- تىزىملاتقان
- 2011-1-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11493
- نادىر
- 0
- يازما
- 505
ئۆسۈش
3.73%
|
[
توۋۋا..... ئۇنىڭسىزمۇ جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار دۇچ كىلىۋاتقان بېسىملار ئازمۇ ؟؟؟
مۇشۇنداق ساپاسىز رەھپەرلەر يۇقۇرقىدەك يولسىزلىق قىلىۋەرسە سىزمۇ تولا قوقانچاقلىق قىلماي ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بىر قېرىندىشىمىز ئېيتقاندەك نۆۋىتى كەلگەندە زەھەرنى- زەھەر بىلەن قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى قولانسىڭىزمۇ ئۈنۈمى بولىدۇ . چۈنكى مەنمۇ 20 يىللىق سىتاجغا ئىگە ئىزچىل ئىلغار ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچى .سىزگە دىسەم بۇنداق بىر ئىش مېنىڭ بېشىمدىنمۇ ئۆتكەنتى .نەچچە يىل بۇرۇن مەنمۇ مەكتەپتە تۇنجى قېتىم بىر ئائىيلە ماشىنىسى ئېلىپ مەكتەپ ئىچىدە قويسام مەكتەپ مۇدىرى باشقا مىللەتتىن بولغاشقىمۇ ئىشقىلىپ نەچچە كۈنلەرگىچە ماشىناڭنى مەكتەپ ئىچىدە قويمايسەن دەپ تەتۈرلىك قىلغانتى ، ماشىنمۇ موتوتقا ئوخشاش بىر قاتناش قۇرالى تۇرسا باشقا مەكتەپ ياكى ئىدارلەردىمۇ قويىسا ھېچكىم چەكلىمەيدىغۇ ؟ دېگەندەك دەسلەپكى كۈنلىرى سىلىق -سىپايە چۈشەنچە بەردىم ،ئۇمۇ قاملاشمىغاندا مەنمۇ تەتۈر چاپاننى كىيىپلا مەن قويسام بىكار تۇرغان يەرگە قويدۇم ياكى سېنىڭ بېشىڭغا قويۇپ قويدۇممۇ ؟ ئەگەر ئۆزەڭنىڭ مىلىتىدىن بولسا شۇنداق چەكلىيەلەمتىڭ ............. دەپ يەنە بىرمۇنچە گەپلەر بىلەن تىللاپ خېلا ئەدىپىنى بەرگەنتىم .....سىزنىكىدەك ھەممە شەرتلىرىم تولۇق،ھەتتا مەملىكەت دەرىجىلىكمۇ بىرنەتچە تال ئالاھىدە گۇۋاھنامىلىرىم بولسىمۇ ھەر خىل باھانىلار بىلەن ماڭىمۇ نەچچە يىلغىچە ئالىي دەرىجە بەرمىگەنتى ،بارلىق ئسپاتلىرىمنى ئېلىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا دوكىلات قىلغاندىن كىيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا تەكشۈرەپ ، مۇدىرنى بىرمۇنچە تەنقىت قىلىپ ، مېنىڭ ئاز تولا كۆڭلۈمنى ياساپ ئاندىن ئۇنۋانىمنىمۇ شۇ يىلى ئالغان قىلىپ ھەل قىلىپ بەرگەن ئىدى . دىمەكچى بولغۇنۇم سىزمۇ ئۈمۈتلۈك ۋە جەسسۇر بولۇڭ . ھەقىيقەت ئىگىلمەيدۇ سۇنمايدۇ دەيمىز ،لېكىن ئەنە شۇنداق بەزى ھاللاردا ئىگىلىپمۇ قالىدۇ ئەمما ھەرگۈز سۇنۇپ كەتمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ كەسىپدىشىم، بۇ قېتىم سىزنىڭ تۈرتكىڭىزدە يەنە نۇرغۇنلىغان تەڭسىزلىككە ئۇچىراپ دۈچكەلىنىۋاتقان جاپاكەش باغۋەنلىرىمىزنىڭمۇ ئاھۇ-زارلىرى يۇقۇرى ئورۇنلارنىڭ دىققەت -ئېتىبارىنى قوزغىشى مۇمكىن .
ئاخىرىدا سىزنىڭ < ھەقلىقنى ياقىلاپ، ناھەقچىلىق ،بولمىغۇر قىلمىشلارنى قاتتىق قامچىلاپ ، تۈرلۈك مەدەنيەت بىلىملىرى ئارقىلىق دۆۋلىتىمىزنىڭ ھەمدە كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ ئەمىنلىكى ۋە تىنىچ تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش> تەك ئۇلۇغۋار غايىسىنى نىشان قىلىپ، تىللاردا داستان بولۇپ مەدھىيلىگۈدەك، ماڭغان ھەر بىر ئىزلىرىدا بولسا خۇش-پۇراق گۈللەرنى ئۈندۈرۈپ ،قەلبىمىزنى ساپلاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان بۇ سۆيۈملۈك باغداش تورىمىزغا تولۇپ -تاشقان ئىشەنچ بىلەن قەدەم قويغانلىقىڭىزغا مۇبارەك ئېيتىمەن. |
|