قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1330|ئىنكاس: 2

مۇساپىرلىق سەپىرىدە ئويلىغانلىرىم 5

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

3

دوست

1064

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43890
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 320
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-17 00:07:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئابدۇسالام ئابدۇۋەلى
تۇيۇقسىز كەمپۈتنىڭ غەلۋىسىنى ئاڭلاپ قالدىڭ ، نىمىشقا غەلۋە قىلىدىغانلىقىنى سورىساڭ بويتاقلار بايرىمى دېدىمۇ تۆت دانە بىر دېدىمۇ ئىشقىلىپ بىرنىمىلەرنى دېيىشتى، بويتاقلار بۇ كۈندە كەمپۈت يەيدىكەن، بويتاقلار بىر بىرىگە تەسەللىي بىرىش ، بالدۇرراق بويتاقلىقتىن قۇتۇلۇشىنى تىلىشىپ كەمپۈت سوۋغا قىلىدىكەن، بىردە ياقاڭنى تۇتاتتىڭ ، بىردە تەسۋىرلىگۈسىز ھىسلارغا چۆمەتتىڭ ،  داداڭ ئۇقمايدىغان ، بوۋاڭ ئۇقمايدىغان ، سۇلتان ساتۇقۇڭ ئۇقمايدىغان ، بوۋاڭ يۇسۇپ ، مەھمۇدلار ئۇقمايدىغان ، ئەڭ مۇھىمى رەسۇلۇڭ ئۇقمايدىغان بۇ ئاتالمىش بايرام بەزى ساۋاقداشلىرىڭ ئارىسىدا قانداقلارچە ئومۇملىشىپ قالدى ؟  جاۋابىنى تاپالماي ئىچىڭ سىقىلاتتى ، بۇ نىجىس بايرامنى ساۋاقداشلىرىڭنى ئىتىقادسىزلىققا ، ھاياسىزلىققا تىخىمۇ ئىچكىرلەپ باشلاپ كېتىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەيتىڭ،  بايرامسىز قالدىمۇ يە دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىڭ ،  ئاتا-ئانىسىدىن ، يۇرت ،خەلقىدىن ئايرىلدى،  بەرىكەتلىك ھىيىت ئايەملىرىنى بالدۇرلا ئۈزۇتۇپ قۇيدى ، بايرامسىراپ قالدى بولغاي دەپمۇ باھانە ئىزدەيتىڭ، بۇ باھانىگە ئۆزۇڭمۇ قايىل بولمىدىڭدە ئۇلۇغ بايراملىق بايرامسىزلار دەپ ئىچىڭنى ئاچچىق قىلدىڭ.
   ئىغىر قەدەملەر بىلەن سىنىپقا كىردىڭ ، قىرىشقاندەكلا دوسكىغا ”بويتاقلار بايرىمىغا مۇبارەك“ دېگەن ئۇيغۇرچە خەت يىزىقلىق تۇراتتى ، كۆزلىرىڭگە ئىشەنمىدىڭ ، ئەسلى خەتنى ئۆچۇرىۋىتىشنى ، ياكى ئاستىغا قايسى ئەبجەش يازغان خەت بۇ دەپ يېزىپ قويغۇڭ بار ئىدى ، لىكىن ئالدىڭغا قەدەمىڭنى ئېلىپ بولۇپ كەينىڭگە ياندىڭ ،  پايدىسىز قارشىلىق دەپ ئويلىدىڭمۇ ياكى سۈكۈت قىلىشنى تاللىدىڭمۇ بۇ ماڭىمۇ نامەلۇم .  ھەمساۋاقلىرىڭ خەتنى كۆرۈپ ھاياجانلاندىمۇ ، ئىپتىخارلاندىمۇ بۇنى ئۇقالمىدىڭ ، ئىشقىلىپ بىر مانجۇنىڭ يازغانلىقىنى بىلىپ ئۇلار ناھايىتى خۇشال بولغاندەك كۆرىنىشەتتى ، بۇ تىلسىز ، يىزىقسىز مانجۇنىڭ ئۇيغۇرچە خەت يازغانلىقى ئۇنىڭغا بولغان ھىسداشلىقىڭنىمۇ قوزغىماي قالمىدى،ئۇ بىچارە تىلىدىن خەۋىرى يوق ،يىزىقىدىن ھەم يوق ئىدى ، ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن ،سەن ئۇنداق ئەمەس،  ئاتالمىش ھىسداشلىق بۇ پەقەت بىردەملىك ھىسسىيات ئىدى. ئارقىدىنلا ساۋاقداشلىرىڭنىڭ ھىلىقى مانجۇ ساۋاقداشتىن كەمپۇت سوراشتا باشقا مىللەتتىن بولغان ساۋاقداشلىرىڭدىن ئاكتىپ ھەم قىزغىن بولۇشى يۇرىكىڭنى تۆمۈر تىرناقتا تىلغاندەك ئىچىشتۇراتتى ، ئازابلىق تولغىناتتىڭ ...
   يۇرتتا بۇنداق ئىشلارغا شاھىد بولۇپ باقمىغانىدىڭ ، قىرىنداشلىرىڭ بۇنداق بايرامنىڭ بارلىقىنى ئۇقمايدىغاندەك قىلاتتى ،  نىمە ئۈچۈن يۇرتتا ئۇچرىمىغان ئىش بۇ يەردە ساڭا ئۇچرايدۇ ؟ ئەسلى بۇ ساۋاقداشلىرىڭ 16 مىللەتنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە يىزىقى بىلەن ، ئۇيغۇرچە پاراڭلىرى بىلەن باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چاقنىتىشى كىرەك ئىدىغۇ؟  ناخشا  مۇزىكىغا ئامراق بۇ ساۋاقداشلىرىڭ ئەجىبا ”پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى “ دېگەن ناخشىنى ئاڭلىمىغانمىدۇ ؟   ھەي! ھەر قىتىم ساۋاقداشلىرىڭغا ئۇنى بۇنى چۇشەندۇرۇپ نەتىجىگە ئىرىشەلمىگىنىڭدە ، ئۇلاردا ئۆزگىرىش ئۇچقۇنلىرىنى كۆرەلمىگىنىڭدە خۇددى ھازىرقىدەك غىرىپلىقىڭغا قايتاتتىڭ ، ھەرگىز چۈشكۈنلۇككە ئەمەس ، يەنە كىلىپ بۇ غىرىپلىق كىيىنكى قىتىملىق سۆيۈملۈك ساۋاقداشلىرىڭغا ئىلىپ بىرىدىغان تەربىيەنىڭ باشلىنىشىنىڭ تەييارلىقى ئىدى...


uyghuray

0

تېما

0

دوست

1096

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   9.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44936
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 348
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-18 17:22:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئاستا-ئاستا ئۆزىمىز خالىمىغان تەرەققىدە ئەجداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن مىراس مەدەنيەتلەر بىلەن كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا خوشلىشىمىز،30يىل ئىلگىرى قانداقتى،ھازىرچۇ،يەنە 30يىلدىن كىيىنكى جەمىيەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟

ئاھ ئۇرۇشنىڭ ،تەشۋىشلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق.


بۇ گىپىڭىز قاملاشمىدى .  ئاھ ئۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئەمەس ،  ئاھ ئۇرۇشىمىزنىڭ ئالدىنى ئىلىشىمىز كىرەك .   جىسمىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى  ئىلمىنىتى  بولمىغان ئۇيغۇرئۇيغۇر   بولماي قالىدۇ.

46

تېما

2

دوست

9155

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   83.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 723
تۆھپە : 2457
توردىكى ۋاقتى: 563
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-20 04:41:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ تىلسىز ، يىزىقسىز مانجۇ ئۇيغۇرچە خەت يېزىشنى ئۆگۈنۈپتۇ.
    ئەمما ئۆگۈنۈپ تۇنجى يازغان خېتىگە قارىمامدىغان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )