قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1625|ئىنكاس: 6

تارانچى تارىخى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

2

دوست

6377

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 2162
توردىكى ۋاقتى: 365
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-17 01:08:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت مۇھىم ئەسەرــــ

«تارانچى تارىخى»




   ئەخمەت مۆمىن تارىمى(نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتۇرانتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى)
«تارانچى تارىخى» ــــ ئۇيغۇر دېمۇكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىدىن ھەم ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى بولغان تالانتلىق شائىر ، يازغۇچى ۋە تارىخچى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوف (ئۇيغۇر بالىسى)نىڭ 1922-يىلى نەشىر قىلىنغان ، ئىلى ۋە يەتتەسۇ رايونلىرىنىڭ ھەم بۇرايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىيە 1921-يىللارغىچە بولغان تارىخىي ئەھۋالى ئىخچام بايان قىلىنغان مۇھىم ئەسىرىدۇر.  
   نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوف (ئۇيغۇر بالىسى) 1887-يىلى ھازىرقى قازاقىستان تەۋەسىدىكى غالجات يېزىسىدا تۇغۇلۇپ، 1951-يىلى كۈزدە ئىلى ۋىلايىتى چاپچال ناھىيەسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇسەمەتوف ئىلىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1860-يىللىرى پارتىلىغان ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان.شۇڭا ئۇ ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە شۇ ۋاقىتتىكى نۇرغۇن رېئال تارىخى ۋەقەلەرگە شاھىد بولغان. ئۇ تەرەققىيپەرۋەر كىشى بولغاچقا ئوغلىنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئەتراپلىق تەربىيلىگەن . شۇنىڭ بىلەن نەزەر خوجىدا ئەدەبىيات ۋە تارىخقا نىسبەتەن  كۈچلۈك قىزىقىش شەكىللىنىشكە باشلىغان. ئۇ ئۆزمىللىتىنىڭ تارىخىنى ئۈگىنىش داۋامىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن چەكسىز پەخىرلەنگەن ھەمدە شۇ ۋاقىتلاردا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ «ئۇيغۇر» دېگەن  ئەسلى مىللەت نامىنى قوللانماي ئۆزلىرىنىڭ يۇرت-مەھەللىسىنىڭ ناملىرىنى قوللانغانلىقىغا قارىتا، «ئۇيغۇر» دېگەن نامنى ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىدە 1910-يىلى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ «ئۇيغۇر بالىسى » تەخەللۇسىنى قوللىنىپ ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدە ئەسەرلەرنى يېزىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ماقالىلىرى شۇ ۋاقىتتا ئورېنبورگدا چىقىدىغان «شۇرا» ژورنىلىدا بېسىلىپ، چارروسىيەتەۋەسدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور تەسىر پەيدا قىلغان.
ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتى ۋە «ئۇيغۇر» نامىنى قايتا قوللىنىش ھەققىدىكى تەشەببۇسى شۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئېڭىغا قاتتىق تەسىر قىلغان، ئاخىرى 1921-يىلى 3-ئىيوندا ئۇزبېكىستاننىڭ تاشكەنتتەئېچىلغان «ئالتەشەھەر ــ جوڭغارىيە ئىشچىلىرىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنى» نىڭ قارارىغا بىنائەن ئالتەشەھەر-جوڭغارىيە ئىشچىلار ئىتىپاقى «ئۇيغۇر ئىتىپاقى» غا ئۆزگەرتىلگەن. شۇ ۋاقىتتا ئابدۇللا روزىباقىيېۋ كەسكىنلىك بىلەن «تارانچىلار،قەشقەرلىقلەر ۋە ئالتە شەھەرلىكلەر دەپ تۈرلۈك نامدا ئاتىلىپ كەلگەن كىشىلەرئەمەلىيەتتە بىرلا خەلق، يەنى ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇندىن كېيىن ھەممىسى بىردەك مىللەتنىڭ ئومۇمىي نامى بولغان ‹ئۇيغۇر› ئاتالغۇسىنى قوللىنىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن. سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەسىرىدە شىنجاڭدا 1933-يىلىدىكى «ئاپرېل ئۆزگىرىشى»دىن كېيىن 1935-يىلى ئېچىلغان «ئاۋام خەلق قۇرۇلتىيى» دا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نامى رەسمىي ھالدا «ئۇيغۇر» دەپ بېكىتىلگەن. دېمەك، ئۇيغۇر نامىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە نەزەر خوجىنىڭ تۆھپىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
   نەزەر خوجا ئەدەبىياتتىن باشقا تارىخ ۋە مەدەنىيەتكە دائىر ئەسەرلەردىن «تارانچى تارىخى»، «ئىلىدا جۇڭغارلار ھاكىمىيىتىنىڭ تىكلىنىشى»، «ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ تىكلىنىشى»، «تارانچىلارنىڭ يەتتە سۇغا كۆچۈشى»، «بىزنىڭ تۇرمۇش»،«بۇغراخان»، «مىللىي تۇرمۇشقا دائىر تۈرلۈك مەسىلىلەر»، «قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى ۋە كونا كىتابلار»، «ئۇچتۇرپاندىن ئالتە مىڭ ئاھالىنىڭ ئىلىغا كۆچۈرۈلۈشى»،«خوتۇن- قىزلار تەربىيەسى ھەققىدە»، «مەدەنىيەت ۋە مائارىپ»قاتارلىق ئەسەرلەرنىمۇ يازغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە «تارانچى تارىخى» ناملىق ئەسىرى ئۆز قىممىتى بىلەن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ .
    نەزەر خوجىنىڭ «تارانچى تارىخى» ناملىق كىتابى 1922-يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ھازىر«نوزۇگۇم»  ناملىق پوۋېستى بىلەن بىللە تاتارىستاننىڭ قازان شەھىرىدىكى لېنىن دارىلفۇنۇنى كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا. كىتاب سۆز بېشى ئورنىدىكى مۇقەددىمە قىسمى ۋە ئاخىرىدىكى خاتىمە قىسمىدىن باشقا ، "ئىلى ئۆلكىسى"، "ئىلىدا جۇنغار دۆلىتىنىڭ تەشكىللىنىشى"، "ئىلىدىكى مانجۇ تائىپىلىرى ھەم تارانچىلار"، "ئىچكى تۇنگان ئىختىلالى"،"تارانچى ۋە تۇنگان ئىختىلالى ۋە غۇلجا سۇلتانى"، "غۇلجا سۇلتانلىغىنىڭ تەشكىل بولۇنۇشى"، " ئابدۇرۇسۇل ئەمىرنىڭ قەتلى ۋە شۇنىڭغا دائىر ۋەقەلەر"، "بايانداينىڭ فەتىھ بولۇنۇشى"، "قېرى خوجىنىڭ كېلىشى"، " قازىكالان نەسىرىددىن ئاخۇننىڭ قەتلى"، "مەزەمخان سۇلتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگىنى"، "قېرى خوجىنىڭ سۇلتانلىغى"،" قېرى خوجىنىڭ ئۆلتۈرۈلگىنى"، "موللا شەۋكەت ئاخۇننىڭ سۇلتان كۆتۈرۈلۈشى"،"ئاداققى قورغان كۈرەنىڭ فەتىھ بولغىنى"، " موللاشەۋكەت سۇلتاننىڭ قەتل قىلىنغىنى"، " ئەلا پالۋاننىڭ سۇلتان كۆتۈرۈلگىنى"، "تارانچىلار بىلەن تۇنگانلار ئارىسىدىكى ئىغۋالار"،"تۇنگانلارنىڭ ئىسيانى"، "تارانچىلار بىلەن ئورۇسلارنىڭ سوقۇشى"، "تارانچىلار ئورۇسلارنىڭ قولىدا قېلىپ ئىلىنىڭ قايتۇرۇلۇشى"، "تارانچىلارنىڭ يەتتىسۇغا كۆچكىنى"، "ئىلىدا قالغان تارانچىلار"، "يەتتەسۇ تارانچىلىرى" قاتارلىق  24 مەزمۇندىن تەركىب تاپقان . كىتابتا يۇقىرىقى مەزمۇنلار ئارقىلىق ئىلى ۋە يەتتەسۇنىڭ ، بۇ رايونلاردىكى  ئۇيغۇرلار ۋە ئەجدادلىرىنىڭ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى2-ئەسىردىن مىلادىيە 1921-يىلىغىچە بولغان تارىخى، بولۇپمۇ كۆپرەك مىلادىيە1750-يىللاردىن كېيىنكى تارىخىي ئەھۋالى چىن ۋە پاكىتلىق ھالدا ئىخچام ھەم چۈشىنىشلىك يۇرۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇئەسەرنى رايونىمىزنىڭ ، خۇسۇسەن ئىلى ۋەيەتتەسۇ رايونلىرىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى تارىخىنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتىكى ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال دېيىشكە بولىدۇ.
    نەزەر خوجا كىتابتا  ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىنى، بىراق بۇ تارىخنىڭ تەتقىق قىلىنمىغانلىقى تۈپەيلى، ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ھەتتا ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنىمۇ توغرا ئاتىيالماي ، «مىللىتىڭ نېمە»دېسە،«قەشقەرلىك»، «تۇرپانلىق» ...... دېگەندەك يۇرت ناملىرى بىلەن مىللەت نامىنى ئاتاپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى، شۇڭا مىللىتى ۋە ئەجدادىنىڭ تارىخىنى بىلىشكە قىزىقماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ، ئۆز تارىخىنى بىلىۋېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، كىتابنىڭ سۆز بېشى ئورنىدىكى مۇقەددىمە قىسمىدا مۇنداق يازغان:" بىز ئۇيغۇر بالىلىرى، خۇسۇسەن تارانچى تۈركلىرى ئاتا –بوۋىلىرىمىزنىڭ بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى تارىخلىرىنى ، ئەل تۈزەر ئەرلىرىمىزنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ،قىسقىسى مىللىي تارىخىنى ئوبدان بىلمىگەنلىكىمىزدىن  ئاغىنە-ئۇڭگە، ئەل-ياغى، يىراق-يېقىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئاڭقىرىپ ئاجرىتالمايمىز. مانا مۇشۇ سانالغان ئىشلارنى بىلىپ ئاڭقىرىش كېرەك دېسەك، ھەممىدىن ئىلگىرى مىللىي تارىخنى بىلىش كېرەك بولىدۇ. زادى مىللىي تارىخنى بىلىشتىن مەقسەت ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ كۆرگەن كۈنلىرىنى ،باشلىرىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ، تۇتقان يوللىرىنى ، دوست-دۈشمەنلەرنى خۇلاسە قىلىپ،پۈتۈن ئەھۋالىنى بىلىپ، شۇندىن ئىبرەت ئېلىپ تەجرىبىلەر ھاسىل قىلىپ، كەلگۈسى ياشاش ۋە كۈن كۆرۈش يوللىرىنى تۈزۈپ ، شۇ تەجرىبىلەر ئاساسىدا پۈتۈن ئەل ئۆملۈك بىلەن مەسئۇد ۋە بەختىيار ياشاشتۇر. دېمەك، مىللىي تارىخنى بىلىش مۇتلەقەن لازىمدۇر. لېكىن، بۆگۈنگىچە ئۇيغۇر نەسلىنىڭ مىللىي تارىخى تەۋىن ئېتىلگىنى يوق.بۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر تارىخىي مەلۇماتلارمۇ تاپچىراقدۇر. شۇنداق بولسىمۇ، قاراپ يېتىشقا بولمايدۇ. تارىخ بىلەن تونۇش پۈتۈكچىلىرىمىز ئارقىغا دالجىماي ئىشقا چۈشسە ، ئەرزىرلىك بىر تارىخنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشى چوقۇمدۇر. ئۆزگەئەللەر بىزنىڭ تارىخى ئەھۋاللىرىمىزنى بىلىش ئۈچۈن ئالتە شەھەر چۆللىرىنى  كېزىپ، تۇرپان، قۇمۇل خارابىلىرىنى كولاپ،يەرتېگىدىن چىققان تاش ۋە باشقا يۇچۇن جابدۇقلار ۋاسىتىسى بىلەن تارىخى ماتېرىياللارنى يىغىپ پۈتۈن ئالەمگە تارقىتىپ تۇرغاندا، بىزنىڭكىلەرنىڭ ئۆزگىلەرتەرىپىدىن تارقىتىلىپ مەيدانغا چىققان مەلۇماتلارنى يېزىش قاتارلىق ھىممەتلىرى ۋە غەيرەتلىرى  بولمىسا، بۇنى ئۆزىمىزنىڭ ھورۇنلۇقىمىزدىن كۆرىمىز. "
   1991-يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى «يازغۇچى» نەشرىياتى نەزەر خوجىنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى توپلاپ«يورۇق ساھىللار» دېگەن نامدا بىر توپلام نەشىر قىلغان. ئۇنىڭ «قەشقەرگە سەپەر»، «غۇلجا خاتىرلىرى» ۋە «بىزنىڭ تۇرمۇش» قاتارلىق ئەسەرلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى «مىراس»، «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى.


پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1. نەزەر خوجائابدۇسەمەتوف : «يورۇق ساھىللار»، قازاقىستان ئالمۇتا«يازغۇچى» نەشرىياتى ، 1991-يىلى نەشرى.
2. نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوف : "تارانچى تارىخى"، شىرىپ يۈنۈس 1956-يىلى28 -دېكابىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆچۈرگەن نۇسخىغا ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى 1975-يىلى 4-ئايدا قايتا كۆپەيتىپ باسقان نۇسخىسى.
uyghuray

2

تېما

2

دوست

3558

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4406
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 95
تۆھپە : 1081
توردىكى ۋاقتى: 213
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-17 10:02:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتاب قاچان بىز بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ؟ ياكى مۇشۇ ئۇچۇر بىلەن يوقاپ كىتەمدۇ. دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا تەسىر يەتمىسە نەشىردىن چىقارسا بولمامدۇ؟

8

تېما

5

دوست

8130

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   62.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 615
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 158
تۆھپە : 2375
توردىكى ۋاقتى: 569
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-17 11:44:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuxlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-17 11:45  

ھېلىمۇ نەزەر ئاكىمىز بۇ ئۇيغۇر دېگەن نامنى قوللىنىپبۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللتىمىزنىڭ رەسمى ھالدا ئۇيۇشۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ قويۇپتىكەن،شۇ چاغدىكى زىيالىلارغا ھەۋەس قىلدۇ كىشى.  ئابدۇسەمەتجان، ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ ئەسەرلىرنى ئوقۇساق بولىدۇ مۇشۇنداق تەرەققى قىلغان زاماندا ،،،قاچانغىچە لېننگىرادتا يەنە بىريەرلەردە غېربسنىپ ياتار بۇ ئەسەرلەر،نۇشرۋان يائۇشفنىڭ يېقىندا چىققان ئالتە شەھەر تارىخىمۇ ئىسىمنى ھەجەپ ئۇنتۇپ قالدىم،شۇ كىتابنى ئوقۇپ قەلەم قۇۋۋىتىگە بىلىمگە بەك قايىل بولغان ئىدىم.نېمە دېگەن يازغان ئەسەرلەر ئۇ ،پاھ پاھ

0

تېما

3

دوست

5480

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35151
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 466
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-17 13:44:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى     ……  



ھەجەپ نادىر ئەسەرتىكەن  بىزىگە ئۇقۇش پورسىتى بۇلارمۇ
uyghuray
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

7

دوست

1444

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   44.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35632
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 454
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-17 17:47:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم.

0

تېما

4

دوست

2570

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21877
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 760
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-23 13:27:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )