۈسىنى ئالغان بارلىق مۇناسىۋەتنى ئىنكار قىلىدۇ. باشقا دىن، باشقا مىللەت ۋە ئوخشىمىغان پىكىردىكى كىشىلەرنى ئىنكار قىلىدىغان، ئۇلارغا فاشىتسىتچە مۇئامىلە قىلىدىغان رادىكال ئىرىقچىلارنى رەت قىلىدۇ. ھەرقانداق بىر فورمۇلا، نەزەرىيە ياكى چۈشەنچىنىڭ ئىنساننى ۋە تەبىئەتنى مەركەز قىلىشى كىرەكلىكىنى، ئىنسان ۋە تەبىئەتنىڭ گارمۇنىك مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان، ئىنساننى مەركەز قىلماي مەلۇم بىر ئىدىيە ياكى چۈشەنچىنى مەركەز قىلىدىغان ۋە ئىدىيەگە ئىنساننى قۇل قىلىدىغان ۋە ئىزىدىغان تۈزۈمگە قارشى چىقىدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ ھۆرلىكى ۋە ئەركىنلىكىنى،ياشاش ھوقۇقىنى،ئەركىنلىكتىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
نوتونىڭ ھۇمانىزملىق ئالاھىدىلىكى
نوتو ئەركىن ئىجادىيەتنى تەرغىپ قىلغۇچى ھالىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئەدەبىيات-سەنئەت ئىقىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۇمانىزملىق ئالاھىدىلىككە ئىگە. نوتو ئەدەبىيات-سەنئەتنى ئىنسان ئېڭىنىڭ چەكسىز پائالىيىتى دەپ تونىيدۇ. ئىنساننى مەركەز قىلغان، ئىنسان ئېڭىنىڭ قىزىلىشىنى، ئىنساننىڭ رېئال تۇرمۇشتىن، ئوبىيېكتىپ مەۋجۇتلۇقتىن ئالغان ھىس تۇيغۇلىرىنى، ئەقلى يەكۈنلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سەنئەت شەكلى دەپ قارايدۇ. نوتو ئەدەبىياتىدا توغرا- خاتا، ئەخلاقلىق – ئەخلاقسىز دەيدىغان كەسكىن ھۆكۈم بولمايدۇ. نوتو مېتۇدى پوسىت مودىرنىزىملىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، نوتو باھا بېرىشنى ئەمەس، ئىپادىلەشنى نىشان قىلىدۇ. ئۇ ئىنسان پىسخىكىسىغا يوشۇرنۇپ ياتقان چەكسىزلىكنى قېزىشنى ۋە ئىنساننىڭ رېئاللىقتىن ئالغان ئۆزگىچە ۋە قاتلاملىق تەسەۋۋۇرىنى ئىپادىلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
نوتو تەشەببۇسىدىكى ئىنساننى مەركەز قىلىش نوتو ئەدەبىيات-سەنئەت ئېقىمىنىڭ ئەڭ موھىم خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى. ئۇ ئىجادىيەتتە تەبىئەت بىلەن ئىنساننىڭ، ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ مۇناسىۋىتىگە تەبىئىي ۋە ئەركىن ئانالىز ئۇسۇلى بىلەن قاراشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ ئەدەبىياتنى ھەرخىل دەلىلچىلىك ياكى دوگماتىزملىق چۈشەنچە ۋە ئىدىيە سىستېمىللىرىنىڭ مونوپوللىقىدىن تارتىپ چىقىرىپ ئىجادىيەتنى ئىنسان ئۈستىدە مەركەزلەشتۇرۇشنى مەنبە قىلىدۇ. ئىنسان سۇبىيېكتىنىڭ تەسەۋۋۇر يارتىشچانلىقى ۋە ئۆزگىچىلىكى نوتو ئىجادىيىتىنىڭ مەنبەسى. ئىنسان كەڭ تەپەككۇر بوشلىقىدا تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئىشقا سىلىپ ھەرخىل ئىجدىمائىي سىستېمىلار ۋە ئىدىيىۋىي نۇقتىنەزەرلەردىن خالى ئىجادىيىتىنى ئەركىنلىككە ۋە تەبىئىيلىككە ئېرىشتۇرىدۇ. مانا بۇ نوتو ئەدەبىيات-سەنئەت ئېقىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى.
نوتونىڭ ئىنساننىڭ ھۆرلىكى ۋە تەبىيلىكىنى ئىجادىيەت ئۇسۇلىغا سىڭدۇرۇپ يىپيېڭى بىر تەپەككۇر بوشلىقى يارىتىشقا ئۇرۇنىشى- ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى ۋە ئىدىيە سىستېمىسى ئۈچۈن چوڭ ئۇيغۇنۇش ۋە يېڭىلىق.
ھەر خىل ئىدىيەلەرنىڭ ئىجادىيەت مونوپوللىقىغا، ئىجدىمائىي سىستېمىلارنىڭ چەكلىمىسىگە قارشى بىر ھەرىكەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۇيغۇر مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە نىسبەتەن ئىنقىلاپ خارەكتىرلىك يىڭىلىق.
نوتونىڭ ئىجادىيەت مېتۇدىكى ئىنساننى مەركەز قىلىش، ئىنساننىڭ ھۆرلىكىنى ۋە تەبىئىيلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشەببۇسى ھۇمانىزمنىڭ ئاساسىي چۈشەنچىسىگە ئۈستىمۇئۈسىت چۈشكەنلىكى ئۈچۈن نوتو ھۇمانىزملىق ئالاھىدىلىككە ئىگە دەپ كىسىپ ئىتالايمىز.
نوتو ئىجادىيىتىدىكى ئەركىنلىك ۋە تەبئىيلىك، مەدھىيە-مەرسىيە خارەكتىرىنى ئالغان ياكى نەسىھەت خارەكتىرلىك ئىنساننىڭ تۇيغۇسىنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلمىغان ئەكسىچە ئىنساننىڭ سۇبىيېكتىپ پائالىيىتىنى چەتكە قاققان ئەسەرلەرنى ئەدەبىيات-سەنئەت نۇقتىسىدىن ئىنكار قىلىدۇ. چۈنكى، ئىنساننى مەركەز قىلىش، رىئال دۇنيانىڭ ئىنسان سۇبىيېكتىدە پەيدا قىلغان ئۆزگىرۈشلىرىنى، ئىنساننىڭ ئاڭ پائالىيىتىنىڭ مەھسۇلى بولغان رىئال ياكى رىئالىقنىڭ چىگرىسىدىن ھالقىغان تەسەۋۋۇرلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ئىجادىيەت قىلىش نوتونىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتكە بەرگەن ئىزاھاتى ۋە ئىجادىيەت مېتۇدىنىڭ نەزىريەۋىي ئاساسى.
بەزىلەر كۈچەپ تەرغىپ قىلغان ئەدەبىياتنىڭ ئىنساننى ۋە ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مەركەز قىلىشتىن قىچىپ، ئىجدىمائىي سىستېمىلارنى مەدھىيلەيدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيىلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان قېلىپ خارەكتىرلىك فونكىسيىسىنى نوتو ئىتراپ قىلمايدۇ.
بىر پارچە گۈزەل مەنزىرە تەسۋىرى ياكى ئىنسان پىسخىكىسىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئىپادە قىلغان ئابزاس ۋە ياكى ئىنساننىڭ رىئال دۇنياغا بولغان ھېسسي ۋە ئەقلىي يەكۈنى ۋە تەسەۋۋۇرى نوتونىڭ تەشەببۇسىدىندۇر.
نوتونىڭ ئىنساننىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتتىكى مەركەزچىلىك ئورنىنى تەرغىپ قىلىدىغان خارەكتىرى ئۇنۇڭ ھۇمانىزملىق ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ.
خاتىمە
نوتو نەزەريەسىنىڭ دەسلەپ قەدەمدىكى شەكىللىنىش باسقۇچى ئاساسەن مۇئەييەن رامكىنىڭ ئىچىگە كىردى. يەتمەكچى بولغان نىشان، ئاساسى پىرىنسىپلىرى نوتو ھەققىدە يىزىلغان ماقالىلەردىن مۇئەييەن چۈشەنچىگە كىلىشىگە يىتىپ ئاشىدۇ.
نۆۋەتتە، نوتونىڭ دەسلەپكى چاقىرغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئۇنىڭ نەزەرىيۋى ئاساسلىرى، ئاساسى پىرىنسىپلىرى ھەققىدىكى ماقالىلەر يېزىلدى ۋە يېزىلىۋاتىدۇ.
ھازىر كىشىللىرىمىزدىكى خاتا قاراش نوتو ھەققىدىكى ئىجادىي ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشىنى كۈتۈش. ئەمەلىيەتتە نوتو ئېقىمى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنلا نوتونىڭ تەشەببۇسى ئىچىدىكى ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن ۋە ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كىلىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە ئوقۇرمەن نوتو چۈشەنچىسدە ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئايرىش ۋە ئايرىيالماسلىق ئۈستىدە بولىۋاتىدۇ. نوتو تەشەببۇسىدىكى ئەسەرلەر بۇرۇن كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىققان، ھازىرمۇ چىقىۋاتىدۇ.
شۇڭا ئاۋۋال بىر قىسىم ئەگەشكۈچىلەر، قىزىققۇچى ئىجادكارلار، ئوقۇرمەنلەرگە دەيدىغىنىمىز سىزدە ئۇنى ئايرىيالىغىدەك ئەقىل ۋە مەدەنىيەت سەۋيەىسى بولىشى كىرەك. نوتو دەل ئەركىن ۋە تەبىئي ئىجادىيەت مېتۇدىغا چۈشىدىغان ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەلۇم نوپۇزغا ئىگە قىلىش ۋە بۇ خىل ئەسەرلەرگە نەزەرىيە جەھەتتىن يىتەكچىلىك قىلىش ئىھتىياجىدىن ئوتتۇرىغا چىققان. يەنە بىر قېتىملىق يېڭى ئەدەبىيات ھادىسىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى ئۈچۈن چوڭ يىڭىلىق ۋە ئىلگىرلەش بولۇپ قىلىشى مومكىن.
|
|