- تىزىملاتقان
- 2012-6-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 15732
- نادىر
- 64
- يازما
- 186
ئۆسۈش
14.33%
|
(ئۇيغۇر يىڭى مۇئارىپىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىگىنىڭ 130 يىللىقىغا بىغىشلايمەن)
**********************
سەن مىنى «يۈرۈگۈڭدە ئوت بار دەيسەن»
ئوت ئىكەن دىمەك ئۇنى بىرسى ياققان.
ۋە ياكى يانغىنلاردىن چاچراپ چىققان،
ئۇچقۇنلار يۈرىگىڭگە تۇتاشتۇرغان.
مەن ساڭا ئىيتىپ بىرەي ھىكايەمنى،
بەرنا قىز، سۆزلىرىمنى كۈتۈپ تۇرغان.
(1)
مەن ئۆسمۈر چاغلىرىمدا، تەتىللەردە،
ئانامنىڭ يۇرتى بولغان ئۇ ئوچاردا.
تۇققانلار بىلەن بىللە قوي باققانتىم،
شۇ يەردە- ئىكىساق ئامبار بويلىرىدا .
بالا دوستلىرىم بىلەن ئوينىغان ھەم،
كوژنا دىگەن خارابىگە ئايلانغان،
بىر قەدىم يۇرتنىڭ يارلىقلىرىدا.
يارلىقلار ئارىسىدا يۈگرەپ يۈرۈپ،
مەن تېخى تەڭگە پۇلمۇ تىپىۋالغان،
ئوچار، ئىكىساق بىر بىرىگە تۇتاش،
كوژنا ئۇ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا.
ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە قالغان ئىزىم،
ئۆچمىدى ئۇلار يىللار قۇيۇنىدا.
(2)
ئىكىساق، ئىكىساق؟ بۇ قەيەر دىمە،
سەن چوقۇم بۇ ئىسىمنى كۆپ ئاڭلىغان.
سەن مىنىڭ ھىكايەمگە قىزىققانسەن،
ئىسىڭدە ئىكىساقنى چىڭ ساقلىغان.
ئىكىساق-مەرىپەتنىڭ بۆشۈگى ئۇ،
مەشئىلى يانغان ئۇندا مەرىپەتنىڭ.
كۆپەيگەن ھەمدە مەشئەل كۆتۈرگەن قول،
ئۈلگىسى بولغان سۆيگۈ-پەزىلەتنىڭ.
مەكتىۋى ھۈسەينىيە يۇلتۇز بولۇپ،
دۈشمىنى بولغان نادان جاھالەتىنڭ.
سەن بىلسەڭ، شۇ چاغ مىنىڭ ئۆسمۈر قەلبىم،
مۇساباي بوۋىمىزغا قايىل بولغان.
بىلدىڭمۇ مىنىڭدىكى ئوتنى ئەمدى
مەن مەشئەل يانغان يۇرتتىن ئۇچقۇن ئالغان.
(3)
ئانامنىڭ ئاكىسى ئۇ، زەيدىن ئەمەت.
ئىكىساق باشلانغۇچتا مۇدىر بولغان.
ياشلىغى ئىكىساقتا ئۆتكەن ئۇنىڭ،
بىر سۆيگۈ بۇ تاغامدىن ماڭا يۇققان.
ئوغۇللار تاغىسىنى دورايدىكەن،
چوڭلاردىن قالغان شۇنداق بىر گەپ باركەن.
بۇ مەشئەل يۇرتىدا بىر ئوت بوپ يانغان،
تاغامنىڭ ئەجرى ماڭا خىلى سىڭگەن.
مەن تاغام ئارزۇسىدەك ئوقۇدۇم يۇ،
ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسىنى يىڭەلمىدىم،
يىنىدا ياشىيالمىدىم ئارزۇسىدەك،
باغاقنى كۆردۈم دەرھال كىتەلمىدىم.
يىراقتىن ھۆرمەت بىلەن بويۇن ئەگدىم،
ئەجدادلار ياشاپ ئۆتكەن ئۇلۇغ يۇرتقا.
سېغىنىش ئىچرە سالام قىلدىم تاغا،
ھەممىنى تىزدىم مانا بۇ قۇرلاغا!
2015-يىلى 15-نويابىر
ئامىرىكا، بوستون
|
|