- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4637
- نادىر
- 2
- يازما
- 202
ئۆسۈش
87.9%
|
مىللەت ۋە مۇھەببەت
ئۇمۇن
ئىنساننىڭ ھاياتى دۇنياغا ۋە ئەتراپىغا مەنا يۈكلەش بىلەن رەڭگارەڭلىشىپ ماڭىدۇ.يۈكلىگەن مەنانىڭ چوڭقۇرلىقى،كەڭلىكى ۋە گۈزەللىكى يۈكلىگۈچىنىڭ ھاياتىغا بىپايان گۈزەللىكنى ۋە شاتلىقنى ئىنشا قىلىدۇ.بىر ئىنسان ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنى سۆيىدۇ.ئۆزىنى سۆيمىگەن كىشىدىن باشقىلارنى سۆيۈش،باشقىلارغا گۈزەل مەنالارنى يۈكلەشتىن سۆز قىلغىلى بولـمايدۇ .ئۆزىنى سۆيۈش مۇھاببەتنىڭ ئاساسىدۇر.ئۆزىنى ھەقىقى سۆيەلىگەن كىشى ،ئائىلىسىنى ھەقىقى سۆيەلەيدۇ،ئائىلىسىنى سۆيەلىگەن كىشى مىللىتىنى سۆيەلەيدۇ.
بىز كۆپ خىل مەدەنىيەتنى قۇبۇل قىلغان ۋە قۇبۇل قىلىۋاتقان بىر مىللەت.مىللىتىمىزنىڭ جۇغلىغان ئەنئەنىۋىي بايلىقى بىز ئەۋلاتلارنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا، ئۈگىنىشىگە،تارقىتىشىغا ۋە تىخىمۇ يىڭى مەدەنىيەتلارنى بەرپا قىلىپ بىيىتىشىغا مۇھتاج.ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياراتقان بايلىقلىرىمىز ئۇيغۇر دىگەن بىر مىللەتنىڭ قان قىنىغا سىڭگەن مۇھاببەتنى ئىسپاتلىشىمىزغا يىتىپ ئاشىدۇ.
ئۇزۇن زامان بىكىك ۋە سىرىتقى دۇنيادىن ئايرىۋىتىلگەن بىر جەمىيەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بەزى مەسىلىلەردە تار رامكا ئىچىدە قالىدىغان ،يىڭىلىققا ۋە ئەركىنلىككە نىسبەتەن تەشۋىش نەزىرى بىلەن قارايدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلسىمۇ بۇ مىللىتىمىزنىڭ ياراتقان ماددى ۋە مەنىۋىي بايلىقلىرىنى ئىنكار قىلىشىمىزغا سەۋەپ بولالـمايدۇ.
ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي سىستىمىللىرىدا ئادەمنىڭ قەدىرـ قىممىتىنى تەكىتلەيدىغان تەشببۇسلار ،پاكىزلىق ۋە مەدەنىيلىك ھەققىدىكى ئىلغار قاراشلار ۋە يەنە بىز قېزىپ چىقىشىمىزغا تىگىشلىك نۇرغۇن ئىجابىي ئىجادىيەتلىرى مەۋجۇت.بۇلارنىڭ ھەممىسى جەمىيەت ئەزالىرىنىڭ تىخىمۇ گۈزەل ۋە شاتلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرىشى ئۈچۈن يارىتىلغان يىڭىلىقلارنى تەمسىل قىلىدۇ.
بىز تەكلىماكان ۋە جوڭغارنى چۆرىدىگەن بوستانلىقلاردا تارىختىن بىرى ھالال ئەمگىكىمىزگە تايىنىپ ياشىغان ۋە ياشاۋاتقان بىر خەلىق .بىزنىڭ ياراتقان ئەدەبىي مىراسلىرىمىز ،سەنئەت ئەسەرلىرىمىز كىلاسسىك مەنبەلىرىمىزدە،ئىسلامدىن بۇرۇنقى ۋە ئىسلامدىن كىيىنكى سەنئەت ئىجادىيەتلىرىمىزدە يارقىن نۇرىنى چىچىپ تۇرماقتا .تارىختا بۇ قەدەر گۈزەل ۋە ھۇمانىسىت،ئىستىتىك كۆز قارىشى ئىنىق بىر مەدەنىيەت چەمبىركى ياراتقان ،جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ دۇنيا مەدەنىيىتىنى ئالـماشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىغان بىر مىللەتنىڭ چەككەن ئازاپلىرى ۋە بىشىدىن ئۆتكۈزگەن قاراڭغۇ دەۋىرلىرى تەنلىرىمىزنى ئىختىيارسىز تىترىتىدۇ.بۇ بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەنلا ئەمەس بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مۇئەييەنلەشتۇرىشىمىز كىرەك رىئاللىقتۇر .
قەلبىدە چوڭقۇر يارىسى بولغان،تۈگىمەس ئىرىقچىلىق،مىللەتچىلىك بوھرانلىرىنىڭ تەسىرىدە ھالسىرىغان ئىنسانپەرۋەر بىر مىللەتنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىشى،پىسخىك ساپاسىنىڭ بۇزۇلىشى بىز دۇچ كىلىۋاتقان ئەڭ موھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر .
ئىجدىمائىي پىسخولوگىيەدە سىتوروتىپ دەيدىغان بىر ئاتالغۇ مەۋجۇت .بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنىسى بىر جەمىيەت باشقا بىر گۇرۇپ كىشىللىرىگە ياكى شۇ گۇرۇپتىكى ئاز سانلىقلارغا نىسبەتەن بىريۈزەكى قاراش شەككىللەندۇرىدۇ.مەسىلەن يەھۇدىيلار دىيىلگەن ھامان ئۇلار ھەققىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىغا بىرىنجى بولۇپ كىلىدىغىنى ئەقىللىق لىكىن رەزىل،ئىسلامنىڭ دۈشمىنى دىگەندەك سىتورىتىپلار كىلىدۇ (بۇ مىسالنىڭ ئىلـمىي ئاساسى يوق پەقەتلا مىسال ئۈچۈن كۆرسىتىلدى).
بۇ خىل سىتورىتىپلار كۆپ ھاللاردا ئىنتايىن يۈزەكى ۋە ئومۇملاشتۇرۇلغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.ئاسانلا مەلۇم گۇرۇپتىكى يەككە شەخىسلەرگە ئالدىراپ، قارغۇلارچە باھا بىرىشىمىزگە سەۋەپ بولىدۇ . ئىرىقچىلىق رادىكال مىللەتچىلىك ياكى مىللەتنى ئىنكارقىلىش كۆپ ھاللاردا شۇ خىل سىتوروتىپلەرنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ .بىرى باشقا دىندىكى كىشىلەرگە،باشقا مىللەتتىكى كىشىلەرگە شۇ سىتوروتىپلەرنىڭ تەسىرىدىن ئاسانلا سەلبىي ھۆكۈم چىقىرىدۇ .بەزىللىرى ئۆز مىللىتى ھەققىدىكى سىتوروتىپلەرنىڭ تەسىرىدىن مىللىتىدىن تانىدىغان ۋە مىللىتىگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.
جەمىيەتتىكى بىر نەچچە كىشىنىڭ باھالىرىغا قاراپ پۈتۈن بىر مىللەتكە ناچار باھا بىرىش بىمەنىلىك .ھەر بىر ئادەم ئۆز مىللىتىنى سۆيىشى ۋە ئۆزى تەۋە مەدەنىيەت چەمبىركىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كىرەك.بۇ كۈچ چىقىرىش ئۇرۇنىشى مىللەتنى سۆيىشنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر.بىز باشقىلارنى تىللاش ئارقىلىق،باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىگە تىكتاتۇرا يۈرگۈزۈش ئارقىلىق مىللەتنى سۆيۈش نىشانىمىزغا يىتەلـمەيمىز.سالـماقلىق بىلەن يىڭى پىكىر ۋە يىڭى كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق،يىڭى ئىجادىيەتلەرنى روياپقا چىقىرىش ئارقىلىق مىللى مەدىنىيىتىمىزنىڭ كۈچلىنىشىگە تۆھپە قوشالايمىز.
ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشىنىڭ تىزلىشىشى ،يىڭى مەدەنىيەت ،يىڭى ئىدىيە ،يىڭى ئىقىملارنىڭ باش كۆتۈرىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.بۇ خىلدىكى يىڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئىدىيەلەرگە ،قاراشلارغا زىيادە رادىكال قارشى تۇرۇشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق.تىللاشنىڭ ،ھاقارەت قىلىشنىڭ تىخىمۇ ئەھمىيىتى يوق .بۇ مىللەتكە بولغان مۇھاببەتنى ئىپادىلەش ئەمەس بەلكى تەرەققىياتقا توسالغۇ بولۇشتۇر .
مىللىتىمىزنىڭ نۇرغۇن گۈزەل سەنئەت ۋە ئەدەبىيات ئەسەرلىرى بار ئۇلارنىڭ مەنىۋىي قىممىتى يۈكسەك،بۇ يۈكسەكلىكنى تەتقىت قىلىشىمىز ۋە ئۈگۈنىشىمىز كىرەك .بىراق يىڭىلىق يارىتىشقىمۇ،مىللى مەدەنىيىتىمىزنى كۈچەلەندۇرۇش بىيىتىشقىمۇ ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم .بىز ئەنئەنىۋىي سەنئىتىمىز دەپ مەڭگۈ ئون ئىككى مۇقامغا ئىسىلىپ ئۆتەلـمەيمىز .كىلاسسىك ئەدەبىيات دەپ مەڭگۈ ئەلشىرناۋايى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ئۆتەلـمەيمىز .
مىللى مەدەنىيەتنىڭ،مىللى مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن مىللەت كۈچىيىشى كىرەك .ئىقتىساد جەھەتتىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن باشقا مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان سەۋيەدە كۈچلۈك سىستىمىمىز بولىشى كىرەك.بۇ كۈچلۈك سىستىما ئۈچۈن يىڭى ئىجادىيەتلەر بولىشى ،تەرەققىياتقا ۋە زامانغا لايىقلىشىش كىرەك .
مىللى مەۋجۇتلۇق ساقلانسۇن دەيدىكەنمىز يەرشارىلىشىش بىلەن بىللە كەلگەن مەدەنىيەت بوھرىنىغا مەدەنىيىتىمىزدە تاقابىل تۇرالىغىدەك سۈپەت ۋە يىڭىلىق بولىشى كىرەك .دۇنيا ئەدەبىياتىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ سۈپىتى،بەدىيلىكى ئىنتايىن تۆۋەن.يىڭىچە تەپەككۈر ۋە يىڭى ئۇسلۇپلىرى ئاز .بۇ نۇقتىنى دۇنيائەدەبىياتى بىلەن ئۇچۇرشۇپ باققان كۆپچىلىك بىلىدۇ دەپ قارايمەن .
قۇرۇق گەپ ۋە ئەجىر قىلـماي خۇدادىن تىلەش ئەۋىج ئالغان ،يىڭىلىقنى ۋە ئىلغارلىقنى دىننى سۈيئىستىمال قىلىپ ئۇجۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنغان كىشىلەر ئۇيغۇر جەمىيىتىدە پارازىت ھىساپلىنىشى كىرەك.
بىز تەكلىماكاننىڭ چەت يىزىللىرىدىكى توپا باسقان مەيۈس چىرايلارغا ،ھارغىن ۋە تاپقىنى تىزىدىن ئاشمايدىغان ئەمگەكچىلەرگە ،ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىپ ياستۇقىنى كۆز يىشى بىلەن ھۆل قىلغان سەبىيلەرگە مەسئۇل بولىشىمىز كىرەك.چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇھابىتى بىزنىڭ كەلگۈسىمىز.بىز ئۇلارغا دوئا قىلىش بىلەنلا ئەمەس ئەمەلىي ھەركەتلىرىمىز ئارقىلىق ياردەم بىرىشىمىز كىرەك .بىز پەقەت مىللەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەنىۋىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەنلا بۇ نىشانغا يىتەلەيمىز .بىر ئۆمۈر ئۆيدە جەينىمىزغا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تىلىگەن كىشىدىن ياخشى نىيەتلىرى ئۈچۈن ھالال تەر تۆككەن ئادەم قەدىرلىكتۇر .
تارىختا ھەر دەۋىرگە ئۇيغۇن گۈزەل ۋە ئىلغار مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان بىر مىللەت نامراتلىق ۋە نادانلىقنىڭ ئاستىدا جان تالاشماسلىقى كىرەك.بۇ مىللەتمۇ،بۇ جەمىيەتمۇ غەرىپتىكى،ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى باي ۋە مەدەنىي دۆلەت ۋە رايونلارغا ئوخشاش ئىنسانغا ئەھمىيەت بەرگەن،بالىلار خاتىرجەم ئوقۇيالىغان،ھەرقانداق ئادەم بىمالال كىسىلىنى داۋالىتالايدىغان،ئەدەبىياتچىلار سەنئەتچىلەر ئەركىن ھالدا ئىجادىيىتىنى قىلالايدىغان موھىتقا ئىرىشىشى كىرەك.بۇ بۇ مىللەتنىڭ ئەقەللى ھوقۇقى .بۇ ھوقۇقنى قولغا كەلتۇرۇش بىزنىڭ ئىرادىمىزدىكى ئىش .بىز ئىنسانغا،ئائىلىگە،مىللەتكە بولغان سۆيگۈمىز ۋە مۇھاببىتىمىز بىلەن بۇ نىشانغا يىتەلەيمىز.بىز ئىلىم ـپەن ۋە مائارىپ ئارقىلىق نىشانىمىزغا يول ياسايمىز .بۇنۇڭ ئۈچۈن بەزى رادىكال ئىدىيىدىكى كىشىلەرنىڭ ھاقارىتىگە ،تىللىشىغا ئۇچۇرشىمىز تەبىئىي .لىكىن چەكسىز مۇھاببىتىمىز ،ئەركىنلىككە بولغان چەكسز ئىنتىلىشىمىز بۇ نىشانىمىزنىڭ ئەمەلىيىشىشى ئۈچۈن بىزنى قۇۋۋەتلەپ تۇرىدۇ .
ئىلى دەريا بويلىرىدىكى مۇھاببەتلىك ھوجۇرلاردىن،قەشقەر كوچىللىرىدىكى ئاۋات سۆيگۈگىچە،مەشرەپلىرىمىزدىكى كۈلكىلەردىن ھىيت ـ بايراملاردىكى جۇشقۇنلۇققىچە چەكسىز سۆيگۈنىڭ ئىچىدە يىڭى ئۆمۈد ،يىڭى ئىدىيە ۋە يىڭى يوللار بىلەن ئىلگىرلەيمىز .
ھەرقانداق تارىخى دەۋىردە يىڭىلىققا ۋە ئەركىنلىككە قارشى تۇرغۇچىلار چىقىدۇ.بەزىللىرى قانلىق تارىخنى بەزىللىرى گۈزەل كىلەچەكنى يارىتىدۇ .بىر مىللەتنىڭ ھاۋاسى ئوخشىمىغا كۆز قاراشلارنى يىڭى ئىدىيەلەرنى سىغدۇرالايدىغان موھىتقا ئىگە بولىشى كىرەك .بۇ يىڭى زىدىيەتلەرنىڭ ،يىڭى ئىجادىيەتلەرنىڭ،يىڭى تەسەۋۋۇرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ .پىكىر تۇرغۇنلىقى ،جەمىيەتنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك سۈكۈت ھالىتىدە تۇرىشى ئەكسىنچە چىكىنىشنىڭ سىمۇۋلىدۇر .
بىز چەكسىز مۇھاببەتنى قۇرال قىلىپ مەدەنىيەت ـ سەنئەتتە كەڭلىنى تەشببۇس قىلىمىز .بۇ تەشەببۇسىمىز يىڭى ۋە ئىلغار ئىجادىيەتلەرنىڭ تۇغۇلىشىغا سەۋەپ بولىشى بۇ سەۋەپ بىلەن مەدەنىيىتىمىزنىڭ كۈچىيىشىگە ،ئەنئەنىمىزنىڭ بىيىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ .
مىللەتنى سۆيۈش ماددى ۋە مەنىۋىي ئىشلەپ چىقىرىش بىلەن ئەمەلىيلىشىدۇ .ماددى ۋە مەنىۋىي ئىشلەپچىقىرىشى بولـمىغان مىللەت مەۋجۇتلىقىنى ساقلىيالـمايدۇ .رىئال مەسىلىلەرگە رىئال پوزىتسىيە تۇتۇش مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن مۇھاببەتنى ئاساس قىلىپ ئەمىلىي ھەركەتكە ئۆتۈش ئىنتايىن موھىم.
|
|