قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 951991|ئىنكاس: 3776

بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ زارى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

1324

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3345
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 314
تۆھپە : 191
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 00:08:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: تېما ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى . يەنە بىرقىسىم ناچار ئىنكاسلار تازىلانماي قالغان بولىشى مۇمكىن ، بۇنداق ئىنكاسلارنى كۆرگەن ھامان يەنە ئىنكاس قايتۇرۇپ پايدىسى يوق ئىنكاسنى ئاۋۇتماي دەرھال ئۇچۇر ئارقىلىق پاش قىلىڭ.


 
بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ زارى
[align=justify]
[align=justify][align=justify]مەن قەشقەر شەھەر بەشكىرەم يېزا سىدىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى  ،   مەن دەرىس مۇنبىردىن ئايرىلماي ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىلى 28 يىل بولدى. 23 يىللىق پارتىيە سىتاجىغا ، 28 يىللىق خىزمەت سىتاجىغا ئىگە  ئوقۇتقۇچى. ئوقۇش تارىخىم ئالى تىخنىكۇم. مەن 28 يىل خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا كوپ قىتىم ئىلغار ئوقۇتقۇچى،ئىلغار سىنىپ مۇدىرى، ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالىنىپ يېزا ۋە مەكتەپ دەرجىلىك مۇكاپاتلانغان .مەكتەپ ئىلمى مۇدۇرلۇق  خىزمەت ۋەزىپىسىنىمۇ ئۈستۈمگە ئىلىپ ئىشلىگەن. خىزمەت ۋەزىپەمنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىپ كىلىۋاتىمەن. مەن 1983-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان ،«باشلانغۇچ 1-دەرجە » ئۇنۋاىنىنى 1999-يىلى  ئالغان.2010-يىللىق باشلانغۇچ ئالى ئۇنۋان تەخسىماتىدا مىنىڭ ھەممە شەرتىم تولۇق چۈشىدىغان تۇرۇغلۇق  ماڭا سان كۆرسەتكۈچى بىرىلمىدى، بەلكىم مەن مەركىزى مەكتەپ مۇدىرىنى ” بولاق” بىرىپ يوقلىيالمىغانلغىمدىن بولسا كىرەك،  بولاق بىرەيمۇ  دىگەن پارتىيەلىك غۇرۇرۇم بۇنىڭغا يول قويمىدى .مەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ كىرگەن ئىدىم. ئۇلار ئادەم تەشكىللەپ تەكشۈرۈشكە چىققان بولسىمۇ مەركىزى مەكتەپنىڭ قىلغىنىنى توغرا قىلىپ كىرىپ كەتتى.
[align=justify]2011-يىللىق ئىنۋان تەخسىماتىدا يەنىلا شەرىتلىرىم تولۇق ھازىرلانغان بولسىمۇ يەنىلا ئۇنۋان كۆرسەتكۇچىگە ئىرشەلمىدىم. 2009-يىلى كىسەل بولۇپ قېلىپ داۋالانغان ئىدىم . شۇ يىلقى ئۇنۋان باھالاشتا ئۆلچەم بويىچە نومۇر تارتىلىپ ئۇنۋان  كۆرسەتكۈچ  سانى بىرىلمىدى.لىكىم 2010-2011-يىللىرىمۇ ئوخشاشلا نومۇر تارتىلىپ يەنىلا سان كۆرسەتكۈچى بىرىلمىدى .مەن ئويلايمەن ،قاتناش  قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىنغان قىلمىش كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا،دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مال مۈلكىگە ئىغىر زىيانلانى ئىلىپ كىلشى مۇمكىن، قاتناش      قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان شوپۇرلادىن شۇ يىلى بىر قىتىملا نۇمۇر تۇتۇلۇپ  ياندۇرقى يىلى يەنىلا تولۇق نومۇر بىرلىدۇ.مىنىڭ دوختۇرخاندا داۋالانغانلىغىم شوپۇرلانىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئاشۇ قىلمىشىدىنمۇ ئىغىر بولامدۇ؟
[align=justify]دەسلاپكى ئىنۋان تەخسىماتىدا ئامانلىقتا مەسىلە سادىر قىلغان ئىككى مەكتەپتىن 2 كۆرسەتكۇچ قايتۇرۋېلىنىپ مەندىنمۇ نومۇرى تۆۋەن ، خىزمەت سىتاجى 1011 يىل بولغانلارغا بىرىلدى، بۇ ناھەقچىلىككە مەن تاقەت قىلالمىدىم ،مەن بۇ ئەھۋالنى ئىدارىغا ئىنكاس قىلغان. شۇ كۇنىلا تەخسىماتنى ئۆزگەرتىپ مەسىلە سادىر قىلغان مەكتەپلەرگە يەنىلا  سان بىرلىپ مىنى يەنىلا قالدۇرۇپ قويدى ، بۇ قىلمىشلار ماڭىلا ئىنۋان بەرمەسلىكمۇ قانداق؟،بۇ قانداق خىزمەت ئىستىلى ؟،قانداق خىزمەت پوزىتسىيەسى ؟ بۇ مەسىللەرنى مەن ھەرقانچە ئويلاپمۇ كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم
[align=justify]. يېزىمىزغا چۇشۇرۇلگەن سان كۆرسەتكۈچى 9 بولۇپ دەسلەپكى سان تەخسىم قىلغاندا مىنىڭ ئىرىشكەن نومۇرۇم ئاخىردىكى بىرقانچە ئوقۇتقۇچىدىن يۇقىرى بولسىمۇ ماڭا بىرىلمىگەن.يېزىمىزدا 17 باشلانغۇچ مەكتەپ بار بولۇپ مەركىزى باشلانغۇچقىلا 5 كۆرساتكۈچ بىرىلگەن . بۇ ئەھۋالنى مەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىگە ئىنكاس قىلغان . مائارىپ ئىدارىسى تۆۋەنگە تۇزتۇشنى بۇيرىغان ۋە ماڭا چۇشەنچە بىرىشنى ھاۋالە قىلغان . مەركىزى باشلانغۈچتىكى رەھبەرلەر سان تەخسىماتىنى قايتا قىلغان بولسمۇ مەن يەنىلا سان كۆرسەتكۈچىگە ئىرشەلمىدىم، ئۇلار ماڭا مۇنداق چۈشەنچە بەردى؛  تۈرلۈك باھالاشتا ئارقىدا قالغان ئىككى مەكتەپتىن ئىككى ساننى قايتۇرۋالغان، بۈ ئىككى ساننى نومۇرى سىزنىڭكىدىن تۆۋەن بولسىمۇ ياخشى ئىشلىدى دەپ قارىغان ئىككى ئوقۇتقۇچىغا بەرگەن ،ئەمدى ئىدارە تۈزەت دىگەچكە تۈزەتتۇق دەپ جاۋاپ بەردى.مەن مۇنداق ئويلۇدۇم :  مەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپ يېزا بويىچە ئىلغار مەكتەپ بولۇپ باھالانغان ، مەكتىۋمىزنىڭ ئىلغار بولشىدا مەنمۇ ئاز بولمىغان خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. دەسلەپكى سان تەخسىماتىدا ئارقىدا قالغان مەكتەپتىن قايتۇرۋىلىنغان سان ئىلغار مەكتەپكە تەخسىم قىلنىشى كىرەكمۇ يوق؟،مەن بۇ ئەھۋالنى ئىدارىغا ئىنكاس قىلمىغان بولسام بۇ توغرا بولمىغان ئىنۋان تەخسىماتى مۇشۇ بويىچە كىتىۋىرەمتى يوق؟مەن بۇ ئەھۋالنى ئىدارىغا ئىنكاس قىلغاندىن كىيىن؛ « سەن ئىدارىغا ئەرىز قىلغاندىن كىيىن ساڭا بەرگۈچە ئەسلىدىكى ئورۇنلىرىغا قايتۇرۇپ بەرسەك قانداق قىلاتتىڭ » دىگەندەك سان تەخسىم قىلشى ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟  دەسلاپتە نىمە ئۈچۈن ئارقىدا قالغان مەكتەپتىن  قايتۇرۋىلىندى ؟ كىيىن يەنە نىمە ئۈچۈن ئارقىدا قالغان مەكتەپكە قايتۇرۇپ بىرىلدى؟  مەن ئۆتكەن يىلمۇ مۇشۇنداق ناھەقچىلىككە ئۇچۇراپ ئىدارىغا كىرگەن بۇ شۇنىڭدىن ئۆچ ئىلىشمۇ قانداق ؟
[align=justify]خىزمەت سىتاجىم ئەسلى  333 ئاي بولىشى كىرەككەن بۇ 320 ئاي ،ئىنۋان سىتاجىم ئەسلى 141 ئاي بولىشى كىرەككەن بۇ 120 ئاي دەپ ھىساپلانغان.
[align=justify]ئۈچ يىل جەريانىدىكى كىسەل ۋە سورغان ۋاختىم قوشۇلۇپ جەمى 58 كۈن ئەتراپىدا بولىدىكەن لىكىن بۇ 80 كۈن دەپ ھىساپلىنىپ نومۇر تارتىلغان .
[align=justify]ئۆتكەن يىلى، يەنى 2010 –يىلىمۇ ئۇنۋان تەخسىماتىدا مۇشۇنداق ناھەقچىلىككە ئۇچراپ، ئىدارىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىش ئۇچۈن مەن «ئازراق جىددى ئىشىم چىقىپ قالدى» دەپ تىلپۇندا 2 سائەتلىك  سوراپ  ئىدارىغا كىرگەن ئىدىم،مۇشۇ بىر ئىش ئۈچۈنلا 10.5 نومۇر تارتىلغان يەنى يالغان گەپ قىلىپ سورغان، ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلغان دەپ 2 نومۇر ،بايراق چىقىرىشقا كىچىككەن دەپ 1 نومۇر،  1.5 سائەت دەرىس تاشلىغان دەپ 7.5 نومۇر تارتىلغان.باشقا تۈرلەرگىمۇ ئوخشاش بولمىغان باھانە سەۋەپلەنى كۆرسىتىپ ئازدۇر كۆپتۇر نومۇر تارتىلغان.
[align=justify]بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئېيىتقاندا دەرىس تاشلاشتىنمۇ ئېغىر جىنايەت بولمىسا كىرەك ، دەرىس تاشلىغان ئوقۇتقۇچىنى ئىنۋان بىرىش كاتۇگۇرىيەسىگە نىمە دەپ كىرگۈزىدۇ ؟15 مىنىنۇتتىن ئارتۇق دەرىسكە كىچىكسە بىر سائەت ھىساپلىنىدۇ 1.5 سائەت دەرىس تاشلىدى دىگەن بۇ قانداق گەپتۇ .دەرىس تاشلىغان ئوقۇتقۇچى ئومۇمى ئۇختۇرۇش ئارقىلىق تەنقىتلىنىدۇ ،جىرىمانە ئېلنىدۇ . ئومۇمى ئۇختۇرشىمۇ يوق جىرىمانىسىمۇ يوق نومۇر تارتىلدىغان بۇ قانداق دەرىس تاشلاشكى بۇنىمۇ مەن ھىچ بىلەلمىدىم .بۇ ئەھۋاللارنى شەھەرلىك مائارىپ ئادارىسىگە قايتا ئىنكاس قالدىم ،ئىدارىدىن تەكشۈرۈش گورپىسى چىقىپ تەكشۈردى. مەن قويغان بۇ سۇئاللارغا شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدە ئىسپات كورسىتىپ ،قايىل قىلغىدەك جاۋاپ بىرىشكە ئامالسىز قالدى بولغاي ،بىز بۇ ئاھۋاللارنى ئىدارە رەھبەرلىرگە ئىنكاس قىلىپ شۇلارنىڭ يول يۇرقىغا قاراپ سىللىگە جاۋاپ بىرەيلى دەپ كىرىپ كەتتى.مىنىڭمۇ خەۋىرىم يوق 7 كۈندىن كىيىن چىقىپ قايتا تەكشۇرۇپتىمىش ،ئۇلارنىڭ قىلغىنى توغرا بوپتىمىش. بۇ تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىنى ماڭا ھازىرغىچە ھىچكىم دىمىدى .ئاڭلىسام مەن بۇرۇن ئىشلىگەن مەكتەپلەرگە كىرىپ كوچىلاپ سەۋەنلىك ئىزدەپتۇ .نۇمۇر بىردىغان يەردە بۇرۇن ئىشلىگەن مەكتەپتە ئىرىشكەن نەتىجىلەرنى ئىزدىمەيدۇ .نومۇر تارتىدىغان تۈرلەرنى ھەجەپ ئىزدەيدىكەن .دىمەك مائارىپ ئىدارىسى 7 كۈن ئىچىدە ئۆزەڭنىڭ قىلغىنىنى توغرا قىلغىدەك ئىسپات تولۇقلا دەپ ۋاقىت بىرىپ، شارائىت يارتىپ بىرىپ، ئاندىن تاكشۈرۈشكە بۇيرىدىمۇ بۇنىمۇ مەن بىلمىدىم. ئوقۇتقۇچىلانىڭ دىيشىچە، مەركىزى مەكتەپ مۇدىرى .xx  شۇجىلا بولدىكەن مىنى ھىچنىمە قىلالمايدۇ دىگىدەكمىش.
[align=justify]شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومۇتىتى،ۋىلاياتلىك مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسى قاتارلىقلارغىمۇ، بۇ ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلغان بولساممۇ ھازىرغىچە مىنىڭ ئىنكاسلىرىم جاۋاپسىش قالدى.
[align=justify]ۋىلايەتلىك ۋالى مەھكىمىسى ۋە ۋىلايەتلىك پارتىكوم ئەرزىيەت ئىشخانىللىرگە بېرىپ ئەھۋالىمنى دىسەم، بۇ ئىشلارنى بىز ھەل قىلمايمىز ،مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى ئىزدەڭ دەپ يولغا سىلىپ قويدى.‹قاغا قاغىنىڭ كۆزنى چوقۇمايدۇ› دىگەن راسكەن.
[align=justify]2011-يىلى9-ئاينىڭ 15-كۈنى مەركزى مەكتەپ، يىزىمىزنىڭ ئەڭ يىراق مەكتىۋى بولغان ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋىگە يۆتكىگەنلىك ئۇختۇرشىنى كىرگۈزۈپتۇ .
[align=justify]مىنىڭ ئۆيۈم قەشقەر شەھرىدە، ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋى بىلەن بولغان ئارلىغى 30 ئەتراپىدا كىلدۇ .مەن بىر ئايال كىشى تۇرسام ،يىشىممۇ 50  كە يىقىنلىشىپ قالغان، سالامەتلىك ئەھۋالىممۇ دىگەندەك ياخشى بولمىسا .بۇ ئورۇننىڭ  دايىملىق قاتنشمۇ بولمىسا ،مەن قانداقمۇ بۇ مەكتەپكە بىرىپ- كىلىپ ئىشلىيەلەمە؟
[align=justify]ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر- ئىككى ئاي ئىچىدە ئاپام ۋە قىينى ئاپام ئىلگىرى كىيىن بولۇپ تۈگەپ كەتتى. 3 يىلنىڭ ئالدىدا سىڭلىم يولدىشى بىلەن بىراقلا قاتناش ھادىسىدە تۈگەپ كىتىپ يەسلى يىشىغىمۇ توشمىغان ئىككى قىزى يىتىم قالغان ئىدى، بۇ بالىلارنىڭ ھالىدىنمۇ مەن خەۋەر ئىلىۋاتاتتىم . ئەمدى بۇ بالىلارنىڭ ھالىدىن قانداقمۇ خەۋەر ئالامەن.
[align=justify]‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋى ئەتراپىدا ئۆيى بار 33 يىل خىزمەت قىلغان بىر خانىمنى ئۆيدىن 15 ئەتىراپىدا يىراق بولغان‹ يەقەللە› مەكتەپكە يۆتكەپتۇ ،ئۇ خانىمغىمۇ قولايلىق بولدىغان ماڭىمۇ قولايلىق بولىدىغان قىلىپ مىنىلا‹ يەقەللە› مەكتەپكە يۆتكىسە بولمامدۇ؟.ئاڭلىسام ئۇ خانىممۇ ئىنۋان ئىشى توغرۇلۇق مۇدىر بىلەن ئازراق تەگىشىپ قاپتىكەنمىش.بۇ قىلمىشتىن، مىنى ئەرىز قىلدى دەپ ،ئۇ خانىمنى تەگەشتى دەپ، ئىككىمىزدىن ئالغان ئۆچ ئىكەنلىگىنى بىر قاراپلا بىلۋالغىلى بولىدۇ ئەلۋەتتە.سورسام بۇ خىزمەت ئىھتىياجىمىش .مەندەك بىر قېرىغا چۈشكەن ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ قانداق خىزمىتى باركىن مەن ھىچ بىلمىدىم. ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋىدىكى ھىلىقى خانىم .ئۆز مەكتىۋىدە ئىشلەۋەسە ئۇ خانىمنىڭ ئورنىغا مەن بارسام بولمامدۇ دىسەم ،ئەر خوتۇنلا بىر مەكتەپتە ئىشلىسە بولمايدۇ دەيدۇ. بۇ قەستەن خىزمەتتە قولايسىزلىق پەيدا قىلىشتىن باشقا نەرسە بولمىسا كىرەك.پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىردە بۇنداق تۈرلەنىڭ بارلىغىنى مەن ھىچ ئاڭلىماپتىكەنمەن.
[align=justify]مەن مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرنى ئىزدەپ يەنە ئىدارىگە كىرىپ ئىدارە باشلىغىغا بۇ ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلدىم .ئىدارە باشلىغى مۇدىرنى چاقىرتىپ كىرىپ ئەھۋال ئىگەللىدى، مۇدىر يىزلىق ھۆكۈماتنىڭ قىلغان ئىشى دەپ جاۋاپ بىرىپ چىقىپ كەتتى ،ئىدارە باشلىغى ،يىزلىق ھۆكۈمەت بىلەن بىز تەڭ دەرجىلىك ئورۇن بۇيرۇق چۈشۈرەلمەيمىز، سىز بىر يىل ئىشلەپ تۇرۇڭ ئاندىن يۆتكەپ قويايلى دىدى.
[align=justify]مەن يىزلىق ھۆكۈمەتكە كىرىپ مائارىپقا مەسئۇل يىزا باشلىغىنى ئىزدەپ تېپىپ ئەھۋالىمنى دىدىم .يىزا باشلىغى بۇ ئىشنى مەن ئۇقمايدىكەنمەن يوتكەش تىزىملىگى كىرگەندە مەن قاراپ باقاي .سەن ھازىر ئىشلەپتۇر دىدى.
[align=justify]مەن مۇدىرنى ئىزدەپ مەركىزى يەسلىدىن تىپىپ، يىزلىق ھۆكۈمەتكە تېخى تىزىملىك كىرمەپتۇ مۇمكىن بولسا مەن ئۆز مەكتىۋىمدە ئىشلەپ قالسام .بولمىغاندا ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋىدىكى ھىلىقى خانىم بىلەن مىنى ئالماشتۇرۇپ قويغان بولسىلا دىدىم .مۇدىر ۋاقىراپ جاقىراپ تۇرۇپ كىمنى قەيەرگە يۆتكەش ئۆزەمنىڭ ئىشى مەندە شۇنداق ھوقۇق بار ،كىمنى قەيەرگە يۆتكۈشۈمنى سەن بەلگىلەپ بىرەلمەيسەن دەيدۇ.بۇ گەپنى ئىدارە باشلىغىنىڭ قىشىدا نىمىشقا دىمەيسىز ؟ ئۆتكەندە بىر يىغىندا مىنى چوشقا دەپ تىللاپسىز ؟ مەندىن قاچانغىچە ئۆچ ئالماقچى سىز دىدىم. مۇدىر :چوشقا بولغاندىكىن چوشقا دەيمەن دەيدۇ .مەن ئۆزەمنى قەتئې تۇتىۋالالمىدىم .چىدىمىدىم ،بولالماي. مەن چوشقا بولسام سەنمۇ چوشقا دىدىم ،مۇدىر قوللىرنى ماڭا شىلتاپ تۇرۇپ دىۋەيلاپ ئالدىمغا يۈگۈرەپ ئاناڭنى.......... دەپ تىللىدى. ئانام تۈگەپ كەتكىلى يىگىرمە نەچچە كۈن بولغاچقا ماڭا بۇ گەپ بەك ئىغىر كىلىپ مەنمۇ قول شىلتاپ سالدىم . قولۇم بىلەن مۇدىرنىڭ قولى تىگىشىپ كەتتى ، شۇ ئارلىقتا يولدۇشۇم ئاجىرتىۋەتتى .لىكىن مۇدىر يېزلىق ساقچىخانىغا تىلپۇن قىلىپ بىر خانىم مىنى ئۇرۇپ كەتتى، تىز كىرىڭلا دىدى.ساقچىلا كىرىپ مىنى يولدۇشۇمنى ئىلىپ ساقچىخانىغا ئەكەلدى.يولدۇشۇممۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە  ئوقۇتقۇچى ئىدى، ئۇنىڭ دەرسى باركەن ئۇ كەتتى .شۇ ئارلىقتا مۇدىر 20 گە يىقىن ئوقۇتقۇچىنى باشلاپ كىرىپ ئۆزنى ئۇرغانلىغىم توغرىسىدا گۇۋاچىلىقتىن ئۆتكۈزدى .مەن مۇدىر بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا  مۇدىر ،مەن،يولدۇشۇم،مەركىزى مەكتەپ شۇجىسى بولۇپ 4 لا ئادەم بار ئىدۇق بۇ گۇۋاچىلارنىڭ نەدىن كەلگەنلىگىنىمۇ مەن بىلمىدىم.ساقچىخاندىكى يولداشلار ئەھۋالنى ئىگەلەپ كۆرگەندىن كىيىن  بۇ كىچىكلا بىر ئىشكەن مەكتەپنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزىمى بويىچە ئۆزەڭلا بىر تەرەپ قىلۋىلىڭلا دىسە، مۇدىر قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ بىرىڭلا دەپ تۇرۋالدى.
[align=justify]بىر چوپ -چوڭ ئەركىشى تۇرۇپ ئايال كىشى ئۇردى دەپ ئەرىز قىلىشتىن نومۇس قىلمىغانمىدۇ بۇ مۇدۇر .
[align=justify]ئائىلىدە ئاتا- ئانا پەرزەنىتلىرنى ،مەكتەپلەردە مۇدىرلار ئوقۇتقۇچىلارنى قوغىدايدىغان .لىكىن ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنى جازالاپ سولتىۋەتسەم بولاتتى دەيدىغان بۇ قانداق مۇدىردۇ بۇنى مەن ھىچ بىلمىدىم.
[align=justify]مانا مەن ھازىر ساخچىخانىنىڭ  8 كۈنلۈك توختۇتۇش قەغىزىنى قولۇمغا ئالدىم ، توختۇتۇش ئورنىغا مىڭىش ئالدىدا بۇ دەرىتلىرىمنى تۆككۈم كەلدى .
[align=justify]مىنىڭ دەرىتلىرىمنى ئاڭلايدىغان ئادەممۇ چىقارمۇ ؟مىنىڭ ھالىمغا يىتىدىغان رەھبەرمۇ چىقارمۇ؟
[align=justify]مەن كەتتىم. بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر  .  8 كۈنلۈك تۇرمىدىن قايتىپ چىققۇچە خوش
[align=justify]                     2011-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى. [align=justify]
[align=justify]

ئىنسانسەن، ئىنس

0

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   15.85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62
يازما سانى: 724
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 3923
تۆھپە : 2310
توردىكى ۋاقتى: 732
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-10

ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 23:23:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپتىكى ئاشۇنداق نومۇسسىز، ساپاسىز رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسىنى تازىلاپ يوقاتسا دەيمەن.
8 كۈن ئىشتىن توختىتىلغان بولسىڭىز  ئەمدى پىنسىيىگە ئالي دەرىجىلىك ئۇنۋاننى ئالالمايلا چىقىپ كېتىدىغان بوپسىزدە!
نېمە دېگەن ئادالەتسىزلىك بۇ، ئاۋۇ مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەرمۇ ئىشەك باقمايدىغاندۇ؟ يازغانلىرىڭىز توغرا بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئۇدۇل مائارىپ نازارىتىگىلا ئەرز سۇنۇڭ!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

ئانا تىلىم _ جان

0

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   17.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 784
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 4039
تۆھپە : 2486
توردىكى ۋاقتى: 2169
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 23:25:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز   رەھپەرلىرىڭىزنى  يۇقىرىغا  ئىنكاس  قىلىۋېرىپ  سىزگە  ئۆچ  بولۇپ  قالغان  ئوخشايدۇ  .   ئىلگىرى  خەلق  سۇ  بولسا  رەھپەرلەر  قېيىق  ئىدى  ،  سۇ  داۋالغۇپلا  ئۆرىۋېتەلەيىتتتى   لېكىن  ھازىر  رەھپەرلەر   ئاۋياماتكا  بولۇپ  بولدى  شۇڭا  سۇ  ھەرقانچە  ئۆركەشلىسىمۇ  ئاۋياماتكىنى  ئۆرىۋېتەلمەيدۇ  .    ئويناشماڭ  ئەرباپ  بىلەن  ئەرباپ  سالۇر  ھەر باپ  بىلەن  .   تەقسىماتقا  بوي  سۇنۇپ  رەھپىرىڭىزنىڭ  گېپىنى  ئوبدان  ئاڭلاڭ  .     

باھا سۆز

hazzap  نىمىگە كۇلىدىغانسەن تىتىقسىز . سىنىڭ ئاپاڭ يوقما  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 02:20
پەرۋاز

0

تېما

0

دوست

35

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   17.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3315
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 21
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 23:51:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر دىگەنلىرىڭىز   راست بولسا   ئۇددۇل  مائارىپ نازارىتىگە  خەت يېزىڭ،   ئوقۇتقۇچىلارنى   قوغدايدىغان قانون   بار ،   مەنمۇ  بىر  ئوقۇتقۇچى  قەلبىڭىزنى چۇشۇنىۋاتىمەن.
    شۇنداق  ساپاسىز  رەھبەرلەر   مائارىپ  سېپىدىن   يوقالسا  نېمەدېگەن ياخشى__   ھە!

0

تېما

0

دوست

6922

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   38.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2335
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1663
تۆھپە : 981
توردىكى ۋاقتى: 433
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 00:01:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋادا گەپلىرىڭىز راستىنلا راست بولسا :   
1. قانداق مەكتەپ ئۇ 28 يىل خىزمەت ئىشلەپمۇ بىر باشلانغۇچ ئالى ئۇنۋانى ئالالمايدىغان ؟
2. نىمە ئۈچۈن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مائارىپ ئىچىدىلا  يۆتكىلىش ئىشى يېزىلىق ھۆكۆمەت بىلەن چېتىشلىقى بولۇدۇ ؟
3 .قانداق قىلىپ بىر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ( ئىستىلىدا مەسىلە كۆرۇلمىگەن ) بىر ئوقۇتقۇچىنى ئۇياقتىن بۇياققا يۆتكەش ھوقوقى بولۇدۇ ؟ مەكتىۋىڭلار خۇسوسى مەكتەپ بولمىغىيتى  ؟
4.نىمە ئۈچۈن سىزنىڭ << قارانچۇق يولدىشىڭىز >> ئاۋۇ مۇدىر دىگەن ھېجىقىز سىزنى چوشقا دىگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا  << مۇدىر >> نىڭ تاز كاللىسىنى يېرىۋەتمەيدۇ ؟  
5. 28 يىللىق سىتاژغا ئىگە بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇرمىگە كىرىشى دىگەن بۇ زادى نىمە گەپ ئەمدى ؟ يېنىپ چىقتىڭىزمۇ دەيلى سىز يەنە قايسى كۆڭلىڭىز بىلەن ئوقۇتقۇچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقچى ؟ شەھىرىڭلاردىكى نىمە دىگەن كۈچلۈك قانون ئۇ ،ئايال كىشى ئەرنى ئۇردى بىلەن 8 كۇن قامايدىغان ؟  نىمە ئۈچۈن بىر دەمدىلا كىچىككىنە مەكتەپنىڭ ئۆزىدىنلا 20 مۇناپىق << خىزمەتداش >>ىڭىز چىقىدۇ ؟   
يىغىپ ئېيتقاندا يوقۇرىدا دەرت بايان قىلىپ ئۆتكەن بىزنىڭ بۇ << جىنايەتچى >> خىزمەتدىشىمىز نىڭ دەردى بەلكىم جەنوبى شىنجاڭ يېزا -قىشلاقلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىچىكلىتىلگەن تۇرمۇش كارتىنىسى بولۇشى مۇمكىن ،ھەقىقەتەن ئۇۋالچىلىق ،كىمگە ئېيتاي دەردىمنى ؟ ئوقۇتقۇچى خىزمەت بېسىمىنىڭ دەردىنى  تارتامدۇ ياكى خىزمەتتىكى مانا موشۇنداق دىشۋارچىلىقلارنىڭ دەردىنى  تارتامدۇ ؟ نىمە ئۈچۈن تا موشۇ يىللارغىچىلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەققى ھۆرمىتى قوغدالمايدۇ ؟نىمە ئۈچۈن ئاشۇنداق نوخۇلىسى ئۆسۇپ كەتكەن << باشلىق >> لارنىڭ  بۇرنىنىڭ بېزى ئېلىنمايدۇ ؟ ئەجىبا ئوقۇتقۇچى ھەممە كېلىپ سېغىۋېلىپ كېتىۋېرىدىغان << سۈت كالىسى >> ما ؟  

جېنىم ئاچا ئۆزلەگە مەسلىھىتم  ،گېپىمنى ئېنىق ئاڭلىسىلا ، گۇندىخانىدا تولۇق يېتىپ چىقسىلا . كىرىش چىقىشتىن ئاۋال گۇندىخانا قوللىرىغا بەرگەن بارلىق چاقىرىق ، چىقىرىش  قەغەزلەرنى تولۇق ساقلاپ ، چىققان ھامان ئاۋۇ << ئەر >> لىرىنىمۇ بىللە  ئېلىپ  بىۋاستە ئۈرۈمچىگە كېلىپ مائارىپ نازارىتىگە كىرسىلە ،ئىشىنىمەنكى يوقۇردىكى بايانلىرى ھەقىقەتەن سىلى دىگەندەكلا بولۇدىكەن دەۋادا چوقۇم يېڭىپ چىقىپ نام -ئابرويلىرىنى ئەسلىگە كەلتۇرگەندىن سىرت ئەتراپتىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغىمۇ غايىۋى كۈچ ئاتا قىلالايلا . ئىگىسى بار جاھان بۇ .

ئىنسان دىگەن نىم

0

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   18.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  410
يازما سانى: 667
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4203
تۆھپە : 2384
توردىكى ۋاقتى: 1254
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 00:40:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  [s:15] [s:15]

0

تېما

0

دوست

1855

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3157
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 297
تۆھپە : 365
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 01:13:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تېمىنى كۆرۇپ ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ كەتتى ، ئىپلاس مۇدىرنىڭ بېشىنى مەنلا يېرىۋىتەتتىمكەن، ئۇقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئىنجىنىرى ، ئەپسۇس سىلەرنىڭ مەكتەپتە بۇ ئىنجىنىرلارنى مۇناپىقلار باشقۇردىغان بوپقاپتۇدە ، ئەگەر مەن مائارىپ نازارىتنىڭ نازىرى بۇلۇپ قالغان بولسام، مۇنۇ ناكەس مۇدىرنى ۋاقتىدا مائارىپ سىپىدىن قوغلاپ چىقارغان بۇلاتتىم، مانمۇ زامانىۋى مائارىپ تېخنىكىسى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، ئارانلا ئىككى ئاي ئىشلەپ ئىستىپا بىرىپ چىقىپ كەتكەن، بۇئىشلارنى سىز چۇققۇم بولدى قىلۋەتمەڭ ، سىزگە بىز كۆپچۈلۈك ياردەم قىلىمىز.

ئادەم ئادەمدەك ي

0

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.81%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2277
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3305
تۆھپە : 2016
توردىكى ۋاقتى: 1107
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-29

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 10:00:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەردىكى ھەرقانداق ئەمەلدارنىڭ ئادىمىيلىكىدىن گۇمان بار،بۇ ئۇزۇن ۋاقىتلىق سىناقلاردىن ئۆتكەن يەكۈن.ئۇلاردا يا مېھرى-مۇھاببەت،يا ئەخلاق-پەزىلەت يا ۋىجدان-غورۇر يوق،پەقەت ئۇلاردا رەھىمسىزلىك،ئىپلاسلىق،رەزىللىكتىن باشقا ئادىمىي تەبىئەتتىن ئەسەر يوق.بۇ ئىشلار باشقا شەھەرلەردىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر بار،ئەمما بۇنچە ئېغىر ئەمەس.ئۇلار ئۆلگەندە بولسىمۇ ئاشۇ 4 قېرىندىشىنىڭ ئۇنى كۆمىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ.بىر خوتۇن كىشىنىڭ يەنە كېلىپ بىر ئوقۇتقۇچى ئايالنىڭ بىر ئەر كىشىگە قول كۆتىرىشى ئادەتتىكى ئىش ئەمەس،مۇشۇ ئىشتىن ئۇ مۇناپىق ئەمەلدارنىڭ قانچىلىك ئىپلاسلىقلارنى قىلغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.جانغا پاتقاندا قويمۇ ئادەم چىشلەيدۇ.

باھا سۆز

hazzap  توغرا دەپسىز قىرىندىشىم ! بىزنىڭ بۇ قەشقەردە باشلىقلارنىڭ پەقەت غورورى ،مىھرى-مۇھەببىتى يوق  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 02:24

ئادەم ئادەمدەك ي

0

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.81%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2277
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3305
تۆھپە : 2016
توردىكى ۋاقتى: 1107
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-29

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 10:20:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇ 20 گۇۋاھچىمۇ ئاشۇ مۇدىردىن ھېچ پەرقى يوق،ئۇنى ياقلايدىغان 20 ئادەم چىقىپتۇ-يۇ سىزنى ئاقلايدىغان بىرمۇ ئادەم چىقماپتۇ،بۇ دېگەنلىك ۋىجدانى بار ئادەمگە  قەشقەردە 5 بارماق بىلەن سانىسا 5 بارماقتىن ئېشىپ قالىدۇ دېگەنلىك.مۇشۇنداق كىشىلەر ئەزىزانە قەشقەرنىڭ نامىنى بۇلغاۋاتىدۇ،ئاشۇنداق مۇناپىق ئەمەلدارلار نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنى جىنايەتچىگە ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ.بولۇپمۇ بىر ئايال ئوقۇتقۇچىنى تۇرمىگە سولىتىۋېتىش ئادەتتىكى ئىشمۇ؟بۇ ئاشۇ ئوقۇتقۇچىنى ئەمەس بەلكى مائارىپنى،ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى تۇرمىگە سولىغانلىق،بولسا ئاشۇنداق ئىپلاس ئەمەلدارلارنى توردا ئىسمىنى ئوچۇق يوللاش كېرەك،شۇ ئارقىلىق جامائەت پىكرى توپلاپ ئۇيغۇر مائارىپىنى قوغداش كېرەك.

0

تېما

0

دوست

60

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3084
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 35
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2011-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 10:47:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە يەر شارى ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئېغىپ كەتمەي ئايلىنىۋاتقان بولسىمۇ،جاھان مانا مۇشۇنداق تەڭپۇڭسىز.
«ھەقىقەت ئىگىلىدۇ سۇنمايدۇ» دەيمىز.ھەقىقەت ھەقىقى بولسا ئىگىلىپمۇ قويمىسا بولاتتى.ھەقىقەت سۇنمىغان بىلەن مۇشۇنداق ئىگىلىپ قالىدۇ ئەمەسمۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-24 10:48 , Processed in 0.063623 second(s), 5 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش